ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1305|ئىنكاس: 0

قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ساقلىنىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-12-17 18:05:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
Bihlan
قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ جەمئىيەت ۋە خەلققە يەتكۈزگەن زىيىنىنى ئاشكارىلاپ، ئاممىنى قانۇن ئېڭى، خەۋپ – خەتەر ئېڭى ۋە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشتەك جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يېقىندا قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشتەك جىنايى ھەرىكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش توغرىسىدا، نوپۇزلۇق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى زىيارەت قىلدى، ئۇلار ئالاقىدار بىلىملەرنى چۈشەندۈردى.
سوئال: ئامما قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ھەرىكىتىنى قانداق پەرقلەندۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ساقلىنىشى كېرەك؟
جاۋاب: ئامما قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشتا، تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:
بىرىنچى، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئازدۇرۇشلارغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جاھاندا تەييارغا ھەييار بولىدىغان ئىش يوق، زور پايدا يەتكۈزىدىغان، تېز بېيىتىدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئىككىنچى، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ھەرىكىتىنى توغرا پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، سوبيېكتنىڭ سالاھىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىگە، ئۇ شۇغۇللىنىۋاتقان مەبلەغ توپلاش ھەرىكىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن – ئۆتمىگەنلىكىگە؛ جەمئىيەتتىكى ئېنىق بولمىغان ئوبيېكتلارغا مەبلەغ جۇغلىغانمۇ – يوق؛ پايدا يەتكۈزىمىز دەپ ۋەدە بەرگەنمۇ – يوق، شۇلارغا قاراش كېرەك، ئادەتتە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار مەلۇم نىسبەتتە پايدا يەتكۈزىمىز، دەپ ۋەدە بېرىدۇ؛ يەنە ئۆزىنىڭ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ماھىيىتىنى قانۇنلۇق شەكىل ئارقىلىق ياپقان – ياپمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئىدراكىي مەبلەغ سېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆپ پايدىغا ھەر ۋاقىت خەتەر ھەمراھتۇر، مۇنتىزىم بولمىغان ئىقتىسادىي پائالىيەتكە تېخىمۇ زور خەۋپ يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇڭا، ئىدراكىي مەبلەغ سېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ھوقۇق – مەنپەئەتنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.
تۆتىنچى، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشقا قاتنىشىش خەۋپىنى ئۈستىگە ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قانۇنسىز قىلمىش، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سېلىنمىسى ۋە ئالاقىدار مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ. شۇڭا، قىسمەن ئورۇنلار ۋە شەخسلەر كۆپ سوممىلىق سېلىنمىغا پايدا يەتكۈزۈش ۋەدىسى بىلەن يولغا قويغان يۇقىرى ئۆسۈملۈك ئامانەت پۇل، پاي چېكى، ئاكسىيە، فوند ۋە ئېچىش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشتا ئەستايىدىل پەرقلەندۈرۈش، ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك.
سوئال: ئاكسىيە تۈرىدىكى قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە قىلمىشلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟ ئاساسلىق شەكىللىرىچۇ؟
جاۋاب: قانۇنسىز ئاكسىيە قىلمىشلىرى ئاساسلىقى پاي چېكىنى قانۇنسىز تارقىتىش ۋە ئاكسىيە تىجارىتى بىلەن قانۇنسىز شۇغۇللىنىشنى كۆرسىتىدۇ.
پاي چېكىنى قانۇنسىز تارقىتىش ئاكسىيىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەستىقىسىز پاي چېكىنى ئۆز ئالدىغا ئاشكارا، شەكلى ئۆزگەرگەن ئاشكارا تارقىتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆز ئالدىغا ئاشكارا پاي چېكى تارقىتىش ئاكسىيىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي، ئېنىق بولمىغان ئوبيېكتقا پاي چېكى تارقىتىش ياكى ئېنىق بولمىغان ئوبيېكتقا پاي چېكى تارقاتقاندىن كېيىن، پايچىكلار 200كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. شەكلى ئۆزگەرگەن ئاشكارا پاي چېكى تارقىتىش ئاكسىيىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئېلان، تېلېفون، خەت – ئالاقە قاتارلىق ئاشكارا شەكىللەردە ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن ئاشكارا شەكىلدە جەمئىيەتتىكى ئاممىغا پاي چېكى تارقىتىش، شۇنداقلا شىركەت پايچىكلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىش شەكلى بىلەن جەمئىيەتتىكى ئاممىغا پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئېنىق ئوبيېكتقا پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئاكسىيىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىجازىتى ئېلىنمىغان بولسا، پاي چېكى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، شىركەتنىڭ پايچىكلىرى 200كىشىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشمۇ شەكلى ئۆزگەرگەن پاي چېكى تارقىتىش قىلمىشىغا كىرىدۇ. قانۇنسىز ئاكسىيە تىجارىتى ئاكسىيىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىجازىتىنى ئالمىغان ئاپپارات ۋە شەخسلەرنىڭ ئاكسىيە سېتىش، ۋاكالىتەن سېتىش، ئاكسىيىگە مەبلەغ سېلىشتىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ئاكسىيە كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.
قانۇنسىز ئاكسىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى تۆۋەندىكىچە: ئاممىنى ئاتالمىش دەسلەپكى پاي چېكى ياكى تۈرلۈك فوندلارنى سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇرۇپ، بۇ ئاكسىيىلەر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاكسىيە بازىرىدا بازارغا سېلىنغان، دەپ يالغان ئېيتىش؛ ئاتالمىش دەسلەپكى پاي چېكى ياكى فوندلارنى بازارغا سېلىش؛ ئاتالمىش مەبلەغ سېلىشتىن مەسلىھەت بېرىش ئاپپاراتلىرى، مۈلۈك ھوقۇقى ۋاسىتىچى شىركەتلەر، چەت ئەللەردىكى مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگودىكى ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى، ھەتتا مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى ئورنى، ئاكسىيە سودىسى ئورنى قاتارلىقلارنىڭ نامىدا ئاكسىيىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئاممىغا پېيى بازارغا سېلىنمىغان شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ياكى ۋاكالىتەن سېتىش؛ زور پايدا يەتكۈزۈشنى يەمچۈك قىلىپ، ئاكسىيىگە مەبلەغ سېلىش نامى بىلەن ئاممىنىڭ مال – مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش.
سوئال: ئامما قانۇنسىز ئاكسىيە ھەرىكەتلىرىنى قانداق پەرقلەندۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ساقلىنىدۇ؟
جاۋاب: ئامما قانۇنسىز ئاكسىيە ھەرىكىتىنى ئىككى جەھەتتىن پەرقلەندۈرسە بولىدۇ: بىرىنچى، ئاكسىيىنى تارقىتىش شەكلىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك. مەيلى پاي ھوقۇقى(پاي چېكى)، زايوم ياكى فوند بولسۇن، تارقىتىش شەكلىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاشكارا تارقىتىش شەكلىنىڭ قوللىنىلغان قوللىنىلمىغانلىقىغا قاراش كېرەك، ئەگەر شۇ خىل شەكىل قوللىنىلغان بولسا، ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغان –ئالمىغانلىقىغا قاراپ، ئۇنىڭ قانۇنسىز ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، ئاكسىيە تارقىتىشتىكى ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ ئاكسىيە سېتىش، ۋاكالىتەن سېتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئاكسىيىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغان – ئالمىغانلىقىغا قاراش كېرەك، ئەگەر ئىجازىتىنى ئالمىغان بولسا، ئۇ قانۇنسىز قىلمىشقا ياتىدۇ.
‹‹ئاكسىيە قانۇنى››دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە ئاشكارا تارقىتىلغان پاي چېكى، شىركەت زايومى ۋە باشقا ئاكسىيىلەر قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان ئاكسىيە بىرژىسىدا بازارغا سېلىنىدۇ ياكى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان باشقا ئاكسىيە سودىسى ئورۇنلىرىدا ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ. ئاتالمىش ‹‹دەسلەپكى پاي چېكى››، ‹‹چەت ئەللەردە بازارغا سېلىنىدىغان پاي چېكى››، ‹‹جىنخۇي فوندى››، ‹‹شۋېتسارىيە ئورتاق فوندى››، ‹‹ئالتۇن بارماق فوندى›› قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى قوغداش ئېڭى بولۇشى، ھەرگىزمۇ تەۋەككۈلچىلىك قىلماسلىقى كېرەك.
سوئال: ‹‹ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ، ئورمان ئەھيا قىلىش››نىڭ قانداق يوشۇرۇن خەۋپ – خەتىرى بار؟
جاۋاب: ‹‹ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ، ئورمان ئەھيا قىلىش›› يېقىنقى ئىككى، ئۈچ يىلدىن بۇيان بارلىققا كەلگەن ھادىسە، بۇنىڭ ئاساسلىق مەشغۇلات شەكلى ئادەتتە ئىجارىگە ئېلىش، ھۆددىگە ئېلىش ياكى باشقا شەكىللەردە ئورمان يېرىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە ئورماننىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، ئۇنى جەمئىيەتتىكى تارقاق مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچىلار ئورمان يېرى ۋە ئورماننى شىركەتلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ھاۋالە قىلىدۇ. بۇ خىل ئۆتۈنۈش ۋە ھاۋالە قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان تىجارەت ئەندىزىسىنىڭ خەتىرى زور. ھازىر، قىسمەن شىركەتلەرنىڭ مەشغۇلات تەرتىپىدە قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈلدى ھەم مەبلەغ سالغۇچىلارغا زور ئىقتىسادىي زىيان يەتكۈزدى. بۇ خىل ‹‹ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ، ئورمان ئەھيا قىلىش›› شىركەتلىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىدۇ:
بىرىنچى، شىركەتكە قانۇنلۇق تون كىيگۈزۈپ، ‹‹ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ، ئورمان ئەھيا قىلىش›› مەركەزنىڭ 9 – نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن، دۆلەت پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئورمان ئەھيا قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان يېڭى ئەندىزە، دەپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالدايدۇ.
ئىككىنچى، ئورمان ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى يەمچۈك قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ. ‹‹ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ، ئورمان ئەھيا قىلىش›› شىركەتلىرى ئورماننى سېتىۋالغاندىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچىلارغا دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى بىر تۇتاش تارقاتقان ئورمان ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېجىرىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئورماننىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقىغا، ھوقۇق – مەنپەئىتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىشەندۈرىدۇ، ھالبۇكى ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس.
ئۈچىنچى، ئورماننىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ۋە مەبلەغنىڭ پايدا نىسبىتىنى كۆپتۈرىدۇ. ‹‹ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ، ئورمان ئەھيا قىلىش›› شىركەتلىرى تەشۋىقاتىدا مەبلەغنىڭ پايدا نىسبىتى ياكى ئورماننىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى كۆپتۈرىدۇ، ھەتتا ئورمانچىلىققا مەبلەغ سېلىشنىڭ ھېچقانداق خەتىرى يوق، دەپ تەشۋىق قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئورماننىڭ ھوسۇلى تەبىئىي شارائىت، سورت، پەرۋىش ۋە تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ‹‹ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ، ئورمان ئەھيا قىلىش›› شىركەتلىرى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئورمانغا مەبلەغ سېلىشتا ئۈستىگە ئالىدىغان خەتەرنى يوشۇرىدۇ.
تۆتىنچى، كەسپىي باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى ۋە ماشىنا – ئۈسكۈنىلەر بار، مەبلەغ سالغۇچىلار سېتىۋالغان ئورماننى كۆڭۈل قويۇپ قوغدايمىز، دەپ ۋەدە بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ۋەدىنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلماق تەس، بەزى شىركەتلەرنىڭ ئاتالمىش كەسپىي باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى يوق، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ نورمال باشقۇرۇش تەدبىرلىرىمۇ يوق. ئورمانلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ناچار.
بەشىنچى، ئورمانلارنى كېسىش نورما، كۆرسەتكۈچ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. بۇ ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس. ‹‹ئورمان قانۇنى››دا دېھقانلار قالدۇرۇق يەر ۋە ئۆيى ئەتراپىدىكى خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى تارماق ئورمانلارنى كەسكەندىن باشقا ئورمان كېسىشتە چوقۇم كېسىش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش كېرەك، ئىجازەتنامىدە بەلگىلەنگەن كۆلەم، تۈپ سانى، دەرەخ تۈرى، مۆھلىتى، كېسىش شەكلى بويىچە كېسىش بەلگىلەنگەن. ھالبۇكى، بىر قىسىم ‹‹ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ، ئورمان ئەھيا قىلىش›› شىركەتلىرى ‹‹كىم ئەھيا قىلسا شۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇش››نى باھانە قىلىپ، ئالاقىدار كىشىلەرگە قاچان كەسكۈسى كەلسە شۇ چاغدا كەسسە بولىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىدۇ، بۇئەمەلىيەتتە مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالدىغانلىق.
ئالتىنچى، شىركەتنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئوبرازىنى پەردازلاپ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرىدۇ: مۇھىم سودا بەلۋېغىدىن ئالىي دەرىجىلىك ئىشخانا بىناسىنى ئىجارىگە ئېلىپ، شىركەتنىڭ تىجارەت ئورنى قىلىپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەمەلىي كۈچى باردەك ئوبراز پەيدا قىلىدۇ؛ بىر تۈركۈم مول تەجرىبىلىك كەسپىي تېخنىك، باشقۇرغۇچى خادىملىرىمىز بار، دەپ تەشۋىق قىلىپ، كەسپىي ئوبراز شەكىللەندۈرىدۇ؛ تۈرلۈك نازارەتچىلىك كومىتېتلىرىنى تەشكىللەپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ شىركەتنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىقنىڭ بىر قىسمى.
سوئال: دۆلەت ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان قانۇن – بەلگىلىمىلەردە ئورمان، ياغاچ ۋە ئورمان يېرىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە دائىر قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟ ئورماننى ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ خاھىشى بويىچە كېسىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: ‹‹ئورمان قانۇنى››دا: ماتېرىيال ئورمىنى، ئىقتىسادىي ئورمان، يېقىلغۇ ئورمان ۋە ئورمان يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ماتېرىيال ئورمىنى، ئىقتىسادىي ئورمان، يېقىلغۇ ئورمىنى كېسىلگەن ئورۇن، كۆيدۈرۈلگەن ئورۇننىڭ ئورمان يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا ئورمان ۋە ئورمان يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، باشقا ئورمان ۋە ئورمان يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ھازىر ئېلىمىزدە كونكرېت ئۆتۈنۈپ بېرىش چارىسى تېخى تۈزۈلمىدى، بىر قىسىم جايلار يەرلىك بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ، يەرلىك بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.
دۆلەت ئورمان باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش مۇددىئاسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئورمان باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ئەمما، ئورماننى كېسىشكە كونكرېت قانۇن ۋە سىياسەت تەتبىقلىنىدۇ. ‹‹ئورمان قانۇنى››دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئالاھىدە ئىشلىتىلىدىغان ئورمانلار ئىچىدىكى قەدىمىي ئىزلار ۋە ئىنقىلابىي خاتىرە جايلاردىكى ئورمانلار، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىدىكى ئورمانلارنى كېسىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ؛ كەنت ئاھالىلىرى قالدۇرۇق يەر ۋە ئۆيى ئەتراپىدىكى خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ئورماننى كەسكەندىن باشقا، ئورمان كېسىشتە چوقۇم كېسىش ئىجازەتنامىسى ئېلىپ، ئىجازەتنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كېسىش كېرەك. ‹‹ئورمان قانۇنى›› ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئورمان كېسىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورمانچىلىق تارمىقىغا كېسىش مۇددىئاسى، ئورنى، دەرەخ تۈرى، ئورمان ئەھۋالى، كۆلىمى، جۇغلانمىسى، شەكلى ۋە يېڭىلاش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلتىماسنى سۇنىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورمانچىلىق تارمىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە كېسىشنورمىسى ۋە يىللىق ياغاچ ئىشلەپچىقىرىش پىلانى ئىچىدە كېسىش ئىجازەتنامىسىنى تەستىقلاپ تارقىتىدۇ.
سوئال: ھازىر شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتلىرى قوللىنىۋاتقان ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتلىرى قوللىنىۋاتقان ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك: بىرىنچى، شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتلىرى كىشىلەرنىڭ بېيىشقا ئالدىراش پسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ سوممىلىق پايدا يەتكۈزىمىز، دەپ ۋەدە بېرىپ، قاتناشقۇچىلارنى بەلگىلىك خىراجەت تاپشۇرۇش ياكى مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشنى شۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىشنىڭ شەرتى قىلىدۇ؛ ئىككىنچى، ‹‹بىۋاسىتە سېتىش››، ‹‹زەنجىرسىمان تىجارەت››، ‹‹ئالاھىدە ئىجازەتلىك ئىتتىپاقداشلىق تىجارەت›› قاتارلىق ناملار بىلەن ئۆزىنى نىقابلاپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى مەۋجۇت بولمىغان كارخانىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئالدامچىلىق تەشۋىقاتى قىلىپ، كۆپچىلىكنى شاخلىتىپ سېتىشقا قاتنىشىشقا قىزىقتۇرىدۇ؛ ئۈچىنچى، شاخلىتىپ سېتىشتا ئەتراپىدىكى ئۇرۇق – تۇغقان، ئەل – ئاغىنىلىرىنى نىشانقىلىپ، ئۇلارنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە خىزمەتكە تونۇشتۇرۇش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش، كەسىپكە تونۇشتۇرۇش، تەكلىپ قىلىش، قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش قاتارلىق ناملار بىلەن، باشقىلارنى تۇرۇشلۇق ئورۇندىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىر جايغا يىغىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇپ، مەنپەئەت ئارقىلىق قىزىقتۇرۇش، قىستاش، زوراۋانلىق قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئۇلارنى شاخلىتىپ سېتىشقا قاتنىشىشقا مەجبۇرلايدۇ؛ تۆتىنچى، شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتلىرى يىغىن ئېچىش، تەربىيىلەش، دەرس ئۆتۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېڭى قاتناشقانلارغا مەجبۇرىي دەرس ئۆتۈپ، ‹‹ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ››، ئۇلارغا ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە قانۇنغا خىلاپ بېيىش ئېڭىنى سىڭدۈرىدۇ، نۇرغۇن كىشى ‹‹تەربىيىلەنگەندىن كېيىن››، ئالدانغۇچىدىن ئالدامچىغا ئايلىنىپ، ناچار دەۋرىيلىنىش شەكىللىنىدۇ؛ بەشىنچى، ئىنتېرنېت تورىدا شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. نۇرغۇن شاخلىتىپ سېتىش يەنە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، مەبلەغ توپلاش ئالدامچىلىقى قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا چېتىلىدۇ.
مەنبەسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 08:07 , Processed in 0.149575 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat