- توردا
- 7 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-12
- تىزىملاتقان
- 2010-11-15
- شۆھرەت
- 149
- تىللا
- 100
- تۆھپە
- 81
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 487
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 3
- تېما
- 2
- نادىر
- 1
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 822
- تۆھپە
- 81
- تىللا
- 100
- شۆھرەت
- 149
|
iphoneغا ئۇيغۇرچەfont ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى
بىر قانچە قىتىملىق سىناق قىلىش ۋە تۇرسۇنجان مۇئەللىمنىڭ ياردىمىدە iphoni غىمۇ ئاساسى جەھەتتىن fontنى مۇۋاپىقىيەتلىق ئۆزگەرتىپ ياسىۋالدۇق ، بىزنىڭ font بۇنداق ئاسان ئۆزگەرتەلىشىمىزدىكى ئاسالىق سەۋەپ ئۇستىلىغىمىزدىن ئەمەس بەلكى ئالمىجاننىڭ ئۇيغۇرچىنى تىگىدىن قولىغانلىغىدا بىز پەقەت ئەسلىدىكى ئالمىىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان fontقا ئازراق ئۆزگەرتىش قىلدۇق خالاس ، font نىڭ سىناق نۇسقىسىنى تارقاتقاندىن كىيىن بەزى تورداشلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن font ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى تەجىربىلەرنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى
بىز دەسلەپ ئۇيغۇرچە بىرقانچە خىل فونت نى ئالمىغا بىۋاستە قوشۇپ سىناق قىلدۇق نەتىجىدە بۋاستە قوشساق بولمايدىغانلىغىنى چوقۇم سىستىما بەلگۇلىگەن فونت بولمىسا بولمايدىغانلىغىنى بىلدۇق ، ئەمدى سىستىمىنىڭ ئۇيغۇرچىغا قايسى فونتنى ئىشلەتكەنلىگىنى بىلىشكە توغرا كەلدى ، توردىن ئىزدەش ئارقىلىق ھىچقانداك نەتىجىگە ئىرىشەلمىدۇق ، ئاخىرى ئالمىدىكى بارلىق فونتلارنى كومپيۇتېرغا چۇشۇرۇپ فونت تەھرىرىلەش قورالى FontCreator ئارقىلىق بىردىن-بىر تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئالمىنىڭ ئەرەپچە ۋە ئۇيغۇرچىغا GeezaPro.ttf ،GeezaProBold.ttf لارنى ئىشلەتكەنلىگىنى بايقىدۇك ، دىمەك ئۇيغۇرچە خەتلەرنى چىرايلىق كۆرسىتىشكە ئۇمىت تۇغۇلدى دىگەن گەپ ،مەن ئالمىنىڭ سىسىتىما بەلگىلىگەن فونتتىن باشقا فونتنى تونىمايدىكەن دىگەن يەكۇنۇنىمىزگە ئەساسەن ukijtuz خەت نۇسقىسىنىڭ نامىنىFontCreator ئارقىلىقGeezaPro.ttfغا ئۆزگەرتىپ ئالمىجانغا قاچىلاپ كۆرۇپ باقتىم بۇمۇ قاملاشمىدى سەت خەت تۇگۇل ئۇيغۇرچە پەقەتلا كۆرۇنمىدى ، مەن يەنە يۇقىرىدىكى فونت نامىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى بويىچە تۇرسۇنجان مۇئەلىم تارقاتقان alpzy.ttf نىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ بۇنىمۇ ئالمىغا قاچىلاپ سىناپ باقتىم پاھ سىلىق چىرايلىق ئۇيغۇرچە خەت ئالمىدا كۆرۇندى لىكىن باغلاشمىدى .. ھەي قانداق قىلىش كىرەك ، تۇيۇقسىز ھەرەپلەرنى ئالماشتۇرۇپ كورۇپ باقسام قانداق بولا دىگەن خىيال كاللامغا كەپ قالدى ، مەن FontCreator ئارقىلىق ئالمىنىڭ ئەسلى فونتىGeezaPro.ttf ۋە تۇرسۇنجان مۇئەلىم تارقاتقان alpzy.ttf نى ئىچىپ قويۇپ alpzy.ttf تىكى بىر قانچە ئۇيغرچە ھەراپلەرنى GeezaPro.ttfدىكى ئۇيغۇرچە ھەراپلەرنىڭ ئۇرنىغا ماس ھالدا ئالماش تۇرۇپ سىناپ باقتىم بۇقىتىم مۇۋاپپىقىيەتلىك بولدەك قىلاتتى شۇنىڭ بىلەن بارلىقGeezaPro.ttfنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنى alpzy.ttf تىكى بارلىق ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرگە ئالماشتۇردۇم پاھ سىناق نەتىجىسى مۇۋاپپىقىيەتلىك بولدى شۇنداق قىلىپ دەسلەپتىكى ئالما تونۇيدىغان ئۇيغۇرچە فونتقا ئىرىشتۇق ، دىمەك تورداشلار مەن تۇنۇشتۇرغان ئۇسۇل بويىچە ئۆزى ياقتۇرىدىغان فونتنى ئۆزگەرتىۋالسا بولىدۇ دىگەن گەپ .
بىز دەسلاپتە ئىرىشكەن بۇ فونتتا يەنىلا مەلۇم نۇقسانلار مەۋجۇت ئىدى شۇنداقتىمۇ ئالمىجاندا ئۇيغۇرچە چىرايلىق كۆرۇنىدىغان بولدى بىز تارقاتقان فونت دەل تورداشنىڭ سىناپ بىقىشىغا يوللىغان فونت شۇ .........
بىز ئۇزگەرتكەن فونت ۋە ئەسلىدىكى ئالمىنىڭ فونىتىنى تۇرسۇنجان مۇئەللىمگە يوللاپ بەرگەن ئىدۇق تورسۇنجان مۇئاللىم ھىتلىق قىممەتلىك ۋاختىنى سەرپ قىلىپ نوقسانلار تۈزۈتۈلگەب فونتنى ئۆزگەرتىپ بىزگە يوللاپ بەردى(تۇرسۇنجان مۇئەللىمگە كۆپ-تىنكۆپ رەخمەت) ، بىر بۇ يىڭى فونتنى سىناۋاتىمىز ئەگەر نوقسان كۆرۇلمىسە يىقىندا توردا تارقىتىمىز .
قىززىققۇچىلار يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بويىچە ئۆزى ياقتۇرىدىغان فونتنى ياسىۋالسا بولىدۇ .
ئەمدى دىكى ئاساسى گەپ كىرگۇزگۇچ ياساشتا قالدى، بىزمۇ سىناق قىلىۋاتىمىز ئەگەر ئالما مىغا كىرگىزگۇچ ياساشتا تەجىربىسى بار تورداشلار بولسا ھەمكارلىشىپ كىرگۇزگۇچ ياساپ باقساق دايمەن .......
ھەمكارلاشساق
مەن FontCreator نى توردىن چۈشۈرۈۋالغان ئەگەر تورداشلار توردىن تاپالمىسا مەن يوللاپ بەرسممۇ بولىدۇ |
|