ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 2133|ئىنكاس: 0

تاق خەتلەر ئارقىلىق خەنزۇچە خەتلەرنى ئۆگىنىش ۋە ئوقۇتۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-12-19 01:40:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
خەنزۇ يېزىقى مەنىلىك يېزىق بولۇپ خەت شەكلى بىۋاستە خەت مەنىسىنى بىلۈرىدۇ. خەت شەكلى بىلەن ئوقۇلىشى (خەت شەكلى ۋەكىللىك قىلىغان تاۋۇش) ئوتتۇرسىدا ئېلىپبەلىك يېزىقتىكىدەك زىچ باغلىنىش بولمايدۇ..ئەمما بىرىككەن خەتلەرنى ھاسىل قىلغۇچى ئاز مىقداردىكى تاق خەتلەرنىڭ مەنىسى ۋە ئوقۇلىشى قېلىپلىشىپ بىرلىككە كەلگەن بولغاچقا، بىرىككەن خەتلەردە ئوقۇلۇشنى ئىپادىلەش رولىنى ئوينايدۇ.
تاق خەتلەر دېگىنىمىز-تەركىبىدىن يەنە بىر خەتنى ياكى يان بۆلەكنى ئايرىپ چىققىلى بولمايدىغان خەتلەردۇر. مەسلەن:
人      石     太     在    水    身     方     山     夫    中    月
بۇ تاق خەتلەر خەنزۇچە خەتلەر ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ بۇ خەتلەرنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. بۇ خەتلەر ئايرىم ئىشلىتىلگەندە ئاھاڭ-تاۋۇش، مەنىلەرنى بىۋاستە ئىپادىلەيدۇ. مەسلەن: يوقارقى خەتلەرنى بىر قاراپ تونىغىلى، مىنىسنى بىلگىلى، ئوقۇغىلى بولىدۇ. دىمەك كىشلەر بۇ خەتلەرنى بىلىۋالسلا ئۇلارنىڭ شەكلىنى پەرىقلەندۈرەلەيدۇ، مەنىسىنى بىلەلەيدۇ، ئوقۇلىشىنى تەلەپپۇز قىلالايدۇ.
بۇ خىلدىكى خەتلەرنى ئوقوتۇش ۋە ئۆگىنىشتە تۆۋەندىكىچە ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
1. شەكلىگە ئاساسەن ئوخشىتىپ ئەستە ساقلاش
تاق خەتلەرنىڭ كۆپۈنچىسى تەسۋىرى خەتلەر (象形字) بولغاچقا شەكلىگە ئاساسەن مەنىسىنى بىلىۋىلىپ ئاندىن ئۇقۇلۇش ئاھاڭنى ئەستە ساقلاش كېرەك.
مەسلەن:
日      弓     人     山     目     月    门
بۇ خەتلەرگە قاراپ ئىشىك، ئاي، كۆز، تاغ، ئادەم، يا، كۈن دىگەن مەنىلەرنى چىقىرىپ چۈشەنمەك قىيىن ئەمەس، شۇ ئاساستا بۇ خەتلەرنىڭ ئۇقۇلۇشىنى ئەستە ساقلىۋالساق بولىدۇ.
2. بىخۇا قوشۇش ئۇسۇلى
تاق خەتلەرنىڭ يەنە بىر قىسمى ئىش شەيئىلەرنى كۆرسىتدىغان خەتلەر (指事字) بولۇپ شەكلىگە ئاساسەن ئوخشىتىپ ئەستە قالدۇرغان تەسۋىرى خەتلەرگە بىر-بىردىن بىخۇا قوشۇش ئارقىلىق ئىش شەيئىلەرنى كۆرسىتدىغان خەتلەرنى ھاسل قىلىپ ئەستە ساقلاش. مەسلەن:
木(دەرەخ) خېتنىڭ ئۈستىگە بىر سىزىق قوشۇپ 未خېتىنى، ئاستىغا بەلگە قويۇپ 本خېتىنى، ئوتتۇرسىدىن كېسىپ 末خېتىنى ھاسىل قىلىشقا ھەم بەلگە دەرەخنىڭ ئۈستىدە (ئۈچ قىسىمدا) يەنى يەنىمۇ ئۇزىرايدىغان قىسمى، تېخى يېتىلمىگەن قىسمى، كەلگۈسىدىكى ياغاچ قىسمى دىگەندەك ئۇقۇملار بىلدۈرىدۇ، ئاسىتغا قويۇلغان بەلگە دەرەخنىڭ يېلتىزى، يەنى دەرەىنىڭ ئەسلىسى، ئوتتۇرسىدىن كېسىش ئارقىلىق دەرەخ كېسىلدى، تۈگىدى دىگەندەك مەنالار ئارقىلىق ئوبرازلاشتۇرۇپ ئەستە ساقلاشقا بولىدۇ.
日 (كۈن) خېتىگە بىر چىكىت قويۇش ئارقىلىق كۈن (قۇياش) ئىپادىلىگەن رەڭ 白
خېتىنى ياساش ۋە چۈشەندۈرۈش.
3. سېلشتۇرۇش ئۇسۇلى
شەكلى يېقىن كەپ قالىدىغان خەتلەرنى ئۆز-ئارا سېلشتۇرۇپ شەكلى جەھەتتىكى پەرقىنى بىلىۋېلىش ئارقىلىق ئوقۇلۇشنى ئەستە ساقلاش.
مەسلەن:       土—士         千—于        天—夫
ئومۇمەن تاق خەتلەرنىڭ تۈزىلىشى ئاددى، بىخۇا سانى ئاز بولۇپ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئەستە ساقلاش ئاسان. بۇ كېيىنىكى بىرىككەن، مۇرەككەپ تۈزۈلۈشتىكى خەتلەرنى ئۆگىنىش ۋە ئەستە ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بىرىككەن خەت- «بىرىككەن خەت» دىگەن بۇ نامدىنلا مەلۇمكى ئۇلار ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق يان بۆلەكتىن ياكى يان بۆلەك بىلەن تاق خەتلەردىن تۈزۈلگەن خەتلەردۇر. مەسلەن:
休    样   打  众  意 ……
خەنزۇچە خەتلەر ئىچىدە بىرىككەن خەتلەر ئومومىي خەتنىڭ %90 تەن كۆپىرەگنى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىرقى زامان خەنزۇچە خەتلەرىدىكى بىرىككەن خەتلەر مەنا ئىپادىلەيدىغان خەتلەر (会意字)نىڭ زور كۆپ قىسمىنى ۋە ئىنتايىن ئاز سانىدىكى ئىش شەيئلەرنى كۆرسىتدىغان خەتلەر (指事字)نى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرىت ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى شەكىل-تاۋۇشلۇق خەت (形声字)بولۇپ بىرىككەن خەتلەرنىڭ %80 تىن كۆپىرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ.
بىرىككەن خەتلەر تاق خەتلەرنىڭ بىۋاستە بىرىكىشىدىن ياكى شەكىل ئۆزگەرتىش ئارقلىق ياندىشىپ كېلىشىدىن تۈزىلىدۇ. ھەر قانداق بىرىككەن ىەتنى مۇئەييەن تاق خەتكە ياكى تاق خەتنىڭ ئۆزگەرگەن يان بۆلەك شەكلىگە پارچىلاشقا بولىدۇ. يەنى كېلىپ بۇ تەشكىل قىلغۇچى تاق خەتلەر ئەينى بىرىككەن خەتنىڭ مەنىسى ۋە ئوقۇلۇشى ئىپادىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسلەن:
明    利   采   仙   忠  娶
يېزىق (象形字) دەل ھازىرقى خەنزۇچە خەتنىڭ ئاساسى ئىدى. تەسۋىرى يېزىقتا ئىش-شەيئىلەر ئوخشىلىپ سىزىلىپ ئىپادىلىنەتتى مەلۇم ئۆلچەم قائىدە يوق ئىدى. ھازىرقى خەنزۇچە خەتلەردىكى بىر قىسىم تاق خەتلەردە بۇ ئالاھىدلىك ھېلىھەم ساقلانغان. مەسلەن:
تەسۋىرى يېزىق شەكلى        ھازىرقى
        人
        目
        木
بىز ھازىر كۆرىۋاتقان چىغناق-تاغاق يېزىقىدىن بۇ خىل خەتلەرنىڭ ئەسلى شەكلىنى كۆرەلەيمىز. تەسۋىرى خەتلەردە شەيئىلەر ئاددى سىزىقلار ئارقىلىق شۇ شەيئىنى ئاساسى ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئىپادىلەيدۇ، ئەمما تۇرمۇشتا كونكىرت بولىمغان ئىش-شەيئى، ھادىسلەر بولغان بولىدۇ بۇ خىل سىزىپ تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان ئۇقۇملارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يەنە پىكتوگرامملىق خەت (指事字)ۋە ئېدئىوگرامملىق خەت (会意字)بارلىققا كەلگەن. مەسلەن:
مەنىسى        ھازىرقى شەكلى        پىكتوگرامملىق
ئۈستى        上       
ئاستى        下       
يېلتىزى        本       
تاتلىق        甘       
ئېدىئوگرامملىق خەتلەر:
مەنىسى        ھازىرقى شەكلى        پىكتوگرامملىق
ئەگشىش        从       
يىغماق        采       
ئورمان        林       
دەم ئېلىش        休       
يورۇق        明       
مەيلى تەسۋىرى خەتلەر بولسۇن ۋە مەيلى پىكتوگرامملىق ياكى ئىدىئوگرامملىق خەتلەردە بولسۇن ھەممىسدىلا شەيئى ھادىسلەرنى تەسۋىلەش ئارقلىق ئوبراز يارتىلىپ ئىپادىلەنگەن بولۇپ بۇنداق بولغاندا دۇنيادىكى تۈرلۈك تۈمەن ئىش شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن بىردىن خەت ياساشقا توغرا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ بىر مۈمكىن بولمايدىغان ئىش. يەنە بىر تەرەپتىن يوقارقى خەتلەرنىڭ ھەممىسدە پەقەت مەنالا ئىپادىلىنىپ تاۋۇش ئىپادىلەنمەيتى، تارىختا بۇ خەتلەر ئوخشىمىغان دەۋىر، ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا ھەر خىل ئاھاڭدا ئوقۇلاتتى. بۇ ئىككى مەسىلە خەنزۇتىلى يېزىقنىڭ يەنىمۇ تەرەققىقىلىشنى ئىلىگىرى سۈرۈپ فونوگرامملىق خەت (شەكلى- تاۋۇشلۇق خەت(形声字)) بارلىققا كەلدى. مىسال ئالايلۇق: 鱼yu دىگەن بېلىق تۈرلىرنىڭ ئومۇمى ئاتالغۇسى، بىراق鱼 نىڭ مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان تۈرى بولغاچقا ھەر بىر خىل بېلىق ئۈچۈن بىردىن تەسۋىرى خەت ئىجات قىلىش مۈمكىن ئەمەس، شۇ سەۋەبتىن鱼 دىگەن خەتنى يان تەرەپكە قويۇپ بېلىق تۈرىنى ئىپادىلىگەن ئانىدىن ئەسلى بار بولغان خەتلەردىن پايدىلىنىپ ئوخشاش بولمغان鱼 لەرنى ئىپادىلەنگەن.
تەرجىمىسى        ئوقۇلىشى        خەت
كاراپ بېلىقى        li        鲤
تاپان بېلىق        ji        鲫

تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلاردىن بەھىرلەنمەكچى بولسىڭىز مەرھەمە [url]http://www.alshir.com/[/url]
www.alshir.com
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 15:42 , Processed in 0.253649 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat