ئىنتىل سەيناسى ، قىياس دۇنياسى ، قۇمدىيار تورى ، بىلگۈ يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تورى ، ئىلىكيۇرت تورى Office ۋە پروگرامما ھېرىسمەنلىرىنى قوللاش ۋە ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش روھىغا مەدەت بىرىش يۈزىسىدىن بۇ ئىككى تۈردە مۇكاپاتلىق مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرماقچى:
مۇسابىقە ۋاقتى: بۈگۈندىن باشلاپ 2011- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە بولىدۇ.
مۇسابىقە شەرتى: Office ۋە پروگرامما بىلىملىرى ھەققىدىكى ئەمەلىي دەرس ۋە دەرس ئۈلگىسى بولىدۇ.
مۇسابىقە دائىرىسى:
1- Office بىلىملىرى يەنى MS Offoce ئائىلىسىدىكى ئەزالار ھەققىدە ۋە باشقا Open Office ، WPS ۋە باشقا Office دىتاللىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىم ھەققىدىكى يازما، سىن قاتارلىق دەرس ۋە دەرس ئۈلگىسى ( مۇناسىپ ھۆججەت).
2- پروگرامما بىلىملىرى يەنى تۈرلۈك پروگرامما تۈزۈش ( تور بەت پروگراممىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەققىدىكى يازما، سىن قاتارلىق دەرس ۋە دەرس ئۈلگىسى ( يۇمشاق دىتال ۋە نەتىجە ھۆججىتى)
مۇسابىقە ئورنى: ئىنتىل سەيناسىدىكى مۇسابىقە سەھىپىسى گە « مۇسابىقە» دەپ قوشۇپ يوللىسا بولىدۇ.
مۇكاپاتى:
ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپات بىرنەپەر مۇكاپات سوممىسى 150.00يۈەن،شۇپۇرلۇق نەزىرىيە سۇئال يۇمشاق دېتالى.
1- دەرىجە ئۈچ نەپەر، مۇكاپاتى ھەربىرەيلەنگە 100.00 يۈەندىن خەلق پۇلى، شۇپۇرلۇق نەزىرىيە سۇئال يۇمشاق دېتالىنى .
2- دەرىجە تۆت نەپەر ، ھەر بىرەيلەنگە 70.00 يۈەندىن خەلق پۇلى،شۇپۇرلۇق نەزىرىيە سۇئال يۇمشاق دېتالىنى .
3- دەرىجە ئالتە نەپەر، ھەر بىرەيلەنگە 50.00 يۈەندىن خەلق پۇلى،شۇپۇرلۇق نەزىرىيە سۇئال يۇمشاق دېتالىنى .
4- ئاكتىپ مۇكاپاتى ئىككى نەپەر، مۇكاپاتى ئىنتىل سەيناسىنىڭ ئۈچ يىللىق خاتىرە مايكىسىدىن بىر دانە . بىر تال بارماق دىسكا.(2G)،شۇپۇرلۇق نەزىرىيە سۇئال يۇمشاق دېتالىنى .
5- تەشۋىقات مۇكاپاتى ئۈچ نەپەر ( بۇ مۇسابىقىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلغان توربەتلەردىن ئالدىنقى ئۈچ توربەتنىڭ باشلىقىغا بىرىلىدۇ) ئىنتىل سەيناسىنىڭ ئۈچ يىللىق خاتىرە مايكىسىدىن بىر دانە .بىر دانە بارماق دىسكا.(2G)،شۇپۇرلۇق نەزىرىيە سۇئال يۇمشاق دېتالىنى .
6- ئىلىكيۇرت تورى بۇ مۇسابىقىنى قوللاش ئۈچۈن « خەنزۇچە توربەتلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دىتالى 10.0» دىن 5 نى مۇكاپات قىلىپ بەرمەكچى بولدى، بۇ دىتالنىڭ ھەر بىرىنىڭ باھاسى 100.00 . قانداق تەقسىم قىلىشنى مۇكاپات ئېلان قىلغاندا بېكىتىمىز.
ئەسكەرتىش: بۇ مۇسابىقىگە ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا قارشى ئېلىنىدۇ شۇنداقلا مۇسابىقە مۇكاپاتى ۋە سانى كۆپەيتىلىدۇ.
كامالى ئېھتىرام بىلەن :
ئىنتىل سەيناسى، قىياس دىتال تورى، قۇمدىيار تورى، بىلگۈ يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تورى، ئىلىكيۇرت تورى www.intil.biz www.qiyas.biz www.kumdiyar.com www.bilgu.net www.ilikyurt.net 2011- يىلى 1- ئاينىڭ 30- كۈنى يېڭىلاندى |