پاكىز، مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى بەرپا قىلايلى!

ئىنتىل تورى

 

 

ئىزدەش
ئىنتىل تورى دەرۋازا يۇمشاق دىتال [تېما كۆرۈش] [سوۋغات]قۇتيار دېتاللار توپل ...

[سوۋغات]قۇتيار دېتاللار توپلىمى 1.0 نى چۈشۈرۋېلىڭ

يوللىغۇچى: munglan | يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-17 17:01| كۆرۈلۈشى: 269| ئىنكاس سانى: 10|تېما مەشغۇلات خاتىرىسى

ەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق تورداشلار قۇتيار تور بېكىتى نامىدىن ھەممىڭلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمىز. ھېيىتتا ھەر بىرسىڭلارنىڭ ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق، تېنىڭلارنىڭ سالامەت ھېيىتڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك ۋە خۇشال ئۆتۈشىگە تىلەكداشمىز.
قۇتيار تور بېكىتى قۇرۇلۇپ 3 ئايدىن ئاشقان، قۇتيار مۇنبىرى ئېچىلىپ بىر ئايدىن ئاشقان مانا مۇشۇ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتتا قۇتيار تور بېكىتى بىر ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تۈزۈپ چىققان «قۇتيار يۇمشاق دېتاللار توپلىمى» نىڭ 1 – قىسىمى مانا بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ كۈندە ھەر قايسىڭلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ توپلامنى ياساشتىكى مەقسەد ھەر قايسى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن يۇمشاق دېتاللارنىڭ بىر قىسىملىرى ھەقسىز بىر قىسىملىرى ھەقلىق دېتاللاردۇر. مەيلى ھەقلىق ياكى ھەقسىز بولسۇن بۇ دېتاللارنىڭ ئەسلى ھوقۇقى شۇ دېتالنىڭ ئاپتورىغا ۋە شۇ دېتالنى ياسىغان شىركەتكە تەۋەدۇر. ھەقلىق دېتاللارنى ئىشلىتىپ كېتىپ چىققان ئاقىۋەتكەن قۇتيار تور بېكىتى مەسئۇل بولمايدۇ. ئەگەر خالىسىڭىز سېتىۋېلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ۋە ياكى شۇنىكدەك ئىقتدارى بار ھەقسىز دېتاللارنى ئىشلەتسىڭىز تامامەن بولىدۇ.

بۇ توپلام نۇرغۇن قېتىم سىناش، تەھرىرلەش ۋە تاللاش جەريانىدا پۈتۈپ چىقتى. بەلكىم يەنە شۇنداق ئىنچىكىلىك بىلەن قىلغان بولساقمۇ بەزى بىر قىسىم نوقسانلار كەمچىلىكلەر بار بولۇشى ئېنىق. جاھاندا ئۇلۇغ ئاللاھدىن باشقا خاتالاشمايدىغان ۋە نوقسانسىز ئىشلار بولمىسا كېرەك ئەلۋەتتە. شۇڭا بۇ توپلامدا يولۇققان مەسىللەر بولسا بىۋاستە قۇتيار مۇنبىرىگە كىرىپ ياكى ھەر قايسى مۇنبەرلەردىكى مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قىلىپ يوللىساڭلار بىز كيىنكى قىسىمىدا ئاشۇ خاتالىق ۋە نوقسانلارنى تۈزەتكەن ئاساستا بىر قىسىم كەم قالغان دېتاللارنى قوشۇپ ئارتۇق قوشۇلۇپ قالغان دېتاللار بولسا چىقىرۋېتىپ 2 – قىسىمىنىمۇ بۇنىڭدىن ياخشى قىلىپ ئىشلەپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

توپلامدىكى بىر قىسىم دېتاللارنىڭ تىنچ ھالەتتە قاچىلاش پارامىتېرلىرىغا توغرا ھۆكۈم قىلالمىغاچقا ۋە ياكى ئامال بولمىغاچقا 5-6 خىل چوڭراق سىغىمدىكى دېتاللارنى تىنچ ھالەتتە يەنى بىر كۇنۇپكا بىلەن قاچىلاشقا ئىمكان بولمىدى. شۇڭا تورداشلار(ئىشلەتكۈچىلەر) توپلامدىكى دېتاللارنى قاچىلاشتىن بۇرۇن چوقۇم «تاللاپ قاچىلايمەن» نى تاللاپ ھەر بىر تۈردىكى دېتاللارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشىنى ئوقۇپ ئاندىن كېيىن شۇ بويىچە قاچىلاش ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللاپ قاچىلىسىڭىز تېزلاتىنچ ھالەتتە قاچىلاپ سىزگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ. قول ئارقىلىق قاچىلاڭ دەپ ئەسكەرتكەن دېتاللارنى ئىمكان بار دىسكا مۇندەرىجىسىگە كىرىپ قول ئارقىلىق قاچىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز ۋە ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. بارلىق دېتاللارنى قارا قۇيۇق بىراقلا قاچىلايمەن دېسىڭىز بەلكىم 1 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىىشى مۇمىكىن. شۇڭا يۇقىردا دېگەن ئۇسۇلدا قاچىلاڭ.

يەنە بىز تورداشلارنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن «قۇتيار كۈيچىسى» دېگەن قويغۇچنى توپلامغا بېكىتىپ دېتال قاچىلاپ بولغۇچە تورداشلارنى زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ 3 خەلق مۇزىكىسىنى قوشۇپ قويدۇق. (دىل كۈيى، ئەجەم، چىمبۇلاق قاتارلىقلار) ئاستىدىكى قويۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ مۇزىكا ئاڭلىغاچ دېتاللارنى قاچىلاشقا بۇيرۇق بېرىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
خوش ئۇنداق بولسا توپلامنى چۈشۈرۈپ بولغۇچە توپلامنىڭ تۆۋەندىكى رەسىملىرىنى كۆرۈڭ تۇرۇڭ.

بۇ دىسكا قوزغالغاندىكى كۆرۈنۈش




بۇ توپلام قوزغالغاندىكى كۆرۈنۈش


دېتاللاردىن كۆرۈنۈشلەر















بۇ بولسا دېتاللارنى قاچىلاۋاتقاندىكى ھالەت


سىغىمى: 4.26GB ، شەكلى : ISO
MD5 نومۇرى: a6f898bc89113e1abe313531e26f5886

مەنزىل : قۇتيار مۇنبىرى
http://qutyar.net/mb/read-munber-tid-506.html

يېڭى ئىنكاسلار

ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 6 كۈن ئالدىدا
قۇتياردىكى بارلىق تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن !
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 6 كۈن ئالدىدا
ۋاي-ۋۇي........ ئابلەتكا، قۇتياردىن باشقا يەردىكىلەرنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك بولسا بولمامدا؟!
چاقچاق ھە.... قۇتيارلا ئەمەس، بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن، مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈندە شۇنداق قىممەتلىك سوۋغات ئېلىپ كەلگەن munglan ئەپەندىگىمۇ كۆپ رەھمەت! سەينانى ئۇنتۇپ قالمىغىنىڭىزغا يەنە بىر رەخمەت! مەن بۇرۇنقى كۈنلەرنى شۇنداق ئەسلەيمەن!
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 6 كۈن ئالدىدا
قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، ، ، مەنمۇ چۈشۈرىۋالاي . .
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 5 كۈن ئالدىدا
مۇڭلانقارى............ بارمۇسىلى؟ دىتال چۈشۈرۋال دىگەن بولۇپ مەجبۇرى ئەزا بولغۇزىدىكەنمىزھە

باھا سۆز

munglan مەن سىز بىلەن ئاغىينە ئەمەس ، قارى دېمەڭ . چۈشۈرمىسىڭىز مەيلى ، بىز زورلاپ چۈشۈر دېمىدۇق. يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش 4 كۈن ئالدىدا
بېكەت مۇلازىمېتىرىنىڭ تور يولى ئىككى كۈن بولدى تازا ياخشى ئەمەس ، بۈگۈن كەچ ئەسلىگە كەلدى ، ئەمدى خالىغانچە چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ . قوللىغان تورداشلارغا كۆپ رەھمەت.
ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش ئۈلۈشكۈن 00:18
ئىنكاس قايتۇرۇش ibrat نىڭ يازمىسى

مەن سىز بىلەن ئاغىينە ئەمەس...............
مەنغۇ تىخى ئاغىينە بولايمۇ دىمىگەن، خاپا بولمىسلا! ................
ئۇنداق ئادەم بالدۇرراق ‹ماڭا گەپ قىلىشقا بولمايدۇ....› دەپ ئەسكەرتىش يازسىلا بولمامدا ئايەگە....
بولدىلا....سەپرايىم ئۆرلىمەستە ئاستا ئۆچۈرۋېتەي ما توربەتنى...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ibrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-11-21 00:23

ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش ئۈلۈشكۈن 00:53
مەنبەگە كىرسەم چۈشۇرۇش ئادىرىسى يوققۇ ...ئەزا بولساق چۈشۇرگىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iskilit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-11-21 00:54

ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش ئۈلۈشكۈن 02:12
ibrat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-21 00:18
ئىنكاس قايتۇرۇش ibrat نىڭ يازمىسى

مەن سىز بىلەن ئاغىينە ...


ئىغىرراق بولساڭلار قانداق ھە دوسلار،كىچىككىنە گەپ كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن قىزىرىشىپلا يۇرىدىكەنمىز(ئاپلا ، مەنمۇ دوسلار دەپ قاپتىمەن، خاپا بولماڭلار ھە، بىز دوست ئەمەس جىما، بىز ھىچنىمە ئەمەس،ھىچقانداق مۇناسىۋتىمىز يوق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا darwix تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-11-21 02:13

ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش ئۈلۈشكۈن 04:06
ھەربىر تورداش ھەربىر ئىنكاسنى يېزىشتىن بورۇن ئىنكاس مەزمۇنىنى ياخشىراق ئويلاپ يازساق،ئىنكاس مەزمۇنىدا تېما ئىگىسىنىڭ ياكى باشقا تورداشلارنىڭ زىتىغا تىگىدىغان،مەسخىرە كىنايە تۈسىنى ئالغان گەپ سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلانساق،ئۈندەش بەلگىسى قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرنى سېتىۋالمىغاندىكىن دەپ بولۇشىغا قويۇپ يېزىشتىن ساقلانساق،گەپ سۆزلەر دەل جايىغا ئورۇنلۇق چۈشسە ھەرگىزمۇ نىزا كىلىپ چىقمايدۇ قېرىنداشلىرىم.مۇنبەرنى ئەخلەت ئىنكاسلار بىلەن ئەمەس،سەمىمى پىكىر تەكلىپ،ئورۇنلۇق ئىنكاسلار بىلەن بىزەپ ئەسلىدىكى ھالەتكە ئەكىلىش ئۈچۈن تىرىشمايمىزمۇ دەيمەن مانداق.بىر ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكىدەك ئەخلەت پاخال ئىنكاسلار بىلەن بوشلۇق توشۇپ كېتىپ تېما ئىنكاس تازىلايدىغان كۈنلەرگە يەنە ئۇلىشىپ يېڭىدىن بىر مۇنبەرگە يۆتكەلمەيلى يەنە... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arwah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-11-21 04:07

ئىنكاس نەقىل يوللانغان ۋاقتى |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش ئۈلۈشكۈن 13:40
‹دەرۋىش› بىلەن ‹ئەرۋاھ › نىڭ پوزىتسيەسگە مەن گەپ سۆزسىز قوشۇلىمەن، ئەمدى ئۇ گەپكە كەلسەك مىنىڭمۇ ‹خاپا بولمىسىلا › دىمەكتىن باشقا گىپىم يوق، مەن ئېلگىرى munglan نىڭ بىرقانچە دەرىسلىكلىرىنىمۇ كۆرگەن، لىكىن ئۆزىنى تونۇمايمەن ( تونۇشقۇم بولسىمۇ ئۇنداق پۇرسەت ماڭا نىسىپ بولمىغان.....) ھەم ئۇنىڭ ‹دىتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش› دەرىسلىكى ماڭا بەك ياراپ كەتكەچكە ئۇنىىڭغا ھەۋەس قىلاتتىم، مەن تىخى ئۇنى ئوتتۇرا ياش ئادەم ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان،لىكىن بىر دوستۇمنىڭ دەپ بىرىشچە يىشى مىنىڭ يىشىم بىلەن جىق پەرىق قىلمايدىكەن، ئەنە شۇ سەۋەپلەردىن گەرچە ئۇكىشى بىلەن كۆرشىپ باقمىغان بولساممۇ (مەيلى ھەقلىق ياكى ھەقسىز بولسۇن) ئۇنىڭ دەرىسلىكىنى دائىم كۆرۈپ، بىر نەرسىلەرنى ئۈگىنىپ تۇرغاچقا ئۇنى ئۆزەمگە بەك يىقىن دوستۇمدەك ھېس قلاتتىم، شۇڭا چىققان ئىشلار بۇ.....
مەنمۇ قايتا-قايتا ئويلاندىم، ھەم شۇنى ھېس قىلدىم . مەن تونۇمايدىغان خەقنى ئۆزەمگە يىقىن كۆرەپ نىمە قلاي، ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزخىلى بولدۇ، ھېچكىمنىڭ ھېچكىمنى مەجبۇرلىغىنى يوق، خەن تىلدا ‹بىر دوستۇڭ كۆپ بولسا بىر يولۇڭ كۆپىيدۇ، بىر دۈشمىنىڭ كۆپەيسە يولۇڭغا بىر تام ئوشۇق سوقۇلىدۇ› دىگەن گەپ بار، ھەرگىزمۇ ‹خەق سىنى دوسىت قاتارىدا كۆرمىسە ئۆلەپ قالىسەن، ياكى بىرنىمە بولىسەن......› دىگەن گەپنى مەن تىخى ھېچيەردە ئۇچراتمىدىم... ... بولىدىغان ئىش بوپتۇ، مەنمۇ يامان گەپنى قىلىپ باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان ئەرزىيەتنى يەتكۈزۈپ بوپىتمەن، شۇڭا كەچۈرۈم سوراشتىن باشقا ئىش قولۇمدىن كەلمەيدىكەن، بۇندىن كىيىن مەزكۈر سەينادا قانداق ‹جان بىقىش› نىمۇ ئۈگنىۋالدىم،
بولدى بولدى بولدى................. يەنە دىسەم يەنە شۇ، .... يەنە كۆپ سۆزلەپ بىرەرسىنڭ غەزىپىگە ئۇچراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن مەشەدە توختاپ قالاي................
ئادەم-ئادەم بىلەن ئادەم، مەن سىنى يامانلىمايمەن، چۈنكى مەن سەندىن بالدۇر كىتىپ قالسام كۆمۈپ قويغىلى بولسىمۇ لازىم بولىسەن ئەمەسمۇ..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ibrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-11-21 13:45

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号 )

GMT+8, 2010-11-23 11:21

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.