تورداشلارغا مەىلۇمكى « شىنجاڭ ئالپسوفت ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى » ئىنتىل سەيناسىنى قوللاش يۈزىسىدىن « ئىنتىل تۆھپىكارلىرى مۇكاپاتى » تارقاتماقچى بولغانلىقى ھەققىدە « ئىنتىل تۆھپىكارلىرى مۇكاپاتى تارقىتىلىدۇ » دېگەن تېمىدا سەينادا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان بولۇپ بۈگۈن بۇ پائالىيەتكە نامزات كۆرسىتىش ۋاقتى بولدى.
شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ مۇكاپاتقا مۇناسىپ كىلىدۇ دەپ قارىغان تورداشلارنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. نامزاتلىققا كۆرسىتىش دائىرىسى:
1- ئىنتىل سەيناسىدا پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى يازما يوللىغۇچى تورداشلار.
2- ئىنتىل سەيناسىدا پايدىلىنىش قىممىتى بار سوئال- ياردەم يوللىغۇچى تورداشلار.
3- ئىنتىل سەيناسىدا تورداشلار ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلغان باشقۇرغۇچى.
4- ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان خالىسلار ( بۇنىڭ دائىرىسى ئىنتىل سەيناسى بىلەن چەكلەنمەيدۇ).
نامزات كۆرسىتىش شەكلى:
تۈر نومىرىنى يېسىپ ئاخىرىغا ئەزالىق ئىسمىنى قوشۇپ قويساڭلارلا بولىدۇ.
4- تۈرگە نامزات كۆرسەتسىڭىز قىلغان ئەمەلىي ئىشىدىن ئۇچۇر قالدۇرۇڭ.
مىسال:
1- xxx , xxx , xxx ...
2- xxx , xxx , xxx ...
3- xxx , xxx , xxx ...
4- xxx ( قىلغان ئەمەلىي ئىش ئىزى)، xxx ( قىلغان ئەمەلىي ئىش- ئىزى) ...
تورداشلارنىڭ سەمىمىي، ئادىل مەۋقەدە تۇرۇپ نامزات كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كامالى ئېھتىرام بىلەن: 2011- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى |