ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1839|ئىنكاس: 4

تەۋسىيە: سودا- سانائەت بانكېسىنىڭ تور بانكا كەسپى ھەققىدە چۈشەنچە

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاپتورى kokkaptar.cn


كۆپلىگەن تورداشلارغا مەلۇملۇق بولغان تور بانكا كەسپى بولسا ئۇچۇر تىخنىكېسىنىڭ يۇقۇرى تىخنىكا ئارقىلىق پۇل- مۇئامىلە كەسپى بىلەن زىچ باغلىنىشى ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويۇلغان كەسىپ بولۇپ، بىزنى كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپلا مال سىتىۋىلىش، تۈرلۈك ھەق تاپشۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن
قولايلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ
بۇ كەسىپ بىزنىڭ ئارىمىزغا كىرگەندىن بۇيان نۇرغۇن تورداشلار بۇ كەسىپتىن ئوبدان پايدىلىنىپ كىلۋاتقان بولسىمۇ، مەشخۇلات
تەرتىپلىرىنىڭ بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇشى تۈپەيلىدىن يەنىلا بىر قىسىم قىينچىلىقلارنى كەلتۈرمەكتە. مۇشۇ قىيىنچىلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، مەزكۇر تىمىنى  يىزىپ چىقتىم    . ھازىر شەخىسلەر تور بانكا كەسپىنى ئۈچ خىل كەسىپ تۈرى ئارقىلىق ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولۇپ، بۇ تۈرلەر :
1. ئادەتتىكى چىقىم پارولى

(支付密码) ئارقىلىق باشقۇرىلىدىغان تور بانكا تۈرى
2. ئۆزگىرىشچان پارول كارتىسى      

(动态电子口令卡) ئارقىلىق باشقۇرىلىدىغان تور بانكا تۈرى
3. قارانچۇق

(U) ئارقىلىق

باشقۇرىلىدىغان تور بانكا تۈرى
بۇ كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئىچىدە

چىقىم پارولى

(支付密码) ئارقىلىق باشقۇرىلىدىغان تور بانكا تۈرى، توردىلا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىغان تۈر بولۇپ، بۇرۇن ئىشلىتىۋاتقان
سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىلىرى بولسىلا، سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ تور بىتىدە ئىلتىماس قىلىپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ
ئارتۇقچىلىقى: بارلىق مەشخۇلاتلار
ئۆزىڭىزنىڭ قولى ئارقىلىق تاماملىنىدىغان بولۇپ، سىزنى بانكىغا بىرىپ، تور بانكا   كەسپىنى بىجىرىش ئاۋارىچىلىقىدىن خالاس قىلىدۇ. ھەر قانداق قوشۇمچە رەسمىيەت ئۆتەش ھاجەتسىز
كەمچىلىكى: بىر كۈنلۈك ئومومى چىقىم سوممېسى ئەڭ كۆپ بولغاندا

300يۈەندىن ئىشىپ كەتمەسلىك كىرەك. كارتا نۇمۇرى، تور بانكىسى پارولى بىلەن

چىقىم پارولى ئاشكارىلىنىپ قالسىلا، ھىساباتىمىزغا خەۋىپ يىتىش ئىھتىماللىقى بار .  بۇ تۈر يانفۇن ھەققى تاپشۇرۇش، باج تاپشۇرۇش، ئىمتاھان تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرۇش قاتارلىق ئاز سوممىلىق ھىساباتلارنى ئىلىپ بارىدىغانلارغا ماس كىلىدۇ .

ئۆزگىرىشچان پارول كارتىسى

(动态电子口令卡) ئارقىلىق باشقۇرىلىدىغان تور بانكا تۈرى
بۇ تۈر بولسا، ھازىر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلۋاتقان تۈر بولۇپ، بىجىرىلگەندىن كىيىن، قولىمىزغا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كارتا بىرىلىدۇ. تور بانكىسى كەسپى ئىلتىماس قىلغاندىلا ئىچىۋىتىلگەن بولۇپ، سودا- سانائەت بانكېسىنىڭ تور بىتى ئارقىلىق بىۋاستە ئىشلىتىشكە بولىدۇ

.
image001.jpg
ئارتۇقچىلىقى: ھىسابات بىر قەدەر بىخەتەر بولۇپ، ھەر بىر چىقىم   ئىلتىماس سۇنۇلغاندا، كارتا يۈزىدىكى ئوخشىمايدىغان ئىككى گۇرۇپپا ساننى پارول قىلىپ كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. پارول كارتىسى بولمىسىلا ھىساباتقا خەۋىپ يەتمەيدۇ.
سىستىمىغا نىسبەتەن ھىچقانداق ئالاھىدە تەلەپ يوق بولۇپ، ھىچقانداق    قوشۇمچە قورال قاچىلاش، ھاجەتسىز، ھەر قانداق جايدا تىزلا ھىسابات قىلىشقا بولىدۇ  . بىجىرىپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
بىر قىتىملىق چىقىم 1000يۈەن، بىر كۈنلۈك ئومومى چىقىم 5000يۈەن بولۇپ، ئوتتۇرھال ھىسابات قىلىشقا يىتەرلىك .
كەمچىلىكى: چوقۇم بانكا ئارقىلىق بىجىرىشكە توغرا كىلىدۇ
قارانچۇق

(U) ئارقىلىق باشقۇرىلىدىغان تور بانكا تۈرى
بۇ تۈر ھازىر بانكا ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلۋاتقان، بىخەتەر تۈر بولۇپ، بىجىرىلگەندىن كىيىن قولىمىزغا USBبارماق دىسكا شەكلىدىكى قارانچۇق
(U) بىرىلىدۇ
image002.gif       
قارانچۇق بولسا، پارول باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى يولغا قويغان،

رەقەملىك گۇۋھنامە مەركىزى

باشقۇرىدىغان رەقەملىك گۇۋاھنامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، رەقەملىك  گۇۋاھنامىدە ئىشلەتكۈچىگىلا خاس بولغان شەخسى ئۇچۇرلار ساقلىنىدۇ. سىستىما مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئىشلەتكۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەپ، مۇناسىپ مەشخۇلات دائىرىسىنى بىكىتىپ بىرىدۇ. رەقەملىك گۇۋاھنامىنى رەقەملىك گۇۋاھنامە مەركىزى ھوقوق بەرگەن ئورۇنلارلار تارقىتالايدىغان بولۇپ، ئۇچۇرلار مۇتلەق مەخپىيەتلىك كاپالىتىگە ئىگە بولغان بولىدۇ
ئارتۇقچىلىقى: ھىسابات بىخەتەر بولۇپ، تور بانكىسدا ھەر بىر چىقىم ئىلتىماس سۇنۇلغاندا، قارانچۇق سىلىش ۋە قارانچۇق پارولىنى كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. چىقىمغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ. يۇقۇرى سوممىلىق ھىسابات قىلىشقا ماس كىلىدۇ.
كەمچىلىكى: 2.تۈرگە ئوخشاشلا بانكا ئارقىلىق بىجىرىشكە توغرا كىلىدۇ . بىجىرىلىپ بولغاندىن كىيىن، سىستىمىغا بىر قاتار قوشۇمچە پىروگراممىلارنى قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ. قارانچۇقنى ئىلىپ يۈرۈش بىئەپ، قارانچۇق نەخ بولمىسا تور بانكىسىدا تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىدىن باشقا ھىچقانداق مۇلازىمەتنى ئىشلىتەلمەيسىز.

تور بانكا كەسپىنى نورمال ئىشلىتىش ئۈچۈن سىستىمىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر:
مەشخۇلات سىستىمېسى Windows2000 SP4 تىن يۇقۇرى بولۇشى كىرەك، Vista دا ھازىرچە قوزغىتىش پىروگراممىسى تەمىنلەنمىگەن بولۇپ، WindowsXPنىڭكىنى ئامال قىلىپ تونۇتۇشقا بولىدۇ .
جاھاننامە InternetExplorerنىڭ نەشىرى 6.0 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى بولۇشى كىرەك.
مەن WindowsXP ھالىتىدە Firefox تا ئىشلىتىپ باقتىم، نورمال كىرەلمىدى بۇ شەرىتلەر ئادا بولسىلا، بىرىنجى ۋە ئىككىنجى تۈرلۈك تور بانكا
مۇلازىمىتىنى نورمال ئىشلىتەلەيسىز. ئۈچىنجى تۈرلۈك مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش ئۈچۈن يەنە كومپىيۇتېرنىڭ USB ئىغىزى نورمال ئىشلەيدىغان بولۇشى كىرەك .تۆۋەندە بىرىنجى ۋە ئۈچىنجى تۈردىكى تور بانكا كەسپىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى چۈشەندۈرىلىدۇ.
ئادەتتىكى چىقىم پارولى
(支付密码) ئارقىلىق باشقۇرىلىدىغان تور بانكا تۈرى
سودا- سانائەت بانكېسىنىڭ تور بېتى ئىچىلغاندىن كىيىن، 个人网上银行 كۇنۇپكېسىنى چىكىمىز.
image003.jpg

个人网上银行 غا كىرگەندىن كىيىن، دەسلەپ ئېچىلغاندا تۆۋەندىكىچە

ئەسكەرتىمە بەت ئېچىلىدۇ. بىرىنجى خىل تور بانكا كەسپىنىڭ بۇ بەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، شۇڭا بىۋاستە 登录 نى بىسىۋەتسەك بولىدۇ.

image004.jpg
登录 بىسىلغاندىن كىيىن، تۆۋەندىكىچە كىرىش ۋە تىزىملىتىش بىتى كۆرۈنىدۇ. بىز 网上银行自助注册 نى باسىمىز.


网上银行自助注册 بىسىلغاندىن كىيىن، ئۆزى تىزىملاتقۇچىلار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار كۆرۈنىدۇ. بىز بۇ يەردە 注册个人网上银行 كۇنۇپكېسىنى باسىمىز

image005.jpg
كىيىنكى بەتتە تىزىملىتىش كىلىشىمى كۆرۈنىدۇ. بىز 接受此协议نى چەككەندىن كىيىن، تۆۋەندىدەك بەت كۆرۈنىدۇ.

image006.jpg
كارتا نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ، جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن، تەپسىلى ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈش بېتى كۆرۈنىدۇ .

image007.jpg
بىز بۇ يەردە تەپسىلى ئۇچۇرلارنى كىرگۈزگەندىن كىيىن، ئۇچۇرلار توغرا بولسا، كىيىنكى بەتتە چىقىم پارولى (支付密码) بىكىتىش بېتى كۆرۈنىدۇ . پارول بىكىتىلگەندىن كىيىن، سىزنىڭ تور بانكا كەسپىنى ئىلتىماس قىلىش تەلىپىڭىز ئورۇندالغان بولىدۇ. ئەمدى بۇ بەت ئارقىلىق كىرىپ، تور بانكىسىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

image008.jpg
ئىلتىماس قىلىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن، ھەر قىتىم كارتىدىن پۇل چىقىم قىلغاندا، سىزدىن چىقىم پارولى كىرگۈزىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
قارانچۇق(U) ئارقىلىق باشقۇرىلىدىغان تور بانكا تۈرى بۇ مۇلازىمەتنى ئاچتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال باش تىمىدا دىيىلگەن، كومپىيۇتېر ۋە سىستىمىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنىڭ ئورۇندالغان ياكى ئورۇندالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرىمىز، تەلەپلەر
ئورۇندالغاندىن كىيىن، دەسلەپكى تەڭشەشنى باشلايمىز سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ تور بىتىگە كىرگەندىن كىيىن، تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇندىن 安装 بۇيرۇقىنى  باسىمىز
(بۇ بەت 个人网上银行 غا تۇنجى قىتىم كىرگەن ۋاقىتتىمۇ كۆرۈنىدۇ. تەڭشەشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قاچىلاش  مەشخۇلاتىنى تاماملۋالغان ياخشى.)
image009.jpg
安装 بىسىلغاندىن كىيىن، تۆۋەندىكىچە بەت ئېچىلىدۇ. بىز بۇ بەت ئارقىلىق ئالدى بىلەن شەخىسلەر تور بانكېسىنىڭ كونتىروللار توپلىمى ۋە ئۆزىمىزنىڭ قارانچۇقىمىزغا ماس كىلىدىغان قوزغىتىش پىروگراممىسىنى تىپىپ قاچىلايمىز.
چەكسىڭىز قاچىلاش بېتى ئېچىلىدۇ
ئالدى بىلەن 个人网上银行控件 نى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. (قاچىلاش ئۇسۇلى چۈشۈرگەن بەتتە كۆرسىتىلگەن .) ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ قارانچۇقىمىزغا ماس كىلىدىغان قوزغىتىش پىروگراممىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن، كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىۋەتسەك ئىشەنچىلىكرەك بولىدۇ  .
قاچىلايدىغان پىروگراممىلار تولۇق قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن، ئەمدى باش بەت ئارقىلىق تور بانكىسىغا كىرىپ، قارانچۇققا تەڭشەش ئىلىپ بارىمىز.
تور بانكىسىغا تۇنجى كىرگەن ۋاقىتتا  تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئەسكەرتىمە كۆزنەك كۆرۈنۈپ، بىزگە رەقەملىك گۇۋاھنامىنى قاچىلايدىغان  قاچىلىمايدىغانلىقىمىزنى سورايدۇ. بىز «ھەئە» دەپ جاۋاب بىرىمىز.
image010.jpg
رەقەملىك گۇۋاھنامە قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن، تىزىملىكتىن U盾管理 دىگەن تىزىملىكىنى چىكىمىز. چىققان تىزىملىكتىن U盾自助下载 بۇيرۇقىنى باسىمىز.
image011.jpg
چەككەندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك بەت كۆرۈنىدۇ. بۇ بەت كۆرۈنگەندىن كىيىن بىز قارانچۇقنى USB ئىغىزىغا سىلىپ، قارانچۇق ئۆزىنىڭ قوزغىتىش پىروگراممسىنى ئىزدەپ تىپىپ بولغاندىن كىيىن، 开始下载 بۇيرۇقىنى باسىمىز.
image012.jpg
开始下载 نى باسقاندىن كىيىن، سىستىما بىزدىن گۇۋاھنامە پارولىنى بىكىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ .
image013.gif


گۇۋاھنامە

پارولى بىكىتىلىپ بولغاندىن كىيىن، سىستىما بىر كىچىك كۆزنەكتە بىزدىن ئالتە خانىدىن سەككىز خانىغىچە بولغان ئارىلىقتا (رەقەمدىنلا تۈزۈلگەن
) PIN نۇمۇرى يەنى قارانچۇق پارولى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
image014.jpg
پارول كىرگۈزۈلگەندىن

كىيىنلا بىز تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرغا ئىرىشىمىز، بۇ چاغدا بىز قارانچۇقنى

مۇۋاپىقىيەتلىك تەڭشەپ بولغان بولىمىز

.
image015.jpg
قارانچۇق تەڭشىلىپ بولغاندىن كىيىن، نورمال ئىشلىتىشكە بولىدۇ  . قايتا تەڭشەش بىھاجەت. ھەر قىتىم كارتىدىن چىقىم قىلغاندا سىستىما بىزدىن قارانچۇقنى سىلىشنى ۋە بىكىتكەن قارانچۇق پارولىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئەگەر سىز باشقا كومپىيۇتېردا قارانچۇقنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، 个人网上银行控件  بىلەن قارانچۇق قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلىۋەتسىڭىزلا نورمال ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
بۇ دەرسنى تەييارلىغان http://www.kokkaptar.cn/article.asp?id=8
ۋاقتى: 2010-11-25 00:26:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Intil نىڭ يازمىسى

ئەگەر قارانچۇق يوقاپ كەتسە ئۆزگىرىشچان پارول كارتىسى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلغىلى بولامدۇ؟
مېنىڭ كارتامنى بېجىرگەندە ئۆزگىرىشچان پارول كارتىسى ۋە قارانچۇقنىڭ ئىككىلىسىنى تەڭلا بېجىرگەن، ھازىر قارانچۇقۇمنى يوقىتىپ قويدۇم، ئەڭ يامىنى شۇكى مەن ئۆزگىرىشچان پارول كارتىسىنىمۇ ئىشلىتەلمەيۋاتىمەن. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە قارانچۇقنى بېجىرگەندە ئۆزگىرىشچان پارول كارتىسىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن، ئۆزگىرىشچان پارول كارتىسى رولىنى يوقىتىدىكەن.
شۇڭا مەن ھازىر قانداق قىلسام بولىدۇ، قارانچۇقتىن يەنە بىرنى بېجىرىمەنمۇ ياكى ئۆزگىرىشچان پارول كارتىسىنى ئىشلەتكىلى بولامدۇ.
مۇشۇ جەھەتتىن بىلىدىغانلار بىر مەسلىھەت كۆرسەتسەڭلار بوپتىكەن.
رەھمەت!!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-25 00:53:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بانكىغا كىملىكىڭىزنى ئېلىپ بېرىپ تولۇقلاپ بىجىرىڭ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-9 01:54:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىن دەرس: سودا سانائەت بانكىسىنىڭ تور بانكىسى
https://uyghur-archive.com/intil/home/forum- ... 175-fromuid-10.html
ۋاقتى: 2011-2-5 17:04:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دەرسلىك ناھايتى بەك ياخشى بوپتۇ،بىراق مەن سىز دىگەن 支付密码 بويىچە ئۆزۈمدە بار ئادەتتىكى سودا-سانائەت بانكا كارتىسىنى ئاچقان ئىدىم،سودا-سانائەت بانكا تور بىتىگە كىرىپ،ھىساۋاتنى كۆرگىلى بولدى،بىراق سودا-سانائەت بانكا تور بىتىدە تۇرۇپ ،缴费站 ئارقىلىق تىلفۇن ھەققى تاپشۇراي دىسەم،‹كەچۈرۈڭ،سىز بۇ كەسىپنى مۇلازىمەت زالىغا كىرىپ ئاچتۇرىشىڭىز كىرەك›دەپ چىقىۋىلىپ،پۇل تۆلىگىلى بولمىدى،تاۋباۋ تورىغا كىرىپ،بۇ يەردىن تىلفۇن ھەققى تاپشۇراي دىسەممۇ پۇل چىقىم قىلغىلى بولمىدى،بۇنىڭ سەۋەبى زادى قانداق ئىش؟ياردەم قىلغان بولسىڭىز،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 19:59 , Processed in 0.258694 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat