ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 358|ئىنكاس: 0

WordPressتىكى خاتالىقىنى قانداق تۇگەتتىم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

darwix 实名认证 

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تۆھپە
490
تىللا
968
شۆھرەت
1017

ئاكتىپ پىداكار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 02:40:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام WordPressنى ھەقسىز بوشلۇققا قاچىلاپ ئىشلىتىش توغرىسىدىكى دەرىسلىكنى بىلوگ ۋە ئىنتىل، نۇرقۇت،تىرىش قاتارلىق جايلارغا يوللاپ بولغاندىن كىيىن، ھەپىلىشىپ يۇرۇپ WordPressكە ئۇسلۇپ ۋە قىستۇرمىلارنى قاچىلاپتىمەن، بىر قاتار مەشغۇلاتلارنى قىلغاندىن كىيىن، ئۇنۇمىنى كۆرۇپ باقاي دەپ بىلوگ باش بىتىنى ئاچسام 无法打开网站 错误:500دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدى، بۇ نىمە ئىشتۇ دەپ، ئارقا سەھنىگە كىرەي دىسەم ئەھۋال ئوخشاش، مەن دەسلەپتە تىخى بوشلۇق نىڭ ئىشى ئوخشايدۇ دەپ، قىياستىن رەنجىپ يۇرۇپتىمەن(بوشلۇق قىياس ھەقسىز بەرگەن بوشلۇق ئىدى)، ۋاقىت بىر يەرگە بىرىپ قالغاچقا ئەتە بىر گەپ بولار دەپ ئۇخلىدىم. بۇگۇن ئوڭشىلىپ قالغاندۇ دىسەم، يەنە ئوخشاش، مىڭەمدىن تۇتۇن چىقىپ كەتتى، بۇگۇيغا نىمە بولغاندۇ دەپ، ئەتىگەندىن بىرى ھەپىلىشىپ باقاي دىسەم،خىزمەتلەر ئالدىراش بوپ كەتتى، قىياسقا بوشلۇقتىن مەسلە چىققان ئوخشايدۇ دەپ qqغا خەت قالدۇرۇپ قويۇپ ئىش بىلەن بوپ كەتتىمكەچتە ئىشتىن چۇشكەندىن كىيىن، qq غا قارىسام قىياس باركەن، ئۇ بوشلۇقتا مەسلە يوقكەن،سىز 文件权限نى 777 قىلىپ تەڭشەپ بىقىڭ دىدى،ئۇنداق قىساممۇ ئوخشاش، شۇنىڭ بىلەن كاللام تىخىمۇ قايدى، كۆپ ماتىريالغۇ يوقتى شۇنداق بولسىمۇ  ھەممىنى باشتىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ،ئاخشام قاچىلىغان قىستۇرما ياكى ئۇسلۇبلاردىن بىرەرسى بىلەن WordPress چىقىشالمىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، قىستۇرمىنى ئۆچۈردۇم ، ئوخشاش،ئاندىن ئۇسلۇبتىن گۇمان قىلىپ، ئاخشام قاچىلىغان ئۇسلۇبنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ سىنىسام، ئارقا بەتكە نورمال ئۆتتى، شۇ خوشلۇقىمدا بۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن،ئەگەر دوسلار مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ قالساڭلار يۇقاردا مەن دىگەن ئۇسۇللارنى سىناپ بىقىڭلار، ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن ئالدىراپ ئاغرىنماڭلار-ھە!(قىياس ئەپەندى، ئىغزىمدىن چىقارمىغان بىلەن كاللامدا سىزدىن ئازراق رەنجىگەن ئىدىم، بوشلۇقنى بىكارغا بىرىپ چىدىمايۋاتامدۇ نىمە ما،ئاداش دەپ، ھازىر مۇشۇ قۇرلارنى يىزىۋىتىپ يۇزلىرىم قىزىرىپ كىتىۋاتىدۇ، قىياس ئەپەندى، كەچۇرۇڭ ھە!{:1_1:})
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-12 00:59 , Processed in 0.103273 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش