+==+  ئوقۇ، ئۆگەن، ئۆگەت، ئىزدەن، تىرىش، ئالغا باس. ئوقۇ، ئۈگەن، ئۈگەت، يولۇڭنى ئاچ، يوللارنى ئاچ، ئەلنى سۆي، ياخشى ئەمەللەردە بول، ھالال ياشا   +==+

ئىنتىل تورى

ULY

 

 

ئىزدەش
ئىنتىل تورى سەينا توربەتچىلىك ساۋاتلار تەۋسىيە: تور نامى تاللىغاندا ...

كۆرۈش: 213|ئىنكاس: 2
go

تەۋسىيە: تور نامى تاللىغاندا دىققەت قىلىڭ  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

[?]
تۆھپە
1249  
تىللا
1020  
شۆھرەت
2139  
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-12 19:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تور نامى ھەققىدە كىرىش سۆز
تور نامى تورغا چىقىدىغان ھەر بىرىمىزگە ناتۇنۇش ئەمەس. تۈز ئېيتقاندا، مەلۇم بېكەتكە كىرىش ئۈچۈن كىرگۈزىدىغان، ukij.org, nurqut.com,intil.biz دېگەنگە ئوخشاش ئادرېسنىڭ ئۆزى تور نامىدۇر. تۇنجى تور نامى 1985-يىلى بارلىققا كەلگەن. 1993-يىلى WWW كىلىشىمىنىڭ بارلىققا كىلىشى تور نامىنىڭ مودا بولۇشىغا شارائىت ياراتقان. ئەنە شۇ چاغدىن تارتىپ تور نامى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان شەيئىدۇر.
نېمىشقا تور نامى لازىم بولىدۇ؟
تور نامى بىر تۈرلۈك Internet ئادرېسىدىن ئىبارەت. ئەسلى قائىدە بۇيىچە تور بېكىتىڭىزنى IP بۇيىچە زىيارەت قىلسىڭىزمۇ بولاتتى، ئەمما بۇ بىر قاتار سان-سىپىرلار ئەستە تۇتۇش قۇلايسىز بولغاچقا، ئاسان ئەستە قالىدىغان ھەرپ-بەلگىلىك تور نامى ۋۇجۇدقا كەلگەن. ھازىر بولسا تور دۇنياسىدىكى ئەڭ مۇھىم شەيئىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى. سىز مەلۇم تور بېكەت تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنى كۆرىشىڭىز ئۈچۈن بۇ تور نامى كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.
قانداق تور ناملىرى بار؟
مەلۇماتلاردا دېيىلىشىچە، ھازىر بار تور نام ئارقا ئۇلانمىسى نەچچە يۈز خىلغا يېتىدىكەن. ئادەتتە 1-دەرىجىلىك تور ناملىرىدىن خەلقئارالىق تور ناملىرى، دۆلەت ۋە رايۇن دەرىجىلىك تور ناملىرى قاتارلىقلار بولىدۇ. باشقا 1-دەرىجىلىك تور نامىغا تايىنىپ ئىشلەيدىغان 2-دەرىجىلىك شۇنداقلا باشقا تۈۋەن دەرىجىلىك تور ناملىرى بار. ئومۇمەن ئېيتقاندا تور ناملىرى سەرخىل بولىدۇ.
قايسى تور نامىنى ئىشلەتسەم مۇۋاپىق بولىدۇ؟
1-دەرىجىلىك تور نامى ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز. ئۇنىڭ ئىچىدىكى خەلقئارالىق تور ناملىرى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز. 1-دەرىجىلىك خەلقئارالىق تور ناملىرىدىن ئىختىيارىي تىزىملىتىشقا بولىدىغانلىرىدىن
  1. .com,.org,.biz,.net
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
قاتارلىقلار بار. بۇلار سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ.
تور ناملىرىنى ئوبدان پەرقلەندۈرۈڭ! باشقىلارغا ئالدىنىپ كەتمەڭ!
بۇ تېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم دېمەكچى بولغىنى مۇشۇ شۇ. ھازىر بىزدە توغرا بولمىغان تەشۋىقات ۋە سودىگەرلەرنىڭ پۇل ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى سەۋەبى بىلەن بەزى ئىشەنچىسىز تور ناملىرى يامراۋاتىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ مەنپەتىڭىزنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن تور نامى ئالغاندا ئېھتىيات قىلىڭ. تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ.
1. خەلقئارالىق 1-دەرىجىلىك تور نامى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز. ئامالنىڭ بارىچە خەلقئارالىق 1-دەرىجىلىك تور نامى ئىشلىتىڭ.
2. تور نامىنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا ئىلتىماس قىلىڭ. تور نامى سىزنىڭ قانۇنلۇق تىزىملىتىلغان مۈلكىڭىز بولمىسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە تور نامىدىن ئايرىلىپ قالغاننى ئاز دەپ، باشقىلارغا تۆلەم تۆلەيدىغان كۈنگە قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا تىزىملىتىلمىغان تور نامىنى قانچە داڭلىق قىلىۋەتسىڭىزمۇ ئۇ يەنىلا سىزگە تەۋە ئەمەس.
3. دۆلەت دەرىجىلىك تور نامى بىلەن خەلقئارالىق تور نامىنى ئايرىڭ. 1-دەرىجىلىك تور ناملىرىنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىلىك بولۇشى ناتايىن. گەرچە نۇرغۇن دولەت رايۇن دەرىجىلىك تور ناملىرى پەقەت شۇ دۆلەت پۇقرالىرى ئۈچۈن تەمىنلىنىدىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم دۆلەت دەرىجىلىك تور ناملىرىنى باشقىلارمۇ تىزىملىتالايدۇ. دۆلەت دەرىجىلىك تور نامى شۇ دۆلەتنىڭ سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، سىز خالىغان ۋاقىتتا مەلۇم چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن بۇ تور نامىدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. دۆلىتىمىزنىڭ cn تور نامى بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولالايدۇ.
تۆۋەندىكىلەر دۆلەت دەرىجىلىك تور ناملىرىدۇر. ھەرگىزمۇ خەلقئارالىق تور ناملىرى ئەمەس. تور نامى ساتقۇچىلارنىڭ خاتا تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ كەتمەڭ.
  1. .cc, .co, .la, .cn, .us, .uk, .de, .tv, .me, .ru, .tk, .us, .jp
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
يۇقارقى دۆلەت دەرىجىلىك تور ناملىرى شۇ تەۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۆزىڭىز ئويلاپ باقمىغان ۋاقىتتا بەزى سىز ئويلاپ باقمىغان چەكلىمىلەر سىزنى بۇ ئامراق تور نامىڭىزدىن مەھرۇم قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىش ئۇيىڭىز بولسا، خەلقئارالىق تور نامى ئىشلەتكەيسىز.
قۇرۇق پاراڭلار
تور دۇنياسىدا دائىم تور نامى سودىلىرى ۋە ھەر خىل تور نامى ھەققىدە سوت پاراڭلىرى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بىر تور نامىنىڭ سىزگە تەۋە ياكى ئەمەسلىكىگە پەقەت تىزىملاتقاندىكى ئۇچۇرلار ئىسپات بولالايدۇ. باشقىلار سىزگە ئېلىپ بەرگەن نامنى سىز نورمال ئىشلىتەلىگەن بىلەن بەلكىم ئۇ نام شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ نامىدا تىزىملىتىلغان بولۇشى مۇمكىن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە تور نامىڭىزنىڭ داڭقى چىققاندا «تاتلىق تور نامىڭىز» خەقنىڭ مۈلكى بولۇپ كېتىشى مۇمكى. سىز ھېچنېمە قىلالمايسىز.
مېنىڭ يەنە دەيدىغىنىم: ناۋادا ئۇزۇن مۇددەت تور نامى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسىنى تاللاڭ. مۇنداقلا ئويناپ قويىدىغان ئىشىڭىز بولسا قايسىنى تاللىسىڭىز بولىۋىرىدۇ.

