ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 3578|ئىنكاس: 2

تەۋسىيە: شاھ ئۇيغۇر- تەرجىمە فىلىم دەرسلىكى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-11-22 12:27:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
شاھ ئۇيغۇر بلوگى تەرجىمە فىلىم ئىشلەش دەرسلىكى



شاھ ئۇيغۇر تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ تەرجىمە فىلىم ئىشلەش دەسلەپكى قائىدىسى

فىلىم مەسئۇلى ش ئە ئۇيغۇرى ئەپەندى يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قىلىدۇ

تەرجىمان تەرجىمە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان فىلىمنىڭ SRT ھۆججىتىنى ئۆزى تەييارلىسىمۇ ياكى مەزكۈر گۇرۇپپا تەمىن ئەتسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر تاپالمىسا ۋاقتىدا ئېلخەت ئارقىلىق ياردەم سورىسا بولىدۇ. تەرجىمە ئۈچۈن پايدىلىنىغان فىلىمگە ھېچقانداق چەك قويۇلمايدۇ.

تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى

ئۈستىدىكى دەرسلىك فىلىمى بويىچە ئېلىپ بارسا بولىدۇ ، ئەگەر چۈشىنەلمىگەن جايلار بولسا مەزكۈر بەتنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قويساڭلار بولىدۇ .

فىلىم تەرجىمە قىلىش جەريانىدىكى تىنىش بەلگىلىرى باشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇر تىلى تىنىش بەلگىلىرى قائىدىسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك بىرلىك تۈزۈپ چىقىلدى. (بۇ مەزمۇن قۇتيار تورىدىن پايدىلاندى)
1. چېكىت «.»
قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق جۈملىنىڭ كەينىدە چېكىت «.» قەتئىي ئىشلەنمەيدۇ.
2. پەش «،»nWyقۇتيار تور بېكىتى
قوشما جۈملىلەردە پەش «،» نىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. قويۇشقا تېگىشلىك يەرلەردە چوقۇم قويۇش كېرەك.
3. سوئال «؟»
خەۋەر جۈملىلەردە چېكىت قويۇلمىغىنى بىلەن سوئال جۈملىلەردە سوئال «؟» بەلگىسى چوقۇم قويۇلىدۇ.
4. يالاڭ تىرناق «()»
يالاڭ تىرناق پەقەت تېكىستتىكى ئەسكەرتىش كېرەك بولغان مەزمۇنلار ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ. نېمىنى ئەسكەرتىش كېرەك؟ بۇنى تەرجىمان ئۆزى بەلگىلەيدۇ.
مەسىلەن:
مەن قىزىل پايپاق (داڭلىق زەيتون توپ كوماندىسى) نى ياخشى كۆرىمەن
5. قوش تىرناق ««»»
قوش تىرناق ئۈچۈن چوقۇم ئۇيغۇر يېزىقىغا ماس كەلگەن قوش تىرناق ئىشلىتىلىدۇ.
6. دىئالوگ بەلگىسى   «—»
ئىككى ئادەمنىڭ سۆزى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلسە چوقۇم جۈملە بېشىدا ئىشلىتىلىدۇ.
7. كۆپ چېكىت «...»
تولۇق ئاياغلاشمىغان جۈملىدىن كېيىن ۋە، تولۇق باشلانمىغان جۈملىدىن بۇرۇن قويۇلىدۇ. بەزىدە دۇدۇقلىغانغا ئوخشاش شارائىت ئۈچۈنمۇ قويۇلىدۇ. پەقەت ئۈچلا چېكىت كۇپايە.
8. بوش ئورۇن
(1) ئىككى سۆز ئارىسىدا بوش ئورۇن قويۇلىدۇ.
(2) پەشتىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، پەشتىن كېيىن چوقۇم قويۇلىدۇ.
(3) ئېچىلغان تىرناقتىن بۇرۇن قويۇلىدۇ، كېيىن قويۇلمايدۇ. يېپىلغان تىرناقتىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، كېيىن قويۇلىدۇ.
(4) سوئال بەلگىسىدىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، كېيىن قويۇلىدۇ.
(5) دىئالوگدىن كېيىن قويۇلىدۇ.
(6) ساندىن كېيىنكى ـىنچى، ـنىنچى بەلگىسىنىڭ ئالدىدا قويۇلمايدۇ، كەينىدە قويۇلىدۇ.
(7) كۆپ چېكىتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قويۇلىدۇ.

تەۋسىيە:
فىلىمدە ئۇچرىغان ئىسىملارنى بىر باشتىن خاتىرىلەپ ماڭساق، كۆپ ئىشلاردا ئاسان بولىدۇ ھەم بىردەكلىك ساقلىنىدۇ.

بىرلا ۋاقىتتا ئىككى دىئالوگ بىرگە گەلگەندە پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئامال بار ئىككىنچى دىئالوگنى قۇر تاشلاپ يېزىش كېرەك


خاتىرە دەپتەرنىڭ ئوڭدىن سولغا تەڭشىكىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ھەم تىنىش بەلگىلىرى، سانلار ۋە سولدىن ئوڭغا قاراپ يېزىلىدىغان ھەرپ - بەلگىلەر ئارىلاش كەلگەن جۈملىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.

تۆۋەندە مەن ئىنتىل سەيناسىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم كىرىشتۈرۈش توغرىسىدىكى يازمىلار ئاساسىدا، ئۆزۈم كىرىشتۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغا ئۇسۇلنى (باشقىلارمۇ مۇشۇنداق قىلامدۇ بىلمەيمەن)ئامال بار چۈشىنىشلىك، تەپسىلىي قىلىپ سۆزلەپ ئۆتىمەن. يېزىق ھۆججىتى ۋە فىلىم ھۆججەتلىرىنى تېپىش ۋە چۈشۈرۈش، يېزىق ھۆججىتىنى تەرجىمە قىلىش  ئۇسۇللىرى سۆزلەنمەيدۇ. چۈنكى بۇ تېمىدىكى يازمىلار ئىنتىل سەيناسى ۋە باشقا مۇنبەرلەردە كۆپ سۆزلەنگەن.
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن سىزگە لازىم بولىدىغان ئەڭ ئاساسلىق دېتال all2.32 vobsub  نىڭ تولۇق نۇسخىسى. ئەڭ ئاساسلىق دېتال مۇشۇ. بۇ دېتالنىڭ باشقا نۇسخىلىرى بولسا بولمايدۇ. (بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىراق باشقا نۇسخىلىرىدا بىزگە كېرەكلىك ھۆججەت چىقىرىۋېتىلگەن. ئەگەر شۇ ھۆججەت بار باشقا نۇسخىسىنى تاپالىسىڭىز بولىدۇ) شۇڭا جەزمەن توردىن مۇشۇ نۇسخىسىنى تېپىپ چۈشۈرۈڭ. ئۇندىن قالسا ھەر خىل فىلىم كودلىرىنى يېشىش پروگراممىلىرى. ئادەتتە سىز پەقەت  暴风影音دېتالىنى قاچىلىغان بولسىڭىزلا بۇ كود يېشىش پروگراممىلىرى قاچىلانغان بولىدۇ. ئەڭ ئاخىردا سىزگە كېرەك بولىدىغىنى فىلىم پرېسلاش دېتالى. بۇنىڭغا  Helix Producer Plus، VirtualDubMod، WINAVI9.0ۋە Easy RealMedia ProducerV1.94 قاتارلىق دېتاللارنى ئىشلىتىپ، يېزىق ھۆججىتى بىلەن فىلىم ھۆججىتىنى بىرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
ئالدى بىلەن سىز فىلىم ھۆججىتى بىلەن يېزىق ھۆججىتىگە ئوخشاش ئىسىم قويۇپ، بىر مۇندەرىجە ئىچىگە كۆچۈرۈڭ. باشلاش- VOBSUB2.32  - Subresync نى ئىجرا قىلىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن Open كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، بۇ يەردىن ئۆزىمىز تەييارلىۋالغان يېزىق ھۆججىتىنى ئاچىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

يېزىق ھۆججىتىنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، Edit  كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، يېزىق ھۆججىتىگە نىسبەتەن تەھرىرلەش ئېلىپ بارىمىز.

