- توردا
- 695 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-7
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 2853
- تىللا
- 2020
- تۆھپە
- 755
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 8785
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 3
- يازما
- 284
- تېما
- 94
- نادىر
- 4
- ھەمبەھر
- 1
- UID
- 1
- تۆھپە
- 755
- تىللا
- 2020
- شۆھرەت
- 2853
|
ئەسلى https://uyghur-archive.com/intil/bil/show.asp?id=1672 غا يوللانغان مەنبەدىكى رەسىملەر چىقمىغاچقا قايتا يوللاندى.
بۇ يازمىنىڭ ئاپتورى : yulhun
يوقالغان قاتتىق دىسكا رايونىنى DiskGenius يەنى DiskMan ئەسلىگە كەلتۈرۈش
كۆپىنچە تورداشلار كومپيۇتېرغا سىستېما قاچىلىغاندا ياكى چوڭ مەشغۇلات قىلىش ياكى ghost ھۆججىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتنى قىلىدۇ ياكى بەزىدە توك كېتىپ قىلىش قاتارلىق سەۋەبتىنمۇ قاتتىق دىسكا رايونى يوقاپ كېتىشتەك ئەھۋاللارغا ئۇچرايدۇ.شۇنىڭ بىلەن قاتتىق دىسكا رايونى يوقاپ كېتىش دىسكىدىكى ساقلىغان ھۆججەتلەر يوقاپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئۇچراپ بۇرۇنقى ئەجىر يوق بولىدۇ.بەزىدە بەزەن دېتاللار بىلەن يوقالغان ھۆججەتلەرنى قايتۇرغان بىلەنمۇ لېكىن يەنىلا كوپ ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەي قالىدۇ،سەۋەب نېمە؟
چۈنكى دىسكا رايونى يوقىغاندا ئاۋۋال سېكتور رايونىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەي تۇرۇپ يەنە قايتا رايونغا ئايرىيدۇ شۇنىڭ بىلەن دىسكىغا يەنە قايتا ئۇچۇر يېزىش مەشغۇلاتى قىلغانلىقتىن ھۆججەتلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە چوڭ توسالغۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.كوپ ھۆججەتلەر ئەسلىگە كەلمەيدۇ.(ئەلۋەتتە پۇل بولسا ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەخسۇس شىركەتلىرىگە ئاپارسا قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىن.لېكىن بۇنىڭغا خىلى كوپ پۇل ئالىدۇ.)
ئەڭ ئىقتىسادى ۋە قۇلايلىق ئۇسۇل ۋە ئەڭ ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ئۇسۇلى، سىز سېكتور رايونىنى زاپاسلىۋالسىڭىز بولىدۇ. (زاپاسلىغان ھۆججەت 4kb غا يەتمەيدۇ) مۇشۇ ھۆججەتنى بارماق دىسكىغا ياكى ئوپتىك دىسكا ئويغاندا ئىچىگە ئويۇۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.ئىشقىلىپ ئەڭ بىخەتەر يەرگە ساقلاپ قۇيۇڭ.قاتتىق دىسكىغا ساقلىسىڭىز شۇنداق ئەھۋال بولسا بۇمۇ يوق بولىدۇ.يانفون كارتىسىغا ساقلاپ قۇيۇشمۇ ياخشى ئامال.
ئەگەر سىز سېكتور رايونىنى ساقلاپ قۇيۇش ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرسىڭىز ،سىزنىڭ كومپيۇتېردا قاتتىق دىسكا رايونى يوقاپ كېتىش ۋە شۇ سەۋەبتىن ھۆججەتلەر يوقاپ كېتىش ئەھۋالىنى 98% ئەتراپىدا ھەل بولىدۇ.
ھەل قىلىش ۋە ساقلاش ئۇسۇلى.
ئاۋۋال ماۋۇ دېتالنى چۈشۈرۈش قوزغىتىسىز.
DGen310412 نى توردىن ئىزدەپ قاچىلاپ ئىچىدىكى DiskGenius.exe دېگەن ھۆججەتنى قوزغاتسىڭىز بولىدۇ. شۇنىڭ رەسىمدەك چىقىدۇ.( ئەگەر رەسىم كىچىك بولسا،شۇ رەسىمنى قوش چېكىپ چوڭ قىلىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.)
شۇنىڭ بىلەن بۇ ھۆججەتنى ساقلىۋالدۇق.سىز بۇ ھۆججەتنى قاتتىق ياخشى ساقلاڭ.بارماق دىسكا ياكى يانفوننىڭ ساقلاش كارتىسى بولسىمۇ بولىدۇ.لېكىن يۇتتۇرۇپ قويماڭ.
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاللاھ ساقلىسۇن. قاتتىق دىسكىدىكى رايونلار مەشغۇلات خاتالىقى سەۋەبىدىن يوقاپ كەتسە ياكى قوشۇلۇپ كەتسە شۇ سەۋەبىدىن ھۆججەتلەرمۇ يوق بولسا تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.پەقەت مۇشۇ ھۆججەت بولسىلا قايتا ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى بەك چوڭ بولىدۇ. ھەرگىزمۇ سەل قارىماڭ. مۇشۇ ھوججەتنى ساقلاش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇڭ.بىر قىتىم بولسىمۇ بۇلىدۇ.(ئەگەر سىز يەنە قايتا رايۇنغا ئايرىمىسىڭىز)
ئەگەر ياخشى كۈننىڭ يامىنى كېلىپ شۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز ھەرگىزمۇ تەمتىرىمەڭ.
ئاۋۋال سىستېمىنى قاچىلاڭ.ئەگەر شارائىت بولسا سىستېما قاچىلاش دىسكىسىدا winpe دەيدىغان قوزغىتىش سىستېمىسى بار .شۇنىڭ بىلەن قوزغاتسىڭىزمۇ ئەڭ ياخشى شۇنىڭدا ھەممىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەڭ تىز ۋە مۇكەممەل بولىدۇ. بۇنىڭدا سىستېما قاچىلىغان رايوندىكى باشقا ھۆججەتلەرنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى باشلىدۇق.
winpe ياكى قاچىلىغان سىستېما بىلەن يەنە مۇشۇ دېتالنى قوزغىتىڭ.ئاندىن رەسىمدەك.
ئاندىن شۇ ساقلاپ قويغان ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بەردۇق.
بۇنى قىلىپ بولۇپ ،ئەگەر قايتا قورقۇتۇشنى تەلەپ قىلسا قايتا قوزغىتىڭ.
ئاندىن يوقىغان ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى باشلايمىز.ئاندىن يەنە شۇ دېتالنى ئاچىمىز.
شۇنىڭ بىلەن يوقالغان ھۆججەتلەر ۋە يوقالغان قاتتىق دىسكا رايونى پەيدا بولدى.ئېسىڭىزدە بولسۇن پەقەت شۇ ھۆججەتنى ياخشى ساقلىسىڭىز شۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز سىز كېيىنكى مەشغۇلاتنى قىلالمىغان بىلەن باشقىلار قىلالايدۇ.ئۇنىڭدا يوقىغان ھۆججەتلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.
----------------------------------------------------------------
يۇقىرىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشغۇلاتنى بارماق دىسكىدا ياكى ئوپتىك دىسكىدا قىلىڭ شۇنىڭدا ئەڭ ياخشى ئۈنۈملۈك بولىدۇ. پەقەت بىرلا رايون بولسا باشقا رايوننى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن دېسە كۆك ئېكران بولىشى ئېنىق .شۇڭا ئوپتىك دىسكىدا قىلىڭ.كوپ سىستېما قاچىلايدىغان دىسكىدا مۇشۇ دېتال بار.يەنى winpe نىڭ ئىچىدە.
|
|