| 
 « شىنجاڭ ئالپسوفت ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى » ئىنتىل سەيناسىنى قوللاش يۈزىسىدىن « ئىنتىل تۆھپىكارلىرى مۇكاپاتى » تارقاتماقچى.  
مۇكاپات دائىرىسى ۋە شەرتى: ئىنتىل سەيناسى ئارقىلىق « بىلگەننى يوللاپ، بىلمىگەننى سوراپ » ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىنى قوشىۋاتقان تورداشلار. 
مۇكاپات بۇيۇمى:  ئالپ كۆپ تىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزىق كىرگۈزگۈچىسى 8.0 ھەقلىق نەشىرى  
  
باھالاش ۋاقتى دائىرىسى: 2010- يىلى 7- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن باشلاپ 2011- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە  
باھالاش تۈرى: 
تۆھپىكار ئەزا - پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى يازما يوللىغۇچى تورداشتىن 10 نەپەر. 
تىرىشچان ئەزا- پايدىلىنىش قىممىتى بار سوئال- ياردەم يوللىغۇچى تورداشتىن 5 نەپەر. 
تۆھپىكار باشقۇرغۇچى- سەينادىكى يازما- ئىنكاسلارنى تەستىقلاش، باشقۇرۇشتا تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان باشقۇرغۇچىدىن 10 نەپەر.  
پىداكارلار- ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان خالىسلاردىن 10 نەپەر ( بۇلارنى باھالاش دائىرىسى ئىنتىل سەيناسى بىلەن چەكلەنمەيدۇ  )  
 
قوشۇمچە: 
نامزات كۆرسىتىش ۋاقتى؛ 2011- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 17- كۈنىگىچە بولىدۇ. 
راي سىناش ۋاقتى: 2011- يىلى 1- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە.   
 
 
  
  
كامالى ئېھتىرام بىلەن : شىنجاڭ ئالپسوفت ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 
2010- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى  |