- توردا
- 264 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-3
- تىزىملاتقان
- 2010-7-25
- شۆھرەت
- 2124
- تىللا
- 1495
- تۆھپە
- 1000
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 7055
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 312
- تېما
- 89
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 68
- تۆھپە
- 1000
- تىللا
- 1495
- شۆھرەت
- 2124
|
بىلىمنىڭ چىكى يوق دىگەندەك كەڭ ئۇستازلارنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن:
كۈندە دىگۈدەك نۇر دېسكىدىن سېستىما قاچىلاپ زىرىكتىم،سەۋەبى كۆپلىگەن كومپىيۇتىرلارنىڭ نۇردېسكا ئوقۇغۇچىسى كونىراپ كەتكەن،بۇزۇلغان دىگەندەك سەۋەبلەر بىلەن يىپيېڭى دېسكىنى ئوقۇيالماي سىزىۋىتىپ بارغان،گوستنى يېيىپ يىرىمىغا كەلگەندە نۇر دېسكىنى ئوقۇيالمىغانلىق ئۇچۇرى چىقىپ توختىۋالغان....
شۇڭا مەخسۇس سېستىما قاچىلاش ئۈچۈن 2 گىگابايتلىق بارماق دېسكىدىن بىرسىگە iso سايە ھۈججىتىنى بارماق دېسكىدىن قاچىلىنىدىغان قىلىپ يېزىپ تەييارلاپ قويۇپ شۇنىڭدا قاچىلاپ بېرىپ يۈرۈۋاتاتتىم،قالغان بىكار بوشلۇققا سېستىما قاچىلىغاندىن كىيىن زۈرۈر لازىملىق دىتاللارنى ساقلاپ ئىشلىتىۋاتاتىم،ئەمما بۈگۈن بىر كومپىيۇتىرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلىيالمىدىم.چۈنكى مېنىڭ سايە ھۈججىتىنى ئويۇش شەكلىم HDD+ شەكلىدە بولۇپ بۈگۈن قاچىلىماقچى بولغان كومپىيۇتىرنىڭ بۇ تۈردە قوزغىلىش ئىقتىدارى يوقكەن،بولماي شۇ كومپىيۇتىرنىڭ قاتتىق دېسكىسىغا سايە ھۈججىتىنى يېيىپلا قاچىلىۋىتەي دەپ بارماق دېسكامنى سېلىپ ئېچىشىمغىلا(كومپىيۇتىر قوزغىلالايدۇ،بىراق سېستىما نورمالسىز،نۇر دېسكا ئوقۇغۇچىسى يوق)ئۇشبۇ كومپىيۇتىرنىڭ قاتتىق دېسكىدىكى ۋىرۇسلار يېڭى مېھمان بولغان بارماق دېسكامنىڭ ئىچىدىكى لاقا-لۇقىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى يەپ پاك-پاكىزە قىلىپ قويدى،بۇنىڭغا قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ ئامالسىز ئىشخانامغا قايتىپ كەلدىم.
ئۇستازلار سورىماقچى بولغان سوئالىمنىڭ سەۋەبى ۋە مەقسەت ئېنىق بولدىغۇ دەيمەن،سىزلەردىن سورىماقچى بولغىنىم:
بارماق دېسكىغا لازىملىق بارلىق ئۇچۇرلارنى يېزىپ ،كۆچۈرۈپ بولغاندىن بارماق دېسكىنى قېتىتىپ بارماق دېسكىغا ۋىرۇس سەۋەبىدىن ۋە خالىغانچە ئۇچۇر يازغىلى بولمايدىغان ،پەقەت ئوقۇشقىلا بولىدىغان،ئۇچۇر يېزىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا ئەسلىگە قايتۇرۇپ ئۇچۇر يېزىپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزگىلى بولىدىغان بىرەر ئامال-چارە ياكى دىتال بارمىدۇ؟ دىمەكچى بولغىنىم خۇددى كومپىيۇتىرغا Deep Freeze (冰点还原精灵 نى قاچىلاپ مەلۇم دېسكىنى بەلگىلەپ قويساق بىرلا قايتا قوزغالغاندىن كىيىن شۇ بەلگىلەنگەن رايون قاچىلاشتىن بورۇنقى ھالەتكە قايتىپ قالىدىغان،زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا لاھىيىسىنى ئۆزگەرتىپ لازىملىق ئۇچۇرنى ساقلىغىلى بولىدىغان ياكى ساقلاپ بولغاندىن كىيىن قايتىدىن قېتىتىپ قويغىلى بولىدىغان ئامال- چارە ياكى دىتال بارمىدۇ؟موشۇ ھەقتە بىر ياردەم قىلساڭلار،يامان ئوسال بولدۇم بۈگۈن،ئەتىگىچىغۇ يېزىش شەكلىنى ئۇشبۇ كومپىيۇتىرنىڭ قوزغىلىش تۈرى بويىچە ئۆزگەرتىپ يېزىپ قاچىلاپ بېرەرمەن،ئەمما كىيىن بۇنداق ئىشلارغا يەنە يولۇقمايمەن دىگىلى بولمايدۇ،بۇ بىلىمگە مەنلا ئەمەس موشۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقان بارلىق تورداشلارنىڭ تەشنا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن،جاۋابىڭلارغا تەقەززامەن،رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arwah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-10 02:15
|
|