ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1050|ئىنكاس: 3

«كۆرۈش سىزىمى سەنئىتى» ئاساسلىرى-لايىھىلەش دىتى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-12-19 03:22:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
سىز مەيلى كەسپىي لايىھىلىگۈچى بولۇڭ ۋە ياكى ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكار بولۇڭ ئۆزىڭىزنىڭ لايىھىلىگەن لايىھەلىرىڭىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرشىگە ئىرىشىشنى ، مەلۇم بەدىئىيلىك ئاساسىدا باشقىلارغا ئىستىتىك زوق بېرىشنى ئارزۇ قىلىسىزغۇ دەيمەن(مېنىڭچە شۇنداق)
ھەممەيلەن بىلىمىز –لايىھىلەش (مەيلى ئۈچ ئۆلچەملىك لايىھىلەش بولسۇن ۋە ياكى تەكشىلىكتە لايىھىلەش بولسۇن ) «كۆرۈش سىزىمى سەنئىتى»گە تەۋە سەنئەت شەكلى بولۇپ، كىشلەرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىگە تەسىر كۆرسۈتۈش ئۇنىڭ ئاساسلىق تەرىپى. سىزدە تولۇق بولغان لايىھىلەش شارائىتى ۋە يۇقىرى لايىھىلەش تېخنىكىسى بولۇش بىلەن بىرگە ، تۆۋەندىكى «لايىھىلەش دىت»لىرىغا ئەھمىيەت بەرسىڭىز ئەسەرلىرىڭىز تېخىمۇ جانلىق ، جەلىپ قىلارلىق چىقىشى مۇمكىن.
1)        ئادەتتە ئوبىيكىتلارنى رەسىم يۈزىدە ئورۇنلاشتۇرغاندا نۇر چۈشكەن تەرەپتىن كۆپرەك ئورۇن قويۇش ، ئوبىيكىتنى ئۈستىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئاستىدىن كۆپرەك ئورۇن قويۇش ئارقىلىق بىر خىل ئازادە ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ.
2)        ئاساسلىق ئوبىيكتنى رەسىم يۈزىگە بەك لىق ياكى بەك كىچىك ئورۇنلاشتۇرۇپ قويماسلىق،چوڭراق ئورۇنلاشتۇرۇش زۆرۈر بولسا خام ماتېرىيالنى لايىھەنىڭ چىگرا سىزىقىدىن ئاشۇرۇپ چىقىرىپ،ئاساسلىق تەرىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش.
3)        ئىپادىلىمەكچى بولغان كۆرنۈشنى ئوخشىمىغان كۆرۈش نۇقتىلىرىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆرۈپ بېقىش كېرەك. مەسلەن: داۋاملىق ئادەتلىنىپ كەتكەن ئوڭدىن ، سولدىن ، ئۇدۇلدىن كۆرۈش نۇقتىلىرىدىنلا ئەمەس ،ئۈستىدىن ، ئاستىدىن كۆرۈش نۇقتىلىرىنى تاللاش ، پۈتۈن بىر كۆرۈنۈشنىڭ مەلۇم بىر پارچىسىنى لايىھىلەش ماتېرىيالى قىلىش.. دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوخشىمىغان كۆرۈش ئۈنۈملىرىگە يەتكىلى بولىدۇ.
4)        لايىھەدىكى ئاساسىي ئوبىيكىتنى ياكى شەكىلنى لايىھەنىڭ مەركىزى سىزىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ،ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالسا ،مۇلۇم بىر شەكىل ياكى خەت ئارقىلىق لايىھەنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندەك تۇيغۇسىنى بۇزۇپ تاشلاش.
5)        بىر پۈتۈنلۈك بىلەن قىسمەنلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ،لايىھەدە مەلۇم رېتىم تۇيغۇسى بولۇش.
6)        لايىھەدە زىيادە كۆپ خىل رەڭ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش ، شوخ،ئوچۇق رەڭلەر بىلەن تۇتۇق،ئېغىر رەڭلەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش.
7)        ئاساسلىق ئورۇندىكىسى بىلەن قوشۇمچە ئورۇندا تۇرىدىغانلارنىڭ پەرقىنى ئايرىۋىلىش،ھەممىسى تەڭ كۆزگە چىلىقىپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئادەتتە رەڭنىڭ كىشلەرگە بېرىدىغان تەسىرىدە رەڭنىڭ ساپلىق دەرىجىسى قانچىكى يۇقىرى بولسا ئادەمنىڭ دىققىتىنى تېز جەلىپ قىلىدۇ. شۇڭا ئاساسلىق ئوبىيكىتنىڭ رەڭگىنى ئوچۇقراق ياكى تەپسىلىي ئىپادىلەپ،قوشۇمچە ئورۇندىكىنى رەڭ دەرىجىسى بىرخىل رەڭدە قىلىپ ئومۇمىي دائىرىدە ئىپادىلىسەك لايىھەنىڭ چىچىلاڭغۇ بولۇپ قىلىشىدىن ساقلىنالايمىز.
8)        لايىھەنىڭ كۈلرەڭ بولۇپ قىلىشىدىن ساقلىنىش. بۇ يەردە دىيلىۋاتقان «كۈلرەڭ» بولۇش لايىھەدە كۈلرەڭ ئىشلەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتماستىن لايىھەدە يا يورۇق رەڭ يوق يا قېنىق رەڭ يوق ھەممىسىنىڭ رەڭ دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولۇپ قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ (ئىشلىگەن لايىھەلىرىمىزنى PS نىڭ رەڭسىز قىلىش بۇيرۇقى ئارقىلىق كۆرۈپ باقساق بولىدۇ)
9)        ئورالما قاپ لايىھەسى، ھەرخىل مەھسۇلاتلارنى تەكشىلىكتە لايىھىلەش ئېلىپ بارغاندا *پېرىسپىكتىۋلىق قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش
10)         خام ماتېرىيال تاللىغاندا ئامال بار كۆپرەك ماتېرىيال تاللاش ،پەقەت بىر نەچچە خىل خام ماتېرىيال بىلەنلا لايىھەنى پۈتكۈزۋەتمەي سۈپەتلىك خام ماتېرىيالدىن پايدىلىنىش.
11)        خەت نۇسخىسىغا ئامال بار قولدا يازغان ھۆسنىخەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىش، بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىغاندا ئوخشاش بىر لايىھەگە ئوخشىمىغان خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ، لايىھە بىلەن خەت نۇسخىسىنىڭ خارەكتىرىنىڭ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش.
پېرىسپىكتىۋ – رەسساملىق كەسپىي ئاتالغۇسى، ئوخشاش چوڭلۇقتىكى جىسىملار ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، يىراقتىىكى جىسىملار چوڭ،ئېنىق ،يىراقتىكى جىسىملار كىچىك،غۇۋا كۆرۈنىشى پېرىسپىكتىۋلىق قانۇنىيەت دەپ ئاتىلىدۇ.

بلوگىمىزنىڭ «كۆرۈش سىزىمى سەنئىتى» ئاساسلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار داۋاملىق يوللىنىدۇ،تورداشلارنىڭ دىققىتى بلوگنىڭ كېيىنكى يازمىلىرىدا بولغاي!
مەنبە:  ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگى   
ۋاقتى: 2010-12-19 16:31:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ flash تا ئۆزلۈكىدىن خەت يېزىلىۋاتقان كارتون دەرسلىكىڭىزنى سەيناغا يوللاپ قويسىڭىز، سەيناداشلاردىن قىزىققانلار ئۆگىنىۋالسا.
ۋاقتى: 2010-12-19 16:40:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگى  نى كۆرۈپ چىقتىم، نادىر مەزمۇنلار بار ئىكەن، يىڭىچە تۇيغۇ  ئاتا قىلدى، پات-پات كىلىپ تۇرىمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-12-24 18:24:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ مەن يوللاپ قوياي، نەچچە كۈندىن بېرى تورغا چىقالماي ۋاقتىدا ئىنكاس يازالمىدىم.
قۇتبىلىك ئەپەندىنىڭ پات-پات كىرىپ، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 19:44 , Processed in 0.180663 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat