ئىنتىل سەيناسى Office ۋە پروگرامما ھېرىسمەنلىرىنى قوللاش ۋە ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش روھىغا مەدەت بىرىش يۈزىسىدىن بۇ ئىككى تۈردە مۇكاپاتلىق مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرماقچى:
مۇسابىقە ۋاقتى: بۈگۈندىن باشلاپ 2011- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە بولىدۇ.
مۇسابىقە شەرتى: Office ۋە پروگرامما بىلىملىرى ھەققىدىكى ئەمەلىي دەرس ۋە دەرس ئۈلگىسى بولىدۇ.
مۇسابىقە دائىرىسى:
1- Office بىلىملىرى يەنى MS Offoce ئائىلىسىدىكى ئەزالار ھەققىدە ۋە باشقا Open Office ، WPS ۋە باشقا Office دىتاللىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىم ھەققىدىكى يازما، سىن قاتارلىق دەرس ۋە دەرس ئۈلگىسى ( مۇناسىپ ھۆججەت).
2- پروگرامما بىلىملىرى يەنى تۈرلۈك پروگرامما تۈزۈش ( تور بەت پروگراممىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەققىدىكى يازما، سىن قاتارلىق دەرس ۋە دەرس ئۈلگىسى ( يۇمشاق دىتال ۋە نەتىجە ھۆججىتى)
مۇسابىقە ئورنى: ئىنتىل سەيناسىدىكى مۇسابىقە سەھىپىسىگە « مۇسابىقە» دەپ قوشۇپ يوللىسا بولىدۇ.
مۇكاپاتى:
1- دەرىجە ئىككى نەپەر، مۇكاپاتى ھەربىرەيلەنگە 100.00 يۈەندىن خەلق پۇلى .
2- دەرىجە تۆت نەپەر ، ھەر بىرەيلەنگە 70.00 يۈەندىن خەلق پۇلى .
3- دەرىجە ئالتە نەپەر، ھەر بىرەيلەنگە 50.00 يۈەندىن خەلق پۇلى .
4- ئاكتىپ مۇكاپاتى ئىككى نەپەر، مۇكاپاتى ئىنتىل سەيناسىنىڭ ئۈچ يىللىق خاتىرە مايكىسىدىن بىر دانە .
5- تەشۋىقات مۇكاپاتى ئۈچ نەپەر ( بۇ مۇسابىقىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلغان توربەتلەردىن ئالدىنقى ئۈچ توربەتنىڭ باشلىقىغا بىرىلىدۇ) مۇسابىقە تەشۋىقاتى ۋە ئىنتىل سەيناسىنىڭ ئۈچ يىللىق خاتىرە مايكىسىدىن بىر دانە .
ئەسكەرتىش: بۇ مۇسابىقىگە ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا قارشى ئېلىنىدۇ شۇنداقلا مۇسابىقە مۇكاپاتى ۋە سانى كۆپەيتىلىدۇ.
كامالى ئېھتىرام بىلەن :
ئىنتىل سەيناسى 2011- يىلى 1- ئاينىڭ 6- كۈنى |