ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1249|ئىنكاس: 0

جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1953-يىلىدىكى سىياسىي ئويلىنىشى(4)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۇقىرىدىكى جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ چاۋشيەندە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەھۋالى ئاساسلىقى جۇڭگو تەرەپنىڭ ھۆججەت-ماتېرىياللىرىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغان.[54] روسىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلىرى تەمىنلىگىنى، ئەكسىچە، تامامەن ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلار. 1966-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ۋيېتنام ئۇرۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن برېژنېۋغا چاۋشيەن ئۇرۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بىر پارچە دوكلاتنى تاپشۇرغان ئىدى. بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە «جۇئېنلەي جۇڭگو ھۆكۈمىتى نامىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى مۇساپىسىنى تېزلىتىش ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا ياردەم قىلىشنى جىددىي تەلەپ قىلدى. جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ مەيدانى بىزنىڭ مەيدانىمىز بىلەن بىردەك ئىدى. مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئاستىدا ھەرخىل ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1953-يىلى 3-ئايدا، موسكۋا بىر نەپەر ئالاھىدە ۋەكىلىنى پيوڭياڭغا تىنچلىق سۆھبىتىنى تېزلىتىش ھەققىدىكى تەكلىپنى ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتتى. بۇ چاغدا، چاۋشيەنلىكلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتىنى توختىتىش ئارزۇسىنى ئېنىق بىلدۈردى.»[55] بۇ ئارخىپنىڭ پەيدا بولۇشى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويغان ئىدى،[56] بىراق، روشەنكى، مەلۇم خىل سىياسىي سەۋەبنى چىقىش قىلىپ، ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى برېژنېۋغا ساختا ئەھۋالنى تەمىنلىگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، بۇ بىر نۇقتىدا، بۇ ھۆججەت تەمىنلىگەن ئەھۋال چۈشەندۈرۈلۈشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.
جۇئېنلەي دۆلەتكە قايتماي تۇرۇپلا، جۇڭگو سىياسىتىنى تەڭشەشكە باشلىغان ئىدى. بۇ دەل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى يېتەكچى پرىنسىپىنىڭ روھىغا بويسۇنغانلىق ئىدى، ماۋزېدۇڭ 3-ئاينىڭ 23-كۈنى دىڭ گويۈگە تۆۋەندىكىدەك تېلېگرامما يوللىدى:« قارشى تەرەپنىڭ پانمۇنجومدىكى ئەڭ يېقىنقى ھەرىكىتىنىڭ روشەن ئىغۋاگەرلىك ۋە تەھدىت خاراكتېرى بار، شۇڭلاشقا ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈش، ئىشنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلاپ، زۆرۈر تەييارلىقلارنى قىلىش لازىم. بىراق يەنە بىر تەرەپتىن، قارشى تەرەپنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ مەقسىدى، روشەنكى، بىزنى ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدىكى ئاساسىي تېمىنى سۆھبەتلىشىشكە قىستاش، ئەمەلىيەتتە، بۇ قارشى تەرەپنىڭ ئالدىراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئېزىنخوۋېر تەختكە چىققاندىن كېيىن ئاسىيادا بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ترۇمېن پەيدا قىلغان ئاسارەتتىن قۇتۇلماقچى، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ يارىدار ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش تەكلىپى، بەلكىم، قارشى تەرەپنىڭ پانمۇنجومدا غەرەزلىك بۇرۇلىدىغان بىر سىناپ بېقىش ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىن. قارشى تەرەپنىڭ كونكرېت ھەرىكىتىنى تەھلىل قىلغاندا، مەسىلىنىڭ بۇ ئىككى تەرىپىگە چوقۇم دىققەت قىلىش لازىم. قارشى تەرەپنىڭ بىزنىڭ ھۆججەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش ھەتتا ئالاقە ئەمەلدارلىرى يىغىنى ئېچىشنى رەت قىلىش ئەھۋالىغا قارىتا، سىلەر نېمە ئىش بولسا شۇ ئىش ئۈستىدە توختىلىپ، يىغىننىڭ ئىچى-سىرتىدا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ تالاش-تارتىش قىلىپ، قاتتىق رەددىيە بېرىشىڭلار لازىم، بىراق قارشى تەرەپنى ئەڭ ئاخىرىدا ئۇتتۇرغان-ئۇتتۇرمىغانلىقىنى رەسمىي بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىماسلىقىڭلار لازىم، قارشى تەرەپمۇ ھەم بۇ خىل ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ. كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش ۋەقەسىگە قارىتا، ئىلگىرى بىز ئېغىر-يېنىكلىكىنى ئايرىماي ھەربىر ئىشقا ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل تاقابىل تۇرۇش يېتەكچى پرىنسىپىنى قوللانغان، بۇنىڭدا بىرئاز پاسسىپ بولۇپ قالغان ئىدۇق. يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە، ئەگەر مۇھىم ۋەقەلەر بولمىسا قارشى تەرەپكە نارازىلىق بىلدۈرمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.» تېلېگراممىدا يەنە كلاركقا جاۋاب ئالاقە بېرىشكە تەييارلىق قىلىنىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.[57] 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇئېنلەي ماۋزېدۇڭغا سوۋېت كومپارتىيىسى رەھبەرلىرى بىلەن كېڭىشىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى ھەمدە بىرلىكتە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىنىشى لازىم بولغان يېتەكچى پرىنسىپ ۋە ھەرىكەتلىرىنى بېكىتتى.[58]
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى غەربكە يارىشىش ھالىتىنى روشەن ئىپادىلىدى. 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، موسكۋا رادىئو ئىستانسىسى خەۋەر بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيان شىمالىي چاۋشيەندە ئەسىرگە چۈشكەن توققۇز نەپەر ئەنگلىيىلىك دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ۋە دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ئاكتىپ ياردەم بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى.[59]
نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، مولوتوۋ كىم ئىلسۇڭغا يەنە تېلېگرامما يوللاپ، چاۋشيەن دائىرىلىرىنى تۇتۇپ قېلىنغان فرانسىيىلىك پۇقرالاردىن 14 ئادەمنى قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلدى، سەۋەبى بولسا «نۆۋەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى تەلىپىگە ئاكتىپ جاۋاب بېرىش سىياسىي جەھەتتە مۇۋاپىق».[60] موسكۋانىڭ يېڭى يېتەكچى پرىنسىپى چاۋشيەنگە نىسبەتەن دەل تېپىلغۇسىز بىر ئىش ئىدى. گەپ-سۆزلەرگە قارىغاندا كىم ئىلسۇڭ بۇ يېڭى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن «ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتكەن، ھاياجانلانغىنىدىن يايراپ كەتكەن».[61] سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسىنىڭ دوكلاتىدا:« 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يىغىندا، كىم ئىلسۇڭ يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسىدىكى تەكلىپىگە تامامەن قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ بىر تەكلىپنى تېزراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش زۆرۈر دەپ قارىدى. كىم ئىلسۇڭنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەينىگە سۆرەلسە چاۋشيەن ۋە جۇڭگو ياكى پۈتكۈل دېمۇكراتىك لاگېرنىڭ ھەممىسىگە پايدىسىز، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى ئەڭ ئاقىلانە ۋە توغرا. ئۇ يەنە ئاغرىنىپ، چاۋشيەن تەرەپتىن ئالدىنقى سەپ ۋە ئارقا تەرەپتە چىقىم (ھەر كۈنى 3~4 يۈز ئادەم) ئىنتايىن ئېغىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكىلىقلار بىلەن يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا قايتۇرۇپ بېرىشتە تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ئۇرۇش ئەسىرلىرى سانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئىنتايىن ئاقىلانىلىك ئەمەس دېدى.» دېيىلگەن ئىدى.[62] ئاخىرقى بۇ بىر جۈملىدە روشەن ھالدا جۇڭگولۇقلارنى ئەيىپلەش مەنىسى بار ئىدى.
بەرھەق، گەرچە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە ئىككى قوللۇق تەييارلىقى بار بولسىمۇ، بىراق ھازىرقى پەيتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يول قويۇشنى ھەرگىزمۇ چىن دىلىدىن خالاپ كەتمەيتتى. گەرچە بېيجىڭ موسكۋانىڭ پىلانى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان ـــ كىم ئىلسۇڭغا قايتىدىن سۆھبەتلىشىشكە تەييارلىق قىلىشنى ئۇقتۇرغان؛ لى كېنۇڭ، چياۋ گۈەنخۇالار پات يېقىندا كائېسۇڭغا بارماقچى بولغان؛ 3-ئاينىڭ 28-كۈنى كلاركقا جاۋاب ئالاقە سۇنۇلغان؛ 3-ئاينىڭ 30-كۈنى جۇئېنلەي «چاۋشيەندە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى مەسىلىسى ھەققىدىكى بايانات»نى جاكارلىغان ـــ بولسىمۇ، بىراق ماۋزېدۇڭنىڭ يەنىلا ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى بار ئىدى، مۇمكىنچىلىك بار بولغان شارائىت ئاستىدا، جۇڭگو يەنىلا ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشكە ئىنتىلەتتى.
ماۋزېدۇڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەڭ ياخشى ئۇرۇش توختىتىش نەتىجىسىگە ئېرىشىشكە تىرىشتى

ستالىننىڭ ۋارىسلىرى ئىچىدە، مەيلى تەجرىبە ۋە كەچۈرمىش جەھەتتە بولسۇن، مەيلى نەزەرىيىۋىي سەۋىيە ۋە ئەمەلىي ئىقتىدار جەھەتتە بولسۇن، ھېچكىم ماۋزېدۇڭ بىلەن تەڭلىشەلمەيتتى. شۇڭلاشقا، جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپنىڭ ھەممىسىنىڭ شەخسنىڭ رولىنى قەدىرلەيدىغان سىياسىي تۈزۈلمىسىدە، ستالىننىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىگە پەيدا قىلىدىغان ئۈن-تىنسىز تەسىرىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ بىر نۇقتا، ئالدى بىلەن چاۋشيەندە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە ئەكس ئەتتى. جۇڭگو ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت-ماتېرىياللار ھەمدە مۇئەللىپ يىغقان 500 پارچىغا يېقىن چاۋشيەن ئۇرۇشى ھەققىدىكى روسىيە ئارخىپلىرىدىن قارىغاندا، ئۇرۇش جەريانىدا، ستالىن ھايات چېغىدا، ماۋزېدۇڭ ھەممە ئىشلاردا دېگۈدەك موسكۋادىن يوليورۇق سورايتتى ۋە دوكلات قىلاتتى ـــ گەرچە كۆپ سانلىق تېلېگرامما تېكىستلىرى جۇئېنلەي يازغان بولسىمۇ، ئەمما ستالىن ئالەمدىن ئۆتۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى يېڭى يېتەكچى پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ماۋزېدۇڭ ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئىشتىن ئاۋۋال سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ پىكىرىنى ئىنتايىن ئاز ئاڭلىدى، ئۇلار بىلەن شەخسەن ئۆزى ئالاقىلەشمىدى. ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان باش يېتەكچى پرىنسىپتا، ماۋزېدۇڭ موسكۋانىڭ پىكىرىگە ھۈرمەت قىلدى ـــ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يول قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمما كونكرېت سۆھبەت ۋە ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، جۇڭگو تامامەن ئۆز بېشىمچىلىق قىلدى ـــ داۋاملىق تۈردە بىر تەرەپتىن ئۇرۇشۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن سۆھبەتلىشىش، ئۇرۇشۇش بىلەن سۆھبەتلىشىشنى بىرلەشتۈرۈش ستراتېگىيىسىنى يۈرگۈزدى. بۇ جەھەتتە، ئەكسىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ماۋزېدۇڭنىڭ قارارىغا بويسۇندى.
4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى باياناتىدا، مولوتوۋنىڭ ئالاھىدە تەكىتلىگىنى بولسا: يارىدار ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىككى تەرەپ سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالاش ۋە چاۋشيەندە ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش.[63] بىراق جۇڭگو رەھبەرلىرى مەسىلىنى ئويلاشقاندا، يەنىلا جەڭ مەيدانىدا ب د ت ئارمىيىسىگەزەربە بېرىشنى داۋاملىق ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. جۇئېنلەي 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە «چاۋشيەندە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى ئوتتۇرىغا قويغاندا:« سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بېكىتىلىپ بولۇندى، ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكىمۇ زور دەرىجىدە كۈچەيدى، بىراق ئۇرۇشۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يەنىلا مەۋجۇت. بىزنىڭ دەيدىغىنىمىز يەنىلا شۇ ئىككى جۈملە سۆز: تېنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، بىراق يەنە ئۇرۇشتىنمۇ قورقماسلىق.» دېدى. 4-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇئېنلەي ماۋزېدۇڭ ئۈچۈن يازغان چياۋ گۈەنخۇاغا ئەۋەتىلىدىغان ھەمدە كىم ئىلسۇڭ، پېڭ دېخۈەيلەرگە ئۇقتۇرۇلىدىغان تېلېگراممىدا:« 6-چېسلادىكى ئىككى تەرەپ ئالاقە ئەمەلدارلىرى يىغىنىدا، پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە جەنۋە ئەھدىنامىسىنىڭ 109-،110-ماددىلىرىغا ئاساسەن يارىدار ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنىلا سۆزلىشىشكە بولىدۇ، ئەمما بىزنىڭ يېڭى تەكلىپىمىز ۋە سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى مەسىلىسىگە تېگىشىشكە ۋاقتىنچە بولمايدۇ.» دېيىلدى. 4-ئاينىڭ 8-كۈنى يەنە تېلېگرامما يوللىنىپ:« يارىدار ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇشتا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ۋاقىتتا، بايانات ئېلان قىلىپ، بىز تەلەپ قىلغان بىۋاسىتە قويۇپ بېرىلمىگەن قارشى تەرەپنىڭ پاناھى ئاستىدىكى بىزنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن يارىدار خادىملىرىمىزنى بىتەرەپ دۆلەتتە پاناھلىق بېرىش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىش لازىم.» دېيىلدى.[64] بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي ئىدى ـــ بۇ ۋاقىتتا جۇڭگو يېڭى ئۇرۇش قوزغاشنى پىلانلاۋاتاتتى.
1953-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە، پىدائىي ئارمىيە قۇرۇقلۇققا چىقىشقا قارشى تۇرۇش ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىغان بولۇپ، ئىگە بولغان ئەسكىرىي كۈچى 19 ئارمىيە بىر مىليون 350 مىڭ ئادەم (خەلق ئارمىيىسىدە ئالتە گۇرۇپپىۋوي ئارمىيە 450 مىڭ ئادەم بار ئىدى)، ئوت كۈچى ئىلگىرىكىدىن كۈچەيگەن، ئىستىھكاملار تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن، ئۇرۇش قىلىش ماددىي ئەشيالىرى ئىنتايىن تولۇق ھەمدە كېيىنكى ئىشلاردىن غەم قىلمايتتى، ستراتېگىيە جەھەتتە بارغانسېرى تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولۇپ، ھەم ھۇجۇم قىلالايتتى ھەم مۇداپىئەلىنەلەيتتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، پىدائىي ئارمىيە ۋە خەلق ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنقى سەپ قىسىملىرى چوڭ-كىچىك بولۇپ جەمئىي 770 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇرۇش قىلغان بولۇپ، دۈشمەننىڭ 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى تارمار قىلغان ئىدى، پىدائىي ئارمىيىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسى 1-پەسىلدە 399 تۈركۈمدە 4093 ئۇچقۇ قېتىم ئۇرۇش ئۇچۇشىغا ئاتلاندۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا ئۇچقۇسىدىن جەمئىي 50 دانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن، 16 دانىسىنى زەخمىلەندۈرگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، پۈتۈن ئارمىيىدە يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە جەڭگىۋارلىق ئۈستۈن بولۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن جەڭگە كىرىشنى تەلەپ قىلاتتى.[65] 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، پىدائىي ئارمىيە 9-ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ۋاڭ جيەنئەن پىدائىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابىغا تېلېگرامما يوللاپ ھەمدە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا دوكلات قىلىپ، 5-ئاينىڭ باشلىرىدا بىر قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇم ئۇرۇشى قوزغاش تەكلىپىنى بەردى. تېلېگراممىدا:« تولۇق تەشكىلىي تەييارلىق ۋە ئەتراپلىق پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش شەرتى ئاستىدا، بىزنىڭ بىر ئارمىيىمىزنىڭ دۈشمەننىڭ بىر باتالىيونىنىڭ پوزىتسىيىسىنى تارمار قىلىشقا شارائىتى ۋە ئىشەنچىسى بار. بىزنىڭ ئالدىنقى سەپ ھەرقايسى ئارمىيىلىرىمىز بىرلىكتە قول سېلىپ بىر قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇم ئۇرۇشى قوزغىسا، دۈشمەنگە تەلتۆكۈس يوقىتىش خاراكتېرلىق ئېغىر زەربە بېرەلەيدۇ، دۈشمەننىڭ ئىچكى قىسمىدا تېخىمۇ چوڭ ئالاقزادىلىك پەيدا قىلالايدۇ.» دېيىلگەن ئىدى. پىدائىي ئارمىيىنىڭ ئورۇنباسار قوماندانى ياڭ دېجى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى جاۋاب تېلېگرامما يوللاپ:« بىر قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇم ئۇرۇشى قوزغاش تەكلىپىنى بېرىش ناھايىتى ياخشى بوپتۇ.» دېدى. 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، پېڭ دېخۈەي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ياڭ دېجى، ۋاڭ جيەنئەنلەرگە جاۋاب تېلېگرامما يوللاپ، ھازىرقى پەيتتە كىچىك كۆلەمدىكى زەربە بېرىپ يوقىتىش ئۇرۇشى قوزغاش پىدائىي ئارمىيىنىڭ يېڭى ئۇرۇش تەجرىبىسىگە بولۇشى ھەمدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك پايدىلىق، ئەگەر راستىنلا ئىشەنچ بولسا، ئۇرۇش قوزغاش ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈشكىمۇ بولىدۇ، ياڭ دېجى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ قارار قىلسا بولىدۇ، دەپ قارىدى. ئارقىدىنلا، ماۋزېدۇڭ يەنە يوليورۇق بېرىپ:« تېنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، ئارقىغا سۆرەشكە تەييارلىق قىلىش، ئەمما ئارمىيە جەھەتتە ئارقىغا سۆرەشنى نىيەت قىلىپ، ئۇرۇشۇشقىلا ئارىلىشىپ، سۆھبەتلىشىشكە ئارىلاشماسلىق، بوشىشىپ قالماسلىق، ھەممىنى ئەسلى پىلان بويىچە قىلىش لازىم.» دېدى. 4-ئاينىڭ 20-كۈنى دېڭ خۇا تېلېگرامما ئەۋەتىپ:« بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، توختاپ قېلىشنىڭ ئېھتىماللىقى گەرچە ئىلگىرىكىدىن زورايغان بولسىمۇ، بىراق كەينىگە سۆرەشنىڭ ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ئەمەس. گەرچە دۈشمەن پۈتكۈل ۋەزىيەتتە توختاتمىسا بولمايدىغانلىقىغا مەجبۇرلانغان تەقدىردىمۇ، بىراق ھەقىقىي توختىتىشقا يەنە خېلىلا ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈشمەن ھىيلىگەر، ھەربىي ئىشلار بېسىمىدىن پايدىلىنىپ سۆھبەتتىكى پوپوزا قىلىشقا ماسلاشتۇرۇپ، كۆپرەك بىر نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولۇۋاتىدۇ؛ تېخىمۇ كۆپرەك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر قىسىم ستراتېگىيىلىك تەدبىرلەرنى تاماملىماقچى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا تىغمۇ-تىغ تاقابىل تۇرىدىغان يېتەكچى پرىنسىپنى قوللىنىپ، ئاكتىپ ھەرىكەت بىلەن سۆھبەتكە ماسلىشىش لازىم. قايتۇرما ھۇجۇمنىڭ ۋاقتى ئالدىن 6-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلىنىپ 7-ئاينىڭ باشلىرىدا ئاخىرلىشىشقا بەلگىلەندى، بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرى چوقۇم 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىشى لازىم، كېيىن ئەھۋالغا قاراپ ئاندىن ھەرىكەت قىلىش بەلگىلىنىدۇ.» دېدى. 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ماۋزېدۇڭ تەستىق سېلىپ:« بۇ ھۆججەتنى تەستىقلاشقا بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلدۇرۇش لازىم. ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بالدۇر بولۇشى ياكى ئۇرۇشمايلا سۆھبەتلىشىشكە كەلسەك، 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مۇۋاپىق پەيتتە ئاندىن قارار قىلساق بولىدۇ.» دېدى.[66]
4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن پانمۇنجوم سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ھەقىقەتەنمۇ ئوڭۇشلۇق بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو بىر تەرەپتىن قايتۇرۇپ بېرىشنى خالىمىغان ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى چاۋشيەندە قالدۇرۇشقا بولۇش-بولماسلىق، بىتەرەپ دۆلەت قايتۇرۇپ بېرىش كومىتېتى چۈشەندۈرىدىغان قەرەل، چۈشەندۈرگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى خالىمىغان ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە ئىككى تۈرلۈك تاللاشقا بولىدىغان لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ھىندىستان ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ئاكتىپ سۆھبەتلەشتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى ئۇرۇش قوزغاشنىڭ تەييارلىقىنى تېخىمۇ تېزلەشتۈردى. 4-ئاينىڭ 30-كۈنى پېڭ دېخۈەي كۆرسەتمە بېرىپ:« تاكتىكا خاراكتېرلىق ھۇجۇم قوزغاش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، پايدىلىق ئەھۋال ئاستىدا ئەھۋالغا قاراپ ئۇرۇش نەتىجىسىنى كېڭەيتىش، بىر قېتىمدا دۈشمەننىڭ بىردىن ئىككىگىچە روتىسىنى يوقىتىپ، يېڭىدىن كەلگەن قىسىملارنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەجرىبىگە ئىگە قىلغۇزۇش ۋە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئوپېراتسىيە خاراكتېرلىق ھۇجۇم قىلىشقا كەلسەك، ئەگەر سۆھبەت نەتىجىسىز بولسا، 6-ئايدا پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.» دېدى. 5-ئاينىڭ 11-كۈنى دېڭ خۇا قاتارلىقلار ھەرقايسى قىسىملارغا يوليورۇق بېرىپ:« پانمۇنجوم سۆھبىتىدە يەنىلا بىرقىسىم مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىدى، 6-ئايدىن بۇرۇن ئۇرۇش توختىتىشنى ئىمزالاشنىڭ مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس، شۇڭلاشقا، ھەرقايسى ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىملار بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى چوقۇم 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن تاماملىشى لازىم، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۇرۇش قىلىش پىلانىغا ئاساسەن بىرلا ۋاقىتتا ئالدىن بەلگىلەنگەن نىشانلارغا ھۇجۇم قوزغاش لازىم.» دېدى. بىراق، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قارشى تەكلىپنى ـــ بارلىق بىۋاسىتە قويۇپ بېرىلمەيدىغان چاۋشيەنلىك ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى «شۇ يەردىلا قويۇپ بېرىش» ـــ ئوتتۇرىغا قويغان چاغدا، پىدائىي ئارمىيە دەل شۇ كۈنى ياز پەسىللىك قايتۇرما ھۇجۇم ئۇرۇشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن باشلىدى. 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى يوليورۇق بېرىپ:« نۆۋەتتە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى يەنىلا ئارقىغا سۆرۈلۈۋاتىدۇ، قاچان توختايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلماق تەس، شۇڭلاشقا، بىزنىڭ چاۋشيەندىكى ئۇرۇش قىلىش يېتەكچى پرىنسىپىمىز يەنىلا ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان‹ئۇزۇن مەزگىلگىچە مۇستەھكەم ئورۇنلىشىپ، پۇختا جەڭ قىلىش›يېتەكچى پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش.» دېدى.[67] شۇ كۈنى، پانمۇنجوم سۆھبىتى يەنە بىر قېتىم ئۈزۈلدى. ھازىرغا قەدەر، ھېچقانداق ماتېرىيال مۇشۇ چاغدىن 6-ئاينىڭ بېشىدا سۆھبەتنىڭ يەنە بىر قېتىم ئەسلىگە كېلىشى ھەمدە كېلىشىم ئىمزالىنىشىغىچە جۇڭگونىڭ سۆھبەت لايىھىسى ۋە ئۇرۇش قوزغاش پىلانى ئۈستىدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كېڭەشكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى.
6-ئاينىڭ 4-كۈنى سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە 8-كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىش سەۋەبى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان غەرب ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشنى كېڭەيتىدىغانلىقى ۋە يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانلىقىدىن دەپ قارىدى. سەۋەبى بولسا، يېڭى مېكسىكا شتاتىدىكى يادرو سىنىقى مەيدانىدىكى ئالىملار 1953-يىلىنىڭ بېشىدا تاكتىكىلىق نىشانلارغا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئاتوم بومبىسىنى سىناق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنى يىراق شەرقتە يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلەيدىغان سىياسەتنى يېڭىباشتىن مۆلچەرلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرغان ئىدى. چاۋشيەندە ئۇرۇش توختىتىش يەنە بىر قېتىم قاتمال ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنىنىڭ تەكلىپىنى تەستىقلاپ، كلاركقا بىر تۈرلۈك ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى بۇزۇلغان ئەھۋال ئاستىدا ھۇجۇم قوزغاش ۋە يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش پىلانىنى تەييارلاش يوليورۇقىنى بەرگەن ئىدى. 5-ئاينىڭ 21-،22-كۈنلىرى دالېس ھىندىستاننى زىيارەت قىلغاندا، نېھرۇدىن جۇڭگونى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلمىسا، ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش مۇمكىنچىلىكىنى ئېيتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكا باش ئەلچىسى مولوتوۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىغىمۇ بېسىم چۈشۈرگەن ئىدى.[68] ھالبۇكى، بۇ خىل كۆز قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ۋاشىڭتون ھەقىقەتەنمۇ ئاكتىپلىق بىلەن يادرو پىلانىنى تۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما مەسىلە باشتىن-ئاياغ ئامېرىكىنىڭ غەزەرلىك ھالدا بۇ خىل ئۇچۇرنى ئېنىق تارقاتقان-تارقاتمىغانلىقىدا ھەمدە جۇڭگونىڭ بۇ خىل ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان-تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىدا ئىدى. يۇقىرىدىكى ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، دالېس ۋە بوھلىنلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش ئويى بارلىقىنى ئېنىق بىلدۈرمىگەن ئىدى، نېھرۇ ۋە مولوتوۋنىڭمۇ، تەبىئىيلا، جۇڭگوغا بۇنداق ئۇچۇرنى يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. موسكۋانىڭ بېيجىڭغا بېسىم چۈشۈرۈشىنى كۈتۈشكە كەلسەك، تا بۈگۈنگىچە بۇ مەزگىلدە ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچراشقانلىقىغا ئائىت ماتېرىياللار تېپىلمىدى. ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ ئارخىپ ھۆججەت-ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئايدىن 6-ئايغىچە ۋاشىڭتوننىڭ يوليورۇقى ۋە پانمۇنجوم سۆھبىتى ۋەكىلىنىڭ دوكلاتىنىڭ ھەممىسىدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئىلگىرى جۇڭگوغا بىۋاسىتە ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قاتتىق قوللۇق پىكىرمۇ پەقەت:« ئامېرىكا ئۇزاققا سوزۇلغان، نەتىجىسى بولمىغان سۆھبەتنى قوللىمايدۇ.» ئىدى.[69]
ئەسلى مەنزىلى:http://torkatip.info/archives/china-soviet-political-consideration-4.html
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 08:13 , Processed in 0.140561 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat