ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1714|ئىنكاس: 14

ئۈگۈنۈشنى نېمىدىن باشلاي!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قېرىنداشلار ! مېنىڭ ئېنتىرنىت ئالدىدا ئولتۇرغان ۋاقتىم تولىمۇ ئۇزۇن .ئەپسۇس بىلىدىغىنىم بەكمۇ ئاز .مەن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقتىمنى مۇنبەر كۆرۈش تېما ئېنكاس يېزىش چ چ پاراڭلىشىش بىلەن ئۆتكۈزگەن كومپىيۇتىر سېتىۋالغىنىمغىمۇ 5يىل بولاي دېدى ،(تورغا چىققىنىمغا 10يىل بولاي دېدى) لېكىن ھازىرغىچە كومپىيۇتىرىمغا سېستىما قاچىلاشنى بىلمەيمەن! ئانچە مۇنچە ئۇششاق دېتال ئويۇن دېگەندەك نەرسىلەرنى قاچىلىيالىغىنىمنى ھېساپقا ئالمىغاندا نە قاچىلاش نە گوستلاش نە گوستنى يېسىش  ،ئەگەر بىر نەرسە ئۈگىنىش ئۈچۈن ۋاقىت بىلەن شارائىتلا كۇپايە قىلىدىغان بولسا مەن بۇ كەمگىچە ۋىكى مەخپىيەتلىك تورىنىڭ ئەزاسى بولۇپ قېلىشىم مۈمكىنتى ،چۈنكى مەندە ۋاقىت شارائىت يېتەرلىك ! لېكىن شۇ ئانا تىلىمدىن باشقىنى بىلمەيمەن .مانا ھازىر بىر نەرسە ئۈگىنەي دەپ ئېنتىل سەيناسىغا كىرگەن بولساممۇ چۈشۈنۈكسىز ئىسىملارنىڭ ئالدىدا قايسىنىڭ نېمىلىكىنى نېمىگە ئىشلىنىدىغانلىقىنى بۇ يەردىكى دەرىسلىكنى ئۈگۈنۈشۈم ئۈچۈن مەندە نېمىلەرگە قارىتا چۈشەنچە بولۇشى كېرەكلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. پەقەت شۇ پ ئېس  دېگەننى فۇتۇشۇپمىكەن دەپ پەزەر قىلالايمەن شۇ !ھى ھى  
قېرىنداشلار ماڭا ياردەم قىلىپ مۇشۇ بىكارۋاقىتلىرىمدا ئۈگەنگىدەك بىر يولنى كۆرسۈتۈپ قويساڭلار ! باسقۇش بويىچە ئۈگەنسەم مەسىلەن ئاۋال رەسىمگە خەت كىرىشتۈرۈش ئاندىم فىلىمگ خەت كىرىشتۇرۇش ئاۋال بىلوگ ياساش ئاندىن توربەت ياساش  دېگەندەك. مەن بۇ يەردىكى بىلىملەرنىڭ قايسىسى قايسىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ئاۋال قايسىسىنى ئۈگۈنۈش كېرەك بۇنى راستىنلا بىلەلمىدىم  1767677688چ چ بۇ مېنىڭ چ چ نومۇرۇم .  چ چ نومۇرۇڭلارنى قالدۇرۇپ قويساڭلار سىلەر بىلەن دوس بولۇپ قالسام!  ئاللاھقا ئامانەت قېرىنداشلار . ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىلىمىڭلارنى زىيادە قىلسن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhtaj تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-14 13:31  

ۋاقتى: 2011-1-12 15:06:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىزدىن قارىغاندا تورغا چىققىلى 10 بولغان ئادەم دىگەن سېستىما قاچىلاشنىلا ئەمەس سېستىما ياساشنىمۇ ئۆگىنىدۇ، قارىغاندا سىز مۇنبەرلەرگە ئىنكاس يېزىش ئەمەس، چايخانا دىگەن بىكارچىلىقتا قىلغىلى ئىش تاپالمىغان بىكارچىلار سورۇنىدا ئۆتكۈزگەندەك قىلىسىز، مانا مەنمۇ تورغا چىققىلى 4يىل بولدى، بۇرۇن كومپىيۇتېر ئالغاندا ھەتتا مائۇسنىمۇ تۇتۇشنى بىلمەيتتىم، ھازىر ئۆزەمنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايمەن، چايخانىغا كىرىش ئەمەس ئىسمىنى كۆرسەممۇ كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ، نەدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان خىياللار بىلەن تولغان بىر دۇنيا ئۇ...
بولدىلا چايخانىنىڭ گىپىنى قىلسام چايخانا ئاچقانلار بولسا كۆڭلىگە كىلىپ قالمىسۇن.
سىز ئەڭ ياخشىسى سەينادىكى تېمىلارنى ئەستايىدىل بىر كۆرۈپ چىقىڭ، بىر تال ئىنكاسنىمۇ قالدۇرماڭ، تازا كەتسە بىر ھەپتە ۋاقتىڭىز كىتىدۇ، ئۆگىنىمەن دىسىڭىزلا ئۆگىنىدىغان مەزمۇن بار، ئاندىن بىلمىگەن يەرلەر بولسا سەينادا تېما يوللاڭ ياكى ئىنكاس قالدۇرۇڭ، بىلمىگەننى سورىسىڭىز بىلىدىغانلار دەپ بىرىدۇ، بۇ سەينانىڭ شۇئارى، شۇنداقلا سەينادىكى ھەر بىر تورداشنىڭ ئورتاق نىشانى...
تازا چۈشىنىپ بولالمىغان يەرلەر بولسا سەينادىن كىمنى تاپسىڭىز شۇنىڭغا ئۇچۇر قىلىڭ، قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمىز، مىنىڭ QQنۇمۇرۇم: 164370558 ئادەتتە مەن جىددى ئىشىم چىقىپ قالمىسىلا  15سائەت ئەتراپىدا توردا بولىمەن!
ۋاقتى: 2011-1-12 15:20:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يوقارقىدەكلا دىيەلەيمەن .قاتتىق دىتاللاردىن باشلاڭ ( بۇ مىنىڭ شەخسەن پىكىرىم -ھە ) نىمىڭ سىنكارتا ،نىمىنىڭ قاتتىق دېسكا .......دىگەنلەر بويىچە ( بەلكىم بۇلارنى مەندىنمۇ ياخشىراق بىلەرسىز .ئارتۇق كەتسە كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ -ھە ؟) ئۆگەنگىلى تۇرسىڭىز پاتلا خېلى نەرسىلەرگە پىششىق بولۇپ كېتىسىز .
بىزنىڭ ئىنتىل دەل شۇنداق پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ياخشى جاي .يەنە بىرى « لېكىن شۇ ئانا تىلىمدىن باشقىنى بىلمەيمەن »دەيسىز .بۇ بىر ئاز قاملاشماپتۇ .ھازىرقى شارائىتتا ئۆز تىلىڭىزنى بىلىش بىلەن بىرگە «يولداش »لارنىڭ تىلىنى بىلىشمۇ ئۆگىنىشنىڭ بىر باشلىنىشى .ئىشىكتىن چىقسىڭىزلا پۇتلىشىپ تۇرغاچقا ،ئۇ تىلنى ئۆگىنىشمۇ مىنىڭچە ئانچە تەس ئەمەس .
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ....
مىنىڭ ۋىتۋالاق نومۇرۇم: 754685615ئادەتتە كەچتە 6دىن 12گىچە توردا بارمەن . ( ئىنتىل دەپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ .مېنى قوشقىچە )
ۋاقتى: 2011-1-12 15:50:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن شۇ ئانا تىلىمدىن باشقىنى بىلمەيمەن .

ماۋۇ گەپكىمۇ يەنە ئازراق قۇشۇمچە قىلاي، ئانا تىلىڭىزنى بىلمەيدىكەنسىز دىسەم كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، ئانا تىلىمىزدىمۇ ئۈگۈنىشنى نېمىدىن باشاي! دەپ يوق، ئۆگۈنۈشنى  دەپ ئالسىڭىز توغرا بولىدۇ، باشاي دىگەننى باشلاي دەپ ئالساق بولىدۇ، شۇڭا بىرىنچى دەرىس ئىملانى تۈزىتىڭ بولسۇن، قانداق دىدىم؟!
ۋاقتى: 2011-1-12 18:23:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىڭ.
سىز قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىسىز؟
ۋاقتى: 2011-1-12 19:15:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزئاۋال تۆۋەندىكى تۈرلەربۇيىچە ئۆگىنىڭ
1.ئاۋال كومپيۇتېرقاتتىق دېتال قاتارلىقلارنى ئۆگىنىڭ .
2.قاچىلاش .ئەلالاشتۇرۇش .ۋە ئاسراش پىرىنسىپنى ياخشى ئىگەنلەڭ .
3.ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشى قايسى بولسا شۇدېتالنى پۇختائىگەنلەڭ .
4.يېزىق بىرتەرەپ قىلىش .office.
5.رەسىم بىرتەرەپ قىلىش .photoshop 3.max
6.توربەت تۈزۈش .asp.php.html قاتارلىق تىللارنى ئۆگىنىڭ
7.يۇمشاق دېتال بىرتەرەپ قىلىش.vb.vbnet.jawa.c#.delphi قاتارلىق تىللارنى ئۆگەنسىڭىزمۇ بۇلىدۇ .
يۇقردىكى دېتاللارنى ئىشلىتىشنى ياخشى ئۆگەنسىڭىز .كومپيۇتېر1.دەرىجە ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىسىڭىزمۇ 2.دەرىجە ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ كىتەلەيسىز .
مىنىڭ ئويلىغانلىرىم مۇشۇنچىلىكەن .چالا قالغان .خاتا كەتكەن جايلاربولسا تۇلۇقلاپ قۇياسىلە .
ۋاقتى: 2011-1-12 19:37:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى گەپ بوپتۇ مەنمۇ سىز بىلەن دوست بۇلۇشنى خالايمەن منىڭ نۇمۇرۇم
1311281635 مۇشۇ نۇمۇرنى قاچلاڭ دوست بۇلۇپ  قالايلى
ۋاقتى: 2011-1-13 00:31:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئۆزىڭىز شۇغۇللىنىچاتقان كەسىپنى چىقىش قىلىپ ئۆگەنسىڭىز تېزراق ئالغا باسىسىز.
ۋاقتى: 2011-1-13 01:06:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە سىز ئاۋال yolum ئەپەندىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بىرىڭ!
مەلۇم بىلىمنى تىز ئۈگۈنۈش ۋە نەتىجە يارتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى: ئىھتىياجىڭىز بولىشى، ئۈگەنگەننى جارىي قىلدۇرالايدىغان ئىقتىدارىڭىز بولىشى كىرەك.
ئۈزۈمنى مىسال قىلسام، مەن بىر دۆلەت خىزمەتچىسى، قۇرلۇش لاھىيەلىگۈچى بولغۇم يوق شۇڭا بۇنىڭغا ئالاقىدار يۇمتاللارنى ئۈگەنگىم يوق، 72 خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ دەپ ئۈگۈنۈپ قوياي دىسەم، خىزمەت ئىھتىياجى تۈپەيلى ئۇنى ئۈگۈنۈش ۋاقتى سۈرۈلۈپ كىتىدۇ، سەۋرىچانلىق ۋە قەتئى ئىرادە بىلەن ئۈگەنگەن تەقدىردىمۇ، شۇنداق ئورۇنلاردا ئىقتىدارى مىنىڭچىلىك بولسۇن بولمىسۇن خادىملىرى ئاساسەن تولۇق، شۇنىڭ يولىنى مېڭىپ شۇ ئورۇنغا كىرۋالغۇدەك ئىقتىدارمۇ يوق، مەن بەك ئۇستا دەپ ئېلان بەرسەممۇ شەخىسكە لاھىيە بەرمەيدىغىنىنىمۇ بىلىمەن ، شىركەت قۇراي دىسەممۇ مۇناسىۋەتلىشىپ ئىش ئېلىش ئىقتىدارىم يوق، مۇئاش تارقىتالمىشىم تۇرغان گەپ، ئاخىرىدا جاپاغا تۇشلۇق ھالاۋەت (نەتىجە) كۆرمىگەن ۋاقتىمدا ...
يۇقارقىسى پەقەت بىر مىسال (مۇۋاپىق كەلتۈرەلمىگەن بولىشىم مومكىن).
ھازىر كومپىيوتېر سىستىمىسى ۋە Excel گە ئىھتىياجىم بار. سىستىمىنى كومپىيوتېر ھۈكۈمەتنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىگە سانى يىتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بىلمىگەننى  ئۈگۈنۈش ۋە خالىغانچە ئۇنى-بۇنى قىلىش ئارقىلىق خېلى بىلىپ قېلىپ، ئىدارىدىكى سىستىما مەسىلىسىنى ئۈزۈملا بىر تەرەپ قىلىۋىتىمەن، ئەپسۇس بەك بىلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بۇنداق دۇككان ئېچىپ قىممەت ياراتقىنى بولمايدۇ، يۇرت ئاتلاپ ياردەم  قىلالىشىممۇ مۇمكىن ئەمەس، ئۈزۈمنىڭ بىلگىنىگە شۈكرى.
Excel گە كەلسەك تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۈگەنگىم بار ھەم خىزمەت ئىھتىياجى، شۇنداق قىلالىساملا خىزمەت ئۈنىمى جەھەتتە ئۇتۇق قازىنالايمەن،  تور ئارقىلىق باشقىلارغىمۇ خالىس ياردەم بىرەلەيمەن، شۇنداقلا ئۈزەمدىن رازى بولۇپ سۈيىنىمەن.
ئەھمىيەتلىك كۈنلەردە ئائىلەمدىكىلەر رەسىمگە چۈشۈپ كىلىۋاتىمىز، ئۇنى كۆڭلۈمدىكىدەك تۈزەشتۈرۈپ ۋە كىرىشتۇرۇپ پىلاستىنكىغا ئويۇش ئارزۇيۇم بار، شۇڭا تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىن ئاجراتقان ۋاقىتلاردا رەسىم بىر تەرەپ قىلىش ۋە فىلىم ئىشلەشكە مۇناسىۋەتلىك يۇمتال بىلىملىرىنى ئىھتىياجىمدىن چىقالىغۇدەك دەرىجىدە ئۈگۈنۈش ئارزۇسىدا ئۈگۈنۈپ مېڭىۋاتىمەن.
ئۆمرۈم بولسا 10يىل ئىچىدە دۇككان ئورنىغا مەبلەغ سېلىپ، ئىجارىگە بىرىش پىلانىم بار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Atush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-13 01:19  

ۋاقتى: 2011-1-13 10:27:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Atush يوللانغان ۋاقتى  2011-1-13 01:06
مىنىڭچە سىز ئاۋال yolum ئەپەندىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بىرىڭ!
...

ناھايىتى ئۇرۇنلۇق گەپ قىپسىز   . بىردەملىك قىزىقىش بىلەن ھىچ ئىشنى ھۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ .  سىز  ئاتۇشتىنما  ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-13 22:20:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىم بىلەن كومپىيۇتېرنىڭ بەك چوڭ مۇناسىۋىتى يوق مەن شۇ توردا ئالتۇننىڭ ئۆرلىگەن ياكى چۈشكەنلىكىنى كۆرىۋالساملا بولدى.قالغان ۋاقىت ئۇنىڭ بۇنىڭ بېشىنى باشلاپ قويۇش بىلەن ئۆتىدۇ.
تېمىنى
تەھرىرىلىگىلى بولمامدۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhtaj تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-14 13:28  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-14 13:34:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
gairat1 يوللانغان ۋاقتى  2011-1-12 19:15
سىزئاۋال تۆۋەندىكى تۈرلەربۇيىچە ئۆگىنىڭ
1.ئاۋال كومپي ...

ئېيتقانلىرىڭىز ئورۇنلۇق قېرىندىشىم . بۇ يەردىن شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى تاپقىلى بولامدۇ ، سېندەرىس دېگەندەك!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-14 13:40:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونتىرول بىلەن ك نى باسسام نېمىشكە پىنيىنغا ئۆزگەرمەيدۇ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-7 00:39:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلار قانداق قىلسام  بۇ يەرگە يېڭى يېزىق چىقىرالايمەن بۇنى دەپ بەرگىدەك ۋاختىڭلار يوقمۇ ؟
ۋاقتى: 2011-2-7 01:10:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش muhtaj نىڭ يازمىسى

تور كۆرگۈچىڭىز قايسىسى؟ IE  دا چاتاق يوق ئالمىشىدۇ. ctrl  نى بېسىپ تۇرۇپ k باسقانمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-10 22:11 , Processed in 0.243847 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat