ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 3103|ئىنكاس: 32

ئانا تىل ۋە يېزىق- ۋىۋىسكىدىكى خاتالىقلار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-11-21 01:33:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ « ئىنتىل FLV لىرى» دېگەن يازمىنىڭ 20- قەۋىتىگە يوللانغان فىلىم ئىكەن. بۇ پوسكام ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ 2- يىللىق 7- سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  «ئوقۇتۇش خاراكتېرلىق ئۆگۈنۈش» سەرلەۋىلىك سىن ماقالىسى ئىكەن. بۇنىڭدا پوسكام ناھىيەسىدىكى تۈرلۈك ۋىۋىسكا ۋە تەشۋىقات تاختىلىرىدىكى ئىملا مەسىلىلىرى پاكىتلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. قېنى كۆرۈپ بېقىڭ.

ئانا تىل ۋە يېزىق

مەنبە http://www.56.com/u51/v_NTQxMjc0MzI.html
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-21 02:10:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى تورداشلار بىزمۇ ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان جاي، ئورۇنلاردىكى شۇئار، لوزۇنكا ، تەشۋىقات دوسكىسى، ئېلان تاختىسى، ۋىۋىسكىلارغا قاراپ باقايلى.
ۋاقتى: 2010-11-21 03:07:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراپ باقساق باقتۇق، ئەمما كىممۇ ئاشۇلاردىكى ئىملا خاتالىقنى تۈزىتەر؟ بىز ئۇلارنى ۋېۋىسكاڭدىكى ئىملا خاتاكەن، تۈزىتىۋالغىن دېسەك، ئۇلار بىزگە قاراپمۇ قويارمۇ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-21 03:27:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېسەك قارايدىكەن، 1- مەن قەشقەر خامبازىرىدىكى ئىككى - ئۈچ ئاشخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىدا « تىز » دېگەن خگت بارلىقىنى كۆرۈپ خوجايىنلىرىغا : بۇ ئەلسى « تېز » بولىشى كېرەك، « تىز» دەپ يېزىلسا پاچاق ساتىدىغان ياكى تىزىغا قويۇپ يەيدىغان تاماق ساتىدىغان دۇكاننى بىلدۈرۈپ قويىدۇ دېدىم. ئەستايىدىل ئاڭلىدى، بەزىلىرى ھەيرانمۇ قالدى.
2- قەشقەر « ماينىڭ ئالدى » يەنى بۇرۇنقى « بىرىنچى ماي تېياتېرى» نىڭ ئالدىدىكى « مەنىزىل xx  خانىسى » دېگەن دۇككانغا ئاتايىتەن كىرىپ « ۋىۋىسكىدا ئېغىر ئىملا خاتالىقى باركەن، ئەسلى مەنزىل دەپ يېزىلاتتى، تۈزتىۋېلىڭلار » دەپ قويدۇم.
3- بىر خەنزۇچە  ( خەنزۇ ئاچقان) پىچىنە - پىرەنىك  دۇكىنىنىڭ كوچا ئاپتۇۋىزىدىكى ئېلانىنىڭ ئۇيغۇرچىسىدىكى «ئې» نىڭ ئورنىغا « ئى » يېزىلغان خاتالىقنى شۇ دۇكانغا تېلېفۇن قىلىپ ئۇيغۇرچە خەتتە خاتالىق باركەن دەپ قويسام رەھمەت ئېيتتى.
4- ئىككى يىل بۇرۇن بىر ۋىۋىسكىنى ئورنىتىۋاتقان خەنزۇنىڭ ئۇيغۇرچە چېكىتنى خاتا چاپلىغانلىقى ۋە سۆزنى ئايرىمىغانلىقىنى دەپ بەرسەم ئۇ شۇ ھامان خەتنى قومۇرۇپ ئېلىپ تۈزەتتى.
ۋاقتى: 2010-11-21 04:25:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىۋىسكىدىكى خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ قويساق ئاڭلايدۇ،مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن قەرەللىك چىقىپ ۋىۋىسكىدىكى خاتالىقلارنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىش ئېلىپ بارىدۇ،تۈزىتىشكە بۇيرۇپ يەنىلا تۈزەتمىسە دۇكاننى بىچەتلەيدۇ شۇ،شۇڭا قورقماي دەۋەرسەڭلار بولىدۇ.ئۇنىڭسىزمۇ بەزى ۋىۋىسكىلاردىكى خەتلەرنى كۆرۈپ گەژگىسى قورۇپ قالىدۇ ئادەمنىڭ.
ۋاقتى: 2010-11-21 13:15:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بولغاندا بۇنى دۇكان خوجايىنلىرىدىمۇ قويۇشقا بولمايدۇ.نېمىشقا دېگەندە شۇ ۋىۋىسكىنى دۇكان خوجايىنلىرى ئېلان ياكى مۇشۇنداق ۋىۋىسكا ئىشلەيدىغانلارغا ياستىدۇ ئەمەسمۇ؟گەپ مۇشۇ يەردە،مۇشۇ ئېلان ياكى ۋىۋىسكا ئىشلەيدىغانلار ئىملاغا دىققەت قىلمايدۇ شۇ!!!!
ۋاقتى: 2010-11-21 13:46:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى ۋىۋىسكىدىكى ئىملا خاتالىقىنى دەپ دۇكان پىچەتلىگەن ئىشنى كۆرۈش ئەمەس، ئاڭلاپمۇ باقمىدىم. ئەسلى شۇنداق قىلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.
ۋاقتى: 2010-11-21 14:38:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arwah يوللانغان ۋاقتى  2010-11-21 04:25
ۋىۋىسكىدىكى خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ قويساق ئاڭلايدۇ،مە ...

سەينادىكى ئىملا خاتالىقىنى كۆرسىتىپ قويساقچۇ، ئەرۋاھ ئەپەندى؟
ۋاقتى: 2010-11-21 14:42:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش darwix نىڭ يازمىسى

سەينادىكى ئىملا خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىپ قويسىڭىز شەخسەن مەن قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ شۇ ھامان «تەھرىرلەش»كونۇپكىسىنى بېسىپ تۈزىتىمەن.ئادەتتە تېما ئىنكاس يوللىسام بەك دىققەت قىلىمەن ئىملاغا،ئۆزەم باشتا بايقىۋالسام بايقىغان ھامان تەھرىرلەپ تۈزىتىپ قويىمەن.
باشقا تورداشلارمۇ چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
ۋاقتى: 2010-11-21 16:24:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇئاشۇ بىرنەچچە ئۇيغۇرچە خەتنى يېزىشنى .ۋە ps ئىشلىتىشنى چالا ئۆگۈنۈۋېلىپلا .كومپيۇتېردا ھەممە ئىشلارنى قىلالايمەن .دەپ .ئاشۇنداق ئادەملەر ئىشلىگەن ۋىۋىسكىسى بولمامدۇ . ھازىركومپيۇتېرئىشلىرىمىزبارغانچە تەرەققىي قىلىشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ.نۇرغۇن ئىقتىدارى ياخشى بولغان ئىملاتەكشۈرۈش ئىقتىدارى بولغان .غەيرەت توختى ئەپەندى ئىشلىگەن .ئۇيغۇرئىدىت .ۋەئۇنىىڭدىن باشقا ئالىپسوفىت .ئۇيغۇرسوفىتنىڭ شۇنداق ياخشى دېتاللىرى تۇرسا .شۇلارنى ئىشلەتسە بولمامدىكىن ئۇلار. ئۇنىمۇ دەيلى بۇنىمۇ دەيلى .ئۇلارغا پۇللابولسا بۇلىۋېرىدۇ . بىزمۇتوردامۇشۇنىڭغا ئوخشاش خەت يىزىپ ئولتۇرغاندا ئىملا توغرىمىدۇ ياكى خاتاجايلىرى بارمىدۇ . ئىملاسى خاتابۇلۇپ قالساباشقىلارنىڭ كۈلكۈسىگە قالىدىغان ئىش بۇلامۇ دېگەندەك ئوي پىكىرلەركاللىمىزغا كىلىدۇ .مەنمۇ خەت يازسام ئىملاغا بەك دېققەت قىلىپ يازىمەن .لىكىن ھەممىمىزيازغان ئىنكاسلاردىكى خەتلەرنىڭ ئىملاسى پۈتۈنلەي توغرادەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ .مەنمۇ شۇنداق تەستە يازدىم بۇخەتلەرنى .ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىنىڭ ئاناتىل يېزىقىنى قەدىرلەيلى !
ۋاقتى: 2010-11-21 16:39:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتكا، تېمىنى يوللىغاندا ئىملاغا دىققەت قىلىشنى ئۆزىڭىزدىن باشلىسىڭىز بولغۇدەك!
بۇ پوسكام نازىيەلىك  ئەمەس ناھىيىلىك
ئووتۇرا مەكتەپ  مەكتەپ ئەمەس ئوتتۇرا مەكتەپ
سەرلەۋىلىك ئەمەس سەرلەۋھىلىك
يەنە 4-قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزغىمۇ قاراپ بېقىڭ! تەھرىرلەي دىسەم سىزنىڭكىنى تەھرىرلەشكە سالاھىيتىم توشمايدىكەن!
مىنىڭ گەپلىرىمدە ئېملا خاتالىقى يوقتۇ ھە{:12:}؟!
ۋاقتى: 2010-11-21 17:37:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوئىنلۇن ئەپەندى سىزنىڭكىدىمۇ ئىملا خاتالىقى بار.مەسىلەن:ئېملا دەپ يېزىپسىز ئۇنداق ئەمەستى ئىملا دەپ يازغان بولسىڭىز توغرا بولاتتى.دىسەم ئەمەس دېسەم!!!!

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2010-11-21 18:02:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن بىلىكتە CTRL+G نى بېسىپلا ئىملا خاتالىقىنى تۈزەتكىلى بولاتتى (يۇلغۇن تورىنىڭ مەخسۇس ئىملا تۈزىتىش بۆلىكىنى ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن)، بولسا مۇشۇنداق بارلىق مۇنبەر، سەينالارغا ئاشۇنداق ئىقتىدار قوشۇلغان بولسا ياكى يازمىنى يوللاشتىن بۇرۇن، http://www.yulghun.com/imla غا چاپلاپ، ئىملاسىنى تۈزىتىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن يوللىساق، بەلكىم، ئىملا خاتالىقلىرى ئازىيىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ۋاقتى: 2010-11-21 18:53:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[b]تۈنۈگۈن مۇنداقلا بىر گەپنى قىلىپ قويۇپ بۇرنۇمغا يىگەندىن بېرى سەيناغا ئىنكاس يازماسمەن دەپ ئويلىغانتىم، لىكىن قارىسام مىنى ئەدەپلەيدىغانلار بۈگۈن كىرمىگەندەك قىلىدۇ، دەيدىغىنىمنى ھاپلا-شاپلا دەۋالاي،
1- ئېملا خاتالىقى بۈگۈنكى زاماندا ھەقىقەتەن ئېغىر، ‹ئى› بىلەن ‹ئې› نى ئالماشتۇرۋېتىشنى كىچىك مەسىلە دىگەن ھالەتتىمۇ غەلىتە، ھەم چۈشىنىكسىز بىرنىملەرنى يىزىپ ئۆزىنىڭ يىزىق ئۆزگەرتىش خۇمارىنى بىسىقتۇرۋاتقانلار ئاز ئەمەس.
2- يا خەنزۇچە ئەمەس، يا ئۇيغۇرچە ئەمەس، (مەسىلەن: ئەردوچو، خابا كوچىسى، ساۋكاۋرۇ، لازىجى....) غەلىتە گەپلەرنى قىلىپ ئۆزىنى يۇرتنىڭ يۈزبىشى چاغلاپ يۈرىيدىغانلارمۇ خىلى بار، ئۇنداقلارنىڭ قىزغىن ۋارىسلىرى مەدەنىيەتنىڭ ۋە ئىقتىزادنىڭ مەركىزى بولغان، بىلىملىك كىشىلەر ئەڭ كۆپ توپلاشقان ئۈرۈمچى شەھرىدە ساماندەك.
3-مەنچە Nida  ئەپەندىنىڭ (سىزمۇ مەن دىگەن ئەپەندى ئەمەس، ئەپەندىم ئۆلگەن، بالاڭزا مەن دىگەن دەپ يۈرمەسسىز ھە)
دىگىنىدەك قىلساق قولاي بولىدىغاندەك قىلىدۇ، لىكىن ئۇنىڭ بىر چاتاق تەرىپى بار، يەنى نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدە تاينىۋېلىش پىسخكىسى يىتىلىپ قالدۇدە شۇنىڭ بىلەن قولىدا خەت يازالمايدىغانلا بولۇپ قالىدۇ، بىز ئېلگىرى مەكتەپتە ۋاقتىمىزدا خەنزۇلارنى، ئۆزىنىڭ خىتنى يازالمايدۇ دەپ مەسخرە قىلىپ ئوينايىتتۇق، مۇشۇ ئەھۋالنى بىزبىلەن قوشنا ياتاقتا ياتقان ئاشۇ خەنزۇلار ئاڭلايدىغان بولسا بىزدىن چالا-پۇلا ئۈگىنىۋالغان ئۇيغۇرچە گەپلىرى بىلەن قانغۇدەك مەسخرە قىلىپ ئوينىشى.......
شەخسەن ئۆزەم ئۈچ-تۆت يىلنىڭ ئالدىدا ئېملادا پەقەت خاتالاشمايىتتم، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نىم بولدىكىن تاڭ؟  ئىزىقىپ كىتىشقۇ بوپ تۇرىدۇ دەيلى ماقۇل، قايسى كۈنى 地球仪 نىڭ ئۇيغۇرچىدىكى توغرا يىزىلىشنى يازالماي ئۆزۈمدىن ئۆزۈم خىجىل بوپ كەتتىم!
5-بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا نەزەر ئاغدۇردىغان بولساق تىل-يىزىقنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن مەسىللەرنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز، قوش تىل مائارىپتىن قاخشاپ قويىدىغانلارمۇ بولدى، لىكىن ‹مىنى ھېچكىم خاتا سۆزلە دەپ مەجبۇرلىمىغاندىن كىيىن توغرا سۆزلەي، توغرا خەت يازاي ...› دەپ ئۆزئۆزىنى تەكشۈردىغانلار قانچىلىك؟
ئېلان تاختىسى ۋە چوڭ-چوڭ پىلاكاتلاردىكى، ۋېۋېسكا، لوزۇنكىلاردىكى خەتكە كەلسەك ئۇنىڭ خاتالىقىنى ھېس قىلغانلار ساماندەك، .... ئۇنىڭ خاتالىقىنى بايقىمىغان (بايقاشنى خالىمىغانلار) كىشلەر بولسا ناھايتى ئاز سانلىقىنى ئىگلەيدىغان بولۇپ ئۇ خاتالىقنى تۈزىتىشكە ھوقوقى يىتىدىغانلار نەخ شۇ ئاز ساندىكى كىشلەردۇر!
ئاخرىدا شائىېر ئارىسلاننىڭ ‹ئاھ مىنىڭ خەلىقىم› دىگەن ئەسىردىن مۇنۇ پارچىنى ئوقۇپ ئۆتۈش ئورۇنسىز بولماس
سۆزلەشنى خالىماس ئانا تىلىدا،
ئۆزىغۇ بەك بىلمەس، كىكەچلەيدۇ سەت.
چەت تىلدىن بىلەر بىر-ئىككى ئاتالغۇ،
قىستۇرسا كىرەرمىش سۆزىگە سۆلەت.
شۇنداقلار توختىماي قىلار خام خىيال،
‹يات مىللەت بوپ قالسكەن مىنىڭ ئاتام›  دەپ!

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-21 21:11:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Koinlun يوللانغان ۋاقتى  2010-11-21 16:39
ئابلەتكا، تېمىنى يوللىغاندا ئىملاغا دىققەت قىلىشنى ئۆ ...

رەھمەت، تۈزۈتۈپ قويدۇم، يەنە بايقىسىڭىز ئۇچۇر قىلىڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-10 08:21 , Processed in 0.202019 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat