ئۇيغۇر دوپپىلىرى ھەققىدە
دوپپىلارنىڭ رايون ئالاھىدىلىكى
شىنجاڭنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان رايونلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئاساسەن ھەر خىل روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان دوپپىلارنى تىكىدۇ ھەم باش كىيىمى قىلىپ ئەتىۋارلاپ كىيىدۇ.
تۆۋەندە بىر قىسىم رايونلارنىڭ يەرلىك ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان دوپپىلىرىدىن قىسقىچە چۈشەنچە بېرىلدى:
قەشقەر دوپپىلىرىنىڭ تېگى قارا رەڭلىك، گۈلى ئاق كېلىدۇ. چۇچىلىق بادام دوپپا، ئالتۇن رەڭ ۋە كۈمۈش رەڭ زەرلىك يىپتا تىكىلگەن ئايالچە دوپپىلار ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.
خوتەن رايونىنىڭ دوپپىلىرى رامكا شەكلىدە نۇسخىلىرى كۆپ بولۇپ، ئايالچە نۇسخىلىرى خېلى داڭلىق. گىئۇمېتىرىك تىكىش بىرلەشتۈرۈلگەن، رەڭلىك يىپ ئىشلىتىلگەن نۇسخىلار كۆپ، سىزىقلىرى زىچ گىرەلەشكەن، شەكلى تۈز ئاددىي، تۆت بۇرجىكى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ ھەرقايسى جايلاردىكى ئاياللار ياقتۇرىدۇ.
كۇچا رايونىنىڭ دوپپىلىرى - مارجان دوپپىلىرىنىڭ ئايالچە نۇسخىسى ئۈستىگە كۆتۈرۈلگەن نۇسخىدا بولۇپ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ مارجانلىرى تەكشى تىزىلغان، كۆزلەرنى چاقنىتىدۇ.
تۇرپان رايونىنىڭ دوپپىلىرى — ئۆزگىچە بولۇپ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى گۈلى كەڭ، تەگلىكى تار ، ھەممە يېرى تەكشى تىكىلگەن، گىرۋەكلىرى ماسلاشتۇرۇلغان. دوپپا ئاساسەن گۈل بىلەن ئورىلىپ تىكىلگەن بولۇپ گوياكى گۈل تاجىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. رەڭگارەڭ بولۇپ كۆزنى چاقنىتىدۇ. كىشىلەرگە باياشاتلىق ، تېتىكلىك، گۈزەللىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.
ئىزاھات: تۆۋەندە بېرىلگەن تۇرپان نۇسخىدىكى دوپپا 57يىل بۇرۇن تىكىلگەن دوپپا بولۇپ، بۇ بىر جۈپ ئەر–ئايالچە ئېسىل دوپپىنىڭ ئىگىسى(تىككۈچىسى)تۇرپان دىيارىدىن گوياخان ئىسىملىك ئانىمىز ئىكەن. گوياخان ئانىمىز يېڭى توي قىلغان يىللاردا مۇشۇ بىر جۈپ دوپپىنى تىكىپ، ئۆمۈرلۈك ھەمراھى بىلەن كەيگەن ئىكەن. بۇ دوپپا ھازىر گوياخان ئانىمىزنىڭ ھۈنەرۋەن ۋارىسى بولغان قىزىغا قالدۇرۇلۇپتۇ.
قۇمۇل رايۇنىنىڭ دوپپىلىرى - نۇسخىلىرى بىر قەدەر مۇرەككەپ، ئەمما رەڭلىرى چىرايلىق.
ئىلى رايونلىرىنىڭ دوپپىلىرى - نۇسخىلىرى دۆڭرەك ، يۇمىلاق كېلىدۇ. رەڭگى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلغان. بىر خىل تىكىش ئۇسۇلى ئومۇملاشقان. دوپپىلار نەپىس، ئازادە.
نىيە، كىرىيە، چىرىيە، چەرچەنلەردە كېپىنەك شەكىللىك دوپپىلارنى كىيىش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. ساپ نەقىشتىن ئىشلەنگەن بولۇپ دىئامېتىرى 10 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللار يىڭنە بىلەن تىكىپ چىقىدۇ. گوياكى بېشىغا قوندۇرۇۋالغان گۈلگە ئوخشايدۇ. بۇ خىلدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك دوپپىلارنى مۇشۇ رايوندىن باشقا جايلاردا ئۇچراتماق تەس.
ئۇيغۇر دوپپىلىرى، ئەر- ئايال، قېرى، ياش دېگەندەك پەرقلەرگە قاراپ نۇسخا، گۈل چەكمە ۋە رەڭلەردە ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.
ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۇرلىرى ناھايتى كۆپ. مەسىلەن: بادام دوپپا، تاشكەنت دوپپا، گىلەم دوپپا، مەنپۇ دوپپا ، ئىلمە گۈللۈك دوپپا، چىمەن دوپپا، تور باسقان دوپپا، مارجان دوپپا ، سىدام دۇخاۋا دوپپا، شاپاق دوپپا...... قاتارلىق يۈز خىلدىن ئاشىدۇ.
گۈل يوپۇرماقلىق چىمەن دوپپا— تۆت تالالىق بولۇپ، كۈلرەڭ تەگلىك رەختكە ئاق يىپەك يىپ بىلەن سىزىقلار چېكىلىدۇ، دوپپىنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇققا چېكىلىدىغان يوپۇرماقلار دوپپىنىڭ كۆرۈنۈشىگە ماسلاشقان ھالدا ئاق يىپ بىلەن تىكىلىپ، چۆرىسى قارا يىپ بىلەن ئالاھىدە ئاجرىتىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئارىلىقلىرىغا، جىيەكلىرىگە ئاق يىپ بىلەن ئۆركەش شەكىلدە چىقىرىلغان يوللار دوپپىغا تېخىمۇ ھۆسۈن قوشىدۇ. ئۆركەشنىڭ ئاق يوللىرى قارا يىپ بىلەن ئاجرىتىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاس.
گۈل غۇنچە دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، تېگى ھاۋارەڭ ياكى كۆك رەڭ تاۋاردىن تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ تالالىرىغا تىكىلگەن گۈللىرى قېنىق يېشىل يىپەك يىپ بىلەن، ئەۋرىشىم يوپۇرماقلىرى سۇسراق يېشىل يىپ بىلەن چېكىلىدۇ. يوپۇرماقلارنىڭ ئەتراپىدىكى گۈللەر قىزىل، كۆك، سۇس قىزىل رەڭلەردە بېزىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئاياللارغا خاس بولۇپ، دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، گىرۋىكىدىكى گۈللىرى ئۈستىدىكى گۈللىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ چېكىلىدۇ.
بادام مارجان دوپپا— بۇ خىل دوپپىنىڭ تېگى قارا، كۆك، توق يېشىل مەخمەللەردىن تىكىلىدۇ. دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى پىستە بادام شەكلىدە يوغان- يوغان چېكىلىدۇ. ئۇلار ئاق سەدەپ مارجان بىلەن يىپلارغا تىزىلىدۇ. بادام گۈلىنىڭ ئەتراپى چېكىت- چېكىت يۇلتۇزلاردەك بېزىلىدۇ. گىرۋىكىدىكى يېرىم ئاي شەكلىدىكى دۈگلەك گۈل مارجانلار بىلەن تولدۇرۇلۇپ، ئەتراپى ئاق مارجانلار بىلەن كۆركەم قىلىپ چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا چوكانلار، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارغا خاس بولۇپ، قەشقەر، كۇچا ئاياللىرىنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمىدۇر.
ئەرەنچە چىمەن دوپپا — چىمەن دوپپا ئىسمى- جىسمىغا لايىق تولىمۇ چىرايلىق بېزىلىپ تىكىلىدۇ. بۇ دوپپىنىڭ نامىنىڭ چىمەن دوپپا دەپ ئاتىلىشىمۇ شۇنىڭغا باغلىق. دوپپا دۈگلەك شەكىلدە بولسىمۇ تۆت تالاسى توق يېشىل يىپەك يىپ بىلەن ئاجرىلىپ تۇرىدۇ. دوپپىنىڭ تېگى يېشىل يىپ بىلەن تىكىلىپ، گۈل- غۇنچىلىرى قوشماق باداملار بىلەن بېزىلىدۇ، ئۈستىدىكى گۈللىرى شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپتا، گىرۋىكىدىكى گۈللىرى بولسا قېنىق قىزىل يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، گۈل ئارىلىقى ئاق يىپەك يىپتا نازۇك قىلىپ يوپۇرماقنىڭ تارام- تارام تومۇرلىرىدەك بېزىلىدۇ. ئۇ ئەرلەرگە خاس بولۇپ، قەشقەر تەۋەسىدىكى ئەرلەر تولىمۇ ياقتۇرۇپ كىيىدۇ.
گۈلشەن چىمەن دوپپا — بۇ دوپپىنىڭ شەكلى گىلەم دوپپىغا ئوخشىسىمۇ، ئەمما گۈللىرىنىڭ تىكىلىش تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلمىسى باشقىچە. بۇ دوپپا گىئومېتىرىيىلىك ئۇسۇلدا ئەمەس، ئادەتتىكى گۈل دوپپىلىرىدەك ئىشلىنىدۇ. دوپپا توت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى ناھايىتى ئوچۇق رەڭلىك يىپەكلەردىن تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ تېگى ئاق رەختتىن بولۇپ گۈللىرى ئۈچ لىنىيىگە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تېگىدىكى چوڭ گۈل قېنىق قىزىل رەڭلىك يىپتا، ئىككى يېنىدىكى ئېچىلغان يوپۇرماقلىرى قىزىل يىپتا چېكىلىدۇ. ئوتتۇرىسىدىكى گۈللىرىنىڭ ھەممىسى ئاق، قوش يوپۇرماقلىرى توق يېشىل، ئىككى تەرىپىدىكى تۆت تالالىق گۈلى قېنىق ھال، ئوتتۇرسىدىكى ئاچىماق چېچەك يېشىل، يېنىدىكى يوپۇرماق لىنىيىلىرىنىڭ بىرى قىزىل، ئىككىنچىسى توق سۆسۈن رەڭلىك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ يۇقىرىسىغا جايلاشقان ئۈچىنچى لىنىيىدىكى گۈللەر ئوچۇق ھال رەڭدە، ئىككى ياندىكى قوش يوپۇرمىقى قېنىق ھاۋارەڭ ۋە قېنىق يېشىل رەڭلەردە بېزىلىدۇ، بۇ دوپپا ياش يىگىتلەر ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەرگە خاس.
گۈل قىياق دوپپا— دۈگلەك شەكىلدە بولۇپ، سۇس ھاۋارەڭ تەگلىككە ھەر خىل رەڭدىكى يىپەك يىپلار بىلەن گۈل تىكىلىدۇ. گۈللەر قىياق بەلگىلىرى بىلەن قۇراشتۇرۇلۇپ، دوپپىنىڭ ئەڭ ئۈستىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈلى قېنىق سۇس رەڭدە، ئەتراپتىكى تۆت گۈل قېنىق ھاۋارەڭ يىپتا چېكىلىدۇ، گۈللەرنى ئوراپ تۇرىدىغان قىياق يوپۇرماقلار قېنىق ھال، ھاۋارەڭ، توق يېشىل رەڭلەردە چېكىلىپ، گۈللەر قارا يىپەك چېكىتلەر بىلەن تۆت تەرەپكە ئاجرىلىپ بېزىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ دوپپا قەشقەر ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ ئەرلەر كىيىدۇ.
چىمەنگۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، سۇس يېشىل، مايسىرەڭ تەگلىككە ھەر تۈرلۈك گۈللەر چېكىلىدۇ. گۈللەر دانە- دانە شەكىلدە ئوچۇق ھال ۋە قىزىل رەڭلىك يىپتا چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ تۈزۈلۈشى خۇددى كېسىلگەن لىمون دانىلىرىغا ئوخشايدۇ. يوپۇرماقلىرى توق يېشىل، سۆسۈن ۋە ئوچۇق كۆكرەڭلىك يىپەك يىپلاردىن ئىبارەت. گۈللىرى، جىيىكى ئاق، قارا يىپلار ئارقىلىق گويا ھەرىنىڭ چىشىغا ئوخشاش ئاجرىتىلىپ بېزىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، چىيەك ئۈستىگە ئايرىم- ئايرىم گۈل پارچىلىرى چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاستۇر.
قىزىل گۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، توق يېشىل تەگلىك، ئاق، ساغۇچ يىپەك يىپ بىلەن گويا ئۆمۈچۈك تورىدەك بېزىلىدۇ. ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن گۈللىرى قىزىل يىپەك يىپ بىلەن دانە- دانە قىلىپ چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئەتراپىدىكى چاچراپ چىققان بىخلار، غۇنچىلار يېشىل رەڭدە، ئېچىلاي دېگەن غۇنچىلار بولسا شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپتا، ئۈستى ئاق يىپەك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ گۈللىرى گېئومېترىيىلىك ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ، يوپۇرماقلىرى تۈز سىزىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ دوپپىنى ياش يىگىتلەر ۋە ئاياللار كىيسىمۇ بولىدۇ.
توقۇلما گۈللۈك دوپپا— بۇ خىل دوپپا خۇددى گىلەمگە ئوخشايدۇ، ھەممە يېرىگە چىرايلىق رەڭلىك يىپلار بىلەن گۈل چېكىلىدۇ. بۇ قۇمۇل، تۇرپان خەلقىنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمى.
گۈللۈك مانچېستىر دوپپا— بۇ خىل دوپپىلار ھەر خىل رەڭدىكى مەخمەل، مانچېستىرلاردىن تىكىلىدۇ، دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. گۈللىرى قىزىل، كۆك، ھال، يوپۇرماقلىرى يېشىل، غۇنچىلىرى ئوچۇق شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپلار بىلەن چېكىلىدۇ.
مارجانگۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ تېگى ئاق زەر رەختتىن تىكىلىپ، گۈللىرى يوغان- يوغان، دانە- دانە قىلىپ چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ ئۈستىگە ۋە گىرۋەكلىرىگە چېكىلگەن گۈل سەل سوقۇچاق بولۇپ، ھال، ئاق، قېنىق قىزىل يىپلاردا تىكىلىدۇ. گۈلنىڭ ئەتراپىدىكى يوپۇرماقلار توق يېشىل رەڭدە بولىدۇ. بۇ دوپپىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى پۈتۈن گۈل، يوپۇرماقلارنىڭ ئەتراپى ئاق سەدەپ مارجان بىلەن چۆرىدىلىپ بىر قاتاردىن چېكىلىدۇ. شۇنىڭدەك گۈل ئۈستىگە ۋە يان تەرىپىگە ئاق يىپەكتىن يوپۇرماق پارچىسى چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەر، قىزلار ۋە چوكانلارغا خاس بولۇپ، كۇچا ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.
سەدەپ يۇلتۇز گۈللۈك دوپپا— بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ. كۆك مەخمەل تەگلىككە توق سېرىق يىپەك يىپ بىلەن گۈللەر پۈتۈن، يوغان چېكىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستى ئاق سەدەپ مارجان بىلەن بېزىلىدۇ. يۇلتۇز گۈلنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر بىر بۇلۇڭغا قىزىل مارجان قادىلىدۇ. يۇلتۇزنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدىغان يالغۇز مارجان يېشىل رەڭلىك بولىدۇ. يۇلتۇز گۈلنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى غۇنچە گۈلنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىزىل مارجان تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، جىيەكنىڭ ئۈستىگە ئۆركەش قىلىپ ئاق سەدەپ مارجان تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا كۇچا ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، قىزلارنىڭ يارىشىملىق باش كىيىمىدۇر.
ئانار گۈللۈك مارجان دوپپا— بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ، تېگى قېنىق زىغىررەڭ مەخمەلدىن بولىدۇ. گۈللىرىنى تېگى توق سېرىق ئالتۇنرەڭ يىپتا، تۆپىسىدىكى ئانار ۋە ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ئوخشاش يىپتا، گۈلىرى ئاق ئۇششاق سەدەپ مارجاندا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ گىرۋىكىدىكى گۈلگىمۇ ئانارنىڭ يوغان شەكلى چۈشۈرۈلۈپ، ئوتتۇرىسىغا چېچىكى تىكىلىدۇ.
چەكمە قىزىلگۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ. ئۇنىڭ تېگىدىكى توق سېرىق زەر رەخكە باشقا دوپپىلارغا گۈل تىكىش قائىدىسىدىن ئالاھىدىرەك قىلىپ، يوغان قىزىل گۈللەر چۈشۈرۈلىدۇ. گۈل يېشىل يىپتا، ئۇنىڭ ئەتراپى ئاق قىزىل يىپتا، چېتىدىكى گۈلى قېنىق بېغىرەڭ چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئارىلىقى ۋە گىرۋىكىدىكى يېشىل يوپۇرماقلار ئاق يىپ بىلەن ئاجرىتىلىپ دانە- دانە قىلىپ تىكىلىدۇ. گۈلنىڭ ئىچى ھاۋارەڭ يىپتا، ئەتراى ئوچۇق قىزىل ۋە قارا يىپتا چېكىلىدۇ، گويا توزنىڭ قاناتلىرىدەك يېيىلىپ تۇرغان يوپۇرماقلىرى ئۇنىڭغا ناھايىتى چىرايلىق تۈس بېرىدۇ. دوپپىنىڭ يان بۇرجىكىگە توق يېشىل رەڭ يىپتا قارلىغاچ قانىتىدەك ئاچىماق قىياق گۈل چېكىلىدۇ. جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا قىزلار ۋە چوكانلارغا لايىقتۇر.
ئاق گۈل چىمەن دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى مۇرەككەپ ئەمەس. گۈللەر دوپپىنىڭ ئۈستىدىن تا ئاستىغىچە بىر خىل تۈردە، ئاق گۈل چېچەك، غۇنچىلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ گۈللىرى بېغىررەڭ يىپتا، قالغان گۈللىرى، غۇنچىلىرى بولسا ھاۋارەڭ يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. ئۇنىڭ تۆت تالاسى ئاق يىپەك يىپ ئارقىلىق بۇغۇم- بۇغۇم، گۈل چېكىلگەن سىزىقلار بىلەن ئاجرىتىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاس بولۇپ، خوتەن، قەشقەر تەۋەسىدە كۆپ كىيىلىدۇ.
ياش بالىلار ۋە يىگىتلەرگە خاس بولغان گۈل دوپپا— كۆك مەخمەلدىن تىكىلىدۇ. ئۈستىگە بىرلا يەرگە گۈل چېكىلىدۇ. گىرۋىكىگە تۈز يول قىلىپ ئاق يىپەك يىپتا سىزىقلار تىكىلىدۇ. گۈللىرى رەڭلىك تىكىلىدۇ.جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. تۆت تالاسى قىزىل يىپ بىلەن لىنىيە بويىچە ئاجرىتىلغان.
دوپپا كىيش ئۇسۇلى ھەققىدە
دوپپىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدىن تارتىپ ،دوپپىنى قانداق كىيىش ، نەقىشلەرنى قانداق قوندۇرۇش، قانداق كىيىشكىچە ئۆزگىچە بىر گۈزەل مىللىي سەنئەت. بۇ سەنئەتتە ئۇيغۇرلارغىلا خاس بىر قەدىمىي ئەقىل-پاراسەت پارلاپ تۇرىدۇ. دوپپا كىيىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى ئالدى تەرەپتىن قارىغاندا بىر بەت تولۇق، ئىككى يان بەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى كۆرۈنۈشى كېرەك.
چىمەن دوپپا، بادام دوپپا، ئۇنچە دوپپا دېگەندەك تۆت قىرلىق دوپپىلارنى كىيگەندە مەلۇم بىر قىرىنى ، ئوڭ ياكى سول قېشىمىزنىڭ كۆتۈرۈلگەن يەنى ئوتتۇرا قىسمىغا توغرىلاپ ، پېشانىمىزگە چۈشۈرۈۋالماي ئازراق چوققا چېچىمىز كۆرۈنگۈدەك قىلىپ سەل ئارقىغا تارتىپ ياراشتۇرۇپ كىيىمىز.
قايسى قاش تەرەپكە ئاغدۇرۇشنى تاللىغاندا ، چېچىنى ئايرىپ تارايدىغانلار ئۆزى كۆنگەن ھەم ئەپلىك ھېس قىلغان تەرەپنى تاللىسا بولىدۇ.
دوپپا قىرىنى قېشىمىزنىڭ ئوتتۇرسىغا توغرىلىساق ياكى تۆت بۇرجەك قىلىپ ئۇدۇل كىيىۋالساق ئوخشاشلا كۆرۈمسىز بولۇپ قالىدۇ.
دوپپىلارنى كىيگەندە سورۇنغا قاراپ تاللاپ كىيىشمۇ مۇمكىن. قېنىق رەڭلىك، گۈللۈك، ھەم ئېسىل ئۈنچە-مارجان ۋە ياكى ئالتۇن زەرلەرنى تۇتقان ئېسىل دوپپىلار مېھماندارچىلىق، ھېيت- بايرام، تويلارغا ئوخشاش خۇشاللىق سورۇنلارغا ماس كېلىدۇ.
ئادەتتىكى تۇرمۇشتا بەكمۇ رەڭدار ئەمەس ،ئەمما قولدا سىپتا ئىشلەنگەن چىمەن ، گېلەم ياكى بادام دوپپىلار مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئۆلۈم-يېتىم ياكى بىرەر ئاغرىقلارنى يوقلىغاندا ياكى بىرەر يىغىن سورۇنلىرىغا كىيىمىمىزنىڭ رەڭگىگە ماسلاشتۇرۇپ بادام دوپپىلارنى ياكى مەخمەل دوپپىغا ئوخشاش سىدامراق ياكى رەڭگى قېنىقراق سەل سالاپەتلىك كۆرسىتىدىغان دوپپىلارنى كىيشكە بولىدۇ.
ئىلگىرى قىزلارنىڭ دوپپىلىرىغا ئالتۇندىن تاج ھەم قاداقلارنىمۇ تاقايتتى ، ھازىر سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاشتىن باشقا سورۇنلاردا بۇنداق دوپپا ئۇچرىمايدۇ. قىزلارنىڭ ھازىرقى دوپپىلىرىمۇ ئنتايىن يارىشىملىق ۋە چىرايلىق بولۇپ، چىراي ۋە باش شەكلى ئوخشىمىغان ئۇيغۇر قىزلىرىغا ماس كېلىدىغان تۈرلۈك گۈللۈك ، مارجان ۋە چىمەن دوپپىلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.
دوپپىنىڭ ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرىدىكى ئورنى
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىيىنىش ئادىتىدە باش كىيىمنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. ئۇيغۇر ئەرلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشمىغان باش كىيىملەرنى كىيىشكە، ئاياللىرى ئومۇمەن بىشىغا ياغلىق سېلىشقا ياكى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، باش كىيىمسىز يۈرۈشنى ئۇيغۇرلار يامان كۆرىدۇ. بولۇپمۇ ئۆلۈم-يېتىم، نەزىر-چىراغقا بارغاندا مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن چوقوم باش كىيىم كىيىشى شەرت.
خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش قارىشىدا ئومۇمەن ئاممىۋىي مۇراسىملارغا باش كىيىمسىز بېرىش بىر خىل ھۆرمەتسىزلىك ۋە ئەدەپسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.
رايون پەرقى، كەسپىي پەرق ۋە ياش قۇرام پەرقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىملىرى ناھايىتى كۆپ خىللىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ ئۇچۇن كىيگەن باش كىيىمگە قاراپ شۇ كىشىنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى، قانداق كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ھەمدە ياش قۇرامىنى بىلگىلى بولىدۇ .
ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيمى شەكىل جەھەتتىن ئومومەن قىشلىق تېرە تۇماق، سىدام دوپپا ۋە گۈللۈك دوپپىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. بۇ باش كىيىملەرنىڭ ھەر قايسى تۈرىدە يەرلىك رايون پەرقى روشەن گەۋدىلەنگەن.
قىزىل ۋە يىشىل دۇخاۋىدىن تىكىلگەن سىدام دوپپىلار كۆپرەك شىمالىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇدوپپىلارنىڭ رەڭگى ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭ ھەققىدىكى ئەنئەنىۋىي چۇشەنچىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ﻣﻪﻧﺒﻪ : ئۇيغۇرلاردا دوپپا مەدەنىيىتى ۋە ساقلانغان سۈرەتلەر
-ئەلكۈيى تورىدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yolum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-29 13:43
|