ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 5730|ئىنكاس: 4

چاقىرىق: VB بىلىملىرى مۇسابىقىسىغا قاتنىشىڭ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
754
تىللا
2018
شۆھرەت
2851

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-7-25 18:00:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىل سەيناسى ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال پروگراممىچىلىقىنى قوللاش، كەڭ  Visual Basic ھەۋەسكارلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا مەدەت بىرىش ئۈچۈن  تۇنجى قېتىملىق  " Visual Basic بىلىملىرى مۇسابىقىسى "  ئۆتكۈزىدۇ.  كەڭ پروگراما ھەۋەسكارلىرىنىڭ  قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

3.jpg

1- ئەسەر قوبۇل قىلىش دائىرىسى  : Visual Basic  بىلىملىرى  ھەققىدىكى يازمىلار ( Visual Basic تە مەلۇم قوللىنىشچان يۇمشاق دىتالنى ياساش ۋە ئۇنىڭ دەرسى )

2- ئەسەر قاتناشتۇرۇلىدىغان سەھىپە : مۇشۇ سەينادىكى  "ئىنتىل سەيناسى › سەينا › پروگرامما › Visual Basic "  بولۇپ  تېمىغا " مۇسابىقە" دېگەنى قوشۇپ يوللىسىڭىز بولىدۇ. ئەسەرلىرىڭىزنىڭ چوڭراق قوشۇمچە ھۆججىتى بار بولسا  ۋاقتىنچە ھەقسىز تور دىسكىسىغا يوللاپ قويسىڭىز ياكى بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بىز مۇقىم بوشلۇققا قويۇپ تېمىڭىزغا ئۇلانمىسىنى قوشۇپ قويىمىز.
3- مۇسابىقە ۋاقتى: 2010- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن  2010- يىلى  9- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە بولىدۇ.

4- باھالاش : مۇسابىقە ۋاقتى توشقاندا  بىخلان، ئۈممىدىيە ۋە باشقا Visual Basic  ئۇستىلىرى ۋە ئەزالارنىڭ باھالىشى ئارقىلىق نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

5- مۇكاپاتلاش :   مۇسابىقە نەتىجىسى بويىچە ئالدىنقى ئۈچ تېما مۇكاپاتلىنىدۇ
بىرىنچى دەرىجىنىڭ مۇكاپاتى: 100.00 يۈەن  ۋە ئۈممۈدىيە ئەپەندىم تۈزگەن  "  Visual Basic 2008 دەرسلىكى "   
ئىككىنچى دەرىجىنىڭ مۇكاپاتى:50.00 يۈەن  ئۈممۈدىيە ئەپەندىم تۈزگەن  "  Visual Basic 2008 دەرسلىكى "  
ئۈچىنچى دەرىجىنىڭ مۇكاپاتى: 50.00 يۈەن ئۈممۈدىيە ئەپەندىم تۈزگەن  "  Visual Basic 2008 دەرسلىكى "  
( مۇكاپات سوممىسى ۋە سانى تەڭشىلىشى مۇمكىن، ئەمما 200 يۈەندىن كەم بولمايدۇ)

ئىنتىل سەيناسى › سەينا › پروگرامما › Visual Basic دىكى ئېلانلار مۇشۇ مۇسابىقە ئۈچۈن مەخسۇس قويۇلغان بولۇپ  بۇ ئېلانلاردىن  مۇسابىقە مەزگىلىدە كىرگەن كىرىم  مۇشۇ مۇسابىقەنىڭ مۇكاپاتى قىلىنىدۇ

قوشۇمچە: بۇ مۇسابىقىنى تەشۋىق قىلىشقا ھەر قايسى توربەت باشلىقلىرىنىڭ ھەمدەمدە بولىشىنى شۇنداقلا بىلىم سۆيەر خالىس دوستلارنىڭ ھەمكارلىشىشنى  قارشى ئالىمىز.




كامالى ئېھتىرام بىلەن:    ئىنتىل سەيناسى

2010- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى



~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

تەشۋىقاتقا ھەمكارلاشقۇچى بېكەتلەر

1- بىلىملەر تورى   http://www.bilimlar.com/ud/forum.php?mod=viewthread&tid=222
2- شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى http://www.xjcfan.com/a/News/IT/2010/0724/1211.html
3- ئۇيغۇر پروگراممىچىلار تۇراسى http://uyprgfan.blogbus.com/logs/70352494.html
4- نۇرقۇت دۇنياسى  http://www.nurqut.com/ud/thread-2917-1-1.html
5- ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=575
6- ئەلقۇت تورى http://www.alqut.com/article/show.asp?id=22
7- يېڭى ئېرا http://php.newera.cc/Book.asp   نومۇرى 3509
بىلىم تورى مەكتەپ

كونا ئەزا

سەزگۈر بالا

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
964
تىللا
1215
شۆھرەت
2735

تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2010-7-26 11:25:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئىنتىل ئەھلى، دىدار غەنىمەت.
ئىنتىل روھى مەڭگۈ نۇرلانغاي!

ئىلىمنىڭ قەدرىنى قىلىش كەلگۈسىگە  يول سېلىش

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تۆھپە
166
تىللا
285
شۆھرەت
299

شەرەپ تۆھپە سالاپەت پىداكار ئىشەنچ

يوللىغان ۋاقتى 2010-7-28 10:00:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   Ummidiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-7-28 10:57  

سەن بىركىمگە بىر دانە بېلىق بەرسەڭ ئۇ بىر قېتىم بېلىق يىيەلەيدۇ ئەگەر ئۇنىڭغا بېلىق تۇتۇشنى ئۆگۈتۈپ قويساڭ ئۇ بىر ئۈمۈر بېلىق يىيەلەيدۇ .

مەقسىدىمىز : ھەرقايسى بىلىم ئەھلىلىرىمىزنىڭ ئازدۇر – كۆپتۇر ئىشلىگەن دەرىسلىكلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئاخىرىدا Visual Basic ئاساستىن باشلاپVisual Basiciيۇقىرى دەرىجىگىچەڭ بولغان بىر ئىلىكترونلۇق كىتاب قىلىپ چىقىپ خەلقىمىزگە سۇنۇش .
نۆۋەتتە يوللانماقچى بولغان دەرىسلىك مۇندەرىجىسى .
1- دەرىس دەسلەپكى پروگرامما ‹‹ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم››
2- دەرس باھا ھىسابلىغۇچ
3- پروگراممىدىكى تىپلار ۋە ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار
4-ماتىماتىكىلىق ئەمەللەر
5- پروگراممىدىكى شەرت جۈملە If …. Then
6- پروگراممىدىكى شەرت جۈملەSelect Case
7- دەرسFor...Next Loops
8- دەرس ( ۋاقىت كۇنترولى )Timer
9- دەرس ھادىسە
10- دەرس كونترول خاسلىق كۆزنىكى
11- كۆپ كۆزنەك مەشغۇلاتى
12-  Subۋە Functionجەريانى
13- سىستېما تەمىنلىگەن دائىم ئىشلىتىلىدىغان فونكىسسىيىلەر
14-قويغۇچ پروگراممىسى
Module-15 دا كود بىر تەرەپ قىلىش
16 - خاتالىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش
17- For Each بىلەن With
18- لەيلىمە تىزىملىك (菜单,menu)
19 - خاتىرە دەپتەرە
20 - ئىجرا بۇلىۋاتقان پروگراممىغا كونترول قوشۇش
21 –ساندان مەشغۇلاتى
22-توربەت زىيارەت قىلغۇچ
بۇ دەرىسلىكنى تۈزۈشتە ھەربىر جەريانغا (كىچىك بولسىمۇ) بىردىن مىسال كۆرسىتىش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى ، ھەم بارلىق دەرىسلىكلەرنىڭ ئەسلى كود پروگراممىسى تەمىنلىنىدۇ .

بۇ دەرىسلىك ئاساسەن ئىشتىن سىرتقى ياكى خىزمەت ئارلىقىدىكى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن بولۇپ مەلۇم كەمچىللىكلەردىن خالى ئەمەس ، سۆزلەرنىڭ ئاددى ھەم ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلەشكە قاتتىق ئەھمىيەت بەرگەن ئىدۇق . لېكىن بەزى كەسپى ئاتالغۇلارنى قانداق ئىپادىلەش جەھەتتە بىرئاز باش قېتىنچىلىقىغا ئۇچىرىدۇق كۆپچىلىكنىڭ سەمىمىي تەكلىب پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىىمىز .

ئەسكەرتىش : ھەرقايسى دەرىسلىك ئىشلەپ يوللىغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش مەقسىتىدە مۇكاپات تەسىس قىلىندى . يۇقىرىقى دەرىسلىك مۇكاپاتلاش ئوبىكتى قىلىنمايدۇ .


sada 实名认证 

Rank: 4

تۆھپە
232
تىللا
263
شۆھرەت
409
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-24 10:07:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقىمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قاپتۇ.............

Rank: 2

تۆھپە
48
تىللا
53
شۆھرەت
41
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-16 18:00:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن visual basic2008دەرىسلىكنى سېتىۋالاي دىگەن قانداق سېتىۋالىمىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-7 12:53 , Processed in 0.091156 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش