ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 345 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 4322|ئىنكاس: 25

uyghurintil.ttf ئىنتىل سەيناسىغا يېڭى يىللىق سوۋغات!!! (ئالپ)

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىنتىل سەيناسىدىكى تورداشلار، دوستلار، ھەممىڭلارنىڭ قۇتلۇق يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
يېڭى يىل ھارپىسىدا مەن ئىنتىل سەيناسىغا ئۆزۈمنىڭ ئاددىيغىنە بىر سوۋغىتىمنى سۇنماقچى، قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن ئىنتىل سەيناسىنىڭ كونا ئەزاسى بولغانلىقىمدىن خۇرسەنمەن، يېقىندىن بېرى سەيناغا بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش ئويىدا بولۇپ كەلدىم. شۇنىڭ بىلەن سەيناغا نېمە سوۋغات قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىپ، ئاخىرىدا ئىنتىل سەيناسىغا ماس كېلىدىغان ھەم خاس بولغان بىر خەت نۇسخىسى ئىشلەپ بېرىش قارارىغا كېلىپ، ئاخىرىدا بۇ خەت نۇسخىسىنى تاماملاپ، بۈگۈن يېڭى يىللىق سوۋغات سۈپىتىدە ئىنتىل سەيناسىغا يوللاپ قويدۇم، ئىنتىل سەيناسىدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋە دوستلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
خەت نۇسخىسىنىڭ ۋىكتورلۇق خەت نۇسخىسىغا ئۆزۈم يېڭىدىن ئىشلىگەن خەت ئۇستىخىنى ئىشلىتىلدى، چېكىتلىك خەت ئامبىرىغا بۇرۇنقى Alp Ekran نىڭ چېكىتلىك تەسۋىرىي خەت ئامبىرى ئىشلىتىلدى. خەت نۇسخىسى ئىچىگە ئىنتىل سەيناسىنىڭ ئۈچ خىل شەكىلدە ئىشلەنگەن تۇغى (لوگوسى) نىمۇ كىرگۈزۈپ قويدۇم.
ئىنتىل سەيناسىغا سوۋغاتلىققا تەييارلانغان بۇ يېڭى خەت نۇسخىسىنى قانداق ناملاش توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىپ ئاخىرىدا Uyghur Intil دەپ نام بەردىم.
خەت نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى
ئىنتىل سەيناسىدىن چۈشۈرۈش
يېڭى بىر يىلدا ئىنتىل سەيناسىنىڭ تېخىمۇ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى تىلەيمەن.
ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇقلۇق، تېنىڭلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن.
ئالپ

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 5   ۋاقتى: 2011-1-4 02:31
ياخشى: 5
رەھمەت ، مەن چۈشۈرۈۋالدىم  ۋاقتى: 2011-1-4 02:31
ياخشى: 5
ئىنتىل سەيناسىنى قوللىغانلىقىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر!  ۋاقتى: 2011-1-1 23:19

باھالاش

9

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-1-1 23:22:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاپ كىتىڭ، نەچچە كۈن بۇرۇنلا تېخى مۇشۇنداق ئۆزىمىزنىڭ خەت نۇسقىسى بولۇشنى ئۆمۈت قىلىپ ئىنكاس يازغانتىم، ھەجەپ تىزلا بۇ چۈشۈم رىئاللىققا ئايلاندى!
ۋاقتى: 2011-1-1 23:23:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالپ ئۇستازغا تەشەككۈر!
خەت نۇسخىسى ئىچىگە ئىنتىل سەيناسىنىڭ ئۈچ خىل شەكىلدە ئىشلەنگەن تۇغى (لوگوسى) نىمۇ كىرگۈزۈپ قويدۇم.

ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىمۇ قالدۇرسىڭىز.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-2 00:39:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىل سەيناسىنىڭ ئۈچ خىل شەكىلدىكى تۇغىنى Word نىڭ ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەرنى قىستۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ كىرگۈزگىلى بولىدۇ، ئىنتىل سەيناسىنىڭ ئۈچ دانە تۇغى ئەرەبچە ئاساسىي رايوندىكى ئۈچ دانە بەلگىنىڭ ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەگەر بۇ بەلگىلەرنى Photoshop ، Flash قاتارلىقلاردا كىرگۈزۈپ ئىشلەتمەكچى بولساقمۇ، Word نى ئېچىپ، Word نىڭ ئۆزىگە ھەرپ-بەلگىلەرنى قىستۇرۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق كىرگۈزۈۋېلىپ، ئاندىن بەلگىلەرنى كۆچۈرۈۋېلىپ. ئارقىدىن Photoshop قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنىڭ يېزىق كىرگۈزۈش ھالىتىدە چاپلىساق بولىدۇ، ئاندىن فونتنى چوقۇم Uyghur Intil غا تەڭشىشىمىز كېرەك.
ۋاقتى: 2011-1-2 01:08:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتنىڭ كۆرۈنىشى
uyghurintil.jpg
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-2 13:53:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر Uyghur Intil ناملىق خەت نۇسخىسىنىڭ ۋىكتورلۇق خەت شەكلى بىلەن چېكىتلىك تەسۋىرىي خەت ئامبىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنىڭ شەكلى كىچىك ۋە چوڭ ھالىتىدە ئاساسەن ئوخشاشلىقنى ساقلاپ قالىدۇ. بۇرۇن چېكىتلىك خەت ئامبىرى ئىشلىتىلگەن خەت نۇسخىلىرىدا ۋىكتورلۇق خەت شەكلى بىلەن چېكىتلىك خەت ئامبىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىدا پەرق بار ئىدى. يەنى خەت نۇسخىسىنى كىچىكتىن چوڭايتقاندا، چېكىتلىك ھالەتتىن ۋىكتورلۇق خەت ھالىتىگىچە چوڭايغاندا ئۇستىخانلىرى بىردەك ئەمەستەك تۇيغۇ بېرەتتى. مۇشۇ خىل ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقان ھالدا مەن Uyghur Intil غا ئىشلەتكەن خەت ئۇستىخىنى تۈزۈپ چىقتىم، بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ ۋىكتورلۇق خەت شەكلىنى ناھايىتى سىپتا دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خەت نۇسخىسىدا 16px تىن بۇرۇن ۋىكتورلۇق خەت شەكلى ئىشلىتىلىدۇ، 16px تىن باشلاپ كىچىكلەتكەندە چېكىتلىك خەت ئامبىرىنى ئىشلىرىدۇ، مەيلى ۋىكتورلۇق ھالىتىدە بولسۇن ياكى چېكىتلىك خەت ئامبىرى ھالىتىدە بولسۇن، ئاساسەن خەت ئۇستىخىنىدا ئوخشاشلىقنى ساقلاپ قالالايدۇ. مەزكۇر خەت نۇسخىسىنىڭ چېكىتلىك خەت ئامبىرىغىمۇ خېلى كۆپ كۈچ قوشۇلدى، بولۇپمۇ مەزكۇر خەت نۇسخىسىنى ئىنتىل سەيناسى تور بېكىتىدە ئىشلىتىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، خەتنىڭ كەڭلىكى ئىمكان بار تار ئېلىندى، بۇنداق بولغاندا، تور بېكەتلەردىكى تىزىملىك، كۇنۇپكا، مەزمۇنلارنىڭ يىغىنچاق ھەم ئىخچام كۆرۈنۈشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.مەزكۇر خەت نۇسخىسىنىڭ ۋىكتورلۇق خەت نۇسخىسىدا تۈز خەت ئاساس قىلىنغان بولۇپ، تور بېكەتلەردىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈش، ئوقۇش، يېزىش جەريانىدا خەتلەر ئېنىق كۆرۈنىدۇ، كۆزنى تالدۇرمايدۇ. كىشىگە بىر خىل ئازادىلىك تۇيغۇسىنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئىنتىل سەيناسىنىڭ تور بېكەتتە بۇ خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەزكۇر خەت نۇسخىسىنى باشقا تور بېكەتلەردىمۇ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئىنتىل سەيناسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىشلىتىڭ. خەت نۇسخىسىنىڭ نەشرى يېڭىلانغاندا ئىنتىل سەيناسى، مەزكۇر خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقان تور بېكەتلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. بۇ خەت نۇسخىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەڭ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AlpSoft تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-2 22:56  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-2 14:07:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىل سەيناسى Uyghur Intil خەت نۇسخىسىغا كىرگۈزۈلگەن سەينانىڭ ئۈچ خىل تۇغىنىڭ خەت نۇسخسىدىكى ھالىتى.
intil.png
ۋاقتى: 2011-1-2 15:05:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ خەت نۇسخىسىنىڭ ئەسلى نامى نېمە؟
مەسلەن سۇلۇس دېگەندەك،،،
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-2 16:57:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ خەت ئۇستىخىنى ئالپ يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتالىدىكى ئالپ باسما ئاق دېگەن خەت نۇسخىسىنىڭ توم شەكلىگە ئوخشايدۇ، بۇ تېمىدىكى يېڭى خەت نۇسخىسى Uyghur Intil بولسا، ئالپ باسما ئاق، ئالپ ئېكران، ئالپ باسما تۈز قاتارلىق ئۈچ خىل خەت نۇسخىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، خەت نۇسخىسىغا ئىنچىكىلىك بىلەن ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AlpSoft تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-2 22:56  

ۋاقتى: 2011-1-2 17:10:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش AlpSoft نىڭ يازمىسى

يۇقارقى تۇغلار قانداق شارائىتتا رەڭلىك ھاسىل بولىدۇ؟ قانداق شارائىتتا رەڭسىز ھاسىل بولىدۇ؟
ۋاقتى: 2011-1-2 17:40:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىپ ئەپەندىگە تەشەككۈرلەر يار بولغاي!
يۇقارقى قارىشىڭىزدىن بىزدىكى كېلاسسىك فونت ئۇستاملىرىنىڭ زامانىۋىلىششىقا، بازارلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. ئېسىل ئىشتىن بىرنى قىپسىز. ئىنتىل سەيناسىنىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنىنى ھىچقانداق تور بەت باسالمايدۇ.
نۇرغۇن «ئۇچۇرما بولغان» ئەزالارمۇ قەرەللىك ھالدا ئىنتىل سەيناسىنى ئۆزىنىڭ يىلىتىزى سۈپىتىدە ياد ئىتىدۇ.
ئىنتىل سەيناسىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنشىىنى، ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا تەرەققىي قىلشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
نەزەرى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-2 20:59:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى تۇغلار قانداق شارائىتتا رەڭلىك ھاسىل بولىدۇ؟ قانداق شارائىتتا رەڭسىز ھاسىل بولىدۇ؟

خەت نۇسخىسى ئىچىدىكى تۇغلارنى يېزىق بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرىغا كىرگۈزگەندە، رەڭسىز بىر تەرەپ قىلىسىز. رەڭلىك بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، مەسىلەن: بىرلا رەڭدە قىلماقچى بولساق، خەت ھالىتىدىلا رەڭگىنى تەڭشەپ قويساق بولىدۇ، ئەگەر كۆپ خىل رەڭدە قىلماقچى بولساق Photoshop تا تۇغنى كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن، خەت شەكلىدىكى تۇغنى رەسىم ھالىتىگە ئۆزگەرتىۋېلىپ، تۇغنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىنى ھەر خىل رەڭلەرگە كەلتۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AlpSoft تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-1-2 22:48  

ۋاقتى: 2011-1-2 22:25:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MS Word2003  تىكى مەشغۇلات رەسىمى
uyghurintil1.JPG
خاتىرە دەپتەردىكى مەشغۇلات
uyghurintil22.JPG
ئەسكەرتىش:
1- مەزكۇر خەت نۇسخىسىنى باشقا تور بېكەتلەردىمۇ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئىنتىل سەيناسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىشلىتىڭ. خەت نۇسخىسىنىڭ نەشرى يېڭىلانغاندا ئىنتىل سەيناسى، مەزكۇر خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقان تور بېكەتلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. بۇ خەت نۇسخىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەڭ، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ.
2- بۇ خەت نۇسخىسىدىكى ئىنتىلنىڭ توغى (Logo سى ) نى كۆرسىتىشتە خەت نومۇرىنى 12 دىن چوڭ قىلىپ تەڭشەڭ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-2 23:05:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سەينادىكى يەنە بىر مەسىلىنى بايقىدىم، سەينا پروگراممىسىنىڭ كۆڭۈلدىكى خەت رەڭگى يۈزدە يۈز قارا ئەمەس ئىكەن، سەل كۈلرەڭگە مايىل ئىكەن. بۇنداق بولغاندا، خەت كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن بىزگە سۇز كۆرۈنىدۇ، بۇنى CSS نى تەڭشەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىۋەتكىلى بولىدۇ، باشقۇرغۇچىلار بۇنى سىناپ تۈزىتىپ قويغان بولسا ياخشى بولاتتىكەنتۇق.
يەنە CSS نىڭ ئىچىدىكى بارلىق Bold قىممىتىنى (خەتنى توملاشتۇرۇپ كۆرسىتىش قىممىتىنى) Regular (ئادەتتىكىدەك كۆرسىتىش ھالىتى) گە ئالماشتۇرۇۋەتسەك بولاتتىكەن. چۈنكى، تور بېكەتكە ئىشلىتىلگەن خەت نۇسخىمىزنىڭ توم شەكلى يوق، توم شەكلى يوق خەت نۇسخىسىنى مەجبۇرىي توملاشتۇرساق خەتلەر چاپاق چىقىۋالىدۇ.
تۆۋەندە مەن ئىككى قۇر خەت يېزىپ خەتنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ قويدۇم، كۆرۈپ بېقىڭلار.
كۆڭۈلدىكى ھالىتى: ئىنتىل سەيناسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ كۆڭۈلدىكى ھالەتتە كۆرۈنگەن ھالىتى سۇز ئىكەن، CSS قىممىتىدىكى خەت رەڭگىنى قېنىق قارىغا ئالماشتۇرۇش لازىم.
خەتنى قاپقارا رەڭگە تەڭشىگەندىن كېيىنكى ھالىتى: ئىنتىل سەيناسىدا تېما ياكى ئىنكاس يوللىغاندا مەزمۇننى تاللاپ، خەت رەڭگىنى قاپقارىغا تەڭشىگەندە، خەتلەر ناھايىتى سۈزۈك ھەم چىرايلىق چىقىدىكەن.
خەتلەرنىڭ توم شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىش كېرەك، ھازىر مەن بۇ بىر قۇر خەتنى توملاشتۇرۇپ قويدۇم، يۇقىرىدىكى توملاشتۇرۇلمىغان مەزمۇن خېتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەڭلار، مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشىنەلەيسىلەر.=============================================
كۆڭۈلدىكى ھالىتى: ئىنتىل سەيناسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ كۆڭۈلدىكى ھالەتتە كۆرۈنگەن ھالىتى سۇس ئىكەن، CSS قىممىتىدىكى خەت رەڭگىنى قېنىق قارىغا ئالماشتۇرۇش لازىم.
خەتنى قاپقارا رەڭگە تەڭشىگەندىن كېيىنكى ھالىتى: ئىنتىل سەيناسىدا تېما ياكى ئىنكاس يوللىغاندا مەزمۇننى تاللاپ، خەت رەڭگىنى قاپقارىغا تەڭشىگەندە، خەتلەر ناھايىتى سۈزۈك ھەم چىرايلىق چىقىدىكەن.
ۋاقتى: 2011-1-2 23:34:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىپ ئۇستاز، بولسا خەت ياساشنى ئۈگىتىش دەرىسلىكى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-13 06:24 , Processed in 0.170894 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat