- توردا
- 863 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-4
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 2816
- تىللا
- 5207
- MSN
- aelsoft@hotmail.com
- تۆھپە
- 1296
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 12635
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 14
- خاتىرە
- 21
- يازما
- 495
- تېما
- 45
- نادىر
- 1
- ھەمبەھر
- 3
- UID
- 21
- تۆھپە
- 1296
- تىللا
- 5207
- شۆھرەت
- 2816
|
يائاللا، ئاتامانلار، ئاۋۇ «سەينا» بېتىنى تۈزەپ قويساڭلار بولاتتى، ماس تۈرنى تاپالماي قېيىپلا كەتتىم، ھېلىمۇ ياخشى، ئۆتكەندە «ئىنتىل» ئەپەندىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۆز كومپيۇتېرىمدا ماس تۈرلەرنىڭ ئېسىلما تىزىملىك ھالىتىدىكى بىر بەتنى ساقلاپ قويۇپتىكەنمەن، شۇنى ئېچىپ، ئاران تەستە بۇ تۈرنى تېپىۋالدىم. سىلەرگە لازىم بولسا بۇ يەردىن ئېچىپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ. http://torkatip.info/intil.html
-------------------------------------------
ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈش ـــ مېنىڭچە، باشقا تىلدىكى كۆرۈنمە يۈزنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دېمەكتۇر. مەيلى blogbus ۋە مەيلى WordPress بولسۇن، ۋەمەيلى باشقا بلوگ، بەت سىستېمىلىرى بولسۇن، ئەگەر ئۇسلۇب ھۆججىتى تەمىنلەنگەن بولسىلا، ئۇنى تامامەن ئۆزلەشتۈرۈۋالغىلى (ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇۋالغىلى) بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟
1- سىزدە پۇختا تەييارلىق بولۇشى كېرەك. بۇ تەييارلىقلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1) سىزدە ئازراق تور بەت بىلىمى بولۇشى كېرەك، يەنى ئانچە-مۇنچە HTML ۋە CSS كودلىرىنى يازالايدىغان ۋە كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان ئىقتىدار بولۇشى كېرەك، ئەگەر بۇ بۇ بىلىم سىزدە بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى باشقىلار تەييار ئۆزلەشتۈرگەن ئۇسلۇبلارنىلا ئىشلىتىڭ. ئۆزىڭىز ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈش ئويىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ.
2) ئىشلەتكەن بلوگ ياكى بەت سىستېمىسىنىڭ خاراكتېرىغا ئاساسەن، سىزدە يەنە ئازراق PHP ياكى ASP بىلىمى بولۇشى كېرەك، ئەگەر بۇ بولمىسا، سىز يەنىلا يۇقىرىدا دېيىلگەندەك قىلىڭ.
3) ئۆز كومپيۇتېرىڭىزدا ئاشۇ ئۇسلۇبنى سىنايدىغان مۇھىت بولۇشى كېرەك. ASP لىق سىستېما ئۇسلۇبىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، كومپيۇتېرىڭىزدا ASP لىق بەتلەرنى ئىجرا قىلىدىغان IIS قاتارلىق ئىجرا مۇھىتلىرى ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك، PHP لىق سىستېما ئۇسلۇبىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، كومپيۇتېرىڭىزدا WAMP مۇھىتى (Windows سىستېمىسى ئۈچۈن) ياكى LAMP مۇھىتى (Linux سىستېمىسى ئۈچۈن) ھازىرلانغان بولۇشى، ساندان ئۈچۈن MySQL ياكى ACSESS قاچىلانغان (بەت ياكى بلوگ سىستېمىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ) بولۇشى شەرت.
4) ئۇسلۇب ھۆججىتىنىڭ زاپاس ھۆججىتى بولۇشى كېرەك، ۋاقتى كەلگەندە ئۇسلۇبنى ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا بۇزۇپ قويسىڭىز، مۇشۇ ھۆججەتتىن پايدىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالالايسىز.
2- يۇقىرىقى تەييارلىقلار پۈتكەن بولسا، سىز ئۆز كومپيۇتېرىڭىزدا ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئۆز كومپيۇتېرىڭىزغا بەت سىستېمىسىنى قاچىلاشنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز، بىۋاستە شۇ بەت سىستېمىسىنىڭ ئارقا بەت باشقۇرۇش تۈرىدىن ئۆزگەرتىش قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭدا ئۇسلۇبنى بۇزۇپ قويسىڭىز، بېتىڭىزنى كۆرۈۋاتقانلارغىمۇ قۇلايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈشتە ئالدى بىلەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدىغىنىمىز، شۇ ئۇسلۇبنىڭ CSS ھۆججىتى، بۇ ئادەتتە style.css ھۆججىتىدۇر. ئۇنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە يەرگىلا ئۆزگەرتىش قىلساق بولىدۇ، ھەممە جاينى ئۆزگەرتىشنى زۆرۈرىيىتى يوق
بۇ ھۆججەتنىڭ ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك جايلار:
1) بەت يۆنۈلۈشى
خەنچە ياكى ئېنگلىزچە يېزىقلار سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ، بىزنىڭ سۆيۈملۈك يېزىقىمىز ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ، شۇڭلاشقا بەت يۆنۈلۈشىنى ئوڭدىن سولغا توغرىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ ھۆججەتنىڭ html قىسمىغا تۆۋەندىكى بىر قۇر كودنى قوشۇپ قويىمىز:
2) خەت نۇسخىسى
ھۆججەت ئىچىدىكى بارلىق خەت نۇسخىسى بەلگىلەنگەن جايلارغا ئۆزىمىز ئىشلەتمەكچى بولغان خەت نۇسخىسىنى قوشۇپ قويىمىز. ئادەتتە خەت نۇسخىسى بەلگىلەنگەن جاينىڭ روشەن بەلگىسى font-family دۇر. مەسىلەن: ئەسلىدىكى خەت نۇسخىسى بەلگىلەنگەن جاي:
- font-family: Arial, Helvetica, Verdana, sans-serif;
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش بىز بۇنى مۇنداق ئۆزگەرتىپ قويساق بولىدۇ، ئەلۋەتتە، ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇيغۇرچە فونتلارنىڭ نامىنى قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ، ھەممىسىنى مېنىڭكىدەك ئۆزگەرتىۋېلىشنى ھاجىتى يوق.
- font-family:Alpsoft Ekran, UKIJ Tuz Tom, ALKATIP, Alpida Unicode System, Uyghur Ekran, Arial, Helvetica, Verdana, sans-serif;
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش 3) خەت رازمېرى
خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزىڭىز مۇۋاپىق تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە كۆپ ئىشلىتىدىغان، ھەم مۇۋاپىقراق دەپ قارالغان خەت رازمېرى كودى تۆۋەندىكىچە :
خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى (رازمېرىنى) ئۆزىڭىز ئەمەلىي ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن بەلگىلەڭ.
4) EOT قىستۇرۇش
ئۇيغۇرچە فونتنى Weft تىن ئۆتكۈزۈپ، EOT ھۆججىتى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، مۇناسىپ جايغا يۈكلەڭ، ئاندىن تۆۋەندىكى EOT كودىدىكى مەنزىلنى ئاشۇنىڭغا ماس قىلىپ ئۆزگەرتىۋالسىڭىزلا كۇپايە. تۆۋەندىكىسى مەن سىناقتىن ئۆتكۈزگەن، IE ۋە FireFox لاردىمۇ نورمال ئىشلەيدىغان كود، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەسلى فونت ھۆججىتىنىمۇ (EOT ھۆججىتىدىن باشقا) مۇۋاپىق جايغا يۈكلىشىڭىز كېرەك.
- /* $WEFT -- Created by: Adiljan Abdurehim (aelsoft@gmail.com) on 2010-11-03 -- */
- @font-face {
- font-family: 'Alpsoft Ekran';
- src: url('http://torkatip.info/ALPSOFT0.eot');
- src: local('Alpsoft Ekran'),
- url('http://torkatip.info/AlpsoftEkran.woff') format('woff'),
- url('http://torkatip.info/AlpsoftEkran.ttf') format('truetype'),
- url('http://torkatip.info/AlpsoftEkran.svg#Alpsoft Ekran') format('svg');
- }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش بۇنىڭ بىلەن بلوگ (ياكى بەت) سىستېمىڭىز بىرەر قۇر ئۇيغۇرچىغا ماسلىشىپ قالىدۇ، ئەمما بېتىڭىزدە يەنىلا ئۇيغۇرچىدىن باشقا خەتلەر بار. بۇ خەتلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بلوگ (ياكى بەت) سىستېمىڭىزنى index,head,sidebar,footer قاتارلىق ھۆججەتلىرىنى ئاچىسىز (بار بولسا)، ئاندىن ئىچىدىكى ماس خەتلەرنى تېپىپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ يېزىپ، ساقلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مەن يۇقىرىدا دېگەن بىلىملەر سىزدە ھازىرلىنىشى شەرت.
ئەڭ ئاخىرىدا بەت يۈزىدە كۆرۈنىدىغان سۈرەتلەرنى تېپىپ ئىچىدە باشقا تىلدىكى خەتلەر بار بولسا، Photoshop قاتارلىق سۈرەت تەھرىرلەيدىغان دېتاللاردا مۇناسىپ تەھرىرلەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ، سۈرەتلەردە خەت بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى ئۇلارغا چېقىلماڭ. چۈنكى style.css ھۆججىتىدە مۇناسىپ كوردىناتقا ئاساسەن، بۇ سۈرەتلەر پارچىلىنىپ تو ربېتىڭىزدە ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا، بۇ سۈرەتلەرنى ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز، تور بېتىڭىزنىڭ بەزى جايلىرىدىكى سۈرەتلەر توغرا كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر بەت يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش سەۋەبىدىن، سۈرەتلەر بىر-بىرىگە ئۇلانمايدىغان چىقىپ قالسا، سىز Photoshop تىن پايدىلىنىپ، شۇ سۈرەتنى توغرىسىغا ئۆرۈپ قويسىڭىز (水平翻转) بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-11-29 15:12
|
|