ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1784|ئىنكاس: 2

جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1953-يىلىدىكى سىياسىي ئويلىنىشى(1)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1953-يىلىدىكى چاۋشيەندە ئۇرۇش توختىتىشقا بولغان سىياسىي ئويلىنىشى
ئاپتورى: شېنجىخۇا
تەرجىمان: ئادىلجان ئابدۇرېھىم


1953-يىلى مەيلى شەرققە بولسۇن، ۋە مەيلى غەرپكە بولسۇن، ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل ئىدى، بۇ پەقەت ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئاقسارايدىن ئايرىلغىلى 16 يىل بولغاندىن كېيىن ئېزىنخوۋېرنىڭ قايتىدىن رەئىس جۇمھۇرلۇق تەختىگە ئولتۇرغانلىقىدىن، ئەڭ داڭلىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن كرېملىن سارىيى بىر تۈركۈم يېڭى خوجايىنلىرىنى كۈتۈۋالغانلىقىدىنلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆزگە چېلىقىدىغىنى شەرق بىلەن غەرپنىڭ قاتتىق توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشۇ بىر مەيدان ئۇرۇش ـــ چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىدىن ئىدى.
تارىخ تەتقىقاتىدا، چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ ئاياقلىشىشى ئۇنىڭ باشلىنىشىغا ئوخشاشلا تارىخچىلارغا كىشىنى گۇمانلاندۇرىدىغان نۇرغۇن سىرلارنى قالدۇرۇپ قويدى. 80-يىللاردا ئاز بولمىغان غەرب ئالىملىرى ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىشنىڭ ئىمكانىيىتى بار دەپ قارىدى، بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب، گەرچە تالاش-تارتىش كۆپ بولسىمۇ، ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو دىپلوماتىيىسى ياكى يادرو تەھدىتىدە تەسىر پەيدا قىلغانلىقىدا ئىدى.[1] 90-يىللارغا كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخىپ ھۆججەتلىرىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنىڭ قاتمال ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاشتىكى رولى دىققەتكە سازاۋەر بولۇشقا باشلىدى. بىراق كىشىلەر بەزى مەسىلىلەرنى يەنىلا ئايدىڭلاشتۇرۇۋالالمىدى، مەسىلەن: زادى موسكۋا بېيجىڭنى بۇ بىر مەيدان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلىدىمۇ ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى ماۋزېدۇڭنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىنىڭ رايىغا باقتىمۇ؟[2] بۇ ماقالىدە ئەڭ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ئاشكارىلانغان جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن، 1953-يىلى چاۋشيەندە ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي ئويلىنىشى ھەمدە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئىختىلاپلارنى شەرھىيلەپ چۈشەندۈرۈش مەقسەد قىلىنىدۇ.
جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن ئاخىرغىچە تىركىشىشكە بەل باغلىدى
1952-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، چاۋشيەن ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئىككى تەرەپ ئاساسەن كۈچ جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پانمۇنجومدىكى ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى قاتمال ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالدى، مەسىلە ئاخىرى ماۋزېدۇڭ ئەڭ ئاسان ھەل بولىدۇ دەپ قارىغان ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىگە مەركەزلىشىپ قالدى.[3] بۇ چاغدا، ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا تىركىشىدىغان دۇنياۋىي ستراتېگىيىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ماۋزېدۇڭنىڭ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، تىنچلىق سۆھبىتى مەسىلىسىدە بولسا قەتئىي يول قويماسلىقنى قوللىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تاكى ستالىن ئالەمدىن ئۆتكىچە جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسىدىكى ئاساسىي ستراتېگىيىسى بىردەك ئىدى.
1952-يىلى 2-ئايدا پانمۇنجوم سۆھبىتى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىنكى 90 كۈن ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي يىغىنىنى چاقىرىپ چاۋشيەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلغاندا، كىم ئىلسۇڭ سۆھبەتنى تېزراق ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رازۇۋېۋ موسكۋاغا دوكلات قىلىپ:« كىم ئىلسۇڭ نام ئىل بىلەن سۆھبەتنىڭ خالتا كوچىغا كىرىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى مۇزاكىرە قىلغاندا مۇنداق بىر خىل كۆز قارىشىنى بىلدۈردى: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاشقا تەكلىپ بېرىپ، بارلىق ھەل بولمىغان مەسىلىلەرنى سىياسىي يىغىننىڭ تەتقىق قىلىشىغا تاپشۇرۇش لازىم. كىم ئىلسۇڭنىڭ قارىشىچە، سۆھبەتنى ئارقىغا سوزۇش پايدىسىز، چۈنكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى داۋاملىق چاۋشيەن دېمۇكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئىنتايىن ئېغىر چىقىم پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئۇ داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسى تالاش-تارتىشىنىڭ ئەقىلگە قانداق مۇۋاپىقلىقىنى كۆرەلمىدى، چۈنكى بۇ تالاش-تارتىشلار تېخىمۇ زور زىياننى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.» دېگەن ئىدى. كىم ئىلسۇڭ يەنە جۇڭگو پىدائىي ئارمىيىسىنىڭ كۆپ سانلىق ئۇرۇش ئەسىرلىرىنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى جياڭ جيېشىنىڭ قوشۇنىدىكى ئادەملەر، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچىلىك ئەمەس، شۇڭا «ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتى يوق» دەپ قارىدى. «كىم ئىلسۇڭ نام ئىلغا جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەققىدە يوليورۇق بەردى ھەمدە لى كېنۇڭنىڭ نامىدا ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىدە يول قويۇش تەكلىپىنى بەردى.»[4] كىم ئىلسۇڭ يەنە ماۋزېدۇڭغا بىۋاسىتە «داۋاملىق ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىق»ى توغرىسىدىكى پىكىرىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.[5] بىراق جۇڭگو رەھبەرلىرى «زور تۈركۈمدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى تەمىنلەشنىڭ چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئازىيىشى ياكى ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدى»، مەسىلە ئالدىراش-تېنەش ھەل قىلىنسا، «ئەكسىچە، پەقەت جۇڭگو-چاۋشيەن تەرەپلىرىنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لى كېنۇڭنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خەلقئارالىق جامائەت پىكىرىنىڭ كۈچى سەپەرۋەر قىلىنمىسا، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىنمىسا، ئۇنداقتا ئامېرىكىقلار ھەرگىز يول قويمايدۇ. يولداش ماۋزېدۇڭمۇ سۆھبەت ئىستىقبالىغا مۇشۇنداق باھا بەرگەن ئىدى، ماۋزېدۇڭ لى كېنۇڭغا مۇنداق يوليورۇق چۈشۈردى: پەقەت قىلچە بوشاشماي، مەۋقەدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغاندىلا، سىلەر ئاندىن تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرەلەيسىلەر ھەمدە دۈشمەننى يول قويۇشقا مەجبۇرلىيالايسىلەر. سۆھبەتتە بۇ بىر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سىلەر دۈشمەن بىلەن يەنە نەچچە ئايلىق كۈچ سىنىشىش تەييارلىقىنى قىلىشىڭلار لازىم.»[6]
چاۋشيەن رەھبەرلىرى ئەسلىدە 5-ئايدىن كېچىكتۈرمەي ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى ئۈمىد قىلاتتى ھەمدە مۇشۇ بويىچە 1952-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي خىزمەتلىرىنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. بىراق ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش پەيدا بولغانلىقى سەۋەپلىك كەينىگە سوزۇلۇپ كەتتى، «بۇ چاۋشيەن رەھبەرلىرىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى. كىم ئىلسۇڭ جۇڭگولۇق يولداشلارغا ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىدە يول قويۇش ھەمدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالاشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ بەردى.»[7] ماۋزېدۇڭ جاۋاب تېلېگراممىسىدا كۈچىنىڭ بېرىچە كىم ئىلسۇڭغا چۈشەندۈرۈپ، دۈشمەننىڭ كەڭ كۆلەمدە قالايمىقان بومباردىمان قىلىۋاتقان ھەربىي ئىشلار بېسىمى ئالدىدا ئۇنىڭ ئىغۋاگەرچلىك ۋە ئالدامچىلىق خاراكتېردىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش، جۇڭگو-چاۋشيەن تەرەپلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىنتايىن پايدىسىز. ئۇرۇش داۋاملاشسا، ئەلۋەتتە، چاۋشيەن خەلقى ۋە پىدائىي ئارمىيىگە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا زىيان ئېلىپ كېلىدىغان بولسىمۇ، بىراق جۇڭگو-چاۋشيەن خەلقلىرى «ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى تېنچلىقنى سۆيىدىغان خەلقلەرنى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشقا رىغبەتلەندۇرىۋاتىدۇ ھەمدە پۈتۈن دۇنيانىڭ تېنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ.» ئۇرۇش ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى شەرققە جەلپ قىلدى ھەمدە ئۈزۈلدۈرمەي زىيانغا ئۇچرىتىۋاتىدۇ، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە دۇنيا مىللىي ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈردى، «بۇ يېڭى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىنى كېچىكتۈرۈشتىن دېرەك بېرىدۇ.» ماۋزېدۇڭ جۇڭگونىڭ «پۈتۈن كۈچى بىلەن چاۋشيەن خەلقىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان»لىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كىم ئىلسۇڭغا:« ئەگەر بىزنىڭ سىزنىڭ مەسىلىڭىزنى ھەل قىلىشقا قۇربىمىز يەتمىسە، ئۇنداقتا بىز سىز بىلەن بىللە بېرىپ فىلىپپوۋتىن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشنى سورايمىز.» دېدى. ماۋزېدۇڭ يەنە جۇڭگونىڭ بۇ بىر تەكلىپى ۋە يېتەكچى پرىنسىپىنى «يولداش فىلىپپوۋقا ئېيتىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ پىكىرىنى ئالىدىغانلىقى»نى ئېيتتى. كىم ئىلسۇڭ گەرچە جۇڭگونىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى باش ئەلچىسى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە يەنىلا چىڭ تۇرۇپ:« بىز چوقۇم قەتئىي پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالاش، ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە جەنۋە ئەھدىنامىسى بويىچە بارلىق ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم. بۇ تەلەپلەر بارلىق تېنچلىقنى سۆيىدىغان خەلقلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ ھەمدە بىزنى پاسسىپ ۋەزىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقالايدۇ.» دېدى.[8]
ئەمەلىيەتتە، كىم ئىلسۇڭنىڭ «ھەممىنى قايتۇرۇپ بېرىش» پرىنسىپىدىن ۋاز كېچىشنى تەشەببۇس قىلىشىدا، تا بۈگۈنگىچە كىشىلەر تېخى بىلمەيدىغان بىر ئارقا كۆرۈنۈش بار، يەنى ئۇ يەنە جەنۇبىي چاۋشيەن ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى تۇتۇپ قېلىشنىمۇ تەشەببۇس قىلغان. كېيىنچە، سوۋېت ئىتتىپاقى باش ئەلچىسى سۇزدالېۋنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، «چاۋشيەنلىك يولداشلارنىڭ قارىشىچە، زور تۈركۈمدىكى جەنۇبىي چاۋشيەن ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، ئۇلارنى شىمالىي چاۋشيەندە ھەرخىل ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە سېلىش بىرقەدەر ياخشىراق، ئۇلار تەلەپ قىلغان ئۆز يۇرتىغا قايتىش ئارزۇسى ئويلىشىلمىسىمۇ بولىدۇ.» شۇڭلاشقا، شىمالىي چاۋشيەن ئى سۇڭمەن قوشۇنىنىڭ 13094 نەپەر ئۇرۇش ئەسىرىنى تۇتۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئىچىدە 6430 نەپىرى چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىدى، قالغان ئادەملەر بولسا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە تۆمۈريول مىنىستىرلىكىدە ھەرخىل خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇندىن باشقا، يەنە جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ خەلق ئارمىيىسىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىنغان 42262 نەپەر ئادىمىنى تۇتۇپ قالدى.[9]
قارىغاندا مەسىلىنى پەقەت موسكۋادىلا ھەل قىلغىلى بولاتتى. 1952-يىلى 8-ئايدا جۇئېنلەي سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولدى ھەمدە ستالىن بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشتى. يېرىم يولدا ئۈلگۈرۈپ كەلگەن كىم ئىلسۇڭ، پاك خونيوڭ ۋە پېڭ دېخۈەيلەر كېيىنكى مەزگىللىك سۆھبەتلەرگە قاتناشتى. جۇڭگو ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغاندىن باشقا، سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ يېتەكچى پرىنسىپىنى بەلگىلەش بولدى. جۇئېنلەي ئۇرۇش مەيدانىدىكى جۇڭگو-چاۋشيەن كۈچلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، بىرىنچىدىن، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگىلى بولىدۇ،ئىككىنچىدىن، ھازىر بار بولغان پوزىتسىيىلەرنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، ئۈچىنچىدىن، يەنە تېخى ھۇجۇم قوزغىغىلىمۇ بولىدۇ. ئومۇمەن، «ھازىر بىزنىڭ يېتەرلىك ئىشەنچىمىز بار، تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇرۇش قىلالايمىز ھەمدە مۇستەھكەم ئاكوپ-ئىستىھكاملارنى قۇرغانلىقىمىز سەۋەپلىك، بومباردىمانغىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيمىز.» دەپ قارىدى. ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىدە، ستالىن ئالدى بىلەن:« ئامېرىكىلىقلار ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى بويىچە ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى، بىراق خەلقئارالىق قانۇنغا ئاساسلانغاندا، ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر جىنايەتچىلەردىن باشقا بارلىق ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم.» دەپ كۆرسەتتى. ستالىن ماۋزېدۇڭنىڭ ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىنى قانداق ئويلاشقانلىقىنى: يول قويىدىغان ياكى ئۆز تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى سورىدى. جۇئېنلەي بۇ مەسىلىدىكى جۇڭگو-چاۋشيەن ئوتتۇرىسىدا ساقلانغان ئىختىلاپلارنى قىسقىچە چۈشەندۈردى ھەم ماۋزېدۇڭنىڭ «چوقۇم بارلىق ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش»تەك كۆز قارىشىنى بايان قىلدى. جۇئېنلەي:« چاۋشيەنلىكلەر داۋاملىق ئۇرۇشسا پايدىسىز، چۈنكى ھەر كۈندىكى چىقىم قايتۇرۇپ بېرىشتە تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ئۇرۇش ئەسىرلىرى ئادەم سانىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بىراق ئۇرۇش توختىتىلسا ئامېرىكىغا پايدىسىز دەپ قارايدۇ. ماۋزېدۇڭنىڭ قارىشىچە، ئۇرۇش داۋاملاشسا بىزگە پايدىلىق، چۈنكى بۇ ئامېرىكىنىڭ 3-دۇنيا ئۇرۇشىغا بولغان تەييارلىقىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ.» دېدى. ستالىن دەرھال مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھالدا:« ماۋزېدۇڭنىڭ توغرا. بۇ مەيدان ئۇرۇش ئامېرىكىنى ماغدۇرىدىن كەتكۈزىۋەتتى. شىمالىي چاۋشيەنلىكلەر ئۇرۇشتا قۇربان بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق نەرسىنى ئۇتتۇرۇۋەتكىنى يوق. بولۇپمۇ، ئامېرىكا بىزنىڭ ئارمىيىمىزنىڭ يەنىلا جۇڭگودا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ مەيدان ئۇرۇشنىڭ ئۇلارغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى، ئۇنى چوقۇم ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى. چوقۇم كۈچلۈك ئىرادە بولۇشى، چوقۇم سەۋرچان بولۇش لازىم.» دېدى. ستالىن يەنە جۇئېنلەيگە، ئۇنىڭ قارىشىچە، ماۋزېدۇڭ كۆڭلىگە پۈككەن بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ:« ئامېرىكىغا قارىتا چوقۇم قاتتىق قول بولۇش لازىم. جۇڭگولۇق يولداشلار چوقۇم ئەگەر ئامېرىكا بۇ مەيدان ئۇرۇشتا ئۇتتۇرمىسا، ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ مەڭگۈ تەيۋەننى قايتۇرۇۋالالمايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشى كېرەك.» دېدى. ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلىغا قارىتا، جۇئېنلەي:« ئەگەر ئامېرىكا ئازراق يول قويسا، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى لايىھىلەرنىڭ بىرى بويىچە داۋاملىق سۆھبەتلىشىشكە بولىدۇ، بىرىنچى، ئامېرىكا يەنىلا بىرقىسىم ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قويۇپ بېرىشتە چىڭ تۇرۇۋالغان ئەھۋال ئاستىدا، ئوخشاش نىسبەتتىكى ئامېرىكا-كورىيە ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى تۇتۇپ قېلىشنى جاكارلاش؛ ئىككىنچى، ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىنى بىتەرەپ دۆلەت (مەسىلەن، ھىندىستان)نىڭ ياراشتۇرۇشىغا تاپشۇرۇش؛ ئۈچىنچى، ئاۋۋال ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىنى كېيىنچە ھەل قىلىشقا قالدۇرۇپ قويۇش.» دېدى. سۆھبەتتە، ستالىن بىرىنچى لايىھىگە مايىل بولدى، ئەمما جۇئېنلەينىڭ نۇقتىلىق قىلىپ سۆھبەتلەشكىنى ئىككىنچى لايىھە بولدى. بىراق ئۇلار بىردەك قوللىغان ئالدىنقى شەرت بولسا ئالدى بىلەن بارلىق ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قويۇپ بېرىشتە چىڭ تۇرۇش ھەمدە ئامېرىكىنى ئاۋۋال يول قويۇشنى ئىپادىلىگۈزۈش، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ھەيۋىسى ئالدىدا بوشىشىپ كەتمەسلىك ئىدى.[10]
ھالبۇكى، ئامېرىكا ھېچقانداق يول قويۇشنى ئىپادىلىمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە، 10-ئاينىڭ 8-كۈنى سۆھبەتنى مۇددەتسىز توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇندىن كېيىن، ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسى ب د ت نىڭ ئىچكى قىسمىدا مۇزاكىرىنى قانات يايدۇرۇشقا ئۆزگەردى. 11-ئاينىڭ 3-كۈنى مېكسىكا بىر تۈرلۈك دەسلەپكى لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قويۇپ بېرىش رەت قىلىنغان ئۇرۇش ئەسىرلىرىنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسىنى سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىشتىن بۇرۇن باشقا دۆلەتلەردە ۋاقىتلىق تۇرۇشىغا، ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىغا رۇخسەت بېرىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەكلىپىنى بەردى. بۇ تەكلىپ لايىھىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. ۋىشىنىسكىي سۆزىدە ئاۋال ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئاندىن كېيىن ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، بىراق چوقۇم بارلىق ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قويۇپ بېرىش پرىنسىپىغا ئاساسلىنىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ھىندىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە بىر تۈرلۈك جۇڭگونىڭ 2-تۈرلۈك لايىھىسىگە بىرقەدەر يېقىنلىشىدىغان تەكلىپ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى، چېخوسلوۋاكىيە، پولشا، شۋېتسىيە ۋە شۋېتسارىيە ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان ياكى باشقا خالىغان تۆت بىتەرەپ دۆلەت ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ئالاھىدە قويۇپ بېرىش كومىتېتى تەسىس قىلىش، بىراق خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەت ۋەكىللىرى قاتناشسا بولمايدۇ. ئىككى تەرەپ كېلىشكەن ھەربىي ئىشلار رايونى ئەمەس ئالماشتۇرۇش ئورنىدا كېلىشكەن ئادەم سانى بويىچە ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قويۇپ بېرىش كومىتېتىغا تاپشۇرىدۇ. قويۇپ بېرىلىشنى خالايدىغان ئۇرۇش ئەسىرلىرى بۇ كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكىدە ۋاقتىدا ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاش قەرەلى 90 كۈنگە توشقاندىن كېيىن، تېخى قويۇپ بېرىلمىگەن بارلىق ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە ئېچىش بەلگىلەنگەن سىياسىي يىغىننىڭ ھەل قىلىشىغا تاپشۇرۇش لازىم. 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، جۇئېنلەي بايانات ئېلان قىلىپ، سوۋېت بىرلەشمە يىغىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاۋۋال ئۇرۇش توختىتىپ ئاندىن ئۇرۇش ئەسىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە:« ئۇرۇش ئەسىرلىرىنىڭ ھەمىىسىنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى يەنىلا چوقۇم جەنۋە ئەھدىنامىسى ۋە خەلقئارالىق ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش رەسىم-قائىدىسى بويىچە ھەل قىلىش لازىم. بۇ تەۋرىنىشكە بولمايدىغان پرىنسىپ.» دەپ تەكىتلىدى. ب د ت قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ھىندىستان تەكلىپ لايىھىسىگە قارىتا، 12-ئاينىڭ 15-كۈنى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ب د ت قۇرۇلتىيى رەئىسى پىرسون جۇئېنلەينىڭ رەت قىلىش جاۋابىنى تاپشۇرۇۋالدى. جۇڭگو گەپنى ئۈزۈپ، بۇنىڭ ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى زورمۇزور تۇتۇپ قالىدىغان باھانە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە ب د ت قۇرۇلتىيىغا بۇ قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى سەمىمىي تەكلىپ قىلدى، پانمۇنجوم سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە سۆھبەتنىڭ چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپىنى ئاساس قىلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.[11] جۇئېنلەي باياناتىدا ھىندىستاننىڭ تەكلىپ لايىھىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقتىن، ئامېرىكا ۋە ھىندىستاندىكى بەزى ئادەملەر بۇنى جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش ئەسىرلىرى مەسىلىسىدە ئىختىلاپ بار، جۇڭگونىڭ رەت قىلىشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمنى كۈچەيتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارىدى.[12] نۆۋەتتىكى جۇڭگو تەرەپنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ماۋزېدۇڭنىڭ ئۆزى ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئۆز خاھىشى بويىچە قويۇپ بېرىش پرىنسىپىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىدى، ھىندىستاننىڭ تەكلىپ لايىھىسىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغىنىغا كەلسەك، ماۋزېدۇڭنىڭ پوزىتىسيىسى بولسا: ھىندىستاننىڭ تەكلىپ لايىھىسى «بىمەنە»، ئۇنىڭ ئۈستىگە ب د ت دا ماقۇللانغانلىقى سەۋەپلىك، ھىندىستان تەرەپنىڭ قايتا كېڭىشىش تەلىپىنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇشىغا قارىتا «جاۋاب بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق».[13]

ئەسلى مەنبەسى:http://torkatip.info/archives/china-soviet-political-consideration-1.html
ۋاقتى: 2011-1-3 16:38:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى بارمۇ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-3 16:51:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Intil نىڭ يازمىسى

ئەلۋەتتە بار، ئۆزەمنىڭ بلوگىغىمۇ يوللاپ بولالمىدىم داۋامىنى، جەمئىي 5 قىسىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 09:59 , Processed in 0.190547 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat