ئەسەر يازغاندا ئىملا خاتالىقىنى قانداق تۈزىتىمىز؟
ئىملا خاتالىقى ئەسەر سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى، شۇڭلاشقىمۇ يېقىندىن بۇيان تور بەتلەردە ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىش كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتىدۇ، ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىدىغانغا قانداق ئامال بار؟
1-تور يۈزىدە ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىش
ئىملاسىنى تۈزەتمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ، بىۋاسىتە «يۇلغۇن» تورى تەمىنلىگەن تور يۈزىدە ئىملا تۈزىتىش قورالىدىن پايدىلىنىپ تۈزەتسىڭىز بولىدۇ، مەنزىلى:
http://www.yulghun.com/imla/
2-تورسىز مۇھىتتا ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىش
تورغا ئۇلانمىغان شارائىتتا ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە مەخسۇس يۇمشاق دېتاللارغا تايىنىش بىلەن يەنە Microsoft Word نىڭ ئىملانى ئاپتوماتىك توغرىلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تۈزىتىشكىمۇ بولىدۇ.
1) ئۇيغۇرچە مەخسۇس يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق ئىملا تۈزىتىش
(1) ئۇيغۇرسوفت شىركىتى تۈزگەن «كوررېكتور» دېتالى ئارقىلىق تۈزىتىش
بۇ دېتال ھەقلىق دېتال بولۇپ، نۆۋەتتە بىر قانچە خىل نۇسخىسى بار، كەسپلەشكەن دېتال، شۇڭا ئەسەر سۈپىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغان نەشرىيات ئورۇنلىرى، باسمىخانا قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ. تەپسىلاتىنى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى تورىدىن كۆرۈۋېلىڭ. مەنزىلى:
http://www.uighursoft.com/uighur/Show.asp?id=283
(2) مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندى تۈزگەن «يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ» دېتالى ئارقىلىق تۈزىتىش
بۇ دېتال ھەقسىز دېتال بولۇپ، ئۇيغۇرچە ۋە باشقا يېزىقتىكى سۆزلەرنى ئارىلاش تەھرىرلەشكە بولىدۇ، سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى تۈزىتىشكىمۇ بولىدۇ. تەپسىلاتىنى «يۇلغۇن» تورىدىن كۆرۈۋېلىڭ. مەنزىلى:
http://www.yulghun.com/editor/
(3) غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندى تۈزگەن «ئۇيغۇر ئېدىت» دېتالى، «كەنجى كوررېكتور» دېتالى ئارقىلىق تۈزىتىش
«ئۇيغۇر ئېدىت» دېتالى ھەقسىز بولۇپ، «كەنجى كوررېكتور» دېتالىنىڭ «ئۇيغۇر ئېدىت» دېتالىدا ۋە Word تا ئىشلەيدىغان نۇسخىسى بار، «ئۇيغۇر ئېدىت» دېتالىدا ئىشلەيدىغىنى ھەقسىز، Word تا ئىشلەيدىغىنى ھەقلىق. تەپسىلاتىنى «كەنجىسوفت» تور بېتىدىن كۆرۈۋېلىڭ. مەنزىلى:
http://kenjisoft.homelinux.com/
2) يېزىق تەھرىرلەش دېتالى Word نىڭ ئاپتوماتىك توغرىلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىش
ھەممىمىزگە مەلۇم، Word نىڭ خاتا كىرگۈزۈلگەن سۆزلەرنى ئاپتوماتىك توغرىلاش ئىقتىدارى بار، ئەمما ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى تۈزىتەلمەيدۇ. ئەمما مەن مۇشۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ، Word تىمۇ ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىش ئامالىنى تاپتىم.
قايسى دېتالنى قاچىلاپ Word تا بۇنداق ئىقتىدارنىڭ قوشۇلۇپ قالغىنى ماڭا نامەلۇم، نىڭ خاتا كىرگۈزۈلگەن سۆزلەرنى ئاپتوماتىك توغرىلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ھازىر ئىملا خاتالىقىمنى تۈزىتەلەيدىغان بولدۇم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى ھۆججەتنى ئەسلىدىكى ھۆججەتنىڭ ئورنىغا قاپلىۋېتىشكە ئېھتىياجلىق بولىمىز. (ئەسكەرتىش: بۇلار پەقەت Word2003 تىلا ئىشلەيدۇ، ئەسلى ھۆججەتنى قاپلاشتىن بۇرۇن بىر نۇسخا زاپاسلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ، خاتالىق چىقىپ قالسا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ. قاپلاشتىن بۇرۇن ئېچىۋالغان بارلىق Office پروگراممىلىرىنى تاقىۋېتىڭ.)
بۇ ئىككى ھۆججەتنىڭ بىرى normal.dot، يەنە بىرى MSO1025.acl، ئالدىنقىسى تۆۋەندىكى ئورۇندا:
C:\Documents and Settings\Administrator\Application Data\Microsoft\Templates
كېيىنكىسى تۆۋەندىكى ئورۇندا:
C:\Documents and Settings\Administrator\Application Data\Microsoft\Office
بۇلاردىكى Administrator نىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلەتكۈچى نامى (ئۆزگەرتكەن بولسىڭىز) كېلىشى كېرەك، كۆپىنچە كىشىلەر تەييار GhostXP سىستېمىسىنى ئىشلەتكەن بولغاچقا، ئىشلەتكۈچى نامى Administrator بولغانلىقتىن، بىۋاسىتە مۇشۇ ئورۇندىن ئاچسىمۇ بولىدۇ، ئادەتتە Application Data دېگەن مۇندەرىجە يۇشۇرۇن خاسلىققا ئىگە مۇندەرىجە بولغاچقا كۆرۈنمەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن، تۆۋەندىكى قەدەم باسقۇچلار بويىچە ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆزنەك «قورال» [工具] تىزىملىكىدىن «ھۆججەت قىسقۇچ تەڭشىكى» [文件夹选项] تۈرىنى تاللايمىز. (رەسىمدىكىدەك)
چىققان كۆزنەكتىن تۆۋەندىكىدەك جايلارنى تەڭشەيمىز. (رەسىمدىكىدەك)
ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا يۇقىرىدىكى ئىككى ھۆججەت قىسقۇچنى ئېچىپ، يۇقىرىدىكى ھۆججەتلەرنى بىر نۇسخا زاپاسلىۋالغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى مەنزىلدىن مەن تەمىنلىگەن ھۆججەتنى ئەسلىدىكى ھۆججەتنىڭ ئورنىغا قاپلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. ئاندىن Word نى ئېچىپ، «جاۋاپ» دەپ يازسىڭىز، ئۆزلىكىدىن «جاۋاب» دەپ ئۆزگەرسە، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىسىز. ئىملا ئامبىرى ھۆججىتىنى «ئەلسوفت» تورىدىن چۈشۈرۈڭ. مەنزىلى:
http://www.aelsoft.com/list.php?id=6
ماقالە ئەسلى مەنبەسى: تور كاتىپ تورى
مەنزىل: http://torkatip.info/archives/office_auto_change.html
|