+==+  ئوقۇ، ئۆگەن، ئۆگەت، ئىزدەن، تىرىش، ئالغا باس. ئوقۇ، ئۈگەن، ئۈگەت، يولۇڭنى ئاچ، يوللارنى ئاچ، ئەلنى سۆي، ياخشى ئەمەللەردە بول، ھالال ياشا   +==+

ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelword
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 270 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 3539|ئىنكاس: 33

[Apple] PC كومپيوتۇرىغا ھەقىقىي نەشرىدىكى Mac قاچىلاش دەرىسلىكى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
331
تىللا
462
شۆھرەت
745

شەرەپ تىرىشچان سالاپەت پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 01:23:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستلار
ھازىر ئالما شىركىتىنىڭ مەخسۇس ئالما كومپيوتۇرى ئۈچۈن بولغان Mac سېستىمىسىنى خېلىلا كۆپ كىشىلىرىمىز بىلدى ھەم ئىشلىتىپ باقتى، Mac سېستىمىسى ھەقىقەتەن چىرايلىق، سۈرىتى تېز، ۋېروس يۇقماسلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن جىق كىشىلەرنى ئۆزىگە قىزىقتۇرماقتا، ئالما كومپيوتۇرى بار دوستلىرىمىزغۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ Mac نى، ئالما كومپيوتۇرى يوق دوستلىرىمىزمۇ يىشىۋېتىلگەن نۇرغۇن نەشىرلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك قاچىلاپ ئىشلەتتى، مەنمۇ بۇرۇن ساپلا يىشىۋېتىلگەن نەشىرلىرىنى قاچىلايتتىم، يىشىۋېتىلگەن نەشرى مۇ باشقا سېستىما ئەمەس شۇ ھەقىقىي نەشرىنىڭ بەزى ھۆججەتلىرىنى قىسقارتىش، ئۈچىنچى تەرەپ دېتال ھەم قوزغاتقۇچ دېتاللرىنى قوشۇپ ياسالغان، pc لارغا قولايلىق بىر نەشرى، ھەقىقىي نەشرى بىلەن جىق پەرقى يوق، دەسلەپتە 10.5 ۋاقتىدا بەكلا نورمال ئىشلەيتتى، 10.6 غا كەلگەندە ئالما شىركىتى سېستىمىغا خېلىلا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، بۇرۇنقى pc قوللايدىغان قوزغاتقۇلارنى قوللىمايدىغان قىلىۋېتىپتۇ، 10.6.3 نىڭ يىشىۋېتىلگەن نەشرىنى نورمال قاچىلىدىم ، لېكىن كۆرسىتىش كارتامنى پەقەتلا تونىمىدى، ئەڭ ئاخىرى بىلسەم مېنىڭ كۆرسىتىش كارتام snow leopard 10.6 بىلەن رىسقى يوقكەن ، شۇنىڭ بىلەن كومپيوتۇرۇمنى بىر قاتار يېڭىلىدىم، يېڭىلاپ بولۇپ، ئەمدى تونىمىغىنىڭىنى بىر كۆرەي دەپ، بىۋاستە ئالما كومپيوتۇرىغا ئۇدۇل قاچىلايدىغان ھەقىقىي ئەسلى نەشرىنىلا قاچىلىدىم، ئاۋاز، تور، سۈرەت ، USB , كۆكچىش، دېگەندەك ھەممە زاپچاسلار شۇنداق نورمال تونۇتتۇم، ئىشلىشىمۇ شۇنداق نورمال، تېخى ئۆتكەندە ئالما شىركىتى دېتال ئاچقۇچىلارغا سىناق ئۈچۈن 10.6.6 نى تارقىتىپتىكەن، مەنمۇ ئۇدۇللا يېڭىلىسام ھېچقانداق چاتاقسىز بىر قېتىمدىلا نورمال يېڭىلاندى،  ھازىر مانا  كومپيوتۇرۇم windows 7 ھەقىقىي نەشرى بىلەن Mac os x 10.6.6 ھەقىقىي ئەسلى نەشرى قاتارلىق ئىككى سېستىما بىلەن شۇنداق نورمال ئىشلەۋاتىدۇ، Mac نىڭ ھەقىقي نەشرىندىن مەن ئۆزەم يالغۇز ھوزۇرلانماي دەپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ھوزۇرلىنارمىمىزكى دەپ بۇ دەرىسلىكنى يازدىم، كومپيوتۇر جەھەتتە نورمال تېخنىكىڭىز بولسا چوقۇم مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايسىز !
مانا ماۋۇلار مېنىڭكى قاچىلىغان ئەسلى نەشرى






ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن بۇ تېمىنى چوقۇم تەپسىلىي ئوقۇڭ،

ھەممە pc كومپيوتۇرىغا نورمال قاچىلىنارمىكى دېمەڭ، cpu رىڭىز ئامال بار intil بولسا ياخشى، AMD نىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلماق سەل قىيىن، بولۇپمۇ 3A سەپلىمىسى (ئاساسى تاختىمۇ، cpu مۇ، كۆرسىتىش كارتىسىمۇ AMD) بولغان سەپلىمە سەل تەسرەك،  كۆرسىتىش كارتىڭىز Nvidia نىڭ بولسا ئاسانراق، لېكىن 9000GTدىن يۇقىرلىرىنى قوزغۇتۇش ئاسان، ITA نىڭ كارتىسىمۇ سەل قىيىن، لېكىن ATI Radeon HD 5770 دېگەندەك كارتا ئالما ھۆكۈمەت تورى قوللايدىغان كارتا، ئۇدۇللا تونۇيدۇ. قاتتىق دېسكىڭىز SATA بولسا ياخشى،
ھەمدە ئانا تاختىنىڭ AHCI  ئىقتىدارى بولىشى كېرەك ھەمدە Bios تىن بۇ ئىقتىدارنى ئېچىۋېتىڭ.
سىغىمىگە چەك يوق، ئىچكى ساقلىغۇچ ئامال بار ئاز دېگەندە 1G بولسۇن، ئاۋاز كارتىسىغا بىر كۆپ ئىقتىدارلىق ئاۋاز قوزغاتقۇچى ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ، تور كارتىسىغا سىملىق تور كارتىسىغا ئاساسى جەھەتتىن ئامال بار، سىمسىزنىڭ بەزىلىرىنى تونىمايدۇ،

ماۋۇ توربەتكە كىرىپ سەپلىمىلىرىڭىزنىڭ تىپىنى كىرگۈزسىڭىز قوزغاتقۇچى بارمۇ يوق بىلەلەيسىز ،. http://www.kexts.com

بۇ قېتىمقى قاچىلاش win7 مۇھىتىدا بولىدۇ،

ئەمىسە قاچىلاشنى باشلايلى:

1- كېتەرلىك ماتېرىياللار
Mac OS X Snow Leopard 10.6.4 ئەسلى نەشرى
Mac OS X 10.6.4.rar (30.54 KB, چۈشۈرۈش سانى: 507)

HFSExplorer (ئەسلى نەشرى DMG نى تەھرىرلەش قورالى)
http://ishare.iask.sina.com.cn/f/11768261.html

HFSExplorer نى قاچىلىسىڭىز ئەڭ يېڭى  JAVA كېتىدۇ.
http://www.java.com/zh_CN/

HFS-Explorer نى قوزغۇتۇپ "File" نىڭ ئىچىدىن "Load file system from file" تىن چۈشۈرگەن Mac نىڭ DMG ھۆججىتىنى تاللاپ  ئىچىدە HFS بارنى تاللاپ 确定 نى باسسىڭىز بولىدۇ، ئاندىن "Tool" نىڭ ئىچىدىكى "Create disk image" نى تاللاپ ساقلايدىغان ئورۇننى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ، قايتا ساقلىغان DMG نىڭ سىغىمى چوڭ بولغاچقا ساقلىغان رايوننى چوقۇم NTFS قىلىڭ، شۇندىلا 4G دىن چوڭ ھۆججەت نورمال ساقلىنىدۇ، ساقلىغان نامنى خالىغانچە قويسىڭىز بولىدۇ، ياكى macosx1064.dmg دەپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.

خوش قاچىلاش ھۆججىتىنى تەييار قىلىۋالدۇق، ئەمدى قاچىلاش رايونى تەييەرلايلى.
مېنىڭ قاچىلىغىنىم win7 بىلەن mac ، شۇڭا مەن win7 گە 50G رايون، Mac كە 50G رايون بەردىم، دىققەت، سېستىما قاچىلايدىغان بۇ ئىككى رايوننى چوقۇم 主分区 قىلىڭ، بولمىسا قوزغاتقاندا ئاۋارىچىلىق بولىدۇ. بۇ قوش سېستىما قاچىلاش رايونىدىن باشقا بىزگە يەنە سېستىما ھۆججىتى DMG نى ۋاقىتلىق يېزىۋالىدىغان بىر ئاساسى رايون كېتىدۇ، ئەڭ ئاز دېگەندە 10G كېلىدىغان يەنە بىر ئاساسىي رايون تەييارلاڭ،
رايونغا بۆلۈش سۈرەتلىك دەرىسلىكى
http://bilim.rohlan.biz/thread-3472-1-1.html

ئەمدى DMG نى يازىدىغان Leopard hd install helper v0.3 دېتالىنى چۈشۈرەيلى.
http://ishare.iask.sina.com.cn/f/6242099.html?from=like

دېتالنى قوزغۇتۇپ، 镜像文件 گە بايامقى DMG نى تاللاپ، قاچىلاش رايونىغا ۋاقىتلىق يېزىۋالىدىغان رايوننى كۆرسىتىمىز (دىققەت: Mac قاچىلايدىغان رايون ئەمەس ماقما ، ۋاقىتلىق رايون). ئاندىن ئاستىدىكى ئۈچ توغرا قويۇلۇپ تاللانغاننىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىۋېتىپ، 开始 نى باسىمىز: ئىجرا بولىۋاتقاندا باشقا ھېچقانداق مەشغۇلات قىلماڭ، بۇ ئارىلىقتا بۇ دېتال قېتىپ قالغاندەك تۇرىۋالىدۇ، لېكىن سىز ھەرگىز تەگمەڭ، قېتىپ تۇرىۋالغىنى سېستىمىنى يېزىۋاتقىنى، يېزىپ بولۇپ ئۆزلىكىدىن ئوڭشىلىدۇ،


ئاندىن بىز يەنە windows مۇھىتىدا mac رايونىنى كۆرۈش تەھرىرلەش دېتالى macdrive8 نى چۈشۈرىمىز:
http://download.pchome.net/system/disk/detail-10745.html

بۇ دېتالنى قاچىلىغاندىن كېيىن بايا mac يېزىۋالغان رايوننى كۆرەلەيمىز،

ئەمدى Mac نى قاچىلاش يامىقىنى چۈشۈرۈمىز OSInstall + OSInstall.mpkg 10.6.3 patched for MBR.
http://download.csdn.net/source/2487897

بۇ ياماقنى چۈشۈرۈشپ بولغاندىن كېيىن يىشىمىز، ئاندىن OSInstall ھۆججىتىنى بايامقى ۋاقىتلىق يېزىۋالغان رايون ئىچىدىكى
/System/Library/PrivateFrameworks/Install.framework/Frameworks/OSInstall.framework/Versions/A/
نىڭ ئىچىدىكى ئەسلى ھۆججەت بىلەن ئالماشتۇرىمىز، ئەگەر بۇ ھۆججەت كۆرۈنمىسە يوشۇرۇن ھۆججەتنى ئاچسىڭىز كۆرىنىدۇ،

ئاندىن OSInstall.mpkg ھۆججىتىنى
/System/Installation/Packages
نىڭ ئىچىدىكى ئەسلى ھۆججەت بىلەن ئالماشتۇرىمىز.

ئاندىن كېين بىز يەنە Bootthink 2.4.6 دېگەن قوزغۇتۇش تىزىملىكى دېتالىنى چۈشۈرىمىز.
http://download.csdn.net/source/2329769

بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ ئۇدۇللا قاچىلىسىڭىز بولىدۇ،

ئەمدى قاچىلاشنى باشلىساق بولىدۇ،

يۇقارقى مەشغۇلاتلارنى تەپسىلى بىردىن بىر قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سېستىمىنى قايتا قوزغىتىمىز،
قوزغالغاندىن كېيىن Bootthink دېگەن بىر تاللاش پەيدا بولىدۇ، شۇنى تاللاپ ئۇنىڭدىن Mac OS X Install DVD نى تاللايمىز.
قوزغۇلۇپ قاچىلاش كۆزنىكى چىققان ۋاقتىدا 简体中文 نى تاللاپ كېيىنكى قەدەمدە ئۈستىدىكى 工具 نىڭ ئىچىدىن 磁盘工具 نى قوزغۇتۇپ mac نى قاچىلىماقچى بولغان رايوننى Mac OS X 日志 شەكلىدە فورماتلاڭ، ئاندىن 磁盘工具 نى ئۆچۈرىۋېتىڭ.
ئاندىن شۇ رايوننى تاللاپ 自定义 نى تاللايمىز،
ئەسلى نەشرىدە تاللاش ناھايىتى ئاز، ئادەتتە 打印机 بىلەن ئىشلەتمەيدىغان تىل مۇھىتىنى تاللىماي باشقىسىنى تاللىڭسىڭىز بولىدۇ،
ئاندىن قاچىلاشنى باشلاڭ، تەخنىمەن 10-20 مىنۇت ئەتراپىدا قاچىلىنىپ بولىدۇ،












قاچىلاپ بولغاندىن كېين
ئەسلىدىكى سىستما بار رايوننى ئاكتىپلىۋىتىڭ (活动).
باشقا مەسىلە بولمىسا نورمال قوزغۇلىدۇ، بىرىنجى بولۇپ ناھايىتى چىرايلىق قارشى ئېلىش كۆزنىكى چىقىدۇ،


ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسىنى تاللايمىز



ئاندىن ئەڭ ئاستىدىكى 请不要传输我的信息 نى تاللايمىز،


ئاندىن apple id رىڭىز بولسا كىرگۈزۈپ ، بولمىسا ئاق قويۇپ كېيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز،


يەنە ئاق قويۇپ كېيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز،




ئاندىن ساق سالامەت ئېكرانغا كىرىمىز:

قانداق ، ،  مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدىمۇ يا، ئەمدى مەسىلە ھەر قايسى سەپلىمىلەرنىڭ قوزغاتقۇچلىرىنى قاچىلاش،
ماۋۇ توردا ھەممىسى بار، http://www.kexts.com
قانداق قاچىلاشنى كېيىنكى تېمىدا يوللايمەن،
مەسىلە بولسا تېمىدا ئىنكاس قالدۇرۇڭ:

سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن،

باھا سۆز

سەيياھ  ياخشى: 5   يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 02:19:38
Intil  ياخشى: 5
نادىر يازما  يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 02:19:37
3

باھا خاتىرىسى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
331
تىللا
462
شۆھرەت
745

شەرەپ تىرىشچان سالاپەت پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 10:20:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېستىمىنى يوللىماپتىمەن، تەھرىرلەپ يوللاپ قويدۇم . .

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
331
تىللا
462
شۆھرەت
745

شەرەپ تىرىشچان سالاپەت پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 11:05:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kext قاچىلاش ئۇسۇلى
ئۆزىمىزنىڭ سەپلىمىسىگە ماس كەلگەن kext نى System/Library/Extensions نىڭ ئىچىگە قويۇپ Kext Utility دېگەن دېتالنى قوزغۇتۇپ، مەخپى نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ، ئىجرا قىلىپ، قايتا قوزغاتسىڭىزلا بولىدۇ،



Rank: 4

تۆھپە
228
تىللا
323
شۆھرەت
396
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 13:17:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇتىمىنى يوللاپ ياخشى قىپسىز ئۇلۇغ ئاللا قۇلىڭىزغا دەتبەرمىسۇن!
مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى كۆپلەپ يوللاپ تۇراسىز دوستۇمم.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
12508
تىللا
17521
شۆھرەت
23082

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 16:31:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى pdf  ۋە swf شەكلىدە ئېلكىتاپلاپ قويدۇم.
بۇنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ    ياكى
http://down.qiannao.com/space/fi ... ash-002d1.pdf/.page
swf شەكلىدىكىنى بۇنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ ياكى
http://down.qiannao.com/space/fi ... sh-002d01.swf/.page
يەنە مەنبە
PC gha MAC qachilash-01.swf
PC gha MAC qachilash-1.pdf
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
331
تىللا
462
شۆھرەت
745

شەرەپ تىرىشچان سالاپەت پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 20:38:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللانغان ۋاقتى  2011-1-3 16:31
بۇنى pdf  ۋە swf شەكلىدە ئېلكىتاپلاپ قويدۇم.
بۇنى بېسىپ چۈ ...

رەھمەت سىزگە ، ، ئەمدى تېخىمۇ قولايلىق بولدى . .

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
302
تىللا
748
شۆھرەت
730

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 22:19:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز يوللىغىنى ھەقىقىي نەشىرىمۇ ياكى يىشىۋىتىلگىنى ؟
سىزنىڭ كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسىنى يېزىپ قويسڭىز قانداق ؟
100 كوي پۇل مۇكاپات
Dildar.cN تورنامى سىتىلىدۇ!

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
302
تىللا
748
شۆھرەت
730

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 22:19:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش iphone3G نىڭ يازمىسى

مەنمۇ بەك تولا ئىتىشىپ كەتتىم Jas دېگىنىنى سىزيوللىغان پىتى قاچىلىسام قاچىلاندى ،باشقىلىرىنى قاچىلىيالمىدىم،شۇڭا mac قاچىلاشقا بىر كومپيۇتېر قوراشتۇرۇپ قوياي دېگەن
100 كوي پۇل مۇكاپات
Dildar.cN تورنامى سىتىلىدۇ!

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
302
تىللا
748
شۆھرەت
730

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 22:22:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Unnamed.jpg

بۇ سىستېما تورسىزچۈشۈرۈش مۇلازىمتىردا باركەن بىردەمدە چۈشۈرۈپ بولدۇم . لازىم بولغانلار ئالاقىلىشىڭلار تىز چۈرۈش ئادىرسنى email گە يوللاپ بىرەي
100 كوي پۇل مۇكاپات
Dildar.cN تورنامى سىتىلىدۇ!

Rank: 4

تۆھپە
218
تىللا
294
شۆھرەت
375

تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 11:59:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BiLiMYaR يوللانغان ۋاقتى  2011-1-3 22:22
بۇ سىستېما تورسىزچۈشۈرۈش مۇلازىمتىردا باركەن بىردەمد ...

بولسا ماڭا بىر نۇسقا يوللەپ قۇيىڭا سىناپ باقاي
alsuyar@gmail.com
508846866@qq.com قايسغا بولسا بىر يوللىۋىتىڭە قېنى بىر سىناپ باقايلى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
331
تىللا
462
شۆھرەت
745

شەرەپ تىرىشچان سالاپەت پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 12:13:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BiLiMYaR يوللانغان ۋاقتى  2011-1-3 22:19
سىز يوللىغىنى ھەقىقىي نەشىرىمۇ ياكى يىشىۋىتىلگىنى ؟
س ...

CPU :  Pentium(R) Dual-Core CPU E6700 @ 3.20GHz
Asus  P5PKL SE Intel G31
4 GB DDR2-800 DDR2 SDRAM
NVIDIA GeForce 9600 GT  硬盘:  ST3500418AS 500 GB
Realtek ALC662 @ Intel 82801GB ICH7 - High Definition Audio Controller
Realtek RTL8168C(P)/8111C(P) PCI-E Gigabit Ethernet NIC

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
380
تىللا
488
شۆھرەت
633
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 16:30:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Leopard hd install helper v0.3  نى ئىشلىتىپ ، ھۆججەتنى يازغان ۋاقىتتا يېزىۋالىدىغان رايوننىڭ فورماتى fat32 بولىشى ېرەك ،بولمىدا يېزىش (写入)  باشلاش تۈرى يورۇمايدۇ

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1050
تىللا
731
شۆھرەت
1772
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 19:10:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋىيە تۆۋەن كەلدى ماۋۇ تېمىغا. ئىڭەكنى يۆلەپ ئولتۇرۇپ ئۇستازلار پارىڭىنى ئاڭلاي.
بىلسەم يازىمەن، بىلمىسەم سورايمەن

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
380
تىللا
488
شۆھرەت
633
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 21:42:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلىۋالدىم .
بەزى تۈزىتىشكە تىگىشلىك جايلىرىنى تېمىدىن  تۈزىتىپ قويدۇم .
ئەمدى ئېلكىتاب قىلساق بولىدۇ .
dimat 实名认证 

Rank: 2

تۆھپە
54
تىللا
66
شۆھرەت
50

تەشۋىقات ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 23:24:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالما سىستىمىسىنى نەچچە قىتىم قاچىلاپ ھەممىسىدە مەغلۇپ بولدۇم
بۇدا مەن ئالمىنىڭ苹果操作系统.-.雪豹.10.6 بۇ سىستىمىسىنى چۈشەدىم
مۇشۇ سىستىمىنى زادى بىر ياخشى قاچىلاش ئۇسۇلىنى ئۈگۈتۈپ قويغان بولساڭلا  .
كوپيۇتۇرۇمنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق  كۆپچىلىكتىن ياردەم سورايمەن
                       
主板:                技嘉 M61PME-S2P       
芯片组:                Nvidia nForce 430(MCP61)       
BIOS:                Award Software International, Inc. F2  /  制造日期: 12/30/2008

CPU
处理器:                AMD Athlon(速龙) X2 240 双核       
核心:                 Regor (45 纳米) / 步进: DA-C2 / 核心数: 2       
插座/插槽:      Socket AM3 (938)       
速度:                 2.80 GHz (200 MHz x 14.0) / HyperTransport: 2000 MHz       
一级数据缓存:         64 KB, 2-Way, 64 byte lines       
一级代码缓存:         64 KB, 2-Way, 64 byte lines       
二级缓存:         2 x 1024 KB, 16-Way, 64 byte lines       
特征:                 MMX+, 3DNow!+, SSE, SSE2, SSE3, SSE4A, HTT, X86-64       
                       
       
QQ:635399737
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-1-28 14:49 , Processed in 1.380526 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش