ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1150|ئىنكاس: 0

جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1953-يىلىدىكى سىياسىي ئويلىنىشى(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ ۋاقىتتا جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بولماستىن، بەلكى ئۇرۇشنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭىيىش تەھدىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ئىدى. 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، باش شتاب ئۇرۇش قىلىش باشقارمىسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېڭ دېخۈەيگە بەرگەن دوكلاتىدا:« گەرچە نۆۋەتتە ئامېرىكا سايلام ۋە پەسىل سەۋەبىدىن چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىسىمۇ، بىراق يېڭى رەئىس جۇمھۇر تەختكە چىققاندىن كېيىن، ھەربىي ئىشلار جەھەتتە مەلۇم ھەرىكەت قوللىنىشىمۇ مۇمكىن، ۋاقتى ئالاھەزەل كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ كېيىنكى ئون كۈنىدە توڭ ئېرىگەندىن كېيىن بولىدۇ. » دېيىلگەن ئىدى.  
12-ئاينىڭ 4-كۈنى پىدائىي ئارمىيە مۇۋەققەت قوماندانى دېڭ خۇا ماۋزېدۇڭغا يوللىغان يازمىچە دوكلاتىدا تەھلىل قىلىپ:« جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى تەختكە چىققاندىن كېيىن چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسىتى بەلكىم قاتتىقراق، كەسكىنرەك بولۇشى مۇمكىن، ۋال كوچىسى ئېزىنخوۋېردىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، دالېسنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلىقىغا تەيىنلىنىشى ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرق سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇشقا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىۋاتقان كلارك، ۋان فلىت قاتارلىقلارمۇ ئىلگىرى ئەسكەر كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى ھەمدە يان-ئارقا تەرەپلەردىن قۇرۇقلۇققا چىقىشقا ناھايىتى قىزىققان ئىدى.» دېگەن ئىدى. دوكلاتتا پىدائىي ئارمىيىنىڭ ئەھۋالى تەھلىل قىلىنغاندىن كېيىن گەپنى كېسىپ ئېيتىپ:« پىدائىي ئارمىيە ئاللىقاچان دۈشمەن بىلەن تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشنى قىلالايدىغان بولدى.» دېيىلگەن ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا، ماۋزېدۇڭ يوليورۇق بېرىپ:« دۈشمەننىڭ بەشتىن يەتتىگىچە دىۋىزىيىسىنىڭ خەنچۈەن-يالۈ دەرياسى سېپىدە كەڭ كۆلەمدە قۇرۇقلۇققا چىقىدىغانلىقىنى ھەمدە بىزنىڭ كەينى تەرىپىمىزدە پاراشۇتتىن سەكرەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش لازىم، ۋاقتى ئەتىياز پەسلىگە تەييارلىق قىلىنىۋاتقان بولۇشىمۇ، يەنە بەلكىم ئۇنىڭدىن بۇرۇنراق بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىز ئاكوپ ۋە خەندەكلەرنى ئىنتايىن كۈچەيتىشىمىز، بۇ سەپكە بەش كورپۇس قوشۇننى ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۆتى تەجرىبىلىك كورپۇسلاردىن بولۇشى كېرەك. مۇداپىئە رايونىنى بېكىتىپ، دۈشمەننىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك، قىلچىمۇ سەۋەنلىك سادىر قىلىشقا بولمايدۇ.» دېدى. بۇ ۋاقىتتا، باش شتاب يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى:« ئامېرىكا 1953-يىلى 2-ئايدا چاۋشيەندە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغاپ، پۈتكۈل شىمالىي چاۋشيەننى ئىشغال قىلىپ، يالۈ دەرياسىغا ئۇدۇل بېسىپ كەلمەكچى.» ئۇقتۇرۇشتا يەنە ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى باش شتابىنىڭ شىمالىي چاۋشيەن شەرق-غەرب دېڭىز قىرغىقى خەرىتىسى، ب د ت ئارمىيىسىنىڭ چاۋشيەندىكى يۆتكىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەمدە ۋان فلىتنىڭ ئامېرىكىدىن يەنە تۆت-بەش دىۋىزىيىنى چاۋشيەنگە ئەكىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرسىتىلگەن ئىدى. بۇ ئاخبارات جۇڭگونىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى، ماۋزېدۇڭ 12-ئاينىڭ 9-كۈنى دېڭ خۇاغا تېلېگرامما بۇيرۇقى يوللاپ:« دۈشمەننىڭ خەنچۈەندىن چوڭچونگىچە بولغان لېنىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىشنى قارار قىلغانلىقىنى تەخمىن قىلىش لازىم ھەمدە ئاكتىپ تەييارلىق قىلىش جەريانىدا بىز تەرەپ چوقۇم دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشقا جىددىي تەييارلىنىشى، دۈشمەننىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىش پىلانىنى بىتچىت قىلىشى لازىم.» دېدى. شۇ كۈنى، پېڭ دېخۈەي يىغىن چاقىرىپ، دۈشمەننىڭ يان-ئارقا تەرەپتىن قۇرۇقلۇققا چىقىشىدىن ساقلىنىش ۋە ھەر تۈرلۈك ئۇرۇش تەييارلىقلىرى خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى ھەمدە چاۋشيەن تۆمۈر يولىنى ياساش ۋە ياخشىلاش، دۆلەت ئىچىدە يېڭى ئەسكەرلەرنى سەپەرۋەر قىلىش، شۇنداقلا لياۋدۇڭ، شەندۇڭ ئىككى يېرىم ئارالدا مۇداپىئە كۆرۈش قاتارلىق كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ماۋزېدۇڭغا دوكلات قىلدى. 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ماۋزېدۇڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى تەستىقلاپ:« چىڭ تۇتۇپ تەكشۈرۈپ، ۋەزىپىنى چوقۇم تاماملاش كېرەك.» دەپ يوليورۇق بەردى. باش شتاب دەرھال پىدائىي ئارمىيىگە:« دىققەتنى قاتتىق قوزغاپ، دۈشمەننىڭ ئارقا تەرپىمىزدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئۇرۇشىشىغا تەييارلىق قىلىشنى تېزلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىنى چوقۇم تاماملاش كېرەك ھەمدە خەنچۈەن دەرياسى، چوڭچون دەرياسى، يالۈ دەرياسى بىرىنچى سېپىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.» دەپ تەلەپ قىلدى.[14] جۇڭگو تەرەپ:« بۇ دۈشمەدىن غالىپ كېلىشتىكى مۇھىم ھالقا»، پەقەت «يان-ئارقا تەرەپتىن تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ قۇرۇقلۇققا چىقىش»تا غەلىبە قازانساقلا، ئامېرىكىنىڭ «ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇپ بولىدىغانلىقىدەك ۋەزىيەتمۇ جەزملىشىپ قالىدۇ.» دەپ قارىدى.[15]
بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، جۇڭگو رەھبەرلىرى ئۇرۇشقا قارىتا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەييارلىق قىلدى. جۇئېنلەي بىر قېتىملىق دوكلاتىدا:« چاۋشيەن ئۇرۇش مەيدانىدا، بىز داۋاملىق ئۇرۇشۇپ، بۇ جەڭ سېپىدە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنى قول ئۈزدۈرسەك، بىر يىل بولامدۇ، ئىككى يىل بولامدۇ، داۋاملىشامدۇ، ئىشقىلىپ ھامان بىر كۈنى ئۇنى بولدى قىلدۇرىمىز.» دېدى. يەنە ھۆۈمەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ يىغىنىدا:« ھازىر گەرچە بىز دۈشمەنلەرنى توسۇپ قالالىغان ھەمدە دۈشمەنلەرنى ناھايىتى كۆپ ئۆلتۈرۈپ يارىلاندۇرغان بولساقمۇ، بىراق تېخى ئۇنى ئۇرۇش توختاتمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە ئەكىلەلمىدۇق. ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىكى سەۋەپمۇ دەل مۇشۇ. شۇڭلاشقا، كېلەر يىللىق ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى، ‹بىر تەرەپتىن ئۇرۇشۇپ، بىر تەرەپتىن مۇستەھكەملەش، بىر تەرەپتىن قۇرۇش› يېتەكچى پرىنسىپى داۋاملىق ئىجرا قىلىنىشى، تاكى ئۇ بولدى قىلماسلىققا ئامالسىز قالغۇچە ئۇرۇشۇش لازىم.» دېدى. پېڭ دېخۈەيمۇ قىسىملارغا:« چاۋشيەن ئۇرۇشى كېلەر يىلى تېخىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىن، بىزنىڭ يېتەكچى پرىنسىپىمىز بىر تەرەپتىن ئۇرۇش قىلىپ، بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش قىلىش.» دەپ جاكارلىدى. [16] ب د ت ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنقى سەپ قوشۇنلىرىنىڭ زور مىقداردا كۆپىيىشى ئالدىدا،[17] جۇڭگونىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە قىزىقىشى قالمىدى، سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنى قىسقارتىپلا قالماستىن، يەنە ھىندىستان بىلەنمۇ قايتا ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئۇچرىشىشنى پىلانلىمىدى.[18] 1953-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، پىدائىي ئارمىيىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ تەڭشىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان ئىدى، بۇ قوشۇن يۆتكەشتىن باشقا، يەنە دۆلەت ئىچىدە يېڭى ئەسكەر قوبۇللاش، چاۋشيەن ئۇرۇش مەيدانىغا 25 تۈمەن ئەسكەر كۆپەيتىش، چاۋشيەن شەقىي ۋە غەربىي دېڭىز قىرغىقىغا ئىچكىرىلەپ سەپلەنگەن يېڭى ئىستىھكاملارنى قۇرۇش ھەمدە يېڭى تۆمۈريول لېنىيسى ياساش ۋە ھازىر بار بولغان تۆمۈريول لېنىيىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش، يېڭى تاشيوللارنى ياساش ھەمدە ھازىر بار بولغان تاشيوللارنى كېڭەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ماۋزېدۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن 1953-يىلى چاۋشيەن ئۇرۇش مەيدانىدىكى بارلىق ھەربىي ئېھتىياجلىق بويۇملار ۋە ھەربىي سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.[19]
ستالىنغا شۇ ئايدىڭ ئىدىكى، خۇددى ماۋزېدۇڭ ۋە جۇئېنلەي كۆپ قېتىم تەكىتلىگەندەك، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن، دۇنيا ئىنقىلابى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتاتتى.[20] شۇڭا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ تەلىپىنى قانائەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى. ستالىننىڭ ۋەزىيەتكە بولغان مۆلچەرى بىلەن جۇڭگونىڭكىدە پەرق بار ئىدى، ئۇ 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى جاۋاب تېلېگراممىسىدا:« 1953-يىلى ئەتىيازدا ئامېرىكا ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىن دېگەن كۆز قاراشتا ئەكس ئەتكىنى ترۇمېن ھۆكۈمىتىدىكى ھەربىيلەرنىڭ پىلانى، ھالبۇكى، ئېزىنخوۋېرنىڭ تەختكە چىقىشى بۇ پىلانلارنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن.» دېدى. گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا ماۋزېدۇڭنىڭ ئەڭ يامان تەييارلىقنى قىلىش لازىملىقىنى قوللىدى. 1953-يىلى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە 624 دانە ھەرخىل تىپتىكى زەمبىرەك ۋە 2 مىليون 355 مىڭ پاي ھەرخىل تىپتىكى زەمبىرەك ئوقىنى تەمىنلەش تەلىپىگە قارىتا، ستالىن بۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ دېدى. چۈنكى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگوغا تەمىنلەشكە تېگىشلىپ بولغىنى 20 دىۋىزىيىگە يەتكۈدەك قورال-ياراق ۋە ئوق-دورا ئىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە 1320 دانە زەمبىرەك ۋە 800 مىڭ پاي زەمبىرەك ئوقى بار ئىدى. بىراق، جۇڭگو ئېيتقان ئەھۋاللارنى ئويلىشىپ، ستالىن 1953-يىلى يەنە 332 دانە زەمبىرەك ۋە 600 مىڭ پاي زەمبىرەك ئوقىنى كۆپەيتىپ تەمىنلەشكە قوشۇلدى، ماۋزېدۇڭ 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى تېلېگراممىدا مۇشۇ مىقداردا تەمىنلەشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بىراق چوقۇم 1-ئايدىن 4-ئايغىچە تەمىنلەشنى، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى ئېيتقاندەك يىل ئىچىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەمىنلىمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ستالىن جاۋاب تېلگرامما يوللاپ بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى، ئەمما پەقەت 20 دىۋىزىيىگە يەتكۈدەكلا قورال-ياراقلارنى تەمىنلەشنى كېچىكتۈرۈپ 5-ئايدىن باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.[21] شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماۋزېدۇڭ يەنە دوكلات قىلىپ، جۇڭگونىڭ دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ چاۋشيەندە ئۇرۇش قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە 2-ئايدا دەررۇ 18 دانە تورپېدالىق كاتېر، 60 دانە قىرغاق زەمبىرىكى، 103 دانە ئۇچقۇ تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى. ستالىن جاۋاب تېلېگرامما يوللاپ جۇڭگونىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىش قارارىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە بەلگىلىك دەرىجىدە ماۋزېدۇڭنىڭ تەلىپىنى قانائەتلەندۈردى (18 دانە تورپېدالىق كاتېر، 34 دانە قىرغاق زەمبىرىكى، 83 دانە ئۇچقۇ) ھەمدە ئۈچ نەپەر دېڭىز ئارمىيىسى ئاۋىئاتسىيە قىسىم مەسلىھەتچىسىنى تولۇقلاپ ئەۋەتىشكە قوشۇلدى.[22] سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئويلىشىپ، ستالىننىڭ مۇشۇنداق ئېرىنمەستىن جۇڭگونىڭ تەلىپىنى قانائەتلەندۈرۈشىنى يەنىلا قۇربىنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقاردى دەپ ھېسابلاشقا بولاتتى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرگەندە يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئاساسىي مەنپەئەت ۋە يېتەكچى پرىنسىپىنىڭ بىردەكلىكىدە ئىدى. ستالىنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ پايدىلىق ۋەزىيەت بولسا ھەم ئۇرۇشمىغان ھەم ياراشمىغان، ھەم ئۇرۇشنى كېڭەيتمىگەن ـــ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ توقۇنۇشقا ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەم ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغان ـــ ئامېرىكىنى ئۇزۇن مۇددەت چاۋشيەن ئۇرۇش مەيدانىدا سۆرەپ تۇرۇش ئۈچۈن ھالەت ئىدى.
روشەنكى، ئۇرۇش قىلىش بىلەن يارىشىشتىن ئىبارەت ئىككى قوللۇق تەييارلىقتا، ماۋزېدۇڭنىڭ ستراتېگىيسى بولسا پەقەت شارائىت پايدىلىق بولسىلا ئۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، تاكى قارشى تەرەپ يول قويغۇچە توختاتماسلىق ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەل ۋاقتىدا تەمىنلىگەن چوڭ كۆلەمدىكى ياردىمى، جۇڭگونىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. 1953-يىلىنىڭ بېشىدا، جۇڭگونىڭ چاۋشيەندە ئۇرۇش مەيدانىدىكى ھەربىي ئىشلار ئەمەلىي كۈچى مەيلى ئەسكىرىي كۈچ، قورال-ياراغ، مەشقلەندۈرۈش، ئىستىھكام ۋە قاتناشتا بولسۇن، ۋە مەيلى ئوق-دورا ۋە ئاشلىق زاپىسىدا بولسۇن، ھەممىسىدە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئىدى.[23] چاۋشيەن رەھبەرلىرى ئۇرۇش توختىتىش لازىملىقىنى بارغانسېرى ھېس قىلغان ۋاقىتتا، جۇڭگو پىدائىي ئارمىيىسى قىسىملىرى، ئەكسىچە، «ئىرادىسى كۈچلۈك، ئىشەنچى تولۇق، كەيپىياتى ئۈستۈن» ئىدى، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان «ھالقىلىق جەڭ»نى ياخشى قىلىشقا تەييارلانغان ئىدى.[24] دەل مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ داۋراڭ سالغان «جياڭ جيېشىنى قەپەزدىن قويۇۋېتىش»، جۇڭگونى قامال قىلىش قاتارلىق تەھدىت خاراكتېرلىق سىياسىتىگە قارىتا، ماۋزېدۇڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى جاراڭلىق ئاۋازدا جاۋاب بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييارلانغانلىقىنى، تاكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكى بولدى قىلىشنى خالىغان چاغقىچە، تاكى جۇڭگو-چاۋشيەن خەلقلىرى پۈتۈنلەي غەلىبە قىلغان چاغقىچە سوقۇشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.[25]
تېنچلىق سۆھبىتى مەسىلىسىگە قارىتا، ماۋزېدۇڭ ۋە جۇئېنلەي چياۋ گۈەنخۇا قاتارلىقلار 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن چىقارغان يەكۈنىنى قوللىدى:« ھەرىكەت قىلغاندىن كۆرە جىم تۇرۇۋالغان ياخشى، ھازىرقى ھالەتنى سوزۇپ، تاكى ئامېرىكا مۇرەسسە قىلىشنى خالىغۇچە ۋە ئۇ ھەرىكەت قوللانغۇچە سوزۇش كېرەك»، ماۋزېدۇڭ يەنە ئامېرىكىلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئوتتۇرىغا چىقىشقا قايتا ئىزدەپ بېرىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىدى.[26] 2-ئاينىڭ 22-كۈنى كلاركنىڭ ئاۋال يارىلانغان ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى تەكلىپ قىلىپ ئەۋەتكەن ئالاقىسىغا قارىتا، پىدائىي ئارمىيىنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى دىڭ گويۈ جاۋاب بېرىش-بەرمەسلىك توغرىسىدا يوليورۇق سورىدى. ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ يول قويۇشنى مەقسەدلىك ئىپادىلەش ياكى پات يېقىندا ئېچىلىدىغان ب د ت قۇرۇلتىيى ئۈچۈن قوللانغان سىياسىي نەيرەڭ ئىكەنلىكىگە دەماللىققا ھۆكۈم قىلغىلى بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇرۇش مەيدانى ۋەزىيىتى جۇڭگو-چاۋشيەنگە پايدىلىق بولغانلىقى، ئامېرىكىنى ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىدە بوشاشقا مەجبۇرلاش ئېھتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن، ماۋزېدۇڭ بىر مەزگىل كۆزىتىپ بېقىپ ئاندىن بىر نېمە دېيىشنى قارار قىلدى.[27]
ھالبۇكى، دەل مۇشۇ جۇڭگو تەرەپ ئاكتىپلىق بىلەن ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان،[28] ئامېرىكىنى يول قويۇشقا مەجبۇرلاۋاتقان ۋاقىتتا، ستالىن ئالەمدىن ئۆتتى، موسكۋا شۇئان چاۋشيەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتتى.
موسكۋا ئاكتىپلىق بىلەن يول قويۇشنى قارار قىلدى
1952-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ستالىن ئامېرىكا مۇخبىرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەت بايان قىلغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى، باشلىق دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى، «چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چاۋشيەن ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان»لىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.[29] ئەگەر مۇشۇ بويىچە ستالىننىڭ چاۋشيەن ئۇرۇشىنى توختىتىشنى ئاكتىپلىق بىلەن تېزلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇددىئاسى بارلىقىغا ھۆكۈم قىلىنسا، ئۇنداقتا بىرقىسىم بىرتەرەپلىمىكلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇنداق دېيىش لازىمكى، بۇ پەقەت موسكۋانىڭ ئۇرۇشنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغان بىر تەرىپىنىلا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، ئەكسىچە، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، ستالىن يەنىلا ئاكتىپلىق بىلەن ماۋزېدۇڭنىڭ قاتتىق قول مەيداندا چىڭ تۇرۇشىنى قوللايتتى.
ستالىن ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھەرىكەت قوللىنىشىدىن ئەنسىرىمەيتتى، بۇ چاغدا ئۇ ئىگە بولغان ئاخبارات تەھلىلى بولسا:« ئامېرىكا ھەربىي رەھبەرلىرى چاۋشيەندە ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي مۇتلەق ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىسا، ئۇنداقتا بومباردىمان قىلىشنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇندىن باشقا، بۇنداق قىلغاندا ئامېرىكا دۆۋىلەپ قويغان يادرو قوراللىرىنىڭ تەھدىت كۈچى سۈپىتىدىكى مۇھىملىقى يوقىلىدۇ.»[30] ئامېرىكا مۇخبىرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەت ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ستالىن 1953-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ھىدىستان باش ئەلچىسى كرىشنان مىنوننى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ھىندىستاننىڭ چاۋشيەندە ئېلىپ بارغان ئۇرۇش توختىتىشنى كېلىشتۈرۈش تىرىشچانلىقىغا قىزىقمايدىغانلىقى ئېنىق بىلدۈردى، مىنۇن يەنە بىر خىل شۇملۇقنىڭ بىشارىتىنى ھېس قىلدى: ئۇ ستالىننىڭ بىر ۋاراق قەغەزگە بىر توپ بۆرىنىڭ رەسىمىنى قالايمىقان سىزغانلىقىنى كۆردى ھەمدە توختىماي:« دېھقانلار بۇ بۆرىلەرنى ئۆلتۈرۈشى لازىم.» دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.[31] 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، ستالىن يەنە مالېنكوۋ، بېرىيا، خرۇشېۋ ۋە بۇلگانىنلارنى ئۆزىنىڭ داچىسىغا يىغدى. بۇلگانىن چاۋشيەننىڭ ھەربىي ئىشلار ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ستالىن يەنە بىر قېتىم چاۋشيەن مەسىلىسىنىڭ يارىشىشقا مەجبۇرلاش ۋەزىيىتدە تۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشەندى، ئىككىنچى كۈنى مولوتوۋنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چاۋشيەنلىكلەرگە مۇنداق تەكلىپ بېرىشىنى قارار قىلدى: گەرچە ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتىنى توختىتىشقا قوشۇلۇشقا توغرا كەلسىمۇ، بىراق سۆھبەتتە «ئاخىرغىچە تالىشىش» كېرەك.[32] ئارقىدىنلا، ۋىشىنىسكىي ب د ت قۇرۇلتىيى سىياسىي كومىتېتىنىڭ 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، كلاركنىڭ تەكلىپىگە جاۋاب بەرمىدى، ئەكسىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يەنىلا 1952-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى تەكلىپ لايىھىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، يەنى چاۋشيەندە ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپ دەرھال تامامەن ئۇرۇش توختىتىشى، ب د ت قۇرۇلتىيى بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ھەرقايسى تەرەپلەر ھەمدە باشقا دۆلەتلەر قاتناشقان چاۋشيەن مەسىلىسىنى تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىدىغان بىر كومىتېت قۇرۇشى ھەمدە كومىتېتنىڭ دەرھال چاۋشيەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشىغا تاپشۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ بارلىق ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قويۇپ بېرىشىگە ئامالنىڭ بېرىچە ياردەملىشىدىغان تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم.[33] كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ستالىننىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدىمۇ چاۋشيەن مەسىلىسى ئۈستىدىكى ئاساسىي كۆز قارىشى ۋە مەيدانىنى ئۆزگەرتىش مۇددىئاسى يوق ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ستالىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ بىر ئۆزگىرىشنىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز بولۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئىدى. ستالىننىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنى بىر خىل ئىنتايىن جىددىي ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى، بۇ پەقەت خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش جەھەتتە ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، يەنە ستالىننىڭ ئەتراپىدىمۇ يۈز بەردى، ھەتتا مولوتوۋ ۋە بېرىيادەك مۇشۇنداق ئۇزۇن مۇددەت ستالىننىڭ ئەتراپىدا ئەگىشىپ يۈرگەن يادرولۇق شەخسلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە ھاياتىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.[34] شۇڭلاشقا، بىر خىل ئەنسىزلىك ۋە نارازىلىق كەيپىياتى ئاللىقاچان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھوقۇق مەركىزىدە پىشىپ ۋايىغا يېتىلگەن ئىدى. كىشىلەر ئەركىن نەپەس ئالىدىغان ئاشۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتاتتى. 1953-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ستالىن يەنە بىر قېتىم شامالدارىپ قالدى، كرېملىن سارىيىدىكى ھوقۇق تۇتقۇچىلار ئۇنىڭ قايتا ئەسلىگە كېلەلمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۇرگەن [35] ۋاقىتتا، 3-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە بىر قېتىملىق سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار يىغىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئەڭ ئالىي سوۋېتى رەئىسلەر ئۆمىكى ئالاقە يىغىنى جىددىي چاقىرىلدى. يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولسا سوۋېت كومپارتىيىسى ۋە دۆلەتنىڭ يېڭى رەھبەرلىك كوللىكتىپىنى بېكىتىش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتىنى تەڭشەش ھەمدە بىر قىسىم مۇھىم تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئىدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قاراردا يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلەر ئىسىملىكىدە، ستالىننىڭ يەنىلا سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي رەئىسلەر ئۆمىكىدىكى ئەزالىق ۋەزىپىسى ساقلاپ قېلىنغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان ئىدى، بىراق باشقا ۋەزىپىلىرىنىڭ ھەممىسى ئېلىپ تاشلانغان ئىدى.[36] ستالىن سەكراتقا چۈشۈپ قالغان مەزگىلدە بۇ قارارنىڭ چىقىرىلىشىنى ستالىننىڭ ئىزباسارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش دېگەندىن كۆرە، موسكۋانىڭ «يېڭى يېتەكچى پرىنسىپ»قا بۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى يولغا قويۇشىنىڭ ئالامىتى دېگەن ياخشىراق ئىدى. مەيلى نېمە مەقسەدنى چىقىش قىلغان بولسۇن، سوۋېت ئىتتىپاقى يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئاكتىپلىق بىلەن، ھەتتا بەس-بەستە بىر مەيدان ئىچكى-تاشقى سياسىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى. خۇددى بېرىيا ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى دائىرىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندەك،[37] دۆلەت ئىچى سىياسىتىدىكى يېزا ئىگىلىك مەسىلىسى، ئۇكرائىنا مىللىي مەسىلىسى ھەمدە تاشقى سىياسىتىدىكى شەرقىي ياۋروپا ۋە گېرمانىيە مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىش، تۈركىيە، گرېتسىيە، ئىسرائىلىيە، يۇگوسلاۋىيە، فىنلاندىيە ۋە ئاۋسترىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق بىر قاتار جەھەتلەردە يېڭى يېتەكچى پرىنسىپ ئاستا-ئاستا جانلىنىشقا باشلىدى. تەبىئىيكى، بۇ بارلىق ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە، ئەڭ ئاۋال كەلگۈلۈك كەلگىنى ۋە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغىنى چاۋشيەن ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولغان مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىدى.

ئەسلى مەنبەسى:http://torkatip.info/archives/china-soviet-political-consideration-2.html
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 09:16 , Processed in 0.126274 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat