ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1553|ئىنكاس: 1

ئاسما خەت شەكلىگە ھەرخىل ئۈنۈملەرنى قوشۇش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-11-22 20:33:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەردىكى ئاسما خەت شەكلىگە ھەرخىل ئۈنۈملەرنى قوشۇشسەردار گۇرۇپپىسى دەسلەپ «تۈرمىدىن قېچىش» فىلىمىنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تارقاتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ھازىر مانا ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بەلگىلىك ئورۇن تىكلىگەن «بىلىك ئىنتىل تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى، يەنە بىلىشىمچە يەنە بىر قانچە شەخسلەرمۇ ئۆز ئالدىغان قىزىقىشىغا ئاساسەن، بىر قانچە فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى. ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئۆتكەندە «ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۇسۇلى»نى تونۇشتۇرغان ئىدىم. كېيىن تورداشلار بەزى ئۈنۈملەرنى قانداق قوشۇش توغرۇلۇق سوئاللارنى سورىغان بولدى. راستىمنى دېسەم بۇ خىل ئۈنۈملەرنى قانداق قوشۇشنى مەنمۇ بىلەلمىگەن ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن
خەنزۇچە تور بەتلىرىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ بەزى نەرسىلەرنى ئازراق بولسىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدىم. تۆۋەندە تورداشلارغا ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە بىلىۋالغان نەرسەمنى سۆزلەپ بەرگۈم بار.

ئاسما خەت شەكلى ھۆججىتى توغرىسىدا
فىلىملەرنىڭ ئاسما خەت ھۆججەت شەكلى كۆپ بولۇپ، ئادەتتە كۆپرەك ئىشلىتىدىغىنى, sirt, idx+sub, aas, ssa



smi قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە idx+sub
بولسا رەسىملىك خەت شەكلى بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ خىل شەكىلدىكى بارلىق خەتلەر رەسىم ھالىتىدە ساقلانغان بولىدۇ. بۇنى تەھرىرلەش بىر ئاز قۇلايسىز بولۇپ، بۇ يەردە ئارتۇق تونۇشتۇرۇلمايدۇ.
sirtssasmi
aas
قاتارلىقلار بولسا تېكىست تىپىدىكى ھۆججەت شەكلى بولۇپ، ياساش ۋە ئۆزگەرتىش ئىنتايىن قۇلايلىق. بۇ خىل تېكىست تىپىدىكى ھۆججەتلەرنى خەنزۇلار ئادەتتە قول ئارقىلىق يېزىپ چىقىدىكەن ياكى بولمىسا، مەخسۇس رەسىم تىپىدىكى
idx+sub ھۆججىتىنى سىكانىرلاش ئارقىلىق

(
ocrتېخنىكىسى ئارقىلىق) تېكىست تىپىدىكى ھۆججەتكە ئايلاندۇرىدىكەن. ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى فىلىملەرنىڭ يېزىق ھۆججىتىنى بولسا، بىرمۇ بىر قول ئارقىلىق تەرجىمە قىلىپ چىقىۋاتىمىز. ھازىر تور بەتلىرىدە كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقىنى srt ھۆججەت شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنە. style ھۆججەت شەكلىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئارقىلىق بىر قىسىم ئۈنۈملەرنى قوشقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر قانچە خىل ھۆججەت شەكلىنى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
Srt ھۆججەت شەكلى بولسا، چىڭخۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش پىلانى(清华大学大学生研究训练计划(STUDENTS RESEARCH TRAINING)) بۇ قىسقارتىلىپ،
Srt
پىلانى دەپ ئاتالغان ئىكەن. بۇ خىل ھۆججەت شەكلى شۇ ئاساسىدا پەيدا بولغان ھۆججەت شەكلى ئىكەن.

يېزىق ھۆججىتىگە ئۈنۈم قوشۇشتا، مەن خەنزۇ تور بەتلىرىدىنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق،
ئۈنۈم قوشۇشتا
ssa ھۆججەت شەكلىنى ئىشلىتىشنىڭ قولايلىق ئىكەنلىكىنى ئەمما، تەرجىمە قىلىشتا سەل قولايسىز ھىس قىلدىم. شۇنداقلا ئۇنىڭ نۇرغۇن مىسال ۋە پارامىتىرلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تاپتىم.
ھەمدە بۇ پارامىتىرلارنى
SRT ھۆججەت شەكلىگە ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
aas ھۆججەت شەكلى بولسا ssa ھۆججەت شەكلىنىڭ كېڭەيتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ،
سەكسەن پىرسەنت بۇيرۇقلار
ssa بىلەن ئوخشاش.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر قانچە خىل ھۆججەت شەكلىنى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان بولغاچقا، شۇڭا مېنىڭ ئەندىزەم توردىن چۈشۈرگەن SRT ھۆججەت شەكلىنى تەرجىمە قىلىشتا ئىشلىتىپ، تەرجىمىسى پۈتكەندىن كېيىن، ئۇنى ssa غا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن ئۈنۈم قوشۇپ، فىلىمگە كىرىشتۈرۈش بولدى.
تۆۋەندە ئالدى بىلەن ssa ھۆججەت شەكلىنىڭ بىر قىسىم پارامىتىرلىرى ۋە ئۈنۈم قوشۇش توغرىسىدىكى مىساللارنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
SSA
ھۆججىتىنىڭ قۇرۇلمىسى

SSA ھۆججىتى ئاساسلىق ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ.1-بۆلەك كود ئۇچۇرلىرى بۆلىكى (Script Info بۆلىكى)،2- بۆلەك [v4 Styles] بۆلىكى، 3- بۆلەك Events بۆلىكىدىن ئىبارەت.
1.كود ئۇچۇرلىرى بۆلىكى (Script Info)
بۇ بۆلەكتە نەشر نۇسخىسى، يېزىق ھۆججىتى ئىشلىگۈچىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار، يېزىق ئورنىنى كۆرسىتىش ئورنىنى بەلگىلەيدىغان كوردىنات ئورنى ئۇچۇرلىرى دېگەندەكلەر بار. ئادەتتە
چۈشەندۈرۈش
خاراكتېرلىك ئۇچۇرلار
چېكىتلىك پەش (؛) بەلگىسى بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ.
بۇ بۆلەكتە ئەڭ مۇھىمى يېزىقنى كۆرسىتىش ئورنىنى بەلگىلەيدىغان كوردىنات ئۇچۇرلىرى.
PlayResX: 384

PlayResY: 288

384
×288 بولسا 4:3 نىسبەتتە كۆرسىتىش ئۆلچىمى يەنى VCD
ھۆججىتىنىڭ چوڭ
كىچىكلىك ئۆلچىمى. SSA يېزىق ھۆججىتىدە بولسا، يېزىقنىڭ كۆرسىتىلىش كوردىناتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ چۈشۈرگەن فىلىمىڭىز 16:9 نىسبەتتە بولسا، ئۆزىڭىز تەڭشىۋالسىڭىزلا بولىدۇ. مەسىلەن: مەلۇم بىر كىنونىڭ ئۆلچىمى 640؛480 بولسا، سىز يۇقىرىقى ئىككى ساننى 640؛ 480 گە تەڭشەپ قويسىڭىز بولدى. بۇنىڭدىكى PlayResX بولسا كەڭلىكىنى (گورىزونتال)، PlayResY بولسا ئېگىزلىكنى بىلدۈرىدۇ (ۋېرتىكال). شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى تەڭشەش جەريانىدا ئەڭ ياخشىسى ئۈنۈم قوشۇشتىن بۇرۇن، تەڭشەڭ، ئەگەر ئۈنۈم قوشۇپ بولغاندىن كېيىن تەڭشىسىڭىز، ئومۇمى ئېگىزلىك بىلەن كەڭلىك ئۆزگەرگەن بىلەن، قوشۇلغان ئۈنۈمنىڭ كۆرسىتىلىدىغان كوردىناتى ئۆزگەرمىگەن بولۇپ، بۇ جايلارنىمۇ بىر-بىرلەپ ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. تۆۋەندىكىسى بىر يېزىق ھۆججىتىنىڭ كود ئۇچۇرلىرى بۆلىكى.

]Script Info [|
;
This is a Sub Station Alpha v4 script.
;
For Sub Station Alpha info and downloads,
;
go to http://www. eswat. demon. co. uk/
;
or email kotus@eswat. demon. co. uk
;
;
Note: This file was created by abral.
;
go to http://ilkitap. blgobus. Com
ScriptType: v4.00
Collisions: Normal
PlayResX: 864
PlayResY: 352
Timer: 100.0000
2. ئۇسلۇب بۆلىكى (V4 Styles)
بۇ بۆلەك بولسا، 3- بۆلەكتىكى يەنى ھادىسە بۆلىكىدە (
Events) ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك، خەت نۇسخىسى، خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، رەڭگى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ساقلايدىغان بۆلەك بولۇپ، ئۇسلۇب بۆلىكى دېيىلىدۇ. بىر ھۆججەتتە بىر قانچە ئۇسلۇب ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى ئۇسلۇب بۆلىكىنىڭ ئاساسى فورماتى.

Format: Name, Fontname, Fontsize, PrimaryColour, SecondaryColour, TertiaryColour, BackColour, Bold, Italic, BorderStyle, Outline, Shadow, Alignment, MarginL, MarginR, MarginV, AlphaLevel, Encoding
مانا بۇ ئۇسلۇب بۆلىكىنىڭ ئاساسلىق فورماتى بولۇپ، بۇنىڭدا Name
بولسا ئۇسلۇبنىڭ ئىسمى بولۇپ، كۆڭۈلدىكى قىممىتى ئادەتتە
Default بولىدۇ. ئەگەر سىز يەنە بىر ئۇسلۇب قوشماقچى بولسىڭىز، مۇشۇ كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇب ئاستىغا ئۆزىڭىز خالىغان بىر نامنى بېرىپ، ئۇسلۇب قوشىسىز، ھەمدە ھادىسە بۆلىكىدە ئۆزىڭىز نام بەرگەن ئۇسلۇبنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇسلۇب ئىسمىنى ئەسكەرتىسىز. Fontnameبولسا، سىز ئىشلەتمەكچى بولغان خەت نۇسخىسى يەنى فونت نامىنى بىلدۈرىدۇ. قايسى خىل فونتنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز شۇخىل فونت نامىنى يازىسىز؛

Fontsize بولسا فونتنىڭ چوڭلۇقى بولۇپ، 8-72 بولغان قىممەت ئالسا بولىدۇ؛
PrimaryColour
ئاساسلىق رەڭ بولۇپ، &HXXXXXX شەكلىدە يېزىلىدۇ. بۇنىڭدا X نىڭ ئورنىغا 0-f بولغان ئون ئالتىلىك سىستېمىدىكى سانلار يېزىلىدۇ؛
SecondaryColour
ئىككىنچى نۆۋەتتە كۆرۈنىدىغان رەڭ؛
TertiaryColour
خەتنىڭ چۆرىسى يەنى رامكا رەڭگى؛
BackColour
سايە رەڭگى؛ تۆۋەندە بىر قىسىم رەڭلەرنىڭ كودى بېرىلدى. شۇ بويىچە پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
&Hffffff ئاق
&H8080ff
سۇس قىزىل &H000000 قارا &H80ffff سۇس سېرىق
&H0000ff
توق قىزىل &HFF8000 ئوچۇق كۆك
&H00ffff
توق سېرىق &H80ff00 سۇس يېشىل
&Hff0000
توق كۆك &H00ff00 ئوچۇق يېشىل
&H008000
توق يېشىل
&Hff00ff بېغىر رەڭ (بىنەپشەرەڭ) &H0080ff ئاپېلسىن رەڭ &H8000ff بېغىر رەڭ(قىزىلراق)
&Hff0080 بىنەپشەرەڭ &Hffff00 سۇس كۆك



Bold
خەتنىڭ توم ئىنچىكە كۆرسىتىلىشى بولۇپ، 1 بولسا توم ھالەتتە كۆرسىتىدۇ،0 بولسا توم ھالەتتە كۆرسەتمەيدۇ.
Italic يانتۇ ياكى تۈز كۆرسىتىلىشى بولۇپ، 1 بولسا يانتۇ ھالەتتە كۆرسىتىدۇ، ئەگەر 0 بولسا يانتۇ ھالەتتە كۆرسەتمەيدۇ.
BorderStyle رامكا ئۇسلۇبىنىڭ قىممەت ئىلىش دائىرىسى 1 بولسا نورمال، 3 بولسا بىر قاپلىۋالغان رايون كۆرۈنىدۇ.

Outline رامكىنىڭ كەڭلىكى بولۇپ، قىممىتى 1-4 بولىدۇ. قانچە چوڭ سان يېزىلسا، رامكا شۇنچە كەڭ كۆرۈنىدۇ.

Shadow سايىنىڭ ئارىلىقى بولۇپ، قىممىتى 0-4 بولىدۇ. قانچە چوڭ سان يېزىلسا سايىسى شۇنچە قېلىن بولىدۇ.

Alignment توغرىلىنىش ھالىتى بولۇپ، ئوڭ سولغا توغرىلاش دېگەندەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، قىممىتى 1-11 بولغان سانلار. بىراق ئارىلىقتا 4 بىلەن 8 نى ئالمايدۇ.
MarginLيېزىقنىڭ سول تەرەپ بىلەن بولغان ئارىلىقى بولۇپ، قىممىتى 0-PlayResX گىچە بولىدۇ. بۇ يەردىكى PlayResX بولسا كود ئۇچۇرلىرى بۆلىكىدە ئېنىقلىما بېرىلگەن قىممەتتۇر.


MarginR
يېزىقنىڭ ئوڭ تەرەپ بىلەن بولغان ئارىلىقى بولۇپ بۇنىڭمۇ قىممىتى PlayResX-0 گىچە بولۇپ، يۇقىرىقى بىلەن ئوخشاش.

MarginV يېزىقنىڭ ئېگىزلىكى بولۇپ، قىممىتى 0-PlayResY بولۇپ، PlayResY بولساكود ئۇچۇرلىرى بۆلىكىدە بەلگىلەنگەن قىممەتتۇر.

AlphaLevel خەتنىڭ سۈزۈكلۈكى(字体透明度) بولۇپ،&HXX شەكلىدە يېزىلىدۇ. بۇنىڭدىكى X بولسا 0-f بولغان ئون ئالتىلىك سىستېمىدىكى سانلاردىن ئىبارەت.

Encoding تىل كودى بولۇپ، خەنزۇچە ئاددىي خەت 134، ئەرەبچە 178 بولىدۇ.
3-ھادىسە بۆلىكى(
Events)
بۇ بۆلەك ئاساسلىق يېزىق بۆلەك بولۇپ، بارلىق تەرجىمە قىلىنغان خەتلەر مۇشۇ بۆلەكتە ساقلىنىدۇ ھەمدە تۈرلۈك ئۇسلۇبلار مۇشۇ بۆلەكتە ئىشلىتىدۇ. ھادىسە بۆلىكىدە يالغۇز يۇقىرىدا يەنى 2- بۆلەكتە بەلگىلىگەن تۈرلۈك ئۇسلۇبلارنى ئىشلىتىشكە بولۇپلا قالماي يەنە تۈرلۈك ئۈنۈملەرنى ۋە
SSA ھۆججىتىنىڭ تۈرلۈك كودلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. تۆۋەندە ئۇنىڭ ئاساسى فورماتى كۆرسىتىلدى.

Format: Marked, Start, End, Style, Name, MarginL, MarginR, MarginV, Effect, Text

بولۇپ، ئادەتتە مۇنداق شەكلىدە بولىدۇ.
Dialogue: Marked=0,0:00:01.34,0:00:02.05, Default,,0000,0000,0000,,(دىئالوگ مەزمۇنى)

ھەر بىر دىئالوگ ياكى مونولوگ چوقۇم Dialogue دېگەن سۆز بىلەن باشلىنىدۇ. تۆۋەندە ھادىسە بۆلىكىنىڭ ھەر بىر پارامېتىرلىرىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.
1-
Marked بولسا بەلگە بولۇپ، ئادەتتە 0 دەپلا يېزىلىدۇ.
2-
Start بولسا دىئالوگ مەزمۇنىنىڭ ئېكراندا كۆرسىتىلىش ۋاقتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.
3-
End بولسا دىئالوگ مەزمۇنىنىڭ ئېكراندا كۆرسىتىلىش ۋاقتىنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسى.
4-
Styleبولسا، ئۇسلۇب بولۇپ، بۇنىڭغا يۇقىرىقى ئۇسلۇب بۆلىكىدە بەلگىلىگەن ئۇسلۇب نامىنى يازىمىز. يېزىلمىسا ئادەتتە Default بولىدۇ. ئەگەر بەزى بۆلەكلەرنىڭ خەتلىرىنى ئادەتتىكى دىئالوگ مەزمۇنىدىن
باشقىچە كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز بىر قانچە ئۇسلۇب بەلگىلەپ، ئۆزىڭىز خالىغان ئۇسلۇب نامىنى
بۇ يەردە كىرگۈزۈپ قويسىڭىز، شۇ بۆلەك باشقا مەزمۇنلاردىن پەرقلىق ھالدا سىز بەلگىلىگەن ئۇسلۇب بويىچە كۆرۈنىدۇ.
5-
Name بۇ يەردىكى Name بولسا، ئۇسلۇب بۆلىكىدىكى Name بىلەن ئوخشاش ئەمەس، بۇ يەردە ئۇ پەقەتلا بىر ئىزاھات خاراكتېرىدە كۈلىدۇ. ئادەتتە يېزىلمايدۇ.
6-
MarginL يېزىقنىڭ سول تەرەپ بىلەن بولغان ئارىلىقى بولۇپ، قىممىتى 0-PlayResX گىچە بولىدۇ. ئەگەر بىز بۇ يەردە ئۇنى قايتا بەلگىلىسەك، ئۇسلۇب بۆلىكىدە بەلگىلەنگەن قىممەت رول ئوينىمايدۇ. يەنى ئاشۇ بىر جۈملە دىئالوگنىڭ كۆرسىتىلىش ئورنى باشقا جۈملىلەردىكى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ.
7-
MarginRيېزىقنىڭ ئوڭ تەرەپ بىلەن بولغان ئارىلىقى بولۇپ بۇنىڭمۇ قىممىتى PlayResX-0 گىچە بولۇپ، يۇقىرىقى بىلەن ئوخشاش.
8-
MarginV يېزىقنىڭ ئېگىزلىكى بولۇپ، قىممىتى 0-PlayResY گىچە بولۇپ، ئەگەر بىز بۇ يەردە ئۇنى قايتا بەلگىلىسەك، ئۇسلۇب بۆلىكىدە بەلگىلەنگەن قىممەت رول ئوينىمايدۇ. يەنى ئاشۇ بىر جۈملە دىئالوگنىڭ كۆرسىتىلىش ئورنى باشقا جۈملىلەردىكى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ.
9-
Effect بولسا، يېزىققا قوشۇلىدىغان تۈرلۈك ئۈنۈم بۆلىكى بولۇپ، بىز بۇ يەردە SSA يېزىق ھۆججىتىنىڭ تۈرلۈك كودلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تۈرلۈك ھەرىكەتچان يېزىق ئۈنۈملىرىگە ئېرىشەلەيمىز.
10-
Text

بۆلىكى بولسا، ئېكراندا كۆرسىتىلىدىغان دىئالوگ مەزمۇنىدۇر.


SSA ھۆججىتىنىڭ تۈرلۈك كودلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى
1- كودتا ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك بەلگىلەر
<..> پارامېتىر
[..] ئىختىيارى تاللىنىدىغان تۈر(يازسىمۇ يازمىسىمۇ بولىدىغان)
<../..> خالىغان بىر پارامېتىرنى تاللاش كېرەك
بارلىق كودلار ئالدىغا
\
بەلگىسى قويۇلۇشى كېرەك ۋە بارلىق كودلار
{} بەلگىسى ئارىسىغا ئېلىنىشى كېرەك. پەقەت \N,\n,\h لار بۇنىڭ سىرتىدا.
\N
بولسا، قۇر ئالماشتۇرۇش بەلگىسى. قۇر ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئىككى قۇر ئارىسىدا ئارىلىق بولمايدۇ
\n ۋە \h
بۇ ئىككى بەلگە بوش ئورۇن بەلگىسى.
2- تۈرلۈك كودلار

\b<0/1> - توم خەت. 0 توم خەت ئىشلىتىلمەيدۇ. 1 توم خەت ئىشلىتىلىدۇ.
\i<0/1> - يانتۇ خەت. 0 يانتۇ خەت ئىشلىتىلمەيدۇ. 1 يانتۇ خەت ئىشلىتىلىدۇ.
\bord - رامكا كەڭلىكى. Width نىڭ قىممەت ئىلىش دائىرىسى 1-4 گىچە. سان قانچە چوڭ بولسا، رامكىمۇ شۇنچە كەڭ بولىدۇ.
\shad - سايە ئارىلىقى. depth نىڭ قىممەت ئىلىش دائىرىسى 0-4 گىچە. سان قانچە چوڭ بولسا، سايىمۇ شۇنچە قېلىن كۆرۈنىدۇ.
\r