پاكىز، مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى بەرپا قىلايلى!

ئىنتىل تورى

 

 

ئىزدەش
ئىنتىل تورى دەرۋازا باشقىلار [تېما كۆرۈش] سىز سالامەتلىكىڭىزنى قانداق ...

سىز سالامەتلىكىڭىزنى قانداق ئاسراۋاتىسىز؟

يوللىغۇچى: Intil | يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-22 00:11| كۆرۈلۈشى: 49| ئىنكاس سانى: 3|تېما مەشغۇلات خاتىرىسى

ئادەتتە كۈنلۈك كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋاقتىم 6 سائەتتىم كەم بولمايدۇ. مەن سالامەتلىكىمنى مۇنداق ئاسراپ كېلىۋاتىمەن.
1- كۆز - ئېكراننىڭ ياخشىسىنى تاللىغاندىن باشقا خەتنى كۇنۇپكا تاختىسىغا قاراپ ئۇرۇمەن، ئاساسەن كۈندە بىرەر سىن ، كىنو دېگەندەكلەرنى كۆرۈمەن. بۇنىڭ كۆزنى ئاسراشقا ياردىمى بار دەپ قارايمەن.
2- پۇت- كومپيۇتېر ئالدىدىكى ئىزچىل ۋاقتىم بىراز ئۇزۇن بولغاندا تىزىمنى ئىگىپ ئەمەس بىرەر ئورۇندۇق ياكى سۇپىغا قويۇۋالىمەن.
3- بەل - كۈندە ئاز دېگەندە 15 مېنۇت ۋاقىت چىقىرىپ گىلەم ئۈستىدىلا ( قاتتىق يەردە ) بولسا ئوڭدا ھالەتتە يېتىپ ئارام ئالىمەن. كېچىسى ياتقاندىمۇ ئوڭدا ياتىمەن. كىنو كۆرۈپ قالسام ئۆزۈمنى ئورۇندۇق يۆلەنچۈكىگە تاشلاپ پۇتۇمنى ئىگىزگە قويۇپ ئولتۇرۇپ كۆرۈمەن.
4- چارچاشنى پەسەيتىشتە ناخشا ئاڭلىغاچ مەشغۇلات قىلىمەن. گوئوگلېدىن نەپىس رەسىملەرنى ئىزدەپ كۆرۈمەن، كومپيۇتېرىمدىكى ھۆججەتلەرنى ئارىلاپ قويىمەن. ئىشقىلىپ پەدە يۆتكەپ تۇرىمەن.
يۇقارقىلارنى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ئۇسۇل دەپ قارىيالمىساممۇ تورداشلار بىلەن سالامەتلىكنى ئاسراش ئۇسۇللىرىدا ئورتاقلاشماقچىمەن.

يېڭى ئىنكاسلار

ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش ئۈلۈشكۈن 03:05
ئاساسەن ئوخشاشكەنمىز، ئوخشىمايدىغان يىرى: كومپىيۇتېرغا ئۇزاقراق قارىسام كۆزۈم تالىدىغان بوپ قىلىپ،كۆز ئاسراش ئەينىكىدىن بىرنى تاقىۋالدىم، ئىلان بەرگەنلەك ياكى ماختانغانلىق ئەمەس، ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشىكەن ئېسىت ، نىمىشقىمۇ بالدۇرراق تاقىمىغاندىمەن دەپ قالدىم بۇ كۆزەينەكنى بولسا سىزمۇ تاقاپ قويۇڭ، پايدىسى بولسا بولىدىكى زىيىنى بولمايدۇ
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش ئۈلۈشكۈن 14:12
بولىدۇ، سىناپ باقاي.
يەنە باشقىلارنىڭ قانداق تەجرىبىلىرى بار؟
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش تۈنۈگۈن 00:13
مەنغۇ خالىسام دۇم يېتىۋېلڭپ خالمىسام ئولتۇرۇپ ، كۆزۇم تالسا ئوچۇق تاشلاپ قويۇپ ئايلىنىپ كىرىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号 )

GMT+8, 2010-11-24 13:39

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.