پاكىز، مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى بەرپا قىلايلى!

ئىنتىل تورى

 

 

ئىزدەش
ئىنتىل تورى دەرۋازا تور بىلىمى [تېما كۆرۈش] كومپيۇتېرىڭىزغا Photoshop قاچىل ...

كومپيۇتېرىڭىزغا Photoshop قاچىلانمىغان بولسا، توردىكىنى ئىشلىتىڭ!

يوللىغۇچى: alimjan15 | يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-30 01:10| كۆرۈلۈشى: 117| ئىنكاس سانى: 0|تېما مەشغۇلات خاتىرىسى

Photoshop نىڭ رەسىم بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ھەممەيلەن بىلىمىز. بىراق، ئەگەر سىز تورخانىدا ياكى باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىنى ئىشلەتكەندە، كومپيۇتېرغا Photoshop قاچىلانمىغان بولسا ھەم رەسىمدە بەزى مەسىلىلەر بولسا قانداق قىلىسىز؟ ئەجەبا، باشقا ئادەتتىكى رەسىم بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتەمسىز؟ بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ھازىر تورنىڭ تەرەققىياتى داۋاملىق تېزلىشىۋاتىدۇ، توردا تەھرىرلەيمىز. ئەجەبا، Photoshop نىڭمۇ تور نۇسخىسى بارمۇ؟ دەپ سوراۋاتامسىز. دەل توغرا، ھەقىقەتەن بار. http://pixlr.com/editor/ دا پۈتۈن Photoshop تا تەھرىرلەش مۇلازىمىتى بار. كومپيۇتېر تورغا كىرەلىسىلا، بۇ تور بەتنى ئېچىپ، رەسىم بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.

مەن ئازراق ئىشلىتىپ سىناپ باقتىم. تور Photoshop ھەقىقىي Photoshop نىڭ نۇرغۇن ئېقتىدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئاپتۇ. ھەقىقىي Photoshop بىلەن پەرقلەنمىگۈدەك دەرىجىدە. photoshop نىڭ تېزلەتمە كۇنۇپكىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىشلەيدىكەن.
http://www.qatil.net/attachments ... D/image_thumb_3.png
تىل تاللاشقا بولىدىكەن. ئۇيغۇر تىلى يوقكەن. دۇنيادىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىللارنىڭ كۆپىنچىسى باركەن. جۈملىدىن خەنزۇ تىلى.
http://www.qatil.net/attachments ... D/image_thumb_4.png
ئەمما كاساپەت! ئۇيغۇرچە خەتنى بىۋاستە كىرگۈزگىلى بولغان بىلەن سۆزلەر نورمال ئۇلانمايدىكەن. يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچتە «كېڭەيتىلگەن رايۇندىن تەتۈر كۆچۈرۈش» ياكى ئەلكاتىپ 5.5 نىڭ photoshop قا خەت كىرگۈزۈش قۇرالى ئارقىلىق كىرگۈزۈلگەن خەتلەر نورمال چىقىدىكەن.
http://www.qatil.net/article.asp?id=400

يېڭى ئىنكاسلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号 )

GMT+8, 2010-12-5 10:07

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.