ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1084|ئىنكاس: 0

جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1953-يىلىدىكى سىياسىي ئويلىنىشى(3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىلگىرى بەزى ئەسەرلەردە، جۇڭگونىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمدە ئۇ ئارقىلىق چاۋشيەندە ئۇرۇش توختىتىشنى تەكلىپ قىلىشى ماۋزېدۇڭنىڭ ئېزىنخوۋېرنىڭ ترۇمېن پەيدا قىلغان چۈشەكتىن قۇتۇلماقچى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغانلىقى ھەمدە مەقسەدلىك سىناپ باققاندىن كېيىن، چاۋشيەن تەرەپ بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق ئاكتىپلىق بىلەن چىقارغان قارارى [38] ياكى جۇڭگونىڭ موسكۋانىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشىگە پېتىپ قېلىپ ئۇلارغا قاراشقا چولىسى تەگمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، دىپلوماتىيىدە قوللانغان ئاكتىپلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارالغان ئىدى.[39] يەنە بەزىلەر ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى تەھدىت رولى جۇڭگونىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى يولغا قويۇشقا قوشۇلۇشىدىكى ئاساسىي ئامىل دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرغان ئىدى.[40] بۇ كۆز قاراشلارنىڭ ھەممىسى يېقىندا ئاشكارىلانغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى سەۋەپلىك سۇسلاشتى. يېڭى تارىخىي ماتېرىياللاردا ئىسپاتلىنىشىچە، موسكۋانىڭ يېڭى يېتەكچى پرىنسىپى ھەمدە بېيجىڭنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ بىر يېتەكچى پرىنسىپقا قوشۇلۇشى، چاۋشيەن مەسىلىسىنىڭ قاتمال ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى ھالقىلىق ئامىل ئىدى.
ستالىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن چاۋشيەن مەسىلىسىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويغۇچىنىڭ كۈتمىگەن يەردىن مۇتەئەسسىپ ۋە جاھىللىقتا نام چىقارغان مولوتوۋ بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى ھېچكىممۇ خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى. مولوتوۋنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ يېڭىباشتىن ئىشقا قويۇلغان ھەمدە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ بىرى دەل چاۋشيەن ئۇرۇشىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا تەكلىپ يېزىش بولدى، چۈنكى «ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولسا، چاۋشيەنلىكلەر بىزگە تېڭىپ قويغان بۇ بىر مەيدان ئۇرۇش ئەمدى بىزگە كېرەك ئەمەس ئىدى.» ئۇندىن باشقا، بېرىيامۇ چاۋشيەن مەسىلىسىگە قارىتا «ئاكتىپ ھالىتىنى ئىپادىلىگەن» ئىدى.[41] موسكۋانىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىدىكى سەۋەب بولسا، ستالىننىڭ ئۈمىدۋار پوزىتسىيىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان، سوۋېت ئىتتىپاقى يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ كۆپ مىقدارىدىكى ئاخباراتلارنى مۆلچەرلىشى ئاساسىدا، ئامېرىكىنىڭ قوللىنىش ئېھتىماللىقى بولغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش تەدبىرلىرىگە قارىتا چىقارغان «ئەڭ يامان پەرىزى» ئىدى.[42] بىراق قارار چىقىرىشتىن ئىلگىرى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ پىكىرىنى ئالمىغان ئىدى.
جۇئېنلەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، ستالىنغا «مەخسۇس تەزىيە بىلدۈرۈش» تىن ئىلگىرى تۈزگەن «ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىش ۋەزىپە تېزىسى» دە، ھەقىقەتەنمۇ سوۋېت كومپارتىيىسى رەھبەرلىرى بىلەن چاۋشيەن ئۇرۇشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن ئىدى،[43] بىراق، كېيىن جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتىدىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بۇ ۋاقىتتا جۇڭگو ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئائىت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تېخى ئويلاشمىغان ئىدى. جۇئېنلەي 3-ئاينىڭ 8-كۈنى موسكۋاغا يېتىپ باردى، ستالىننىڭ دەپنە مۇراسىمىغا پائالىيىتىگە قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.[44] بىراق بۇ قېتىملىق ئادەتتىكى سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپ چاۋشيەن مەسىلىسى ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ پىكىر ئالماشتۇرمىدى. گەرچە شۇ كۈنى مالېنكوۋ سۆزگە چىققاندا:« تېنچلىق شەكىلدە ھەل قىلىشقا بولمايدىغان مەسىلە يوق» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ،[45] بىراق ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى يېتەكچى پرىنسىپنى قوللىنىشتىكى كونكرېت قەدەم باسقۇچلىرىنى تېخى بېكىتمىگەن بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن ئىدى. بەلكىم بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغىنى، تاكى 3-ئاينىڭ 14-كۈنىگە كەلگەندە، رازۇۋېۋ ئاندىن كلاركنىڭ يارىدار ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش ھەققىدىكى ئالاقىسىنى موسكۋاغا ئەۋەتىپ بەرگىنى ئىدى.[46] روشەنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كونكرېت يولىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشنى باشلىغان ئىدى. ئىككىنچى كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدىغان سىگنالنى ئېنىق چىقاردى، مالېنكوۋ ئەڭ ئالىي سوۋېتنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىدا:« نۆۋەتتە، تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ياكى ھەل قىلىنمىغان بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق كېڭىشىش ئاساسىدا تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشقا بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە ماس كېلىدۇ. تېنچلىقنى قوغداشقا قىزىقىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر ۋە كەلگۈسىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەۋرەنمەس تىنچلىق سىياسىتىدىن خاتىرجەم بولسا بولىدۇ.» دېدى.[47] 3-ئاينىڭ 18-كۈنى مولوتوۋ بېرىيا ۋە مالېنكوۋغا ئۆزى تۈزگەن چاۋشيەن ئۇرۇشى يېڭى سىياسىتى ھەققىدىكى لايىھىنى سۇندى.[48]
ھالبۇكى، بۇ چاغدا جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا ئەۋەتكەن ئالاقىگە جاۋاب بېرىش-بەرمەسلىك، قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا تېخى بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتاتتى. ماۋزېدۇڭ 3-ئاينىڭ 19-كۈنى جۇئېنلەيگە بەرگەن تېلېگراممىسىدا:« كلاركنىڭ 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ ئاۋۋال ئېغىر يارىدار، ئەمما ماڭالايدىغان ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان مەسىلىسىگە قارىتا، بىز تېخى جاۋاب بەرمىدۇق. چياۋ گۈەنخۇا سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە ئاساسەن رەددىيە بېرىش پوزىتسىيىسىنى قوللىنىش توغرىسىدىكى سۆھبەت ئورگىنالىنى تۈزۈپ چىقتى، مەن باسۇرۇپ قويۇپ تارقاتمىدىم، سىز قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن بېجىرەيلى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ قېتىملىق تەلىپى بەلكىم دالېس تەختكە چىققاندىن كېيىنكى بىر خىل سىناپ باققان ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ قارشى تەدبىرىمىز ئىككى خىل. بىرى رەددىيە بېرىش، يەنە بىرى مەسلىھەتلىشىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەسلىھەت جەريانىدا ئەھۋالغا قاراپ ئەڭ ئاخىرقى قارشى تەدبىرنى بېكىتىش. سىز سوۋېت ئىتتىپاقىلىق يولداشلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، بۇ ئىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇلارنىڭ پىكىرىنى سوراپ بېقىڭ.» دېدى.[49] بۇ ۋاقىتتا جۇئېنلەي چېخوسلوۋاكىيىدە گوتۋالدنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتاتتى. شۇ كۈنى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى چاۋشيەندە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە يېڭى يېتەكچى پرىنسىپىنى ۋە بۇ بىر يېتەكچى پرىنسىپنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان كونكرېت ئۇسۇللارنى بېكىتتى، مىنىستىرلار يىغىنى جۇڭگو-چاۋشيەن تەرەپلەرگە ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسى ھەققىدىكى يوليورۇقنى چىقىرىشنى قارار قىلدى.
ماۋزېدۇڭ ۋە كىم ئىلسۇڭغا يېزىلغان خەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئاساسىي مەقسەدنى باشتىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ:« سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئالدىنقى بىر مەزگىللىك چاۋشيەن ۋەقەسىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا دىققەت قىلىپ، ھازىرقى ئەھۋال ئاستىدىكى چاۋشيەن ئۇرۇشى مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەتقىق قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن يەكۈن چىقىرىپ، بۇ مەسىلىدە، ئەگەر تا بۈگۈنگە قەدەر ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان مىزان داۋاملاشتۇرۇلسا، ئەگەر بۇ بىر مىزانغا قارىتا نۆۋەتتىكى سىياسىي ئالاھىدىلىك ۋە بىز ئۈچ دۆلەت خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مەنپەئەتىگە مۇناسىپ بەزىبىر ئۆزگەرتىشلەر ئېلىپ بېرىلمىسا، ئۇنداقتا خاتا بولىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى، جۇڭگو، چاۋشيەن خەلقلىرى دۇنيا تېنچلىقىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە چاۋشيەن ئۇرۇشىنى تېز ئاخىرلااشتۇرىدىغان قوللىنىشقا بولىدىغان يولنى ئىزچىل ئىزدەپ كەلدى.» دېيىلگەن ئىدى. جاھانگىرلىكنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى تەنقىد قىلىنغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەكىتلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:« بىراق بۇ، نۆۋەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، چاۋشيەن ئۇرۇشى مەسىلىسىگە قارىتا پەقەت مىخانىك ھالدا ئىلگىرى ئىزچىل ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان مىزاننى ئىجرا قىلىشتىن دېرەك بەرمەيلا ئەمەس، بەلكى بىر خىل تەشەببۇسكار روھنى ئىپادىلىمەسلىكنىمۇ مەقسەد قىلمايدۇ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دۈشمەننىڭ تەشەببۇسكار لىق روھىدىن پايدىلانماي، جۇڭگو ۋە چاۋشيەن خەلقلىرىنىڭ ئاساسىي مەنپەئەتى، باشقا تېنچلىقنى سۆيىدىغان بارلىق خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئاساسلانماي، جۇڭگو ۋە چاۋشيەننى ئۇرۇشتىن قولىنى بوشىتىدىغان چىقىش يولىنى تېپىپ چىقىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ.» ئارقىدىنلا، خەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى قوللىنىش زۆرۈر دەپ قارىغان تەدبىر ۋە قەدەم باسقۇچلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى:« 1- كىم ئىلسۇڭ ۋە پېڭ دېخۈەي گېنېرال كلارك 2-ئاينىڭ 22-كۈنى يارىدار ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە چىقارغان مۇراجىئىتىگە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ جاۋاب بېرىشى لازىم. 2- كىم ئىلسۇڭ ۋە پېڭ دېخۈەينىڭ جاۋابى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇزلۇق ۋەكىلى (ئەڭ ياخشىسى يولداش جۇئېنلەي) بېيجىڭدا بايانات ئېلان قىلىپ، يارىدار ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش تەكلىپىگە قارىتا ئاكتىپ پوزىتسىيىسىنى نۇقتىلىق ئىپادىلىشى لازىم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىنى ئاكتىپ ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش، بۇ ئارقىلىق چاۋشيەندە ئۇرۇش توختىتىش ۋە تېنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. 3- بېيجىڭدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان باياناتنى ئېلان قىلىۋاتقان ۋاقىت بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاۋشيەن دېمۇكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى كىم ئىلسۇڭ پيوڭياڭدا سىياسىي بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋەكىلىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان باياناتىنىڭ توغرىلىقىنى چۈشەندۈرۈش ھەمدە تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى لازىم. 4- بىزنىڭ قارىشىمىزچە بۇنداق قىلىشمۇ مۇۋاپىق، يەنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بېيجىڭ ۋە پيوڭياڭ باياناتىنىڭ ئارقىسىدىنلا، سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بېيجىڭ ۋە پيوڭياڭنىڭ مەيدانىنى تامامەن قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. 5- يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆت تۈرلۈك تەدبىرگە ماسلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى نيۇ يوركتىكى ب د ت ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا بارلىق زۆرۈر ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، يۇقىرىدىكى يېڭى سىياسىي يېتەكچى پرىنسىپنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قوللىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.» ئاخىرىدىكى ئىزاھاتتا سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يەنە بىر قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇپ:« كلاركقا بېرىلگەن جاۋابتا يارىدار ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش بارلىق ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش ۋە تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدىكى ئاساسلىق ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ پانمۇنجومدىكى سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. يارىدار ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدە، مۇنداق ئويلىنىشنى چىقىش قىلىش لازىم، يەنى ۋەزىپە پەقەت يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەسىلىلەرنى ئاكتىپ ھەل قىلىشلا بولماستىن، بەلكى يەنە بارلىق ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىنى ئاكتىپ ھەل قىلىشتا، بۇ ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشتىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاشتا.» دېيىلدى. كونكرېت ئۇسۇل جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى، روشەنكى، ب د ت بۇندىن ئىلگىرى ماقۇللىغان ھىندىستاننىڭ تەكلىپ لايىھىسىنى ئويلاشقان ئىدى، بۇ خەتتە جۇڭگو-چاۋشيەن تەرەپلەرگە كۆرسەتمە بېرىلىپ:« سۆھبەتتە بارلىق قەتئىي قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىش، قالغان ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى بىتەرەپ دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بېرىش، بۇ ئارقىلىق قايتۇرۇپ بېرىلىدىغان ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىنى ئادىل ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش تەكلىپىنى بېرىش لازىم.» دېيىلگەن ئىدى. خەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا:« ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە بىز سوۋېت ئىتتىپاقى، جۇڭگو ۋە چاۋشيەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن قوللانماقچى بولغان بارلىق قەدەم باسقۇچلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى ئالدىن كۆرەلمەيمىز، ئەمما، ئەگەر بىز ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلە ھەققىدىكى ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان مىزان جەھەتتە بىز چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلغىنىمىزدەك تامامەن بىردەكلىككە كېلەلىسەك، ئۇنداقتا قالغان مەسىلىلەرنى ئىشلارنىڭ جەريانىدا كېڭىشىپ قارار قىلالايمىز.» دېيىلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماقۇللانغان ب د ت قۇرۇلتىيى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئەۋەتىلىدىغان بۇيرۇقتا تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يول قويۇش مەيدانى ئىپادىلەندى. بۇيرۇقتا ۋىشىنىسكىينىڭ جۇڭگو ۋە چاۋشيەننىڭ پات يېقىندا ئېلان قىلىدىغان چاۋشيەندە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى تەكلىپى ۋە باياناتىنى قەتئىي قوللىشى بۇيرۇلغان ئىدى ھەمدە ۋىشىنىسكىيدىن پولشا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كېڭىشىپ پولشانىڭ تەكلىپ لايىھىسىدىكى چاۋشيەن مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان جايلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلدى: ئەسلى تەكلىپ لايىھىسىدىكى بارلىق ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈۋېتىش، ئۇنىڭ ئورنىغا «دەرھال ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەم پۈتۈن كۈچى بىلەن يارىدار ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا دىققەت-ئېتىبارىنى بېرىش، ھەم پۈتۈن كۈچى بىلەن بارلىق ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا دىققەت-ئېتىبارىنى بېرىش، بۇ ئارقىلىق چاۋشيەن ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان توسالغۇلارنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاش»نى ئالماشتۇرۇش لازىم. قاراردا ماۋزېدۇڭغا بېرىلىدىغان ئالاقىنى جۇئېنلەينىڭ بېيجىڭغا ئېلىپ كېتىشىگە تاپشۇرۇش بەلگىلەندى.[50] كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ خەتتە يەنىلا ئازدۇر-كۆپتۈر ستالىننىڭ چوڭ دۆلەتچىلىك كۆز قارىشىنىڭ بىر قىسىم ساقىندىلىرى بار ئىدى. بىراق، جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدە بۇ خىل بۇيرۇق خاراكتېرىدىكى تەلەپپۇزنىڭ ئىشلىتىلىشى، ئېھتىمال، بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقى بولسا كېرەك، چۈنكى موسكۋا ناھايىتى تېزلا بېيجىڭنىڭ مۇستەقىللىق روھى ۋە بېسىمىنى ھېس قىلدى.
3-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇئېنلەي موسكۋاغا قايتىپ كەلگەن شۇ ئاخشىمى، مالېنكوۋ، بېرىيا، مولوتوۋ، بۇلگانىن، خرۇشېۋ ۋە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى كۇزنېتسوۋ قاتارلىقلار ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىپ، چاۋشيەن مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە ماۋزېدۇڭغا ئەۋەتىلىدىغان خەتنى تاپشۇرۇپ بەردى. جۇئېنلەي جۇڭگو تەرەپنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسىدىكى ئويلىنىشىنى بايان قىلدى، يەنى ئامېرىكىنىڭ يالغۇز بىر تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى مۇددەتسىز توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىدەك يولسىز قىلمىشىدىن پايدىلىنىپ، سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە يەنە بىر مەزگىل ئارقىغا سۆرەش كېرەك. جۇئېنلەي چۈشەندۈرۈپ:« بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھەققانىيلىقتۇر، دۈشمەن قەستەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرىۋاتىدۇ، بىز ھەرگىزمۇ يوق يەردىن پۇتاق چىقارمىدۇق. مۇشۇنداق قىلغاندا، بىزنى چېنىقتۇرغىلى، دۆلەت مۇداپىئە كۈچىمىزنى كۈچەيتكىلى، خەلقئارالىق تىنچلىق ھەرىكىتىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.» دېدى. جۇئېنلەي يەنە ئۇرۇش توختىتىشنى كەينىگە سۆرەپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا ئامېرىكىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى ۋە مەبلىغىنى خوراتقىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ، دۈشمەن ستراتېگىيە جەھەتتە پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇلسا، غەرب لاگېرىدىكى ئىچكى زىددىيەتنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى. بىراق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بولسا ئېنىق كۆرسىتىپ:« ئىلگىرىكى كەينىگە سۆرەش مىزانىنى توختىتىش مىزانىغا ئۆزگەرتىش كېرەك، ئۆزگەرتىلمىسە توغرا بولمايدۇ. چۈنكى كەينىگە سۆرەلسە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو-چاۋشيەن خەلقلىرىگە پايدىسىز؛ توختىتىلسا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو-چاۋشيەن خەلقلىرىگە پايدىلىق. ھازىر بولسا ئۇرۇش توختىتىشنى ھەل قىلىدىغان پايدىلىق پۇرسەت.» دېدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ قارىشىچە، چاۋشيەن ئۇرۇشى داۋاملىق كەينىگە سۆرەلسە، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئامېرىكىنىڭ قوشۇن كېڭەيتىپ ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىشىغا پايدىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كرىزىسىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كېچىكتۈرەتتى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق مەقسىدىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىشىغا قۇلايلىق بولاتتى. جۇئېنلەي ئامېرىكىنىڭ يەنىلا كەينىگە سۆرەش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان-يۈرگۈزمەيۋاتقانلىقىنى سورىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى جاۋاب بېرىپ:« بۇنداق ئېھتىماللىقنى يوق دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىشى، ھوقۇق ئۇنىڭ قولىدا. بىراق ئەگەر بىز تەرەپ ھەرگىز يول قويمىساق، ئامېرىكىنىڭ كەينىگە سۆرەش ئېھتىماللىقىمۇ چوڭ بولىدۇ. ئەگەر بىز تەرەپ مۇشۇنداق يول قويساق، ئامېرىكىنىڭ كەينىگە سۆرەش سىياسىتىگە قىيىنچىلىق كۆپىيىدۇ، ئۇنى مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇرلاش ئېھتىماللىقىمۇ بار. بۇ خىل يول قويۇش، سىياسىي جەھەتتە پايدىلىقتۇر. ئۇرۇش توختىتىش پۇرسىتىگە كەلسەك، كلاركنىڭ بۇ پارچە خېتىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.» دېدى. جۇئېنلەي يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خېتىدە دېيىلگەن «چوقۇم قىلچە كېچىكتۈرمەي بارلىق بىر قاتار ئۇسۇللارنى قوللىنىش»نىڭ ب د ت دا يىغىن ئېچىلغان پۇرسەتنى تۇتۇشنى كۆرسىتىدىغان-كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى جاۋاب بېرىپ:« شۇنداق، ب د ت نىڭ يىغىن مەزگىلىنى كۆرسىتىدۇ، ۋاقىت ئىنتايىن چەكلىك. قايتىپ بېرىپ ئىككى-ئۈچ كۈندىن كېيىن تۆت-بەش كۈن ئىچىدە ھەل قىلىنسا ياخشىراق.» دېدى. جۇئېنلەي ئەڭ ئاخىرىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ:« بۇ خىل يول قويۇش بولسا بىر چوڭ بۇرۇلۇش، بىر يېڭى يېتەكچى پرىنسىپتۇر. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، بىز كىرىچنى چىڭ تارتقان ئىدۇق. يولداش ماۋزېدۇڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىدىمۇ ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن قىلىنىدىغان ھەققانىي ئۇرۇشنى تەكىتلىگەن ئىدى.» دېدى. ئۇ چوقۇم ماۋزېدۇڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىپ، مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن جاۋاب بېرىشتە چىڭ تۇردى.[51]
سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇئېنلەي دەرھال سۆھبەت ئەھۋالىنى ماۋزېدۇڭغا دوكلات قىلدى، تېلېگراممىدا:« سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ تەشەببۇس قىلغان مەركىزىي ئىدىيە بولسا ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىدە مۇرەسسە قىلىشنى ئۆتۈنۈشكە تەييارلىق قىلىش، بۇ ئارقىلىق تېنچلىقتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەش. ھەل قىلىش لايىھىسى بولسا كلاركنىڭ ھۆججىتىدىن پايدىلىنىپ، كىم ئىلسۇڭ، پېڭ دېخۈەيلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ جەنۋە ئەھدىنامىسىنىڭ 109-ماددىسىغا ئاساسەن، ئىككى تەرەپ ئالدى بىلەن ئېغىر يارىدار ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايتىشنى خالىمايدىغانلارنى ۋاقتىنچە بىتەرەپ دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بېرىش ھەمدە پانمۇنجومدىكى سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قوشۇلۇش جاۋابىنى بېرىش. ئاندىن كېيىن جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى تەرەپ دائىرىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىدا قويۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىش، قويۇپ بېرىلگۈچىلەردىن دەرھال قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىش، قالغانلىرىنى بەلگىلەنگەن بىتەرەپ دۆلەتلەرگە (مەسىلەن: ھىندىستان ياكى باشقا دۆلەتلەر، ئەھۋالغا قاراپ ئاندىن بېكىتىلىدۇ) تاپشۇرۇپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ئادىل ھەل قىلىشقا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش. سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئۇنىڭ ئارقىدىنلا قوللاش باياناتى ئېلان قىلىش، ئاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى دەرھال ئوخشاش پائالىيەت ئېلىپ بېرىش.» دېيىلگەن ئىدى.[52] ئىككىنچى كۈنى، ماۋزېدۇڭ دەرھال جاۋاب تېلېگرامما يوللاپ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ تەشەببۇسىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ماۋزېدۇڭ ئارتۇق چۈشەندۈرۈش بەرمەي، پەقەت:« بۇ ئەمەلىيەتتە دەل ئۆتكەن يىلى 9-ئاينىڭ باشلىرىدا بىز يولداش ستالىنغا بەرگەن ئۈچ تۈرلۈك لايىھە ئىچىدىكى بىر لايىھە، كېيىنچە ئامېرىكا پانمۇنجومدا قوپال پوزىتسىيە قوللانغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان ئىدى. ھازىر بۇ لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مۇۋاپىق پۇرسىتى. پەقەت بىز تەرەپنىڭ باياناتىدا ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى كېلىشىم ھاسىل قىلغانلار ۋە كېلىشىم ھاسىل قىلمىغانلار دەپ ئايرىشىمىز، ئۆيگە قايتىشنى خالايدىغانلار ۋە ئۆيگە قايتىشنى خالىمايدىغانلار دەپ ئاتىماسلىقىمىز، بىزنىڭ بۇرۇندىن تارتىپلا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش‹ئۆز رازىلىقى بويىچە قايتۇرۇپ بېرىش› پرىنسىپى بىلەن ئۆز ئارا توقۇنۇشۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىمىز لازىم. كونكرېت قەدەم باسقۇچلىرىنى سىز قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئويلىشىپ بىرتەرەپ قىلايلى.» دېگەن ئىدى.[53]
ئەسلى يوللانغان مەنزىلى:http://torkatip.info/archives/china-soviet-political-consideration-3.html

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 09:17 , Processed in 0.134840 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat