ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 31159|ئىنكاس: 33

ئالپ يېزىق كىرگۈزگۈچ 8.0.1.1 ھەقسىز نەشرى (يېڭىلاندى)

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-12-15 18:37:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
تورداشلارنىڭ تەكلىپى ۋە ئىھتىياجى بىلەن بۇرۇن تارقىتىلغان ئالپ يېزىق كىرگۈزگۈچىنىڭ 7.0 ھەقسىز نەشرى يېڭىلاندى، ھەم تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلار قوشۇلدى.
1. يېزىق كىرگۈزگۈچنى قاچىلاش داۋامىدا، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنىڭ خالىغىنىنى تاللاپ قاچىلاشقا بولىدۇ.
2. Ghost XP قاچىلانغان كومپيۇتېرلاردا مۇرەككەپ يېزىقلارنى قوللاش تۈرىنى تاللاش ھاجەتسىز، يېزىق كىرگۈزگۈچ مۇرەككەپ يېزىقلارنى قوللاش تۈرىنى ئۆزى ئاپتوماتىك قاچىلايدۇ. بۇرۇنقى نەشرىدە بۇ خىل ئىقتىدار يوق ئىدى، شۇڭا ئايرىم مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىپ، ۋىندوۋسنىڭ يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنى تاللاش رامكىسىدىن «مۇرەككەپ يېزىقلارنى تاللاڭ» دېگەن تۈرنى تاللاپ XP نىڭ دىسكىسىنى سالغاندىن كېيىن، سىستېما ئەرەبچە يېزىق كىرگۈزگۈچ، ئەرەبچە خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلايتتى، ئاندىن بىز يېزىق كىرگۈزگۈچنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيتتۇق، ياكى قوشۇمچە ئىشلەنگەن مۇرەككەپ يېزىقلارنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى قوشۇپ بېرىدىغان پروگراممىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىناتتى. مۇشۇ خىل ئىككى باسقۇچتا تاماملىنىدىغان ئەھۋالنى تۈزىتىش ھەم كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ ئادەتتە Ghost XP ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئىقتىدارنى يېزىق كىرگۈزگۈچ بىلەن بىللە قاچىلىنىدىغان قىلدۇق.
3. خەت نۇسخىلىرى تېخىمۇ كۆركەم ۋە سۈپەتلىك ئىشلەندى، يېزىقچىلىق قىلغۇچىلارغا، لايىھەلىگۈچىلەرگە، گۈزەل سەنئەت خادىملىرىغا، پروگراممېرلارغا، تور بەت ياسىغۇچى ۋە قۇرغۇچىلارغا ھەقىقىي ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە يېڭى خەت نۇسخىلىرى تەمىنلەندى.
4. Word ، Excel لاردا ئۇيغۇرچە، رۇسچە ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاپ بېرىش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
5. Word ، Excel لارغا 100 خىلدىن ئارتۇق بولغان ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، رۇسچە يېزىقچىلىق ئۆرنەكلىرى تەييارلاندى، بۇ يېزىقچىلىق ئۆرنەكلىرىدە ھەر خىل توختاملار، تالونلار، جەدىۋەللەر، خەت-چەكلەر، ئالاقىلار، ئۇقتۇرۇشنامىلەر، تەكلىپنامىلەرنىڭ تەييار ئىشلەپ قويۇلغان ئۆرنەكلىرى بولۇپ، بۇ ئۆرنەكلەرنى Word ، Excel لارنىڭ ئۆرنەك ھۆججەتلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش رامكىسىدىن بىۋاستە تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز.
[url=http://www.yolyar.com/soft/Alp_free_input_8.01.1.zip
]ئالپ يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتالى 8.0 نەشرى (ھەقسىز نەشرى)[/url]

8.0.1.1 نەشرىنى بۇنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ ( يېڭىلىنىش ئەھۋالىنى AlpSoft نىڭ يازمىلىرىدىن كۆرۈڭ.

تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ئاستىدا، كۆركەملەشتۈرۈلگەن سىستېما خەت نۇسخىلىرىمۇ ئايرىم تەمىنلەندى، بۇ سىستېما خەت نۇسخىلىرىنى كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلىغاندىن كېيىن، ۋىندوۋسنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر ناھايىتى سۈزۈك ھەم كۆركەم كۆرۈنىدۇ.
مەزكۇر قاچىلاش پروگراممىسى سىستېما خەت نۇسخىلىرىدىن 宋体 ، Arial ، Times New Roman ، Tahoma ، Microsoft Sans Srif ، 微软雅黑 خەت نۇسخىلىرىنى كۆركەملەشتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرچە نورمال ئىشلەيدىغان قىلىنغان خەت نۇسخىلىرىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش لازىم.
تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز، ئامال بار ۋىندوۋسنىڭ ئەسلىدىكى سىستېما خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

سىستېما خەت نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۈش
يولياردىن چۈشۈرۈش

سىستېما خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، خەت سۈزۈك ھەم كۆركەملىشىدۇ، ئەمما بەزى تورداشلار بۇنىڭغا كۈنەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خىزمەت ۋە ئىشلىتىشىگە قۇلايسىزلىق ئېلىپ كەلمەسلىك ئۈچۈن سىستېما خەت نۇسخىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پروگراممىسىمۇ ئايرىم تەمىنلەندى.
مەزكۇر قاچىلاش پروگراممىسى سىستېما خەت نۇسخىلىرىدىن 宋体 ، Arial ، Times New Roman ، Tahoma ، Microsoft Sans Srif ، 微软雅黑 خەت نۇسخىلىرىنى ئەسلىدىكى ۋىندوۋس تەمىنلىگەن خەت نۇسخىلىرىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش لازىم.
سىستېما خەت نۇسخىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
يولياردىن چۈشۈرۈش

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
  ۋاقتى: 2014-5-9 15:04
ۋاقتى: 2010-12-20 15:44:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
windows seven سېستىمىسىغا چۈشەمدۇ؟
ۋاقتى: 2010-12-15 22:38:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە مەن چۇشۇرۋاتمەن .سىز دىگەندەك ھەقىقى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.(مەن ئويلايمەن نىمشقا مۇشۇنداق ياخشى خەت كىرگۈزگۈچلەرنى لايىھەلەۋاتقان ئۈستىلىرىمىز بىرلىشىپ بىرنىلا لايىھەلەپ ئەڭ مۇكەممەل قىلمايدىغاندۇ ،شۇنداق بولغاندا بىر شەھەردىن ئەكەلگەن  Office Word ھۆججەتلىرىنى يەنە بىر يەردىكى ئادەم مىنىڭ كومپيۇتىرىمدا ئېچىلامۇ ئۈنىڭدىكى خەت فورماتى مەندە بامىدۇ دەپ ئەنسىرەشلەر بولمايتى .........)
ۋاقتى: 2010-12-16 23:59:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوققۇ ؟
Unicode لۇق خەت نۇسخىسىلا ئىشلەتكەن بولسا،سىزمۇ ھەم ئىشلەتكەن بولسىڭىز بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق
ۋاقتى: 2010-12-17 12:26:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەرسىڭلار سىناپ باقمىدىڭلارمۇ؟
ۋاقتى: 2010-12-17 13:16:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ XP  XP  قوش سىتېما ئىدى، D دىكىسىگە قاچىلىسام 4 مېنۇت قالدى دېگەن يەردە 10 مېنۇتچە تۇرۇپ قالدى.
7.0 ھەقسىز نەشرى نورمال قاچىلانغان ئىدى.
ۋاقتى: 2010-12-17 17:32:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ ئالپ سوفت شىركىتىگە بىرەر ئىش قىلىپ بەرسەك بولىتى.
ۋاقتى: 2010-12-17 18:39:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alp_3D.ttf نى قاچىلاشقا كەلگەندە بەك ئۇزۇن ساقلىدىم، مۇشۇنىڭدىن ئۆتەلمەۋاتىدۇ.
ۋاقتى: 2010-12-19 00:47:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۈچ كومپيۇتېرغا سىنىدىم ، بىرسىدىلا ئۇتۇقلۇق بولدى. ھەقىقەتەن alp_3D.ttf  غا كەلگەندە ئۇزۇنراق ۋاقىت كىتىدىكەن، قارىغاندا كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەنرەك بولسا شۇڭا قاچىلانمىغان ئوخشايدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-12-19 01:33:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرىسىلەر، مەنمۇ قايتا-قايتا بىرنەچچە قېتىم سىناق قىلغان، ھىچقانداق مەسىلىسى كۆرۈلمىگەن ئىدى، مەن يەنە بىر تەكشۈرۈپ چىقاي، مەسىلىسى بولسا تۈزىتىپ قايتا يوللاپ قويىمەن.
ۋاقتى: 2010-12-19 21:31:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانچە بولسا مېنىڭ كومپيۇتېرىمدەك تۆۋەن ئەمەستۇ ،مەنمۇ نورمال قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەنغۇ ؟
ۋاقتى: 2010-12-20 11:59:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىكتە بۇ تېما توغۇرلۇق مۇنداق بىر ئىنكاس بار
«سېستىما خەت نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۈش » نى قاچىلىسام  كومپىيوتىرىمدىكى خەت نۇسخىلىرى بىر قىسمىلا تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن «سىستېما خەت نۇسخىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» نى ئىشلىتىپمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدىم ، بىلىكنىڭ خەت نۇسخىلىرى  ۋە باشقا بىرقىسىم دېتاللارنىڭ خەت نۇسخىسىدا كۆرۈمسىزلىشىش بار.

باشقا كومپىيوتىردىكى خەت نۇسخىلىرىنى ئۆزۈمنىڭ كومپىيوتىرىمغا كۆچۈرۈپ سىنىسام يەنىلا ئوخشاش.
ۋاقتى: 2010-12-21 12:56:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شۇ ئالپ يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتالى 8.0 نەشرىنىڭ ئۆزنىلا قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن .باشقىسنى قاچىلىمىدىم .شۇنداق بورمال ئىشلەۋاتىدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-12-21 21:50:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچىلاش داۋامىدا 360 نى تاقىۋېتىڭ، بۇ ۋىروسخور بەزى ھۆججەتلەرنى ۋىروس دەپ تونۇپ قالىدىكەن. قاچىلاش داۋامىدا، ئىجرا بولىۋاتقان باشقا يۇمشاق دېتاللارنىمۇ ئامال بار تاقىۋېتىپ ئاندىن قاچىلاشنى باشلاڭ. مەن يېزىق كىرگۈزگۈچنى ئەڭ يېنىك قىلىپ ئىشلىدىم، ئارتۇقچە ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىدى. ئەگەر يېڭى قاچىلىغان Ghost XP بولسا بىۋاستىلا قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-7 13:57:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار كۆرسەتكەن بىر قىسىم تەكلىپلەر بويىچە قاچىلاش پروگراممىسىنى قايتىدىن ئىشلەپ، يېزىق كىرگۈزگۈچنى يېڭىلاپ قويدۇم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 01:41 , Processed in 0.360737 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat