ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1346|ئىنكاس: 4

Google دىن Internetنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر(1997~2010)

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-11-25 10:37:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
Google باش بېتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن Internetنىڭ 14 يىللىق تەرەققىياتىغا نەزەر(1997~2010)

كونىلاردا «بىلىم دۆلەت، كىيىم سۆلەت» دەيدىغان ھېكمەت بار، باشقىلارنىڭ كىيىم-كېچىكى، رەڭگى-رويىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا تەخمىنىي باھا بەرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز بىرەر شىركەتنىڭ دەرۋازىسىنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ئازدۇر-كۆپتۇر بىلەلەيمىز. بۈگۈن Internet دۇنياسىىدىكى چوڭام Googleنىڭ بۇ 14 يىللىق «دەرۋازىسى»[باش بېتى]نىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ، بۇ چوڭامنىڭ 14 يىلللىق بوران-چاپقۇنلۇق ھاياتىغا نەزەر سېلىپ باقايلى.
ۋاقتى: مىلادى 1997-يىلى

1997-يىلى 12-ئاينىڭ دەسلىپىدە، كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس، مانا بۇ Google نىڭ باش بېتى ئىدى، تېخى رەسمىي تورغا يوللانمىغاندەك قىلاتتى، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ نامى BackRub ئىدى.

1997-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، بىر ئىملا خاتالىقى تۈپەيلىدىن، بۇ شىركەت Google دەپ نام بېرىلىپ، سىناق [Demo] تەرىقىسىدە تورغا يوللاندى. Google نىڭ ئەينى چاغدىكى قۇت بەلگىسى[Logo] كىشىلەرنى ناھايىتى ئاسانلا ئەسلىمىلەر قوينىغا تاشلايتتى: 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، بىز شەخسىي باش ياسىغاندا خۇددى ئۇنىڭغا ئوخشاشلا  قۇت بەلگىسىنى ھەررەڭ-سەررەڭ ياساشقا ئامراق ئىدۇق.
ۋاقتى: مىلادى 1998-يىلى

1998-يىلى 5-ئايغا كەلگەندە، Google سىناق [Demo] تەرىقىسىدە تۇرۇۋەرمەي، رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. تور بەت پەخرى [Credits] قىسمىغا سېرگىي برىن [Sergey Brin] ۋە لاررىي پېيج [Larry Page] لارنىڭ ئىسىملىرى ۋە «ئانامغا رەھمەت، دادامغا رەھمەت، مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ۋەتىنىمگە رەھمەت، پارتىيىگە رەھمەت ……» دېگەندەك تەكەللۇپ سۆزلىرى يېزىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا Google نىڭ مۇلازىمېتىرى كالىفورنىيە شتاتىدىكى بىر ماشىنا ئامبىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ ئامبار يەنە Googleنىڭ ئىشخانىسى ئىدى. شۇ يىلى يەنە Googleنىڭ ئىككى ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى Google نېگىزلىك ھېسابلاش ئۇسۇلى PageRankTMنى AltaVista غا 100 تۈمەن دوللارغا سېتىپ بېرىپ، «كېيىنكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا» دەپ بارىغا شۈكرى قىلىپ كۈن ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئىدى، ئەمما رەت قىلىندى؛ AltaVista شۇنى ئويلاپ يېتەلمىگەن ئىدىكى، يەنە نەچچە يىلدىن كېيىن بۇنچىلىك پۇلغا ; Google نىڭ ئاران 100 تال پېيىنىلا سېتىۋالغىلى بولاتتى.
ۋاقتى: مىلادى 1999-يىلى

1999-يىلىدىكى بۇ كۆرۈنۈش بىز بۈگۈنكى كۈندە كۆرۈۋاتقان كۆرۈنۈشىگە خېلى بەكلا ئوخشاپ قالغان ئىدى. قۇت بەلگىسىنىڭ كەينىگە «!» [ئۈندەش] بەلگىسىنى قويۇۋالغانلىقى بەلكىم ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى Internet دۇنياسىنىڭ «ئاكاڭ قارىغىيى» !Yahoo نى دورىغانلىقىدىنمىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئانچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى بولسا مۇشۇ كۆرۈنۈشكە تايىنىپ Google تۇنجى ئايال خىزمەتچىگە، يەنى ھازىرقى ئورۇنباسار لېدىرى Marissa Mayer گە ئېرىشتى؛ تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، مۇشۇ كۆرۈنۈشكە تايىنىپ، Google سىلىسون جىلغىسىدىكى [Silicon Valley] ئەڭ داڭلىق تەۋەككۈلىگە مەبلەغ سالىدىغان ئىككى شىركەتنىڭ 25 تۈمەن دوللارلىق تەۋەككۈل مەبلىغىغە ئېرىشتى.
ۋاقتى: مىلادى 2000-يىلى

2000-يىلى 5-ئايدا، Google نەزىرىنى ئامېرىكىدىن پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىغا قاراتتى، ئۇلار ئون نەچچە خىل كۆرۈنۈش تىلىنى قوشتى ھەمدە كەڭ كۆلەمدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. شۇ يىلى 6-ئايدا، ياڭ جىيۈەن [杨致远] «بۆرە بالىسىنى باقساڭ ئاغزى-بۇرنۇڭنى قان قىلۇر» دېگەندەك بىر قارارنى چىقاردى ـــ ئۇ Yahooنى ئۆزىنىڭ ئىزدەش مۇلازىمىتىدىن ۋاز كېچىپ Googleنىڭ ئىزدەش مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدى، بۇ Googleنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بىراق ئۇ چاغدىكى ئىزدىگۈچ بازىرى تېخى ناھايىتى كىچىك ئىدى،  كىچىكلىك دەرىجىسى قانداق ئىدى؟ Googleنىڭ ماشىنا ئادىمى [ئۆمۈچۈكى]نى ئىشلىتىپ ئىزدەشتىن بۇرۇن، Yahooنىڭ ئىشلەتكىنى بولسا بىر «ئادەملىك ئىزدەش ماتورى» ئىدى، بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى قولدا كىرگۈزۈلەتتى، بۇ ئەينى چاغدىكى ئىزدەش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇراتتى.

2000-يىلى 12-ئاي، دىققەت قىلدىڭلارمۇ؟ Google نىڭ «پۇل بېسىش ماشىنىسى» AdWords يالت-يۇلت قىلىپ مەيدانغا چىقتى! شۇ يىلى يەنە بىر ئىش يۈز بەردى، بەيدۇ تور تېخنىكىسى (بېيجىڭ) چەكلىك شىركىتى [百度网络技术(北京)有限公司] قۇرۇلدى. بىراق مەيلى Google بولسۇن، ۋەمەيلى بەيدۇ [百度] بولسۇن، جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن، ھەممىسى ئىنتايىن ناتونۇش ئىدى، شۇ يىللاردىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى تور پۇقرالىرى سۈپىتىدە، بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز ئۆزىمىزنىڭ شەخسىي تور بېتىنىڭ Yahoo ياكى Souhu تەرىپىدىن قوبۇللانغان-قوبۇللانمىغانلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش ئىدى.
ۋاقتى: مىلادى 2001-يىلى

2001-يىلى Google نىڭ تور باش بېتى نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىلدى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇلارنىڭ بىرنەچچە يېڭى مەھسۇلاتىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تورغا يوللانغانلىقىدا ئىدى، مەسىلەن: Image، Groups، Directory قاتارلىقلار. يۇقىرىقى سۈرەتتىكىسى 12-ئايدىكى Googleنىڭ باش بېتى. Groupsنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەينى چاغدا Google ئاللىقاچان مەھەللىلەشكەن ئەمەلىي قوللىنىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. دەل مۇشۇ يىلى يەنە شىمىست [施密特 Eric Schmidt] بولسا Googleنىڭ CEO سىغا ئايلاندى ھەمدە يېنىدىن پۇل چىقىرىپ Googleنىڭ پايچىكىگە ئايلاندى.
ۋاقتى: مىلادى 2002-يىلى

2002-يىلى 5-ئاي، بۇ Doodle ئەمەس، Google ئۆزىنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ قۇت بەلگىسى [Logo] تەرتىپكە سېلىش پىلانىنى ئېيتىپ بېرىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە، Google ئۆرلەش دەۋرىگە كىرگەن Adwordsنىڭ چوڭ خەتلىك تەشۋىقاتىنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. بۇ ئايدىكى مۇھىم نۇقتا بولسا: ۋاقىت ۋارنېر [时代华纳, Time Warner] نى مۇۋەپپەقىيەتلىك سېتىۋېلىپ دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان AOL بولسا Googleنى ئۆزىنىڭ ئىزدەش ماتورى قىلدى.

2002-يىلى 9-ئايدا گوگۇل خەۋەرلىرى [Google News] تورغا چىقتى. بىراق ئەينى چاغدىكى خەۋەرلەر [News] پەقەت ئامېرىكا زېمىنىدىكى خەۋەرلەرنىلا ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، ئۆزىنىڭ بۇرادىرى Adwords دەك ئىرادىسى ئۇلۇغۋار ئەمەس ئىدى، Adwords ئامېرىكىدا يانچۇقىنى تومپايتىۋالغاندىن كېيىن، ئاچكۆز ئىككى قولىنى ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ياپونىيىگە سۇندى.
ۋاقتى: مىلادى 2003-يىلى

2003-يىلى 2-ئاي، «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»لىق Doodle، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن Googleنىڭ قىزىقارلىق Logo مەدەنىيىتى تور پۇقرالىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئەمما بېكەت باشلىقلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقىنى بولسا Google شۇ يىلى 5-ئايدا ئوتتۇرىغا چىقارغان Adsense سۇپىسى ئىدى ـــ «Google تەمىنلىگەن» دېگەن خېتى بار ئېلان تاختىلىرى پۈتكۈل يەرشارىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى تور بېكەتلەردىن بىر-بىرلەپ ئورۇن ئالدى؛ سىز ھازىر نېمىشقا Internet دۇنياسىدا Googleنى ماختايدىغانلارنىڭ كۆپ، Googleنى سۆكىدىغانلارنىڭ ئازلىقىنى بىلگەنسىز؟ چۈنكى Google تور بېكەت باشلىقلىرىغا ئامېرىكا دوللىرى [USA Dollar,美元] بېرىدۇ! دەل مۇشۇ يىلى يەنە بەيدۇ [Baidu,百度] پۈتكۈل يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ خەنزۇچە ئىزدەش [中文搜索]  سۇپىسىغا ئايلاندى، بىراق بۇ «پۈتكۈل يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ» بولسا سوخۇ [Souhu,搜狐]، جۇڭسو [Zhong sou,中搜] قاتارلىقلارغا نىسبەتەن چىقىرىلغان نەتىجە ئىدى، شۇنداقتىمۇ جۇڭگودا بەيدۇ [Badu, 百度] نىڭ بەت يۈزىنىڭ زىيارەت مىقدارى Googleنىڭ كەينىدە، كىرىمى ياخۇ [Yahoo, 雅虎]نىڭ كەينىدە تۇراتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-11-25 11:44  

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-25 11:38:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: مىلادى 2004-يىلى

2004-يىلى 3-ئايدا، Froogle تورغا چىقتى ـــ بۇ Googleنىڭ مال سېتىۋېلىش ئىزدىگۈچىسى [Google Product Search, 购物搜索] نىڭ ئاساسى ئىدى ـــ Froogleنىڭ پەيدا بولۇشى Googleنىڭ ئىزدەش مۇلازىمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەپسىلىي ئايرىلىۋاتقانلىق بۇرغىسىنى سايراتتى. بۇ ئايدا يەنە تور پۇقرالىرىنى تەلۋىلەشتۈرىۋېتىدىغان يەنە بىر خەۋەر تارقالدى ـــ 1G لىق چوڭ بوشلۇققا ئىگە Gmail ئېلخەتداننى تىزىملىتىش تەكلىپى باشلاندى (ئەينى چاغدا مەكتىپىمدە مەن ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىنىڭ سىغىمى ئاران 512MB ئىدى). Gmailنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشى، روشەنكى، بۇ يىللىق Googleنىڭ ئەڭ بەك ھاياجانلاندۇرىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى، Googleنى ئەڭ بەك ھاياجانغا سالغىنى ئۇنىڭ پايچېكىنى Nasdaq پاي بازىرىغا سېلىنىشى ئىدى، تۇنجى كۈنىدىكى پايچەك قىممىتى 100 دوللار بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر يىلدا يەنە Googleغا تەسىر قىلغان ئۈچ ئىش يۈز بەردى: Yahoo سېتىۋېلىش ۋە ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى ئۆزىنىڭ ماشىنا ئىزدەش ماتورىغا ئىگە بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ Google بىلەن بولغان تۆت يىللىق ھەمكارلىقىنى توختاتتى؛ بەيدۇ [Baidu, 百度]  شۇ يىلى 6-ئايدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگو ئىزدەش بازىرىدىكى سىغىمىنى Google دىن ئاشۇرۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئەڭ چوڭ خەنزۇچە ئىزدەش سۇپىسى»غا ئايلاندى؛ Facebook ناملىق مەھەللىۋىلەشكەن بىر تور بېكىتىمۇ دەل مۇشۇ يىلى قۇرۇلدى.
ۋاقتى: مىلادى 2005-يىلى

2005-يىلى 2-ئايدا، Local [يەرلىك، 本地] ئىزدەش تورغا يوللاندى. كېيىن بۇنىڭدىن كۆپىيىپ Google Maps،Google Earth،Business Search قاتارلىق مەھسۇلاتلار چىقىرىلدى ھەمدە ئۇنىڭدىن ھەرخىل تىللارغا كېڭەيتىپ چىقىرىلدى. يەنە بىر تەرەپتە بولسا، يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى چوڭام مەيكروسوفت [Microsoft,微软] ئاخىرى Googleنىڭ پالتا-پىچاقلىرىنى بىلەپ ئۆزىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىدەك مۇدھىش قان ھىدىنى پۇرىدى-دە، ئۆزى مۇستەقىل تەتقىپ قىلىپ ياساپ چىققان MSN ئىزدەشنى ئومۇمىيۈزلۈك كېڭەيتىشكە باشلىدى. دەل مۇشۇ ئايدا، كېيىنچە Google تەرىپىدىن ئوڭۇشلۇق سېتىۋېلىغان مەھەللىۋىي سىن تورى Youtube ئىش باشلىدى؛ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە Youtubeنىڭ تەكشۈرۈشى بوش، سىنلارنى ئۆچۈرۈشىمۇ ئاستا ئىدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇيقۇسىز ئۇزۇن كېچىلەردە بىزدەك «شەپەرەڭ پالۋان»لارنىڭ كىنو ئىزدىشى ئىنتايىن ئاسان بولدى! سىز ھازىر نېمىشقا 75-~85-يىللار ئارىلىقىدا تۇغۇلغان بۇ بىر ئەۋلاد ئادەملەرنىڭ تېخىغىچە Youtubeنى ئەسلەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەنسىز؟

2005-يىلى 9-ئايدا، Googleنىڭ يەرلىكلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمىتى يەنىمۇ بىر قەدەم كۈچەيدى، shopping ئۇچۇرلىرى Froogleغا كىرگۈزۈلدى؛ دىققەت قىلىشقا تېخىمۇ ئەرزىيدىغىنى شۇكى، باش بەتنىڭ ئوڭ ئۈستى بۇرجىكىدە كىرىش [登录,Sign in] ئېغىزى بار بولدى، Gmail ھېساباتى ئارقىلىق كىرىشكە بولاتتى، ئۇندىن باشقا، شەخسىيلەشتۈرۈلگەن باش بەت [个性化主页,Personalized Home] مۇ بار بولۇپ، بۇ ھازىرقى iGoogleنىڭ ئاساسى ئىدى، بۇنىڭدىن Googleنىڭ بۇ چاغدا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېپىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

2005-يىلى، ئەمەلىيەتتە، يەنە بىر «چوڭ ئىش» يۈز بەردى، يەنى Google جۇڭگوغا يۈرۈش قىلدى ـــ 4-ئايدا شاڭخەيدىكى ئىش باشقارمىسىنى قۇردى، 7-ئايدا جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنى قۇردى ھەمدە مەيكروسوفت جۇڭگو [微软中国] نىڭ سابىق «ئاتىسى» لى كەيفۇ [李开复] نىڭ Googleنىڭ جۇڭگو رايونىدىكى باش لېدىرى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. گەرچە ئۇ چاغدا  Googleنىڭ تېخى خەنچە ئىسمى بولمىسىمۇ، بىراق CNNICنىڭ 2005-يىلى 8-ئايدىكى بىر پارچە ئىستاستىكا دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەينى چاغدىكى Googleنىڭ جۇڭگو ئىزدەش بازىرىدىكى نىسبىتى بەيدۇ [Baidu, 百度] دىن پەقەت ئازراقلا كېيىن تۇراتتى، بىراق بىرقىسىم سانلىق مەلۇماتلىرى يەنىلا بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭكىدىن ئىلغار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە Googleنىڭ 7-ئايدا جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنى قۇرۇشنى تاللىشى 8-ئايدا Nasdaqتا بازارغا سېلىنغان بەيدۇ [Baidu, 百度]نىڭ پېيىغا نىسبەتەن ئەڭ زور پايدىسىز ئامىل ئىدى! 2005-يىلى يەنە بىر «كىچىك ئىش» يۈز بەردى، Google تۆت ئادەمدىن تەشكىللەنگەن Android دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك شىركەتنى سېتىۋالدى. ھازىر قارىغاندا، 2005-يىلىدىكى بۇ «كىچىك ئىش»نى قىلىش ئاۋۇ «چوڭ ئىش»نى قىلغاندىن تېخىمۇ بەكرەك ئاقىلانىلىق بولغان ئىدى.
ۋاقتى: مىلادى 2006-يىلى

2006-يىلى 3-ئايدا، Google Maps تورغا چىقتى، بۇ چاغدا Googleنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاللىقاچان ناھايىتى مول بولغان ئىدى، more خەتكۈچكە يۇشۇرۇنغان مەزمۇنلار سىرتىدىكىدىن خېلى بەكلا كۆپ ئىدى. ئىزدەش بازىرىنىڭ كۆلىمى كۈنسېرى كېڭىيىشى ۋە Googleنىڭ بىۋاسىتە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى (لى كەيفۇنى ئېلىپ قاچقانلىقى)غا قارىتا، مەيكروسوفت [微软,Microsoft] ئاخىرى ئولتۇرالماي قالدى، بىر يېپيېڭى ئىزدەش داڭلىق ماركىسى ـــ «Windows Live ئىزدەش» مۇشۇ ئايدا تورغا چىقتى؛ ئارقىدىنلا، مەيكروسوفت [微软,Microsoft] يېڭىلىق تۇيغۇسى كەمچىل ئالدى قوشۇمچە «Windows»نى تاشلىۋېتىپ، بۇ ئىزدەش ماتورىنى بىۋاسىتە «Live ئىزدەش» دەپ ئاتىدى، بىراق ھەرخىل تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى بازار نىسبىتىدە نەتىجە بەرمىدى، بۇمۇ مەيكروسوفت [微软,Microsoft] نىڭ ئىككى يىلدىن كېيىن ياھۇ [雅虎,Yahoo] نى سېتىۋېلىش ئويىنىڭ بىخ سۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

2006-يىلى 4-ئايدا، Google ئۆزىنىڭ دۇنياۋىي خەنچە نامىنى «谷歌» (زىرائەت ناخشىسى) دەپ جاكارلىدى، بۇنىڭ مەنىسى «مول ھوسۇل ناخشىسى» دېگەنلىك بولاتتى، بۇ تولىمۇ چاكىنا ئىسىم ئەينى چاغدا زور بەس-مۇنازىرىگە دۇچار بولدى، بىراق نېمىلا بولمىسۇن، بۇ ئىسىم ئاخىرى «قىچقىرىلدى»، ئەپسۇسلىنارلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غەلىبە دەرۋازىسى «قىچقىرىپ» ئېچىلالمىغان ئىدى. «قىچقىرىش» سۆزىگە كەلسەك، ئەڭ بەك «قىچقىرالايدىغان» بىر شىركەت مۇشۇ چاغدا قۇرۇلدى، ئۇ دەل Twitter (ۋىچىر-ۋىچىر) ئىدى.

2006-يىلى 8-ئايدا، Google Video تورغا چىقتى، ئەينى چاغدىكى Video پەقەت سىن ئىزدەش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تورغا سىن يوللاش، ھەمبەھىرلىنىش ئىقتىدارلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى، بىراق بۇ ئىقتىدارلارنىڭ پېشانىسىگە تاقىۋېتىلىش پۈتۈلگەن ئىدى، چۈنكى Google شۇ يىلى 10-ئايدا بىر مىليارد 650 مىليون دوللارغا دۇنيادا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن سىن تور بېكىتى Youtube نى سېتىۋالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە Youtube مۇ ئۈمىدنى يەردە قويماي، ئەڭ ئاخىرىدا Google نى 2010-يىلى ياھۇ [雅虎,Yahoo] دىن ئاشۇرۇپ، دۇنيادىكى تور بېتىنى كۆرۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن تور بېكەتكە ئايلاندۇردى.

2006-يىلى 12-ئايدا، بىز ئىلگىرى ئىزچىل كۆرۈپ كېلىۋاتقان Groups خەتكۈچى ئاخىرى more نىڭ ئىچىدىن مۇقىم جاي ئالدى، Google ئاخىرى مىڭبىر جاپادا بەش يىل تىجارەت قىلىپ كېلىۋاتقان تۇنجى مەھەللىۋىيلەشكەن مەھسۇلاتىنى ئويناپ بۇزۇپ قويغانلىقىنى تەن ئېلىۋاتقاندەك قىلىۋاتاتتى؛ بۇ ئالاھەزەل Google نىڭ بۇندىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا مەھەللىۋىيلەشكەن قوللانما جەھەتتە ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغانلىقىدىن شەپە بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. 2006-يىلى بەيدۇ [Baidu, 百度] غا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغان بىر يىل بولدى، ئۇلار جۇڭگوغا بېسىپ كىرگەن Google  تەرىپىدىن زەربە يېمەستىن، ئەكسىچە MP3 ئىزدەشتە ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسىدا ئەرز قىلىپ غەلىبە قازانغاندىن كېيىن Google بىلەن بولغان ئارىلىقنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇزارتتى. بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭ ئېلان ھەمكارلىقىمۇ مۇشۇ يىلى تورغا چىقتى، Google دىن تۆت يىل كەينىدە قالغانلىقى مۇھىم ئەمەس ئىدى، تور بېكەت باشلىقلىرىغا خەلق پۇلى بېرىدىغانلىقىمۇ مۇھىم ئەمەس ئىدى، مۇھىمى ئۇ بۇ پۇلدىنمۇ زىغ-زىغ چىقىرىپ ئۆز چۈنتىكىگە قايرىپ سېلىۋالاتتى! ھازىر سىز چوقۇم نېمىشقا توردا بەيدۇ [Baidu, 百度] نى تىللايدىغانلارنىڭ كۆپ، قوللايدىغانلارنىڭ ئازلىقىنى بىلىۋالدىڭىز.
ۋاقتى: مىلادى 2007-يىلى

2007-يىلى 5-ئايدا، Google يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ئاساسىي كۆرۈنۈش رايونىنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئاددىيلاشتۇردى، دائىم ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەتكۈچلىرىنى سول ئۈستى بۇرجەككە يۆتكىدى، Gmail ئەڭ غەلىبىلىك بولغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە بۇ قاتاردىن ئورۇن ئالدى.

2007-يىلى 5-ئايدا، بىز بۇ چاغدىكى Google نىڭ كورىيىچە باش بېتىگە قاراپ باقايلى، بۇنى تىلغا ئېلىشتىكى سەۋەپ، ئۇنىڭ بىر مەزگىل Google نىڭ جۇڭگوچە باش بېتىنىڭ ئاساسى دەپ قارالغانلىقىدىن ئىدى، ئەلۋەتتە، ھەقىقى مەنىدىكى Google «جۇڭگوچە باش بېتى» ئاللىقاچان يوق بولدى. 2007-يىلى 9-ئايدا، Google غا قىلچە مۇناسىۋەتسىز مۇنداق بىر «ئىش» يۈز بەردى: ھازىرقى «تور كاتىپ»نىڭ قۇرغۇچىسى ئادىلجان ئابدۇرېھىم (نىدا) ئەپەندى (يەنى مەن) «بىلىك» تورىدا تورداشلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەرجىمانلىق خىزمىتى ـــ «ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى»نى تەرجىمە قىلىشنى باشلىدى.

2007-يىلى 11-ئايدا، Google مانا مۇشۇنداق باش بەتنى ئىشلەتتى، بۇ Google نىڭ ئاددىي-ساددا باش بەت ئىدىيىسىگە زىت ئىدى، بۇ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ مۇرەككەپ بولغان بىر Google باش بېتى بولسا كېرەك. بۇنى Google نىڭ ئۆزىنىڭ بەيدۇ [Baidu, 百度] بىلەن بولغان رىقابىتىدىكى ناچار ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىشىدىكى بىر خىل سىناق دەپ قاراشقا بولىدۇ. Google بۇ ئايدا يەنە بىر قېتىملىق سىناق ئېلىپ باردى ـــ Linux ئاساسىدىكى يېپيېڭى كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسى Android ئېلان قىلىندى ھەمدە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئون نەچچە يۇمشاق، قاتتىق دېتال شىركەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئوچۇق كودلۇق يانفون ھەمكارلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

2007-يىلى 12-ئايدا، ئالا-بۇلىماچ Google جۇڭگو باش بېتى، روشەنكى، ئالدىن پەرەز قىلىنغاندەك نەتىجە بەرمىدى، يەنىلا ئەسلىگە قايتقان تۈزۈك ئىدى. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن Google نىڭ جۇڭگودىكى قەدىمىنىڭ مۈشكۈل، نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭ جۇڭگو ئىزدەش بازىرىدىكى نىسبىتى ئاللىقاچان %59.3 كە يېتىپ، جۇڭگو ئىزدەش ساھەسىنىڭ تۆرىگە مەھكەم ئولتۇرغان ئىدى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-25 11:39:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: مىلادى 2008-يىلى

2008-يىلى 1-ئايدا، بىزگە ئىككى يىل ھەمراھ بولغان Google جۇڭگو باش بېتى تورغا چىقتى. ئاستى تەرەپتىكى بىر رەت gif سۈرەتلىرى مۇشۇ مۇلازىمەتلەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي پايدىلىق بولدىمۇ؟ بۇنىڭدىن تا ھازىرغىچە گۇمانلىنىمەن.

2008-يىلى 2-ئايدا، ئامېرىكا تەرەپتە، Google يەنە بىر قېتىم مال سېتىۋېلىش ئىزدەشنى كۈچلۈك كېڭەيتتى، خەتكۈچمۇ مەنىسى تېخىمۇ ئېنىق بولغان «مال سېتىۋېلىش» [购物,Shopping] غا ئۆزگەرتىلدى. مەيكروسوفت [微软,Microsoft] بۇ ئايدا 44 مىليارد 600 مىليون دوللار نەق پۇل بىلەن ياھۇ [雅虎,Yahoo] نى سېنىۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ ئارقىلىق Google دىن ئىبارەت تور دۇنياسىدا كىرمەيدىغان تۆشۈكى يوق بۇ بىر يىرتقۇچ بىلەن قارشىلاشماقچى بولدى؛ ئارقىدىنلا، مەيكروسوفت [微软,Microsoft] ، ياھۇ [雅虎,Yahoo] ، گۇگول [谷歌,Google] لار ئوتتۇرىسىدا «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» ئوينالدى، ھېكايە مەيكروسوفت [微软,Microsoft] نىڭ سېتىۋېلىشتىن ۋاز كېچىشنى جاكارلىشى بىلەن ئاياغلاشتى، ئۇتقۇچى بولمىدى، ئۇتتۇرغۇچى ياھۇ [雅虎,Yahoo] بولدى.

2008-يىلى 2-ئايدا، Google نىڭ ھەرقانداق خەنچە بېتىگە كىرسىڭىز «谷歌» دېگەن خەت بار تۇغى [微标,Logo] كۆزىڭىزگە چېلىقاتتى، مەخسۇس جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئاستى تەرەپتىكى بىر رەت gif سۈرەتلىرى ئېلىۋېتىلدى، بۇنىڭدىن ئەينى چاغدا Google نىڭ «谷歌» دىن ئىبارەت بۇ داڭلىق ماركىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولاتتى. يەنە مۇشۇ ئايدا Google بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز يەنە بىر «ئىش» يۈز بەردى: مەن ئىككى يىلغا سوزۇلغان «ئالىي مەكتەپ» ھاياتىمنى باشلىدىم، يەنى 28-فېبرالدىن باشلاپ ش ئۇ ئا ر نىڭ «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش پىلانى بويىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇچۇر تېخنىكىسى «قوش تىل» تەربىيىلەش سىنىپىدىكى ئىككى يىللىق ئوقۇش ھاياتىمنى باشلىدىم، بۇ مەندەك خەنچە ئاساسى بىرقەدەر ياخشىلارغا بىر قېتىملىق «ساناتورىيىگە بېرىش» تەك ياخشى پۇرسەت بولغان ئىدى.

2008-يىلى 9-ئايدا، Google ئۆزىنىڭ جاھاننامىسى Chrome نىڭ Beta (سىناق) نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى، ئاددىي-ساددا كۆرۈنمە يۈز، ئۇچقاندەك سۈرئەتلەرنىڭ ھەممىسى رىقابەتچىلىرىنى لەرزىگە سالدى. بۇ ئايدا يەنە بىر ئىش يۈز بەردى ـــ Android سۇپىسى ئاساسىدىكى تۇنجى يانفون G1 دۇنياغا كەلدى. Android ۋە Chrome بولسا يېقىنقى ئىككى يىلدا Google نىڭ پەخىرلىنىشىگە مۇتلەق ئەرزىيدىغان ئىككى مەھسۇلاتى ئىدى.
ۋاقتى: مىلادى 2009-يىلى

2009-يىلى 4-ئايدا، Google مۇزىكا (MP3 ئىزدەش) نىڭ تورغا چىقىشىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، Google مۇشۇنداق باش بەت ئىشلەتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىككى-ئۈچ يىلدا، بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭ MP3 ئىزدىشى بەيدۇ [Baidu, 百度] ئۈچۈن جۇڭگو ئىزدەش بازىرىدا تېررېتورىيە بەرپا قىلىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئىدى، Google ئىزچىل ھالدا مانا بۇنىڭ Google نىڭ جۇڭگوغا كىرگەندىن كېيىنكى نىسبىتىنىڭ ئەكسىچە بەيدۇ [Baidu, 百度] تەرىپىدىن چۆرۈۋېتىلىشىدىكى مەسىلىنىڭ تۈگۈنى ئىدى. بۇ ئايدا، Google ئاخىرى نۇرغۇن مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ، چوڭ كىت [巨鲸] بىلەن ھەمكارلىشىپ MP3 ھەقسىز ئاڭلاش، چۈشۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ Google نىڭ جۇڭگودا يەرلىكلەشكەن كەسپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ۋەكىللىك ئەسىرى ئىدى، ئىلگىرى بۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەر كۈتۈلگەن ئىدى.

2009-يىلى 4-ئايدا، Google مەيكروسوفت [微软,Microsoft] نى «ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش»قا باشلىدى، ئەينى يىللاردا مەيكروسوفت [微软,Microsoft] ئۆزىنىڭ Windows مەشغۇلات سىستېمىسىغا IE نى تېڭىپ قويغان ئىدى، ھازىر سىز IE بىلەن Google ھېسابىڭىزغا كىرسىڭىزلا Google ئىزدەش بېتىدە Chrome نى «تېڭىپ» قويىدۇ. ئەلۋەتتە، مەيكروسوفت [微软,Microsoft] مۇ «ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدىكى ئادەم» ئىدى، شەرتلىك بەلگىسى Kumo بولغان ئىزدەش ماتورىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، Kumo نىڭ ياپون تىلىدىكى مەنىسى «ئۆمۈچۈك» ئىدى، ئەگەر «Live» نىڭ ئازراق مەزھەپ پۇرىقى بار دېيىلسە، ئۇنداقتا Kumo ئاللىقاچان ناھايىتى ئېنىق بولۇپ كەتكەن ئىدى ـــ ئاكاڭ قارىغاينىڭ ئوينايدىغىنى ئىزدەش! بۇ ئىزدەش موتۇرى دەل ھازىر بىزگە تونۇشلۇق بولغان Bing ئىدى، Bing ۋە Google نىڭ قايسىسىنىڭ خەنچىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، ئەمما كىمنىڭ خەنچە ئىسىم قويۇشقا ئۇستىلىقىنى كۆرۈۋېلىش ناھايىتى ئاسان، Bing نىڭ ئىنتايىن جايىدا خەنچە ئىسمى بار، ئۇ بولسىمۇ «必应 ».

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى Google نىڭ باش بېتىدىكى خەتكۈچلەر ئارىسىغا «دۇنيانىڭ ئۇ چېتى» (天涯) بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرغان «كەلگىن» (来吧) ۋە «سۇئال-جاۋاب» (问答) قىستۇرۇلدى، Google نىڭ تېخنىكىسى ۋە 天涯 نىڭ ئاۋاتلىقىغا تايانسا، كىم ئۇنى بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭ «چاپلىغىن» (帖吧) ۋە «بىلەرمەن» (知道) سىنىڭ كۈچلۈك رەقىبى دېيەلمەيدۇ؟ بىراق ئۇ كۈنى جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ياخشى كۈن ئەمەس ئىدى ـــ ئۇ كۈنى كۈن تۇتۇلدى، ھازىر قارىغاندا، غۇۋالىق ئىچىدە ئاللىقاچان تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى باردەك قىلاتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى كۈلكىلىك كۆرۈنەتتى. ئەلۋەتتە، تېخىمۇ كۈلكىلىك بولغىنى، ياھۇ [雅虎,Yahoo] ئىدى، ئۇ بۇ ئايدا ئىزدەش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشتىن ۋاز كېچىپ Bing نى ئىزدەش موتۇرى قىلىپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ئۆتمۈشتىكى ئىنتېر تورى چوڭى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتېر تورىدىكى رىقابەت سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقتى.

2009-يىلى 9-ئايدا، دۇنيادىكى 52 دۆلەت بۇ «كۇڭزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 2560-يىلى» ناملىق Doodle نى ئىشلەتتى. دوستلارنىڭ بەزىلىرى يىراقتىن كەلدى، كەلدى بەزىلىرى يىراققا كەتتى، دەل شۇ ئايدا، دوكتۇر لى كەيفۇ [李开复] بولسا Google دىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەن ئىزچىل ھالدا 2009-يىلى بولسا Google نىڭ «ئوتتۇرا مەزگىللىك گۈللەنگەن يىلى» دەپ قارايتتىم، MP3 بار بولدى، «كەلگىن» (来吧) مۇ بار بولدى، «سۇئال-جاۋاب» (问答) مۇ بار بولدى، ئاللىقاچان بەيدۇ [Baidu, 百度] غا ھالاكەتلىك قايتۇرما زەربە بېرىدىغان چاغ كېلىپ قالغاندەك قىلاتتى. بىراق لى كەيفۇ [李开复] نىڭ جىددىي چېكىنىپ چىقىشى بىر نېمىدىن بىشارەت بېرىدىغاندەك قىلاتتى ـــ ئەلۋەتتە، بەلكىم بۇ تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىشتۇر.
ۋاقتى: مىلادى 2010-يىلى

2010-يىلى 1-ئايدا، Google جۇڭگو بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئويلاشقانلىقىنى جاكارلىدى، تۆت چوڭ كەشپىياتنىڭ Doodle سى «چېكىنىش» (退出,Exit) دېگەن سۆزنى ھاسىل قىلدى. ئۇندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلار چوقۇم كۆپچىلىكنىڭ خاتىرىسىدە ھازىر يۈز بەرگەندەك ئېنىق تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئايدا يەنە Google بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق يەنە بىر «ئىش» يۈز بەردى ـــ مەن ئىككى يىللىق «ئالىي مەكتەپ» ھاياتىمنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېڭى خىزمەت ئورنۇمغا ئىشقا چۈشتۈم، نەتىجىدە 13 يىل ئىشلىگەن مەكتەپتىكى خىزمەت ئورنۇمدىن ئايرىلغانغا ئۈچ يىل توشۇپ، خىزمەت تارىخىم 16 يىلغا يەتكەن ئىدى. كومپيۇتېر بىلەن تونۇشۇپ ھەپىلىشىشكە باشلىغىنىمغىمۇ 12 يىل بولۇپ قالغان ئىدى.

2010-يىلى 3-ئايدا، Google ئىزدىشى رەسمىي يوسۇندا جۇڭگودىن چېكىندى، Google.cn ياكى g.cn كىرگۈزۈلسە ئۆزلىكىدىن google.com.hk غا (Google شياڭگاڭ)تاقلايدىغان بولدى، ئاستى تەرەپتە بىر قۇر «سىزنىڭ Google ئىزدىشىنىڭ جۇڭگودىكى يېڭى ئائىلىسىگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز» دېگەن سۆز كۆپەيدى. Google، ئېنىقكى، بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى ـــ جۇڭگودا، سىز بۇ ئۆينى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ بىر قېتىمدىلا سېتىۋالسىڭىزمۇ، سىزنىڭ ئىگە بولىدىغىنىڭىز پەقەت بىر مەزگىللىك ئىشلىتىش ھوقۇقى، خالاس.

2010-يىلى 5-ئايدا، Google نىڭ SSL مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئىزدىشى تورغا چىقتى، نېمىنىڭ مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئىزدەش ئىكەنلىكىنى مەن بىلمەيمەن، بىراق ياخشى نەرسە ئەمەسلىكى ئېنىق، چۈنكى بۇ نەرسە 7-ئايدىلا خەلقنىڭ سوقما تېمىنىڭ تېشىدا قالدى.

2010-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، google.cn ياكى g.cn كىرگۈزۈلسە كۆرۈنىدىغىنى بىر ئىزدەش بېتىنىڭ كۆرۈنۈشى بولماستىن، بەلكى بىر پارچە غېرىپلىق باسقان رەسىم ئىدى، ئۇنى چەككەندىن كېيىن Google شياڭگاڭغا كىرگىلى بولاتتى، بۇ ئىلگىرىكى «يېڭى ئۆي» ئىدى. بۇ چاغدىكى Google بولسا ICP كېنىشكىسىنىڭ ۋاقتى توشقانلىق مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى، شۇڭلاشقا، بەت يۈزىدە «ICP证合字B2-20070004号» دېگەن «قانۇنلۇق تىجارەت»كە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگە يوق ئىدى.

2010-يىلى 7-ئايدا، Google نىڭ ICP كېنىشكىسى تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى، ئەسلىدىكى رەسىممۇ ئەمدى غېرىپ چىراي بولمىدى، ئۇنىڭ ئاستىغا يەنە «ICP证合字B2-20070004号» دېگەن خەتلەر ئېسىلدى، يەنە مۇزىكا، تەرجىمە، مال سېتىۋېلىش قاتارلىق جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قارىتىلغان ئۈچ دانە يەرلىكلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت ئېغىزى ئۇلانمىسى بار بولدى. ئىلگىرى ھەيۋە قىلغان «كەلگىن» (来吧) ۋە «سۇئال-جاۋاب» (问答) لار بولسا Google بىلەن 天涯 نىڭ ھەمكارلىقى ئاخىرلاشقانلىقى سەۋەپلىك 天涯 نىڭ بايرىقى ئاستىغا قايتىپ كەلدى. «خەلقئارالىق ئانالىز» [易观国际,Analysys International] نىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ۋاقىتتىكى گۇگول [谷歌,Google] نىڭ جۇڭگوئىزدەش بازىرىدىكى نىسبىتى %24 بولۇپ، بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭ %70 تىدىن خېلىلا ئارقىدا قالغان ئىدى.

2010-يىلى 8-ئايدا، خەلقئارالىق نۇسخىدىكى Google نىڭ باش بېتى كىرگەندىن كېيىن پەقەت تۇغى، ئىزدەش رامكىسى ۋە ئىزدەش كونۇپكىسىلا بار، نۇر بەلگە ئۈستىدە تۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ تۈرلەر كۆرۈنىدىغان ھالەتكە ئۆزگەرگەن ئىدى، سىز سول ئاستى بۇرجەكتىكى ئۇلانمىنى چېكىش ئارقىلىق تەگلىكنى ئۆزگەرتەلەيتىڭىز، ئەلۋەتتە، بۇنى Bing دىن ئۆگىنىۋالغان ئىدى. بۇنداق بەت ھالىتى، ئەمەلىيەتتە، بۇ يىل 6-ئايدىلا ئىشلىتىلىشكە باشلانغان ئىدى، بىزنىڭ ئۇ چاغدا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز، پەقەت Google ئىدى، خالاس. بۇ ئايدا يەنە بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭ پېيىنىڭ Nasdaq تا بازارغا سېلىنغىنىغا دەل بەش يىل بولغان ئىدى، بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭ CEOسى لى يەنخوڭ (李彦宏) بولسا Nasdaq تا بازار ئېچىش ئۈچۈن يىراقتا تۇرۇپ داڭ چالدى. Strategy Analytics نىڭ ئىستاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە Google نىڭ دۇنيا ئىزدەش بازىرىدىكى نىسبىتى %70، پاي باھاسى 480 دوللار، ئۇنىڭ كونا رەقىبى ياھۇ [雅虎,Yahoo] ۋە مەيكروسوفت [微软,Microsoft] نىڭ بازاردىكى نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ئالدا %5.4 ۋە %4.8، پاي باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 17 دوللار ۋە 25 دوللار، ئۇنىڭ جۇڭگودىكى رىقابەت رەقىبى، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى دۇنياۋىي رىقابەت رەقىبى بەيدۇ [Baidu, 百度] نىڭ بازاردىكى نىسبىتى %4.6، پاي باھاسى 82 دوللار ئىدى. يۇقىرىدىكىسى بۇ يىل 11-ئايدىكى ھالىتى.
بوران-چاپقۇنلۇق بۇ 14 يىلدا نۇرغۇن قەھرىمانلار دۇنياغا كەلدى، يېڭى چوڭاملارنىڭ ئالمىشىپ مەيدانغا چىقىشى Internet نىڭ توختاۋسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشتەك رەھىمسىزلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. كەلگۈسىدىكى ئىزدەش ساھەسىدە كىم يوقىلىپ كىم قالار؟
مېنىڭ قارىشىمچە، كەلگۈسىدىكى ئىزدەش بەلكىم ماشىنىدا ئىزدەشتىن ئادەملىك ئىزدەشكە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، Facebook ۋە Twitter نىڭ ئالاھىدە مەھەللىۋىيلەشكەن شەكلى ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ قىممىتى بار ئۇچۇرلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ ( بۇمۇ يۇقىرىدا Facebook ۋە Twitter نى تىلغا ئېلىشتىكى سەۋەب)؛ ماشىنا بولسا جانسىز، ئادەم بولسا جانلىق، ئەينى يىللاردا ياھۇ [雅虎,Yahoo] ئادەمدىن پايدىلىنىپ تۈزۈپ چىققان ئاچقۇچلۇق مۇندەرىجە ئىچىدىكى ھەر بىر تال ئۇچۇرنىڭ ئىنتايىن قىممىتى بار ئىدى، بىراق ئادەم ياللاش ھامان چەكلىك بولىدۇ، شۇڭلاشقا ياھۇ [雅虎,Yahoo] ئادەمدىن پايدىلىنىپ ئاچقۇچ ھاسىل قىلىشتىن ۋاز كېچىشكا مەجبۇر بولدى؛ ئەمما ھازىر Facebook ۋە Twitter نىڭ پايدىلانغىنى بولسا ياللانما خادىملار بولماستىن، بەلكى خەلقنىڭ كۈچى! Facebook ۋە Twitter لار ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان ۋە ئىلغاش نەتىجىسىنى چىقىرىپ بېرىۋاتقانلار تېخنىكلار بولماستىن، بەلكى ئىشلەتكۈچىلەردۇر؛ ھەر بىر ئىشلەتكۈچىنىڭ ھەر بىر مېڭە ھۈجەيرىسى بىر ئەقىللىق ئۆمۈچۈكتۇر، ئەقىللىق ئۆمۈچۈكنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەنگەن ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە ھەرىكەتلىنىدىغان ئۆمۈچۈككە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، بۇ سۆزلەر ئاز دېگەندىمۇ ئون يىل ئىچىدە ئەمەلگە ئېشىپ قالىدۇ!
Google مەھەللىۋىيلەشكەن قوللىنىش جەھەتتە تۆھپە قوشالامدۇ-يوق؟ ئىشلەتكۈچىلەرنى Google غا ياردەملىشىپ ئىزدەش سۈپىتىنى ياخشىلامدۇ-يوق؟ بىزنىڭ بۇنى يەنە بىر مەزگىل كۈتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. «ئەسكىلىك قىلماڭ» (Don’t be evil,不作恶) ـــ بۇ بىر جۈملە سۆز چاقىرىق، ھەقىقەت ئەمەس، كارخانىنىڭ يېڭىسىنىڭ كونىسىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىشى خۇددى ئادەمنىڭ ياش-قېرىلىقىنىڭ ئالمىشىشىدەك كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان ئىش. بەلكىم كېيىنكى 14 يىلدا بىز قايتا Inter تورىدىكى ئىزدەش تارىخىنى ئەسلگىنىمىزدە Google بەلكىم قوشۇمچە بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، بۇنى كىممۇ بىلەر؟
شۇنداق قىلىپ بۇ ماقالىمۇ مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىپ قالدى، بەلكىم تورداشلارغا ياقمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، خاتا كەتكەن جايلار بولسا كۆرسىتىپ بېرەرسىلەر. كېيىنكى 14 يىلدا مۇشۇ Google نىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە «گۇگولجان»، «گۇگولاخۇن» ئىزدەش موتۇرىنى ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلمەن.
ۋاقتى: 2010-11-25 16:11:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن گوگىل ناھايىتى تەپسىلى، تولۇق بولغان چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. تېمىڭىزنى ئىنتايىن تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم. تېمىڭىزغا رەھمەت. ئوت ياخشى تېما ئوقۇغاندەك بولدۇم.
ۋاقتى: 2011-4-19 00:29:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1996- 2011

1996
ئىككەيلەن ھەمكارلىشىپ BackRub ئىزدەش تورىنى قۇرغان، يۈك ئېشىپ كەتكەچكە مەكتەپ مۇلازىمىتېرىدىن چىقىرىۋىتىلگەن.
1997
Google ماتورىنىڭ نامىنى Google غا ئۆزگەرتكەن. بۇنىڭ مەنىسى 10 نىڭ 100 جى دەرىجىسى.
1998
Sun شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى Andy Bechtolsheim بۇنىڭغا 100 مىڭ دوللار مەبلەغ سالماقچى بولغاندا Page بىلەن Brin بۇنى ئۆزلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىيىتىگە كەلگەن. شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 4- كۈنى شىركەت نامىنى تىزىمغا ئالدۇرغان. شىركەت باش ئىشتاپى بىر ماشىنا ئۆيى ئىدى.
1999
2- ئايدا سەككىز خادىم بىلەن ۇرڭى ئىشخانا قۇرغان. Google نىڭ 1- نەشرىنى ئېلان قىلغان. Sequoia Capital ۋە Kleiner Perkins  نىڭ 2 مېليۇن 500 مىڭ دوللارلىق مەبلىغىگە ئىرىشكەن. 8- ئايدا سىلىتسىي جىلغىسىغا كۆچۈپ كىرگەن.
2000
350 خېرىدارى بىلەن ئاچقۇچ سۆزلۈك ئېلان سېتىش سىستېمىسى Adwords نى ئېلان قىلغان. يىل ئاخىرىدا 15 تىللىق ئىزدەش مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگەن.
2001
ئىلگىرى Sun شىركىتى رەئىسىيەت ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە Novell يۇمشاق دىتال شىركىتىنىڭ رەئىسىيەت ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغان Eric Schmidt گوگلېنىڭ تۇنجى ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە لىدىرلار رەئىسى  بولغان. 7- ئايدا سۈرەت ئىزدەش يولغا قويۇلغان.
2003
ئامېرىكا دىئالېكت جەمئىيىتى Google نى «2002- يىلى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن سۆز» دەپ تاللىغان.
2004
دانىسى 85 دوللارلىق پاي تارقىتىپ 19 مېليون 600 مىڭ دوللار مەبلەغ جۇغلىغان.
2006
YouTube نى سېتىۋالغان. بۇ چاغدىكى ئىزدەش مۇلازىمىتى 100 دىن كۆپ دۆلەتنى قاپلىغان.
2007
پاي باھاسى 700 دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. Google سۆزى پېئىل قاتارىدا لۇغەتكە كىرگۈزۈلگەن.
2008
chrome ئېلان قىلىنغان.
2009
Google تەرجىمانى 15 تىلنى قوللايدىغان بولغان. بۇ 2550 يۆلۈنۈشكە تەڭ ئىدى.   يەنە يول باشلاش سىستېمىسىمۇ ئېلان قىلىنغان.
2010
كانزاس شىتاتىدىكى Topeka شەھرى  سېكۇنتلىق تېزلىكى 1G لىق نۇر كابىللىق تور تەجرىبەخانىسىنى ئىلتىماس قىلىپ شەھەر نامىنى Google غا ئۆزگەرتكەن شۇنىڭ بىلەن ئالداش بايرىمى كۈنى بېكەت نامىنى Topeka غا ئۆزگەرتىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلگەن.
2011
Larry Page رەئىسىيەت باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغان، Eric Schmidt ئىجرائىيە باش لېدىرى بولغان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 08:16 , Processed in 0.153796 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat