ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1034|ئىنكاس: 0

ئەسەر ھوقۇقى ۋە بەھىرلەنگۈچىلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-12-16 19:24:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسەر ھوقۇقى ۋە بەھىرلەنگۈچىلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدەئالدىنقى مەزگىللەردە توردا ھەقىقىي نەشىردىكى يۇمشاق دېتال ۋە ئوغۇرلۇقچە نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللار ھەققىدە بىر قاتار مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتتى.
بەلكىم شۇ مۇنازىرىلەر تەسىر قىلدىمۇ ياكى ئىمتىھان بىرىمەن دەپ تولا ئۆگىنىۋاتقان قانۇنلار تەسىر قىلدىمۇ بىلمىدىم، يېقىندىن بىرى كاللامغا مۇشۇ ئەسەر ھوقۇقى، يۇمشاق دېتاللارنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىزلىقى، ئاددىيسى توردىن چۈشۈرۈپ، پلاستىنكىسىنى سېتىۋېلىپ ئاڭلىغان ناخشىلارنىڭ قىلمىشى دىگەندەك مەسىلىلەر بەكلا كاللامغا كىرىۋالدى.

قانۇن- نىزاملاردىن ئىزدىنىش ۋە تورداشلارنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن، بىر قەدەر ئېنىق بولغان ئۇقۇملار تۆۋەندىكىچە:
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 10-ماددىسىدا تۆۋەندىكىچە بايان قىلىنغان:
ئەسەر ھوقۇقى تۆۋەندىكى جىسمانىي ھوقۇق ۋە مال – مۈلۈك ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) ئېلان قىلىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئېلان قىلىش – قىلماسلىقنى بەلگىلەش ھوقۇقى؛
(2) ئىسىم يېزىش ھوقۇقى، يەنى ئاپتورنىڭ سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈپ، ئەسەرگە ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقى؛
(3) تۈزىتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى تۈزىتىش ياكى باشقا ئادەمنىڭ تۈزىتىشىگە ھوقۇق بېرىش ھوقۇقى؛
(4) ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى بۇرمىلاش ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشتىن ساقلاش ھوقۇقى؛
(5) كۆپەيتىش ھوقۇقى، يەنى مەتبەئەدە بېسىش، نۇسخا ئېلىپ بېسىش، چاپلاپ بېسىش، ئۈن – سىن ئېلىش، قايتا كۆچۈرۈش، قايتا سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەسەرنى بىر نۇسخا ياكى كۆپ نۇسخا تەييارلاش ھوقۇقى؛
(6) تارقىتىش ھوقۇقى، يەنى سېتىش ياكى ھەدىيە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن جامائەتكە ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى بېرىش ھوقۇقى؛
(7) ئىجارە بېرىش ھوقۇقى، يەنى كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلەنگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى باشقىلارنىڭ ھەقلىق ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىش ھوقۇقى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ئاساسلىق ئىجارە نىشانى بولمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(8) كۆرگەزمە قىلىش ھوقۇقى، يەنى گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىش ھوقۇقى؛
(9) ئورۇنداش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئاشكارا ئورۇنداش ھەم ئەسەرنىڭ ئورۇندىلىشىنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئاشكارا تارقىتىش ھوقۇقى؛
(10) قويۇش ھوقۇقى، يەنى كىنو ئاپپاراتى، پرويېكسىيە ئاپپاراتى قاتارلىق تېخنىكىلىق ئۈسكۈنە ئارقىلىق گۈزەل – سەنئەت، فوتو سۈرەت، كىنو ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئاشكارا قايتا كۆرسىتىش ھوقۇقى؛
(11) ئاڭلىتىش – كۆرسىتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى سىمسىز ئاشكارا ئاڭلىتىش ياكى تارقىتىش، ئەسەرنى سىملىق تارقىتىش ياكى ئۇلاپ تارقىتىش ئۇسۇلى بىلەن جامائەتكە تارقىتىش، ئاڭلىتىش ھەم ئاۋاز كۈچەيتكۈچ ياكى شەرتلىك بەلگە، ئاۋاز، سۈرەت تارقىتىدىغان، شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا قوراللار ئارقىلىق جامائەتكە تارقىتىش، ئاڭلىتىش ھوقۇقى؛
(12) ئۇچۇر تورىغا تارقىتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى سىملىق ياكى سىمسىز ئۇسۇلدا يەتكۈزۈپ، جامائەتكە ئۆزى تاللىۋالغان ۋاقىت ۋە ئورۇندا ئەسەرگە ئېرىشتۈرۈش ھوقۇقى؛
(13) فىلىم ئىشلەش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى كىنو قىلىپ ئىشلەش ياكى كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ۋاسىتىگە مۇقىملاشتۇرۇش ھوقۇقى؛
(14) ئۆزگەرتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ ئۆزگىچە يېڭى ئەسەر يارىتىش ھوقۇقى؛
(15) تەرجىمە قىلىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى بىر خىل تىل – يېزىقتىن يەنە بىر خىل تىل – يېزىققا ئۆرۈش ھوقۇقى؛
(16) توپلاپ تۈزۈش ھوقۇقى، يەنى ئەسەر ياكى ئەسەرنىڭ بۆلەكلىرىنى تاللاش ياكى رەتلەش ئارقىلىق يېڭى ئەسەر تۈزۈش ھوقۇقى؛
(17) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بەھرىمەن بولىدىغان باشقا ھوقۇقلار.

بۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىدا يەنە تۆۋەندىكىچە بەلگىلەنگەن:
ئەسەر تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلسە، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىدىن ئىجازەت ئالمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەق بەرمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق ئاپتورنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ئەسەرنىڭ نامىنى ئەسكەرتىپ قويۇش، شۇنىڭدەك ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ بۇ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان باشقا ھوقۇقلىرىغا دەخلى – تەرۇز قىلماسلىق كېرەك.
(1) باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلىرى شەخسىي ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ياكى بەھرىلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە؛
(2) باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلىرىدىن مەلۇم بىر ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭغا باھا يېزىش ياكى مەلۇم بىر مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق نەقىل كەلتۈرۈلسە؛
(3) ئېقىم مەسىلىلىرىدىن خەۋەر قىلىش ئۈچۈن ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلەر گېزىت، ژۇرنال، رادىئو – تېلېۋىزىيەلەردە ئىشلەتمىسە بولمايدىغان ئەھۋالدا قايتا ئەكس ئەتتۈرۈلسە ياكى نەقىل كەلتۈرۈلسە؛
(4) گېزىت، ژۇرنال، رادىئو – تېلېۋىزىيەلەردە باشقا گېزىت، ژۇرنال، رادىئو – تېلېۋىزىيەدە ئېلان قىلىنغان سىياسىيغا، ئىقتىسادقا، دىنغا ئائىت ئېقىم مەسىلىلىرى ماقالىلىرىنى باسسا ياكى ئاڭلاتسا. لېكىن ئاپتور بېسىشقا، ئاڭلىتىشقا بولمايدۇ، دەپ ئەسكەرتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(5) گېزىت، ژۇرنال، رادىئو – تېلېۋىزىيەدە يىغىلىشلاردا قىلىنغان سۆزلەرنى باسسا ياكى ئاڭلاتسا. بىراق ئاپتور بېسىشقا، ئاڭلىتىشقا بولمايدۇ، دەپ ئەسكەرتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(6) ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى مەكتەپلەرنىڭ دەرسخانىلىرىدا ئوقۇتۇش ياكى پەن تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ ياكى ئاز ساندا كۆپەيتىپ، ئوقۇتۇش خادىملىرىنى ياكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنى تەمىنلىسە. ئەمما نەشر قىلىپ تارقىتىشقا بولمايدۇ؛
(7) ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى دۆلەت ئورگانلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق دائىرىدە ئىشلەتسە؛
(8) كۇتۇپخانا، ئارخىپخانا، خاتىرە سارىيى، مۇزېي، گۈزەل – سەنئەت سارىيى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنى كۆرگەزمە قىلىش ياكى نۇسخىسىنى ساقلاش زۆرۈرىيىتى بىلەن كۆپەيتىپ ئىشلىسە؛
(9) ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى ھەقسىز ئورۇندىسا، بۇنداق ئورۇنداشتا ئاممىدىن ھەق ئېلىنمىغان، ئورۇندىغۇچىلارغىمۇ ھەق بېرىلمىگەن بولسا؛
(10) تالادىكى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئورنىتىلغان ياكى قويۇلغان سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئەندىزىگە ئالسا، سىزسا، سۈرەتكە تارتسا، سىن ئالسا؛
(11) جۇڭگو پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان، خەنزۇ تىل – يېزىقىدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىدا تەرجىمە قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدە نەشر قىلىپ تارقاتسا؛
(12) ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئەمالار يېزىقىدا نەشر قىلىنسا.

يەنە 32-34-39- ماددىسىدىلىرىدا تۆۋەندىكىچە بەلگىلەنگەن:
ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى كۆچۈرۈپ بېسىشقا، قىسقارتىشقا بولمايدۇ، دەپ ئەسكەرتكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەسەر بېسىلغاندىن كېيىن باشقا گېزىت، ژۇرناللار ئۇنى كۆچۈرۈپ باسسا ياكى تەرمە، ماتېرىيال سۈپىتىدە باسسا بولىدۇ، بىراق بەلگىلىمە بويىچە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىگە ھەق بېرىشى لازىم.

ئەسلىي ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، شەرھلەش، رەتلەش، توپلاپ تۈزۈش ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئەسەرلەرنى نەشر قىلغاندا، ئۆزگەرتىپ تۈزگەن، تەرجىمە قىلغان، شەرھلىگەن، رەتلىگەن، توپلاپ تۈزگەن ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرى ۋە ئەسلىي ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش ھەم ئۇلارغا ھەق بېرىش لازىم.

ئۈن – سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىلەر ئەسلىي ئەسەردىن ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، شەرھلەش، رەتلەش ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئەسەرنى ئىشلەتمەكچى بولسا، شۇ ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزگەن، تەرجىمە قىلغان، شەرھلىگەن، رەتلەپ چىققان ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئەسلىي ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەم ئۇلارغا ھەق بېرىشى لازىم.

ھاۋالە ئارقىلىق ئىشلەنگەن ئەسەرلەر ھەققىدە دۆلىتىمىز ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 17-ماددىسىدا تۆۋەندىكىدەك بەلگىلىمە بەلگىلەنگەن:
ھاۋالە بىلەن ئىجاد قىلىنغان ئەسەرنىڭ ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ھاۋالە قىلىنغۇچى توختامدا پۈتۈشىدۇ. توختامدا ئېنىق پۈتۈشمىگەن ياكى توختام تۈزۈلمىگەن بولسا، ئەسەر ھوقۇقى ھاۋالە قىلىنغۇچىغا تەۋە بولىدۇ.

FinalFantasy مۇنداق دەيدۇ:
مەلۇم بىر خىل كونكرېت مەھسۇلات ( Microsoft مەھسۇلاتلىرى) غا قارىتا تەپسىلىي تۈردە بايان ئەيلەش مۇمكىن ئەمەس. باشقا ئەقلىي مۈلۈك مەھسۇلاتلىرى توغرىلىق جىق نەرسە بىلمەيمەن، لېكىن يۇمشاق دېتالغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاشكارە تارقىتىلغان يۇمشاق دېتاللار، مەيلى بۇلار ھەقلىق بولسۇن ياكى ھەقسىز بولسۇن، مەلۇم بىر ياكى بىر نەچچە تۈرلۈك كېلىشىمنامىلەر بىلەن ئېلان قىلىنىدۇ. مەسىلەن، Microsoft مەھسۇلاتلىرىغا نىسبەتەن، بۇ كېلىشىمنامىنىڭ نامى EULA يەنى «ئاخىرقى ئىشلەتكۈچىگە بېرىلگەن ئىجازەت كېلىشىمنامىسى» (End User License Agreement). بۇنى كۆپ قىسىم Microsoft مەھسۇلاتلىرىنى سىستېمىڭىزغا ئورنىتىشقا باشلىغان چاغدا كۆرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن (لېكىن بۇ كېلىشىمنامە بەك ئۇزۇن بولغاچقا، كۆپ قىسىملىرىمىز بۇلارغا قاراپمۇ قويماي «ھەئە» ياكى «قوبۇل قىلىمەن» دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپلا يۇمشاق دېتال قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇمىز). ھەقسىز يۇمشاق دېتاللارغا قارىتا، ئەگەر بۇلار خېلى كەسپىي تۈردە تۈزۈلۈپ، رەسمىي تارقىتىلغان يۇمشاق دېتاللار بولسا، بۇلارمۇ ئۆزلىرى تاللىغان ھەقسىز\ئەركىن\ئوچۇق يۇمشاق دېتال كېلىشىمنامىلىرى بىلەن بىللە تارقىتىلىدۇ. مەسىلەن، بىز بىلىدىغان GPL, LGPL, BSD, Mozilla Public License دېگەندەك كېلىشىمنامىلەر. يۇمشاق دېتال ئىشلەتكۈچىلىرى ئۆزى ئىگە بولغان يۇمشاق دېتاللارغا قارىتا زادى قانداق ھوقۇقلىرى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى بار (يەنى «بۇ يۇمشاق دېتالغا نىسبەتەن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ، نېمە قىلىسىڭىز بولمايدۇ، نېمە قىلىشىڭىز كېرەك، نېمە قىلماسلىقىڭىز كېرەك» دېگەندەك)، بۇلار مانا مۇشۇنداق كېلىشىمنامىلەردە ئېنىق، كونكرېت، ۋە تەپسىلىي تۈردە بايان قىلىنىدۇ.

شۇڭا ئەگەر سىز ئۆزىڭىزى ئىشلىتىۋاتقان يۇمشاق دېتالغا نىسبەتەن قانداق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش كېرەكلىكىڭىز ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولماقچى بولسڭىز ياكى مەلۇم بىر قىلمىشىڭىزنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز (مەسىلەن، ئۆزىڭىز قانۇنلۇق تۈردە سېتىۋالغان Windows 7 نىڭ ئاكتىپلاش كودىنى دوستلىرىڭىزغا «ئارىيەتكە» بېرىپ تۇرماقچى بولسىڭىز، ياكى ئىچىدىكى مەلۇم بىر چىرايلىق فونتنى Linux قا كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ۋە ياكى مەلۇم بىر يۇمشاق دېتال بۆلىكىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۆزگەرتىپ قايتا تارقاتماقچى بولسىڭىز)، ئاشۇ يۇمشاق دېتال بىلەن بىللە تارقىتىلغان كېلىشىمنامىگە قارىسىڭىزلا كۇپايە.

FinalFantasy يەنە مۇنداق دەيدۇ:
ئەگەر قانۇنلۇق پۇل تۆلەپ ئالغان CD بولسا، ئۇ ھالدا، تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسى قانۇنلۇق بولىدۇ:

1. ئۇنىڭىدىن بىر نۇسخا CD كۆچۈرۈپ ئۆزۈم شەخسىي ھالدا ئىشلەتسەم؛
2. iPod ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇزىكا ئاڭلاش ئەسۋابىغا ياكى ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېرىمغا فورماتىنى CD فورماتىدىن MP3 ياكى باشقا رەقەملىك فورماتقا ئايلاندۇرۇپ كۆچۈرۈپ، ئۆزۈم شەخسىي ھالدا ئاڭلىسام.

پەقەت بىر نەرسە ئېسىڭىزدە بولسىلا بولىدۇ، يەنى ئۆزىڭىز قانۇنلۇق ئىگە بولغان CD دىكى مۇزىكا ياكى ناخشىلارنى باشقىلارغا تارقاتماڭ.

كۆك كەپتەر تور تېخنىكىسىدىن ئىلىندى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 07:15 , Processed in 0.124343 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat