بۇ تور كۆرگۈچنى ئىشلىتىڭ

ئىنتىل تورى

 

 

ئىزدەش
ئىنتىل تورى دەرۋازا يۇمشاق دىتال [تېما كۆرۈش] ئالپ يېزىق كىرگۈزگۈچ 8.0 ھەقس ...

ئالپ يېزىق كىرگۈزگۈچ 8.0 ھەقسىز نەشرى

يوللىغۇچى: AlpSoft | يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-15 18:37| كۆرۈلۈشى: 566| ئىنكاس سانى: 10|تېما مەشغۇلات خاتىرىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
تورداشلارنىڭ تەكلىپى ۋە ئىھتىياجى بىلەن بۇرۇن تارقىتىلغان ئالپ يېزىق كىرگۈزگۈچىنىڭ 7.0 ھەقسىز نەشرى يېڭىلاندى، ھەم تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلار قوشۇلدى.
1. يېزىق كىرگۈزگۈچنى قاچىلاش داۋامىدا، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنىڭ خالىغىنىنى تاللاپ قاچىلاشقا بولىدۇ.
2. Ghost XP قاچىلانغان كومپيۇتېرلاردا مۇرەككەپ يېزىقلارنى قوللاش تۈرىنى تاللاش ھاجەتسىز، يېزىق كىرگۈزگۈچ مۇرەككەپ يېزىقلارنى قوللاش تۈرىنى ئۆزى ئاپتوماتىك قاچىلايدۇ. بۇرۇنقى نەشرىدە بۇ خىل ئىقتىدار يوق ئىدى، شۇڭا ئايرىم مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىپ، ۋىندوۋسنىڭ يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنى تاللاش رامكىسىدىن «مۇرەككەپ يېزىقلارنى تاللاڭ» دېگەن تۈرنى تاللاپ XP نىڭ دىسكىسىنى سالغاندىن كېيىن، سىستېما ئەرەبچە يېزىق كىرگۈزگۈچ، ئەرەبچە خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلايتتى، ئاندىن بىز يېزىق كىرگۈزگۈچنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيتتۇق، ياكى قوشۇمچە ئىشلەنگەن مۇرەككەپ يېزىقلارنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى قوشۇپ بېرىدىغان پروگراممىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىناتتى. مۇشۇ خىل ئىككى باسقۇچتا تاماملىنىدىغان ئەھۋالنى تۈزىتىش ھەم كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ ئادەتتە Ghost XP ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئىقتىدارنى يېزىق كىرگۈزگۈچ بىلەن بىللە قاچىلىنىدىغان قىلدۇق.
3. خەت نۇسخىلىرى تېخىمۇ كۆركەم ۋە سۈپەتلىك ئىشلەندى، يېزىقچىلىق قىلغۇچىلارغا، لايىھەلىگۈچىلەرگە، گۈزەل سەنئەت خادىملىرىغا، پروگراممېرلارغا، تور بەت ياسىغۇچى ۋە قۇرغۇچىلارغا ھەقىقىي ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە يېڭى خەت نۇسخىلىرى تەمىنلەندى.
4. Word ، Excel لاردا ئۇيغۇرچە، رۇسچە ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاپ بېرىش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
5. Word ، Excel لارغا 100 خىلدىن ئارتۇق بولغان ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، رۇسچە يېزىقچىلىق ئۆرنەكلىرى تەييارلاندى، بۇ يېزىقچىلىق ئۆرنەكلىرىدە ھەر خىل توختاملار، تالونلار، جەدىۋەللەر، خەت-چەكلەر، ئالاقىلار، ئۇقتۇرۇشنامىلەر، تەكلىپنامىلەرنىڭ تەييار ئىشلەپ قويۇلغان ئۆرنەكلىرى بولۇپ، بۇ ئۆرنەكلەرنى Word ، Excel لارنىڭ ئۆرنەك ھۆججەتلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش رامكىسىدىن بىۋاستە تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز.
ئالپ يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتالى 8.0 نەشرى (ھەقسىز نەشرى)

تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ئاستىدا، كۆركەملەشتۈرۈلگەن سىستېما خەت نۇسخىلىرىمۇ ئايرىم تەمىنلەندى، بۇ سىستېما خەت نۇسخىلىرىنى كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلىغاندىن كېيىن، ۋىندوۋسنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر ناھايىتى سۈزۈك ھەم كۆركەم كۆرۈنىدۇ.
مەزكۇر قاچىلاش پروگراممىسى سىستېما خەت نۇسخىلىرىدىن 宋体 ، Arial ، Times New Roman ، Tahoma ، Microsoft Sans Srif ، 微软雅黑 خەت نۇسخىلىرىنى كۆركەملەشتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرچە نورمال ئىشلەيدىغان قىلىنغان خەت نۇسخىلىرىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش لازىم.
تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز، ئامال بار ۋىندوۋسنىڭ ئەسلىدىكى سىستېما خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

سىستېما خەت نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۈش

سىستېما خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، خەت سۈزۈك ھەم كۆركەملىشىدۇ، ئەمما بەزى تورداشلار بۇنىڭغا كۈنەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خىزمەت ۋە ئىشلىتىشىگە قۇلايسىزلىق ئېلىپ كەلمەسلىك ئۈچۈن سىستېما خەت نۇسخىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پروگراممىسىمۇ ئايرىم تەمىنلەندى.
مەزكۇر قاچىلاش پروگراممىسى سىستېما خەت نۇسخىلىرىدىن 宋体 ، Arial ، Times New Roman ، Tahoma ، Microsoft Sans Srif ، 微软雅黑 خەت نۇسخىلىرىنى ئەسلىدىكى ۋىندوۋس تەمىنلىگەن خەت نۇسخىلىرىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش لازىم.
سىستېما خەت نۇسخىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

يېڭى ئىنكاسلار

ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 5 كۈن ئالدىدا
رەھمەت سىزگە مەن چۇشۇرۋاتمەن .سىز دىگەندەك ھەقىقى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.(مەن ئويلايمەن نىمشقا مۇشۇنداق ياخشى خەت كىرگۈزگۈچلەرنى لايىھەلەۋاتقان ئۈستىلىرىمىز بىرلىشىپ بىرنىلا لايىھەلەپ ئەڭ مۇكەممەل قىلمايدىغاندۇ ،شۇنداق بولغاندا بىر شەھەردىن ئەكەلگەن Office Word ھۆججەتلىرىنى يەنە بىر يەردىكى ئادەم مىنىڭ كومپيۇتىرىمدا ئېچىلامۇ ئۈنىڭدىكى خەت فورماتى مەندە بامىدۇ دەپ ئەنسىرەشلەر بولمايتى .........)
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 4 كۈن ئالدىدا
ھازىر ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوققۇ ؟
Unicode لۇق خەت نۇسخىسىلا ئىشلەتكەن بولسا،سىزمۇ ھەم ئىشلەتكەن بولسىڭىز بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 3 كۈن ئالدىدا
بىرەرسىڭلار سىناپ باقمىدىڭلارمۇ؟
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 3 كۈن ئالدىدا
مېنىڭ XP XP قوش سىتېما ئىدى، D دىكىسىگە قاچىلىسام 4 مېنۇت قالدى دېگەن يەردە 10 مېنۇتچە تۇرۇپ قالدى.
7.0 ھەقسىز نەشرى نورمال قاچىلانغان ئىدى.
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 3 كۈن ئالدىدا
بىزمۇ ئالپ سوفت شىركىتىگە بىرەر ئىش قىلىپ بەرسەك بولىتى.
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 3 كۈن ئالدىدا
alp_3D.ttf نى قاچىلاشقا كەلگەندە بەك ئۇزۇن ساقلىدىم، مۇشۇنىڭدىن ئۆتەلمەۋاتىدۇ.
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش تۈنۈگۈن 00:47
مەن ئۈچ كومپيۇتېرغا سىنىدىم ، بىرسىدىلا ئۇتۇقلۇق بولدى. ھەقىقەتەن alp_3D.ttf غا كەلگەندە ئۇزۇنراق ۋاقىت كىتىدىكەن، قارىغاندا كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەنرەك بولسا شۇڭا قاچىلانمىغان ئوخشايدۇ.
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش تۈنۈگۈن 01:33
كەچۈرىسىلەر، مەنمۇ قايتا-قايتا بىرنەچچە قېتىم سىناق قىلغان، ھىچقانداق مەسىلىسى كۆرۈلمىگەن ئىدى، مەن يەنە بىر تەكشۈرۈپ چىقاي، مەسىلىسى بولسا تۈزىتىپ قايتا يوللاپ قويىمەن.
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش تۈنۈگۈن 21:31
ھەرقانچە بولسا مېنىڭ كومپيۇتېرىمدەك تۆۋەن ئەمەستۇ ،مەنمۇ نورمال قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەنغۇ ؟
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 1 سائەت ئالدىدا
بىلىكتە بۇ تېما توغۇرلۇق مۇنداق بىر ئىنكاس بار
«سېستىما خەت نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۈش » نى قاچىلىسام كومپىيوتىرىمدىكى خەت نۇسخىلىرى بىر قىسمىلا تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن «سىستېما خەت نۇسخىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» نى ئىشلىتىپمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدىم ، بىلىكنىڭ خەت نۇسخىلىرى ۋە باشقا بىرقىسىم دېتاللارنىڭ خەت نۇسخىسىدا كۆرۈمسىزلىشىش بار.

باشقا كومپىيوتىردىكى خەت نۇسخىلىرىنى ئۆزۈمنىڭ كومپىيوتىرىمغا كۆچۈرۈپ سىنىسام يەنىلا ئوخشاش.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئاتامان تەۋسىيەسى تاقاش


ئالپ يېزىق كىرگۈزگۈچ 8.0 ھەقسىز نەشرى

ھەقسىز، ئەڭ يېڭى خەت نۇسخىسى قوشۇلغان كىرگۈزگۈچ.


كۆرۈش

Archiver|intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号 )

GMT+8, 2010-12-20 13:13

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.