- نۇرقۇت تورىدىن FinalDream يازمىسى
1

باھا خاتىرىسى

  • arwah

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

[?]
تۆھپە
922  
تىللا
1337  
شۆھرەت
1981  

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان داڭدار ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا پىداكار تەشۋىقات

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-12 20:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
موشۇ تور نامى،تور بىكەت قورۇش،تور بەت ياساش قاتارلىقلاردىن تازا بەك خەۋىرىم يوق،مەندەك بۇ جەھەتتە كالتىلار ئۈچۈن ئىزدەپ تاپقۇسىز تېما بوپتۇ بۇ،رەھمەت سىزگە!
ئەمدى سىزدىن سورايدىغىنىم ئاۋۇ com   ۋە  biz   ئادرىسىنى يەنى تور نامىنى قايسى تور بەتتىن ،قايسى ئۇسۇلدا تىزىملىتىپ ئالىمىز؟كىيىنكى باسقۇچلاردا يەنە قانداق ئىشلار ۋە تەلەپ كېتىدۇ؟موشۇلار توغرىسىدا تەلىم بەرسىڭىز.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

[?]
تۆھپە
1249  
تىللا
1020  
شۆھرەت
2139  
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 19:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش arwah نىڭ يازمىسى

ئىسىم ساتىدىغان توربەتنىڭ قايسىسىدىن ئالسىڭىز بولىۋىرىدۇ.  بۇنىمۇ كۆرۈڭ
تور ناملىرىنىڭ مەنىسىنى بىلىۋېلىڭ
https://uyghur-archive.com/intil/home/forum- ... 75-fromuid-213.html
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|intil.cn 因特乐 知识信息网 ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2011-8-30 09:26 , Processed in 0.235024 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.