بۇ كۆزنەكتىن بىز Font ئاستىدىكى Arial كۇنۇپكىسىنى باسساق تۆۋەندىكى كۆزنەككە كۆرۈنىدۇ.

بۇ كۆزنەكتە ئاساسلىقى يېزىق ھۆججىتىنىڭ خەت نۇسخىسى، خەت چوڭلۇقى ۋە يېزىق تىلىنى بەلگىلەيمىز. خەت نۇسخىسى ۋە چوڭلۇقىنى خالىغانچە بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما يېزىق تىلى ئۈچۈن ئەرەبچىنى تاللاڭ. ئاندىن ئىككى قېتىم جەزم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، 1-رەسىمدىكى ھالەتكە قايتىپ كېلىپ، بۇ ئۆزگەرتىشلەرنى ساقلاپ قويىمىز.  ساقلىغاندا يەنىلا ئەسلىدىكى ئىسىم بىلەن ئوخشاش قىلىپ ساقلاڭ.
يۇقىرىقىلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن بىز پەقەت خالىغان فىلىم پرېسلاش دېتالى بىلەن فىلىم بىلەن يېزىق ھۆججىتىنى پرېسلاپ بىرلەشتۈرسەك بولۇۋېرىدۇ. ئەگەر سىز فىلىم ھۆججىتىنى پرېسلاپ RMVB  شەكلىدىكى ھۆججەت چىقارماقچى بولسىڭىز Easy RealMedia ProducerV1.94ياكىHelix Producer Plus دېتاللىرىنى ئىشلىتىڭ. ئەگەر AVI  شەكلىدىكى ھۆججەت چىقارماقچى بولسىڭىز WINAVI9.0 دېگەندەك دېتاللارنى ئىشلىتىڭ. تۆۋەندە Easy RealMedia ProducerV1.94 دېتالى ئارقىلىق پرېسلاش جەريانىنى كۆرۈپ چىقايلى.
ئالدى بىلەن Easy RealMedia ProducerV1.94 دېتالىنى قوزغىتىمىز. ئاندىن فىلىم ھۆججىتىنى قوشىمىز. تۆۋەندىكىدەك.

ئاندىن پارامېتىرلارنى تەڭشەش دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ، چىقارماقچى بولغان فىلىمگە نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز. ئاخىردا جەزم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، يەنە مۇشۇ كۆزنەككە كېلىپ، تۆۋەندىكى پرېسلاشنى باشلاش دېگەن كۇنۇپكىنى باسساق پرېسلاشنى باشلايدۇ. ۋەزىپە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھاسىل بولغان ھۆججەتنى قويۇپ كۆرۈپ باقساق. يېزىق ھۆججىتى بىلەن فىلىم ھۆججىتىنىڭ بىرلەشكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز.پرېسلاش سۈرئىتىڭىزنىڭ تىز- ئاستا بولۇشى سىز ھاسىل قىلماقچى بولغان ھۆججەتنىڭ ئېنىقلىقى، رازمېرى ۋە تېپى ۋە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەن بىر 43 مىنۇتلۇق فىلىم بىلەن يېزىقنى بىرلەشتۈرۈشتە Easy RealMedia ProducerV1.94 دېتالنى ئىشلىتىپ(بۇ دېتالنى ئىشلتىش ئۇسۇلى ئابرال ئېلكتاپ بىلوگىدا بار. بۇيەردە تەپسىلى سۆزلەنمەيدۇ)، فىلىمنىڭ چوڭلۇقى 624 352 X ، ھاسىل بولىدىغان ھۆججەت تىپى RM، فىلىم سۈزۈكلۈكى %80 بويىچە يەنى ھەممىنى كۆڭۈلدىكى قىممەت بويىچە قىلىپ، پرېسلاش ئېلىپ بارسام، 14 مىنۇتتا پرېسلاپ بولدى. ئەسلى ھۆججەت چوڭلۇقى 350 مىگابايت بولۇپ، پىرىسلانغاندىن كېيىن 149 مىگابايت بولدى. كومپيۇتېرىمنىڭ ئاساسلىق  سەپلىمىسى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ AMD5000+ كۆرسىتىش كارتىسى GT8500، ئىچكى ساقلىغۇچ 1G. مۇشۇ ئاساستا ئۆزىڭىزنىڭكىنى سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.
تۆۋەندىكىسى مەن سىناق ئۈچۈن كىرىشتۈرگەن فىلىمدىن بىر كۆرۈنۈش.

(مەن پەقەتلا مىسال ئۈچۈن باشقا كىنونىڭ يېزىق ھۆججىتىنى بۇ كىنوغا كىرىشتۈرۈپ سىناق قىلدىم، بۇ فېلىم تەرجىمە قىلىنىۋىتىپتۇ دەپ قالماڭلار

ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن بەزى تورداشلار ماڭا مەن ئېيتقان دىتاللانى تاپالمىغانلىقىنى، شۇ دىتالنى ئۆزىگە ئەۋەتىپ بىرىشنى ئېيتىپ ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ.
بۇ دىتالنى ھەر بىرەيلەنگە ئايرىم-ئايرىم ئەۋەتىپ بەرگەندىن كۆرە بىرەر بوشلۇققا قويۇپ قويسام تىخىمۇ كۆپ ئادەم چۈشۈرۈپ ئالالايدىكەن دەپ ئويلاپ ، مەن ئۆزۈم ئىشلەتكەن ئىككى دىتال بىلەن vobsub 2.32 دىتالنى بۇ تور دىسكىسىغا چىقىرىپ قويدۇم. ئەسلى بىر ھۆججەت قىلىپ چىقارماقچى ئىدىم. بىراق بۇ توردسىكىسىغا ئەڭ چوڭ بولغان 10Mb دىن ئىشىپ كەتسە بولمايدىكەن. شۇڭا ئىككىگە بۆلىۋەتتىم.
بۇ دىتاللارنىڭ بۇ دىسكىدا قانچىلىك تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. شۇڭا ئىھتىياجلىق تورداشلارنىڭ ۋاقتىدا چۈشۈرىۋىلىشىنى سورايمەن.
1. Easy RealMedia ProducerV1.94  ۋە 2.32 vobsub تولۇق نۇسخىسى
بۇ دىتال ئارقىلىق ئادەتتىكى فىلىم  ھۆججەتلىرىنى rm, rmvb ھۆججەتلىرىگە ئايلاندۇرغىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى يېزىق ھۆججىتىنى فىلىم ھۆججىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر سىز بۇ دىتالنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ياكى ئۇيغۇرچە خەت بىلەن فىلىم ھۆججىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى بىلمەكچى بولسىڭىز. تۆۋەندىكى يازمىلارنى كۆرۈڭ.
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش توغرىسىدىكى دەرسلىك
بۇ يەرنى بېسىڭ
بۇ دىتال ئارقىلىق RM پارچىلاش ۋە بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يازما
بۇ يەردىن كۆرۈڭ
ئەگەر بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز. بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

2. Winavi 9.0  ۋە2.32 vobsub  تولۇق نۇسخىسى
بۇ دىتال ئارقىلىق فىلىم ھۆججەتلىرىنى ھۆججەت شەكلىنى ئۆز-ئارا ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ دىتال ئارقىلىق ئۇيغۇرچە خەت بىلەن فىلىم ھۆججىتىنى بىرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. قىزىقىدىغانلار ئۆزلىرى سىناپ باقسا بولىدۇ.
بۇ دىتالنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى يازمىنى كۆرۈڭ.
ئەگەر بۇ دىتالنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ بەتتىن چۈشۈرۈڭ
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

all2.32 vobsub ۋە Easy RealMedia ProducerV1.94 نىڭ تولۇق نۇسخىسى
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

1. ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش قوللانمىسى
بۇ ئېلكىتاپ تورداشلارنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەشكە بولغان قىزىقىشىنى چىقىش قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، سىز
بۇ ئېلكىتاپتىكى مەزمۇنلارنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقسىڭىزلا ئىشىنىمەنكى ھەر خىل فىلىملەرگە ئۇيغۇرچە يېزىق كىرىشتۈرۈشنى ئۈگىنەلەيسىز. يەنە نىمىگە قاراپ تۇرىسىز. دەرھال ھەركەتكە كېلىپ چۈشۈرىۋىلىڭ.
بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ: http://ilkitap.blogbus.com/files/12302701040.pdf
تورداشلارنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلىش ۋە  ئىشلەشتە پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم تور بېتى تارقاتقان فىلىم تەرجىمە قىلىش قائىدىسى قوشۇپ تارقىتىلدى.
بۇ ئەسلى ئىككى پارچە كىتاپ بولۇپ، مەن بۇلارنى بىرلەشتۈرىۋەتتىم.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ : http://ilkitap.blogbus.com/files/12302704180.pdf
ئابرال ئېلكىتاپلىرى

ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەردىكى ئاسما خەت شەكلىگە ھەرخىل ئۈنۈملەرنى قوشۇش
سەردار گۇرۇپپىسى دەسلەپ «تۈرمىدىن قېچىش» فىلىمىنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تارقاتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ھازىر مانا ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بەلگىلىك ئورۇن تىكلىگەن «بىلىك – ئىنتىل تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى، يەنە بىلىشىمچە يەنە بىر قانچە شەخسلەرمۇ ئۆز ئالدىغان قىزىقىشىغا ئاساسەن، بىر قانچە فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى. ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئۆتكەندە «ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۇسۇلى»نى تونۇشتۇرغان ئىدىم. كېيىن تورداشلار بەزى ئۈنۈملەرنى قانداق قوشۇش توغرۇلۇق سوئاللارنى سورىغان بولدى. راستىمنى دېسەم بۇ خىل ئۈنۈملەرنى قانداق قوشۇشنى مەنمۇ بىلەلمىگەن ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن  خەنزۇچە تور بەتلىرىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ بەزى نەرسىلەرنى ئازراق بولسىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدىم. تۆۋەندە تورداشلارغا ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە بىلىۋالغان نەرسەمنى سۆزلەپ بەرگۈم بار.

ئاسما خەت شەكلى ھۆججىتى توغرىسىدا

فىلىملەرنىڭ ئاسما خەت ھۆججەت شەكلى كۆپ بولۇپ، ئادەتتە كۆپرەك ئىشلىتىدىغىنى, sirt, idx+sub, aas, ssa    smi قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە idx+sub  بولسا رەسىملىك خەت شەكلى بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ خىل شەكىلدىكى بارلىق خەتلەر رەسىم ھالىتىدە ساقلانغان بولىدۇ. بۇنى تەھرىرلەش بىر ئاز قۇلايسىز بولۇپ، بۇ يەردە ئارتۇق تونۇشتۇرۇلمايدۇ. sirt、ssa、smi aas  قاتارلىقلار بولسا تېكىست تىپىدىكى ھۆججەت شەكلى بولۇپ، ياساش ۋە ئۆزگەرتىش ئىنتايىن قۇلايلىق. بۇ خىل تېكىست تىپىدىكى ھۆججەتلەرنى خەنزۇلار ئادەتتە قول ئارقىلىق يېزىپ چىقىدىكەن ياكى بولمىسا، مەخسۇس رەسىم تىپىدىكى idx+sub ھۆججىتىنى سىكانىرلاش ئارقىلىق   ( ocrتېخنىكىسى ئارقىلىق) تېكىست تىپىدىكى ھۆججەتكە ئايلاندۇرىدىكەن. ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى فىلىملەرنىڭ يېزىق ھۆججىتىنى بولسا، بىرمۇ بىر قول ئارقىلىق تەرجىمە قىلىپ چىقىۋاتىمىز. ھازىر تور بەتلىرىدە كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقىنى srt ھۆججەت شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنە. style ھۆججەت شەكلىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئارقىلىق بىر قىسىم ئۈنۈملەرنى قوشقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر قانچە خىل ھۆججەت شەكلىنى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
Srt ھۆججەت شەكلى بولسا، چىڭخۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش پىلانى(清华大学大学生研究训练计划(STUDENTS RESEARCH TRAINING)) بۇ قىسقارتىلىپ،  Srt  پىلانى دەپ ئاتالغان ئىكەن. بۇ خىل ھۆججەت شەكلى شۇ ئاساسىدا پەيدا بولغان ھۆججەت شەكلى ئىكەن.
يېزىق ھۆججىتىگە ئۈنۈم قوشۇشتا، مەن خەنزۇ تور بەتلىرىدىنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق،  ئۈنۈم قوشۇشتا ssa ھۆججەت شەكلىنى ئىشلىتىشنىڭ قولايلىق ئىكەنلىكىنى ئەمما، تەرجىمە قىلىشتا سەل قولايسىز ھىس قىلدىم. شۇنداقلا ئۇنىڭ نۇرغۇن مىسال ۋە پارامىتىرلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تاپتىم.  ھەمدە بۇ پارامىتىرلارنى SRT ھۆججەت شەكلىگە ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
aas ھۆججەت شەكلى بولسا ssa ھۆججەت شەكلىنىڭ كېڭەيتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ،  سەكسەن پىرسەنت بۇيرۇقلار ssa بىلەن ئوخشاش.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر قانچە خىل ھۆججەت شەكلىنى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان بولغاچقا، شۇڭا مېنىڭ ئەندىزەم توردىن چۈشۈرگەن SRT ھۆججەت شەكلىنى تەرجىمە قىلىشتا ئىشلىتىپ، تەرجىمىسى پۈتكەندىن كېيىن، ئۇنى ssa غا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن ئۈنۈم قوشۇپ، فىلىمگە كىرىشتۈرۈش بولدى.
تۆۋەندە ئالدى بىلەن ssa ھۆججەت شەكلىنىڭ بىر قىسىم پارامىتىرلىرى ۋە ئۈنۈم قوشۇش توغرىسىدىكى مىساللارنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
SSA   ھۆججىتىنىڭ قۇرۇلمىسى
SSA ھۆججىتى ئاساسلىق ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ.1-بۆلەك كود ئۇچۇرلىرى بۆلىكى (Script Info بۆلىكى)،2- بۆلەك [v4 Styles] بۆلىكى، 3- بۆلەك Events بۆلىكىدىن ئىبارەت.
1.كود ئۇچۇرلىرى بۆلىكى (Script Info)
بۇ بۆلەكتە نەشر نۇسخىسى، يېزىق ھۆججىتى ئىشلىگۈچىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار، يېزىق ئورنىنى كۆرسىتىش ئورنىنى بەلگىلەيدىغان كوردىنات ئورنى ئۇچۇرلىرى دېگەندەكلەر بار. ئادەتتە  چۈشەندۈرۈش  خاراكتېرلىك ئۇچۇرلار  چېكىتلىك پەش (؛) بەلگىسى بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ.
بۇ بۆلەكتە ئەڭ مۇھىمى يېزىقنى كۆرسىتىش ئورنىنى بەلگىلەيدىغان كوردىنات ئۇچۇرلىرى.
PlayResX: 384   
PlayResY: 288  
384×288 بولسا 4:3 نىسبەتتە كۆرسىتىش ئۆلچىمى يەنى VCD  ھۆججىتىنىڭ چوڭ –كىچىكلىك ئۆلچىمى. SSA يېزىق ھۆججىتىدە بولسا، يېزىقنىڭ كۆرسىتىلىش كوردىناتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ چۈشۈرگەن فىلىمىڭىز 16:9 نىسبەتتە بولسا، ئۆزىڭىز تەڭشىۋالسىڭىزلا بولىدۇ. مەسىلەن: مەلۇم بىر كىنونىڭ ئۆلچىمى 640؛480 بولسا، سىز يۇقىرىقى ئىككى ساننى 640؛ 480 گە تەڭشەپ قويسىڭىز بولدى. بۇنىڭدىكى PlayResX بولسا كەڭلىكىنى (گورىزونتال)، PlayResY بولسا ئېگىزلىكنى بىلدۈرىدۇ (ۋېرتىكال). شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى تەڭشەش جەريانىدا ئەڭ ياخشىسى ئۈنۈم قوشۇشتىن بۇرۇن، تەڭشەڭ، ئەگەر ئۈنۈم قوشۇپ بولغاندىن كېيىن تەڭشىسىڭىز، ئومۇمى ئېگىزلىك بىلەن كەڭلىك ئۆزگەرگەن بىلەن، قوشۇلغان ئۈنۈمنىڭ كۆرسىتىلىدىغان كوردىناتى ئۆزگەرمىگەن بولۇپ، بۇ جايلارنىمۇ بىر-بىرلەپ ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. تۆۋەندىكىسى بىر يېزىق ھۆججىتىنىڭ كود ئۇچۇرلىرى بۆلىكى.
]Script Info [|
; This is a Sub Station Alpha v4 script.
; For Sub Station Alpha info and downloads,
; go to http://www. eswat. demon. co. uk/
; or email kotus@eswat. demon. co. uk
; <

مەنبە :    http://aqkepter2.blogbus.com/logs/80994073.html
ۋاقتى: 2010-12-1 17:42:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىلىم تەرجىمە قىلىش جەريانى ھەققىدە مۇھىم دەرسلىك
erdewil
تىنىش بەلگىلىرى باشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇر تىلى تىنىش بەلگىلىرى قائىدىسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك بىرلىك تۈزۈپ چىقىلدى.
1. چېكىت «.»
قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق جۈملىنىڭ كەينىدە چېكىت «.» قەتئىي ئىشلەنمەيدۇ.

2. پەش «،»
قوشما جۈملىلەردە پەش «،» نىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. قويۇشقا تېگىشلىك يەرلەردە چوقۇم قويۇش كېرەك.

3. سوئال «؟»
خەۋەر جۈملىلەردە چېكىت قويۇلمىغىنى بىلەن سوئال جۈملىلەردە سوئال «؟» بەلگىسى چوقۇم قويۇلىدۇ.

4. يالاڭ تىرناق «()»
يالاڭ تىرناق پەقەت تېكىستتىكى ئەسكەرتىش كېرەك بولغان مەزمۇنلار ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ. نېمىنى ئەسكەرتىش كېرەك؟ بۇنى تەرجىمان ئۆزى بەلگىلەيدۇ.
مەسىلەن:
مەن قىزىل پايپاق (داڭلىق زەيتون توپ كوماندىسى) نى ياخشى كۆرىمەن

5. قوش تىرناق ««»»
قوش تىرناق ئۈچۈن چوقۇم ئۇيغۇر يېزىقىغا ماس كەلگەن قوش تىرناق ئىشلىتىلىدۇ. «»

6. دىئالوگ بەلگىسى   «—»
ئىككى ئادەمنىڭ سۆزى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلسە چوقۇم جۈملە بېشىدا ئىشلىتىلىدۇ.

7. كۆپ چېكىت «...»
تولۇق ئاياغلاشمىغان جۈملىدىن كېيىن ۋە، تولۇق باشلانمىغان جۈملىدىن بۇرۇن قويۇلىدۇ. بەزىدە دۇدۇقلىغانغا ئوخشاش شارائىت ئۈچۈنمۇ قويۇلىدۇ. پەقەت ئۈچلا چېكىت كۇپايە.

8. بوش ئورۇن
يا ھەزرەت. ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىدىن ھېچ قانداق ئورۇن ھەم ئېنىقلىما بەرمىگەن، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئەڭ ئۇزۇن بۇ بايقۇشقا بىز ئەڭ ئېغىر تەلەپنى قويىمىز. ھەرقايسى بەلگىلەردىن ئەڭ كۆپ قوللىنىدۇ ھەم رولى ئەڭ چوڭ.
(1) ئىككى سۆز ئارىسىدا بوش ئورۇن قويۇلىدۇ.
(2) پەشتىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، پەشتىن كېيىن چوقۇم قويۇلىدۇ.
(3) ئېچىلغان تىرناقتىن بۇرۇن قويۇلىدۇ، كېيىن قويۇلمايدۇ. يېپىلغان تىرناقتىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، كېيىن قويۇلىدۇ.
(4) سوئال بەلگىسىدىن بۇرۇن قويۇلمايدۇ، كېيىن قويۇلىدۇ.
(5) دىئالوگدىن كېيىن قويۇلىدۇ. 2 – دىئالوگدىن بۇرۇن بوش ئورۇندىن بەشنى قويىمىز.
(6) ساندىن كېيىنكى ـىنچى، ـنىنچى بەلگىسىنىڭ ئالدىدا قويۇلمايدۇ، كەينىدە قويۇلىدۇ.
(7) كۆپ چېكىتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قويۇلىدۇ.
(8) سىزىق‹—› بىلەن سىزىقچە‹-› نى چوقۇم پەرقلەندۈرۈشىڭىز شەرت!!
قوش خەتلىك فىلىم ھۆججىتىدىن ئۆرنەك. يۇقىرىدا ئېيتىلغان بارلىق قائىدىلەرنى تۆۋەندىكى ئۆرنەكتىن تاپالايسىز.


Ⅳباشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
(1) قوش خەتلىك قىلىپ تەييارلاشنىڭ بەلگىلىك قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن، قوش خەتلىك قىلىش قىلماسلىقنى فىلىم مەسئۇلى بىلەن تەرجىمان كېڭىشىپ بەلگىلەيمىز. شۇڭا ئەگەر قوش خەتلىك قىلىش توغرا كەلسە بارلىق يەر جاي ناملىرى ۋە كىشى ئىسىملىرى تەرجىمە قىلىدۇ. بۇ خىل تەرجىمىدە ھازىرغىچە ئېنىق بىر قائىدە بولمىغانلىقتىن تەرجىمان ئۆزى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئالسا بولىدۇ. لېكىن كۆپ ئۇچرايدىغان، ش  ئۇ ئا ر تىل-يېزىق كومىتېتى قېلىپلاشتۇرۇپ بولغان يەنى بىرلىككە كېلىپ بولغان سۆزلەرگە ھېسسىياتىنى ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر شۇ سۆزگە قارىتا پىكرى بولسا كۆپچىلىك بىلەن كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىمىز(شۇ ئاتالغۇنى نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئالغانلىقىڭىزغا چوقۇم قايىل قىلارلىق ئىلمىي پاكىتىڭىزنى كۆرسىتەلىشىڭىز شەرت!). قىزىقسىڭىز ئۆتكەنكى چاغلاردا ئەردەۋىل ئەپەندى ئېلان قىلغان ھىتلېر(ئۇزۇندىن بېرى گىتلېر دەپ ئېلىنىۋاتقان) ۋە ماداگاسكار(ئۇزۇندىن بېرى ماداغاسقار دەپ ئېلىنىۋاتقان) سۆزلىرىگە بولغان چۈشەنچىسىگە نەزەر سېلىڭ.


تەۋسىيە:
فىلىمدە ئۇچرىغان ئىسىملارنى بىر باشتىن خاتىرىلەپ ماڭساق، كۆپ ئىشلاردا ئاسان بولىدۇ ھەم بىردەكلىك ساقلىنىدۇ.

(2) قوش خەتلىك قىلىنمىسا، ئەسلى يېزىقى بىلەن ئېلىنسا بولىدۇ.
(3) خاتىرە دەپتەرنىڭ ئوڭدىن سولغا تەڭشىكىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ھەم تىنىش بەلگىلىرى، سانلار ۋە سولدىن ئوڭغا قاراپ يېزىلىدىغان ھەرپ - بەلگىلەر ئارىلاش كەلگەن جۈملىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.
ۋاقتى: 2013-2-28 18:35:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ساقلىۋالدىم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 21:43 , Processed in 0.162423 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat