ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 3683|ئىنكاس: 16

Mac OS قا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلۇيكۇم، ئىنتىل سەيناسىدىكى تورداشلار.
يېقىندىن بۇيان خېلى كۆپ تورداشلار ئادەتتىكى PC كومپيۇتېرلارغىمۇ Macintosh مەشغۇلات سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلىغانلىقلىرى توغرىسىدا ئۇچۇرلارنى بەردى، ھەمدە ئۆزىنىڭ قاچىلاش داۋامىدىكى تەجرىبىلىرىنىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ھازىر خېلى كۆپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ PC كومپيۇتېرلىرىغا ئالما مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىدۇ، بەزىلەر Windows ۋە ئالما سىستېمىسىنى قوش سىستېما قىلىپ قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ كۆپكەن. ئالما مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يېنىك، بىخەتەر، تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى كۆپلىگەن قىززىققۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىپ كەلمەكتە، ھازىر دىيارىمىزدا ئالما مەھسۇلاتلىرى يېڭىلىق ھېسابلانمايدىغان بولۇپ قالدى، خېلى كۆپ كىشىلەر ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتىدۇ.
ئالما مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ سەپلەنگەن، سىستېمىنى قاچىلىغاندىن كېيىنلا، تىل ۋە يېزىق تاللاش رامكىسىدىن ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچنى تاللاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەمما، بۇ سىستېمىغا سەپلەنگەن يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلىشى بىزنىڭ ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان ئەنئەنىۋى كۇنۇپكا تاختا ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەرگە بىر قىسىم قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن. شۇڭا، مەن ئالما مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان دوستلارنىڭ شىركىتىمىز Macintosh مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئىشلىگەن يېزىق كىرگۈزگۈچىمىزنى ئىشلىتىپ بېقىشى ئۈچۈن، بۇ يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تەمىنلىدىم. ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىڭىزلارنى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:Mac OS ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچىسى ››››
مەزكۇر ھۆججەتنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ئىچىدە ياردەم ھۆججىتى بار، قاچىلاشتىن ئاۋۋال ياردەم ھۆججىتىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىڭ.

ئالپ

باھالاش

2

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-1-7 12:56:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ . . . .  بەك ياخشى بولدى . . ئەجرىڭىزگە بەكلا رەھمەت، بىرىنجى بولۇپ مەن سىناق قىلغۇدەكمەن مانا.

屏幕快照 2011-01-07 下午01.02.41.jpg

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-7 14:20:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرۇپ ئىشلەتكىنىڭىزگە رەھمەت، ئەسلىدە بالدۇرراق تارقىتاي دېگەن ئىدىم. ئەمما، بەزى ئىشلار تۈپەيلىدىن كېچىكىپ كەتتى، شۇنداق بولسىمۇ، يېڭى يىلغا ئۆلگۈردى. بۇ يېزىق كىرگۈزگۈچ ئاددىي بولسىمۇ، خېلى قۇلايلىق، ئىشلىتىش جەريانىدا بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ Windows مۇھىتىدىكى كىرگۈزگۈچلەردىن خېلى ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.
Uyghur_unicode ناملىق يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ كۇنۇپكا تاختا ئورۇنلاشتۇرۇلىشىمۇ ئۆزگىچە لايىھەلەندى، شىفىتسىز ھالەتتە بېسىلغاندا ئەنئەنىۋى يېزىق كىرگۈزۈش كۇنۇپكا تاختا ئۆلچىمىمىز بىلەن ئوخشاش، شىفىت بىلەن باسقاندىن كېيىنمۇ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇب بىلەن ئوخشاش بولغاندىن سىرت يەنە بىر نەچچە قۇرۇق قالغان كۇنۇپكىلارغا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بەلگىلەر قىستۇرۇلدى. ئاندىن alt كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى لايىھەسىدىكى ھەرپ بەلگىلەرنىڭ كىچىك ھەرپ شەكلىنى، alt+shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باشقا كۇنۇپكىلارنى باسسىڭىز چوڭ ھەرپ شەكلىنى كىرگۈزۈپ بېرىدۇ.
Uyghur_UYY بولسا Uyghur_unicode نىڭ ئەكسىچە لايىھەلەنگەن، ئادەتتىكى ۋە شىفىت بىلەن بېسىلغاندا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى لايىھەسىدىكى ھەرپ-بەلگىلەر ۋە بىر قىسىم ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەرنى كىرگۈزگىلى بولىدۇ. alt ۋە alt+shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ كىرگۈزگەندە ئۇيغۇر يېزىقىنى قىستۇرغىلى بولىدۇ.
بۇنداق لايىھەلەشتىكى مەقسىتىم، بىر دائىم ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنى يېزىش داۋامىدا مەزمۇن ئىچىدە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ھەرىپلىرىنى ياكى ئىنگلىزچە ھەرپلەرنى قىستۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يېزىق كىرگۈزگۈچنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىكەنمىز. ھازىرقى لايىھە بويىچە بولغاندا ئۇيغۇرچە ۋە لاتىنچە ھەرپلەرنى ئارىلاش كىرگۈزگەندە يېزىق كىرگۈزگۈچ ئالماشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەر قانداق بىر جايدا كۆرسىتىلگەن بىرىكمە كۇنۇپكىلىرىنى تېز ئىشلىتىش ئارقىلىق ھەرپلەرنى كىرگۈزگىلى بولىدۇ. بۇ ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ قۇلايلىق يارىتىشى مۇمكىن.
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى لايىھەسى بىلەن تۈزۈلگەن يېزىق كىرگۈزگنىمۇ تەمىنلەشتىكى مەقسەت، ھازىر QQ ۋە MSN لاردا ئاساسەن لاتىن يېزىقى بىلەن پاراڭلىشىمىز، بۇ جەرياندا بىز ئالاھىدە ھەرپلەردىن ö ü é لارنى كىرگۈزۈشكە ئىمكان قىلالمايمىز ياكى ئېرىنىمىز، شۇڭا بۇ خىل مەسىلىنى ئويلاشقان ئاساستا، مەزكۇر يېزىق كىرگۈزگۈچنى لايىھەلەپ پۈتتۈردۈم. يەنە، تۈركچە ۋە ئازەربايجانچە سۆزلىشىدىغانلارمۇ كۆپ، ئۇلارمۇ ئۇلارنىڭ يېزىقىدا ھەم ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىدا بىمالال ئالاقە قىلالىشى ئۈچۈن، ئۇلاردىكىمۇ بىر قانچە ئالاھىدە ھەرپلەرنىمۇ قىستۇرۇپ قويدۇم، ھەر قايسىسىنى ئۆز ئورنىدا ئىشلىتىش ئىمكانىيىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ھازىر ماك مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى يېزىق كىرگۈزگۈچ ۋە خەت نۇسخىسى مەسىلىسى ئاساسەن تاماملاندى، بۇلار بىزنىڭ ماك مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى ئاساسلىق ئىشلىتىش ھاجەتلىرىمىزدىن چىقالايدۇ. ئەمدى، iPhone غا يېزىق كىرگۈزگۈچ ئىشلەش مەسىلىسى قالدى، iPhone غا خەت نۇسخىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسالدى، ھازىرقى ئۈنۈمى خېلى ئوبدان، يېزىق كىرگۈزگۈچ جەھەتتە iPhone نىڭ 3.13 نەشرىدە خېلى ئىلگىرىلەش بولغان ئىدى، ئەمما 4.1 نەشرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەشرلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھازىر 4.1 نەشرى بىلەن ھەپىلىشىۋاتىمەن. بۇ قېتىملىق 4.1 نەشرى ئىلگىرىكى نەشرلىرى بىلەن ئاز-تولا پەرقى بار ئىكەن، شۇڭا بىر قىسىم قېيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ھازىر بۇ توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتىمەن. نەتىجىسى چىققاندا، تورداشلار بىلەن بىرگە بەھىرلىنەرمىز.
ۋاقتى: 2011-1-7 14:52:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەندە قاچىلىغاننى ئۆچۈرۋىتىپ بۇنى قاچىلىسام بولغۇدەك تە .  رەخمەت ئىسىل ئىشتىن بىرنى قىلدىڭىز .
ئەمدى ئالما تېلېفوننىڭ كىرگۈزگۈچىسىگە داۋاملىق يۈرۈش قىلايلى .
ۋاقتى: 2011-1-7 15:54:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ symbian v5 نىڭ كىرگۇزگۇچىگىمۇ يۇرۇش قىلايلى.ios قىممەت كوپ تورداشلار 6000 نى غەجلەپ يانفۇن ئالالمايدۇ.شۇڭا كوپ سانلىق تورداشلارنى كوزدە تۇتساق بوپتىكەن.ئەگەر ios4 نى 2000 بەرسە ئىلىپ قۇياتتىم.6000 چەكسىز يىراق نىشان مەن ئۇچۇن.
ۋاقتى: 2011-1-7 16:11:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش yulhun نىڭ يازمىسى

2500-2800 لەرگە 3gs پاكىزىسىدىن كىلىدۇ 16G قانداق تاۋىڭىزبارمۇ ؟خەۋىرىنى   قىلاي .
ios4 كە يېڭىلاپ ئىشلىتەلەيسىز
ۋاقتى: 2011-1-7 16:19:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Eloghli يوللانغان ۋاقتى  2011-1-7 16:11
ئىنكاس قايتۇرۇش yulhun نىڭ يازمىسى

2500-2800 لەرگە 3gs پاكىزىس ...

ئۇ دوستىمىزنىڭ دەۋاتقىنى iphone4 بولىشى مۇمكىن .. .
ۋاقتى: 2011-1-7 17:51:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Eloghli يوللانغان ۋاقتى  2011-1-7 16:11
ئىنكاس قايتۇرۇش yulhun نىڭ يازمىسى

2500-2800 لەرگە 3gs پاكىزىس ...

3gs نىڭ 8g لىقى قانچە پۇل؟كىلىش مەنبەسى قانداق؟
ۋاقتى: 2011-1-7 19:57:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگۈزگۈچتە بىركۈن خەت يېزىپ سىناق قىلدىم . ..  windows تىكى كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن كۆنۈپ قالغاچقىمىكىن، Mac نىڭ ئۆزىدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچتە خەت ئۇرسام بەكلا قىينالغان،  ئەمدى خەتنى يەنە تىز، قولايلىق ئۇرالايدىغان بولدۇم ،

屏幕快照 2011-01-07 چۈشتىن كېيىن07.56.03.jpg
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-7 21:44:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىمىز yulhun ئېيتقاندەك Symbian v5 كىمۇ تەمشەلگەن ئىدۇق، بۇنىڭغا خەت نۇسخىسىنى تونۇتقىنىمىزدا ئە ھەرىپىنىڭ ئۇلانماسلىقى ئىچىمىزنى سىقتى، ھەرقانچە ھەپىلەشسەكمۇ ئۆزىمىزدىن ھەل قىلالمىدۇق، بۇ سىستېما يادروسىدىكى قوللىماسلىقتىن كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم بولدى. يېقىندىن بېرى مەن Nokia N900 بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىقتىم، بۇ نوكىيا شىركىتىنىڭ S60 نىڭ 5-نەشرىدىن كېيىن ئالما ۋە ئاندىرويد سىستېمىلىرىنى ئىشلەتكەن يانفونلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىگەن يانفونى بولۇپ، بۇ يانفونغا يېڭىچە مەشغۇلات سىستېمىسى Maemo 5.0 قاچىلانغان. بۇنىڭ يادروسى لىنۇكس مەشغۇلات سىستېمىسىدۇر، بۇنىڭغا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ ۋە خەت نۇسخىلىرىنى تامامەن تونۇتقىلى بولىدىكەن. ئەمما، نوكىيا شىركىتىنىڭ بۇ سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بۇ تىپتىكى تېلېفونى جۇڭگودا تازا قارشى ئېلىنمىغان، ھازىر بۇ خىلدىكى تېلېفوننى ئۈرۈمچىدىنمۇ تەستە تاپقىلى بولىدىكەن. ئاڭلىشىمچە نوكىيا شىركىتى يېقىندا لىنۇكس مۇھىتىدىكى يېڭى نەشرىنى ئېلان قىلارمىش، شۇ ۋاقىتتا يەنە كۆرۈپ باقارمىز. يەنە، نوكىيا شىركىتى ئالدىنقى يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئارقا-ئارقىدىن Symbian^3 دېيىلىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ سىستېمىنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بۇندىن بۇرۇنقى S60 نىڭ بارلىق ئىقتىدار ۋە بۆلەكلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان، ھەم كۆپ نوقتىلىق سېزىمچان ئېكران، بىر قېتىمدا كۆپ خىل مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش دېگەندەك خېلى كۆپ يېڭى ئىقتىدارلارنىمۇ ھازىرلىغان بولۇپ، ئالما يانفونى ۋە ئاندرويد يانفونلىرىدا بار بولغان ئىقتىدارلار ھازىرلىنىپتۇ. نوكىيا شىركىتىنىڭ بۇ يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى ئالما ۋە ئاندرويد يانفونلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. تەھلىللەرگە قارىغاندا نوكىيا شىركىتى يەنىلا Symbian^3 نى ئاساس قىلغان ھالدا ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن. مەن Symbian^3 قاچىلانغان Nokia N8 يانفونىنى كۆرۈپ تەتقىق قىلىۋاتىمەن. بۇ يانفونغا ھېچقانداق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلىماي تۇرۇپ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى نورمال كۆرسىتىپ بېرەلەيدىكەن، پەقەت ئى بىلەن ئە كۆرۈنمەيدىكەن. بۇ بىر ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ. بۇرۇنقى S60 v5 لەردە بولسا ھېچقانداق ھەرپ كۆرۈنمەيتتى. شۇنىڭغا قاراپ مەن نوكىيانىڭ Symbian^3 كە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ۋە يېزىق كىرگۈزگۈچنى تونۇتۇش ئىمكانىيىتى يۇقىرىكەن دېگەن قاراشقا كەلدىم. ھازىر Symbian^3 سىستېمىسى قاچىلانغان يانفونلارنىڭ تۈرى خېلى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن، باھاسىمۇ بۇرۇنقى S60 V3,v5 لەر قاچىلانغان يانفونلارنىڭ باھاسى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدىكەن. ھازىر Symbian^3 توغرىسىدا پايدىلىنىشقا بولىدىغان ماتېرىياللار بەك ئاز بولغاچقا، مەنمۇ ئىچكىرىلەپ كىرەلمىدىم، ئالدىنقى كۈنلەردە مەن بۇ يانفونغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى Font Router ئارقىلىق تونۇتۇپ باقماقچى بولۇپ سىناق قىلغان ئىدىم، ئەمما يانفوننى پۈتۈنلەي قوزغالماس قىلىپ قويدى، ئامال يوق قايتا فورماتلىدىم. شۇڭا، بۇ Symbian^3 مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان يانفون ئىشلىتىۋاتقان تورداشلارنىڭ Font Router يۇمشاق دېتالىنى ھازىرچە ئىشلەتمەي تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ خىل سىستېمىدىكى يانفونغا خەت نۇسخىسىنى تونۇتۇشنىڭ باشقا ئۇسۇللىرى بولۇشى مۇمكىن، بۇ توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتىمەن، نەتىجىسى چىقسىلا تورداشلارنى خەۋەرلەندۈرىمەن.
ھازىر بازارلاردا ھەرخىل ھەرياڭزا ئەقلىي يانفونلار كۆپىيىپ كەتتى، زادى قايسىسىنى ئىشلىتىشنى بىلىپ بولماقمۇ تەس بولۇپ كەتتى. ھازىر مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئەقلىي يانفونلار ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىۋاتقىنى ئالما يانفونلىرى بىلەن نوكىيا يانفونلىرى، ئالما يانفونلىرىنىڭ نەشرى تېز يېڭىلانغاچقا بۇنىڭغا يېتىشمەك تەسكەن، ئەمدى iPhone 4 نى ئالاي دەپ تۇرساق، iPhone 5 چىقىشقىمۇ ئاز قالغاندەك قىلىدۇ. iPhone 5 كە پۇل يىغىپ بولغىچە، iPhone 6 چىقىشقىمۇ ئاز قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، iPhone نىڭ ھەرقانداق تىپتىكىسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ شۇنىڭغا نەشرىنى يېڭىلاپ ئىشلەتكەن ئاقىلانىدەك قىلىدۇ.
ھازىر بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشىمىز ۋە تەتقىقاتىمىز تارقاق ھەم چېچىلاڭغۇ بولماقتا، بۇ خىل ئەھۋالدا ئاددىي بەھىرلىنىشتىنلا بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتىمىز، ئەگەر ئەقلىي يانفونلارنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان بىرەر گۇرۇپپا تەشكىللەنگەن بولسا، بىر قانچە كىشىنىڭ ئىزدىنىشى ۋە تەتقىقاتى خېلى كۆپ كىشىلەرگە نەپ ئېلىپ كېلەتتى. ھەم بۇ خىلدىكى ئەقلىي يانفونلارنىڭ ئومۇملىشىشىغىمۇ ياخشى بولاتتى، يەنە كېلىپ بۇ خىل ئەقلىي يانفونلارنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ كۆپ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ئىنتىل سەيناسىدا مۇشۇنداق بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىنىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتىم، ئەمما كىملەردىن تەشكىل تاپىدۇ، قانداق تۈرلەرنى ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدۇ دېگەندەك مەسىلىلەر بېشىمنى قاتتۇرۇپ قويدى. مۇمكىن بولسا، كۆپچىلىك بۇ توغرىسىدا كۆپرەك ئويلىنىپ بېقىپ، ياخشى تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلار بولسا بېرىپ باقسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن.

ئالپ
ۋاقتى: 2011-1-7 23:12:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
AlpSoft يوللانغان ۋاقتى  2011-1-7 21:44
قېرىندىشىمىز yulhun ئېيتقاندەك Symbian v5 كىمۇ تەمشەلگەن ئىدۇ ...


ئەرەپچە كىرگۇزگۇچنى ئۇيغۇرچە قىلسا قانداق بۇلار؟ ماۋۇ يەردە بىر دوستۇم ئەرەپچە سىستىما  قاچىلاپ ئەرەپچە كۇنۇپكا تاختىسىدا ئۇيغۇرچە ئەۋەتكەن ئىدى.لىكىن ئۇيغۇرچىدە يوق ھەرىپلەرنى  ئىشلەتمەپتۇ.شۇڭا تازا ياخشى ئەمەس.

مەن ماۋۇ توردىكى كورگەن ،لىكىن 5800 غا سىنىسام مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىدى.
http://forum.pnht.pl/showthread. ... WRITING-FOR-CFW-C6-(5530-amp-5800)-by-ABIELZ-*

ئاشۇ ھوججەت مىنە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yulhun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-7 23:24  

Scr000014.jpg

Arabic writing by Abielz.rar

695.17 KB, چۈشۈرۈش سانى: 694

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-8 00:35:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەندە قاچىلىغاننى ئۆچۈرۋىتىپ بۇنى قاچىلىسام بولغۇدەك تە . رەخمەت ئىسىل ئىشتىن بىرنى قىلدىڭىز .
ئەمدى ئالما تېلېفوننىڭ كىرگۈزگۈچىسىگە داۋاملىق يۈرۈش قىلايلى .

ئالدىنقى ۋاقىتلاردا مەن بىر قانچەيلەنگە سىناق قىلىشقا يوللاپ بەرگەن ئىدىم، ئۇ يوللانغىنى سىناق نۇسخىسى بولغاچقا ئامال بار ئۇنى كومپيۇتېردىن ئۆچۈرۈۋېتىپ ھازىرقىسىنى ئىشلىتەيلى، ھازىرقىسىنى مەن قايتا-قايتا سىناق قىلدىم، كۆپ قېتىم كود ئورنىنى سېلىشتۇردۇم، ھېچقانداق مەسىلىنى بايقىمىغاندىن كېيىن بۇ نەشرىنى ئېلان قىلدۇق.
ۋاقتى: 2011-1-9 13:07:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ فونتنى نوكىيا 5800 غا قاچىلاپ ئىشلەتتىم،  خەت ناھايتى كۆركەم كۆرۈندى، مەن دەسلەپتە alipzy ناملىق، 8.6 مىگابايت كېلىدىغان فونتنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن،  بۇ فونتنى ئالماشتۇرغاندىن كىيىن ھېس قىلىشىمچە بۇ فونت ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن.
ئەمدىكى مەسىلە مۇشۇ سېمبىيان 5 - نەشىرگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسالسا ئىكەن.  بىلمىدىم ، يېقىندىن بېرى قارىسام تەتقىقاتچىللىرىمىزنىڭ نەزىرى ئالما تېلىفۇنىغا بەكرەك مەركەزلىشىپ قالغاندەك قىلىدۇ،   
توغرا،  بۇمۇغۇ ياخشى ئەھۋال،  ئالما تېلىفۇنى ھازىر كۆپىنچىمىزنىڭ ئېلىش، ئىشلىتىش نىشانىمىزدىكى يانفۇن ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسالسا ناھايتى ياخشى ئىش بولىدۇ، ئەمما ئالما تېلىفۇنىنىڭ باھاسىدىن ئويلاشقاندا ، ھازىرچە ئۇنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا ئومۇمىلىشىشى  نوكىياغا قارىغاندا ناھايتى ئاز،   يۇرتىمىزنى ، ئەتراپىمدىكى ئەقلى يانفۇن ئىشلىتىۋاتقانلارنى كۆزىتىپ بېقىشىمدىن قارىغاندا 10 ئادەمنىڭ 7 سىدە نوكىيا ، 1 سىدە  ئايفون ،  قالغان ئىككىسىدە باشقا ئەقلى تېلىفۇنلار بار،  
ھازىرچە  سېمبىيان 5 - نەشىردىكى نوكىيا يانفۇنلىرى، ئىلغار ئىقتىدارى، چوڭ ھەجىملىك ئېكرانى، ئىشلىتىشنىڭ قولايلىقلىغى،  .... ئەڭ ، ئەڭ موھىمى ، باھاسىنىڭ ئىنتايىن مۇۋاپىقلىغى ،  ( ھازىر 1000 يۈەن ئەتراپىدا ئازىراقلا ئىشلەتكەن ، يېڭىدىن پەرىقسىز 2 - قول سېمبىيان 5 - نەشىردىكى نوكىيا 5800 قاتارلىق تېلىفۇنلارنى سېتىۋېلىشقا بولىدۇ، يېڭىسىمۇ 1600 ئەتراپىدا ) قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى يەنىلا خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ئالدىنقى تاللىشى بولىۋاتىدۇ، مېنىڭچە بۇ خېلى بىر مەزگىلگىچە شۇنداق بولىدۇ.
شۇڭا مۇشۇنى نەزەردە تۇتقاندا  تەتقىقاتچىللىرىمىزنىڭ  سېمبىيان 5 - نەشىردىكى يانفۇنلارغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساپ چىقىشى بىر زۆرۈر ، تەخىرسىز ئىش بولۇپ قالدى،   شۇڭا ئۇلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىمىز،   ئايفونغا كىرگۈزگۈچ ياساش بىلەن بىرلىكتە نوكىيا 5 - نەشىرگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساشنىمۇ ھەرگىز نەزەردىن ساقىت قىلمىسا .
ۋاقتى: 2011-1-9 13:46:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىپ ئەپەندىم ،
مەن مۇنداق بىر مەسىلىنى ئىنكاس قىلماقچى،
مەن كومپىيوتىرىمغا  بىلىك - ئىنتىل گورۇپپىسى تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە Windows XP قاچىلاپ ئىشلىتىمەن. بۇ ئۇيغۇرچە Windows XP نىڭ ئۇيغۇرچە ھالىتىدە ئاساسى سېستىما فونتى قىلىپ ئىشلىتىلگىنى  Ukij Tuz Tom  فونتى ئىكەن،  مەن  سىز ياسىغان ئۇيغۇر ئېكران فونتىنىڭ 12 چوڭلۇغىدىكى چېكىتلىك ھالىتىنى ناھايتى ياقتۇرۇپ ( بەك ئوچۇق، سۈزۈك كۆرۈنىدۇ، ) ، بۇ ئۇيغۇر ئېكران فونتىنىڭ ئىسمىنى Ukij Tuz Tom  فونتىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش قىلىپ ئالماشتۇرۇپ ، ئاندىن كومپىيوتىرنى دوس ھالىتىدە قوزغاپ  بۇ Ukij Tuz Tom  نامىدا ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن ئۇيغۇر ئېكران فونتىنى ئەسلىدىكى سېستىما ئاساسى فونت قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان Ukij Tuz Tom  فونتىنىڭ ئورنىغا قاپلاپ كۆچۈرۈپ ئىشلەتتىم  ( دوس ھالىتىدە ئالماشتۇرۇشتىكى سەۋەپ ، Ukij Tuz Tom  فونتى بۇ ئۇيغۇرچە ۋىندوۋسنىڭ ئاساسى فونتى بولغاچقا ۋىندوۋس ھالىتىدە ئۆچۈرۈش، ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ ) .  
ئاندىن كومپىيوتىرنى قايتا قوزغىغاندىن  كىيىن  ، بۇ ئۇيغۇرچە ۋىندوۋسنىڭ ئېكران خەت ئۈنۈمى قالتىس ئېسىل بوپ كەتتى. خەتلەر شۇنداق ، سۈزۈك، ھەم ئېنىق،  
ئەمدى ئىنكاس قىلىدىغان مەسىلە :  
1.  مەن ئادەتتە توردىن ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئىزدىسەم  Google نىڭ ئۇيغۇرچە ئىزدەش بېتىنى ئىشلىتىمەن. ئەمما بۇ ئۇيغۇرچە ۋىندوۋستىمۇ Google نىڭ ئۇيغۇرچە بېتى  http://www.google.com.hk/webhp?hl=ug  نورمال كۆرۈنمەيدۇ.  يەنى  ئۇيغۇرچە خەتلەر ئەرەبچىگە ئوخشاش ،  نورمالسىز كۆرۈنىدۇ.   ئەسلىدىكى  Ukij Tuz Tom فونتى بار چاغدىمۇ ۋە كىيىن مەن ئىسمىنى Ukij Tuz Tom غا ئۆزگەرتكەن ئۇيغۇر ئېكران فونتى ئالماشتۇرۇلغاندىمۇ ئوخشاش،  گوگۇلنىڭ ئۇيغۇرچە بېتى نورمال ئەمەس،  
مەن قاچان ، قەيەردىن ساقلىۋالغىنىم ئېسىمدە يوق ،   ئۇيغۇرچە قوشۇلغان  arial ،  tahoma  فونتىنى  توردىن چۈشۈرۈپ  ساقلىۋاپتىكەنمەن، شۇ فونتنى ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە دوس ھالىتىدە تۇرۇپ سېستىمىدىكى ئەسلى arial ،  tahoma  نىڭ ئورنىغا قاپلاپ كۆچۈرىۋەتكەندىن كىيىن سېستىمىنى قايتا قوزغاتسام   گوگۇلنىڭ ئۇيغۇرچە بېتى ناھايتى نورمال ، ئۇيغۇرچە خەتلەر شۇنداق كۆركەم كۆرۈندى.  گوگۇلنىڭ ئۇيغۇرچە بېتىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىزدەش ئۈنۈمى ئادەمنى ھەقىقەتەن رازى قىلىدۇ.  

ئەمدىكى مەسىلە  ،  مەن  ئاۋۇ  arial ،  tahoma   دىگەن  ئىككى فونتنى ئۇيغۇرچە قوشۇلغان arial ،  tahoma   فونتقا ئالماشتۇرغاندىكى كىيىن   بۇ ۋېندوۋس ئەرەبچىنى نورمال كۆرسىتەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.
مەن داۋاملىق ئەرەبچە تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن.  بۇ ئىككى فونت ئالماشتۇرۇلغاندىن كىيىن گەرچە ئۇيغۇرچە گوگۇل بېتى نورماللاشقان بولسىمۇ ئەمما ئەرەبچە تور بەتلەردىكى خەتلەرنى يا ئەرەبچە  ئەمەس، يا ئۇيغۇرچە ئەمەس ، ئەبجەش بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.   ھەتتا كومپىيوتىرغا نورمال ئەرەبچە كىرگۈزۈشكىمۇ مومكىن بولمىدى.  ئەرەبچە كىرگۈزگۈچكىمۇ تەسىر قىپتۇ.   ئەمما ۋورد ھالىتىدىكى ئەرەبچە خەتلەر نورمال كۆرۈنىدۇ.  بۇ نىمە ئۈچۈن ؟
ئەرەبچىنىمۇ بۇزمايدىغان ،  ئۇيغۇرچىمۇ قوشۇلغان  فونت يوقمۇ  ؟  تەلىۋىم ،  گوگۇلنىڭ ئۇيغۇرچە بېتى نورمال كۆرۈنسە،  ھەمدە ئەرەبچە خەتلەرمۇ بۇزۇلۇپ كەتمىسە .
مەن داۋاملىق ئەرەبچە تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىمەن، ۋە ئەرەبچە ئۇچۇر ئىزدەيمەن.

ۋاقتى: 2011-1-15 17:16:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىپ ئەپەندىنىڭ ۋاقتى يەتمىدىمۇ نىمە،   
ياكى بولمىسا باشقا ئۇسۇللار بىلەن بولسىمۇ گوگۇلنىڭ ئۇيغۇرچە بېتىنى ئەرەبچىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا نورمال كۆرىنىدىغان قىلغىلى بولىدىغان ئامال بولسا دەپ بەرسەڭلار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-10 21:45 , Processed in 0.195999 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat