ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1854|ئىنكاس: 15

ئىشەنچلىك تىۋىپ بارمىدۇ؟(ياردەم)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-11-17 14:15:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مەن تۇرۇۋاتقان يەردە بىر تونۇشۇم بار ئىدى، ئۇ بىر خىل سوزۇلما خاراكتىرلىك كىسەللىككە گىرىپتاربولۇپ قىلىپ نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا داۋالانغان بولسىمۇ ئۈزۈل كىسىل بولالماي،مىللى تىبابەت بويىچە داۋالانماقچى بولۇپ، ئۇرۇمچىدە بىر قانچە«تېۋىپ» لارغا كۆرۈنگەن بولسىمۇ قىلچە ئۈنۈمى بولماپتۇ،ئۆزىنىڭ خوتەن قەشقەر تەرەپلەرگە بىرىپ مۇنتىزىم داۋالانغۇسى بار بولسىمۇ تۈرلۈك سەۋەپلەرتۈپەيلىدىن بىرىپ بولالماپتۇ.مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن ماڭا بۇ ئەھۋالنى دەپ سىز قەشقەردىن كەلگەندىكىن بىرەر ئىشەنچلىك تىۋېىپ تونۇشىڭىز بولسا ، كۆرۈنۈپ باقسام دىگەن ئىدى ئەپسۇس، مىنىڭ ئۇنداق تونۇشلىرىم يوقتە، شۇنىڭ بىلەن ئىنتىل سەيناسىدىكى دوسلار ئىسىمگە كىلىپ  بۇ ياردەم سوراش ئىلتىماسىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. سەينادىكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۆزۈڭلار ھەقىقى  تىۋىپ دەپ بىلىدىغان،قورسىقىدا ھەقىقەتەن ئومىچى بارتىۋىپلارنىبىلىدىغانلار بولسا ئالاقىلىشىش شەكلى بىلەن تەمىنلىگەن بولساڭلار.(تىخى سەينانىڭ ئۆزىدىنلا چىقىپ قالامدۇ تىۋىپ دىگەن) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   darwix تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-11-17 14:21  

ۋاقتى: 2010-11-17 21:52:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېسەللىك ئەھۋالىدىن بىراز ئۇچۇر بەرگىلى بولارمۇ؟ كېسەل ئالامىتى دېگەندەك.
ۋاقتى: 2010-11-17 22:38:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچىدە دىسڭىز مەن بىرنى بىلەتتىم. قەشقەر تەۋەسىدە 80 خالتا تور بېكىتىنى ئاچقان بىر تىۋىپ بارغۇ؟
ئادىرىسى: www.80halta.com بۇ يەرگە كىرىپ  كۈرۈپ بېقىڭ. بولسا شۇ تىۋىپ بىلەن ئالاقىلشىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-17 22:55:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
svkvt يوللانغان ۋاقتى  2010-11-17 22:38
ئۈرۈمچىدە دىسڭىز مەن بىرنى بىلەتتىم. قەشقەر تەۋەسىدە 80 ...

ئۇرۇمچىدە بولسا تىخى ياخشى، بۇ كىشى ئۇرۇمچىدە بىر قانچە ئاتالمىش تىۋىپقا كۆرۈنۈپ بىقىپتىكەن، نۇرغۇن پۇل خەقلەپ ئالغان دورىلىرى پايدىمۇ قىلماپتۇ زىيان قىلماپتۇ  ھەتتا بەر قانچىسى ۋھي زادى مۇنچە مۇددەت ئۇزمەي ئىچسىڭىز ساقىيىسىز، ئۇتى ، بۇتى دەپ قىلسا شۇلارنىڭ گىپىگە كىرىپ نەچچە ئاي ئۇزمەي يەپ بىقىپتۇ،يەنىلا پايدىمۇ قىلماپتۇ زىيان قىلماپتۇ بۇ نىمە ئىشكى تاڭ،ھازىر ئازراق مىللى تىبابەت توغرىسدا بىر نەرسە بىلىۋالغانلار بىر كىچىدىلا دۇكان ئىچىپ تىۋىپ بولىۋالدىكەن، ئۇنىڭ ئۇستىگە مىللى تىبابەتنىڭ دورىلىرى ئابدىكىرىم ئابلىز ئيىتقاندەك ساپ تەبىئىي ماتريال بولغاچقا،   پايدا قىلمىسا قىلمايدىكى، قەتئىي زىيان قىلمايدىكەن ،مەنمىغۇ ئانچە مۇنچە ئوقۇپ قويىمەن تىبابەت كىتاپلىرىنى، دەماللىققا يىمەكلىكلەرنىڭ قايسى سوغۇق، قايسىسى ئىسسىق، ئۆزۈمگە نىمە سوغۇق كەلدى ، نىمە ئىسسىق كەلدى بىلىپ شۇنىڭغا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ تۇرىمەن.لىكىن داۋالاش ئىلىپ بىرىش باشقا گەپ دەڭا!مىللى تىبابەتتە ئوخشاش كىسەلگە تەركىېۋى ، مىقدارى ئازدۇر كۆپتۇر ئوخشىمىغان دورىلار تەڭشىلىپ بىرىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ چۈنكى بەزىلەرنىڭ ئىسسىقىلىغى ئىشىپ كىتىپ بىر خىل كىسەل بولسا يەنە بەزىلەرنىڭ قۇرۇق ئىسسىقى ئىشىپ كىتىپ شۇ خىل كىسەل بولىدۇ، دىمەك ئۇستا تىۋىپ شۇ كىسەلنىڭ ئومۇمى مىزاجىغا ئاساسەن ماس ھالدا تەڭشەش ئىلىپ بىرىپ، مۇناسىپ داۋالاش ئىلىپ بارىدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-17 22:58:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
svkvt يوللانغان ۋاقتى  2010-11-17 22:38
ئۈرۈمچىدە دىسڭىز مەن بىرنى بىلەتتىم. قەشقەر تەۋەسىدە 80 ...

80 خالتا تورىنىمۇ كۆرسىتىپ باقتىم، ئۇ ئادەم دۇكان ئىگىسىنىڭ ياش بالا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ سەل دېلغۇل بوپ قالدى، مەن بەك بىر نەرسە دەي دىسەم ئۆزۇم قەشقەرلىق بولغان بىلەن 80خالتا توغۇرلۇق ئىشەنىچلىك بىر نەرسە بىلمەيمەن، شۇڭە بەك زورلىيالمىدىم،ئەمدى پايدىمۇ قىلماي زىيان قىلماي قالسا مەندىن رەنىجىپ قالمىسۇن دەپ قالدىم،خوتەنلىك دوسلار گەپ قىلىپ بىقىڭلارچۇ؟
ۋاقتى: 2010-11-18 11:54:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلارنىڭ ئىچىدىمۇ بىلىملىكلەرمۇ جىققۇ؟ .ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا دەپتىكەن
ۋاقتى: 2010-11-18 13:13:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
darwix يوللانغان ۋاقتى  2010-11-17 22:58
80 خالتا تورىنىمۇ كۆرسىتىپ باقتىم، ئۇ
ئۇ ئادەم دۇكان ئىگىسىنىڭ ياش بالا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ سەل دېلغۇل بوپ قالدى،  ...


سىزگە تېۋىپ لازىممۇ ياكى قېرى بوۋايمۇ؟ قېرى بوۋاي لازىم بولسا قەشقەر خوتەن تەرەپلەردىن 100 ياش ئۈستىدىكى ئادەملەرنى تاپقىلى بولىدۇ!
تېۋىپ لازىم بولسا 80خالتىنىڭ ئېگىسىمۇ يامان ئەمەس(بۇ مىنىڭ پەرىزىم) ئەگەر شارائىت ياربەرسە بىزنىڭ يىزىدا بىر تېۋەپ بار، ئۇنى كۆرسىڭىز تىخمۇ ھەيران قالىسىز، چۈنكى ئۇنىڭ بىر قولى چولاق، لىكىن تىببى ھۈنىرى يامان ئەمەس، ئىشنى قىلىپ مىنى بىرقىتىم داۋالاپ ساقايتىۋەتكەن، سىز ئاۋال دوستىڭىزنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بىرىڭ، تېۋىپ دىگەن چىقىدۇ، لىكىن ئۈرۈمچىنىڭ تېۋىپللىرىغا ئىشەنمەڭ،  2007-يىلى قىشنىڭ مەلۇم بىركۈنى، مەن يەنئەن يولى مەسچىتنىڭ ئالدىدا بىر تېۋىپنىڭ يايما يىيىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ بىر دورىلىق چاي سوقتۇرۋېلىش خىيالىغا كەلدىم، بىرىشىمغىلا تومۇرۇمنى تۇتۇپ سۆزلەشتىن بۇرۇن، نەچچە ياش، نىم كەسىپ قىلدىغانلىقىمنى، قايسى يۇرىتلىق ئىكەنلىكىمنى، ئۈرۈمچىگە كەلگىلى نەچچە يىل بولغانلىقىمنى سورىدى، مەن تەپسىلى سۆزلەپ بەرگەندىن كىيىن ئۇ ئادەممۇ ماڭا كىسەللىرىمنى تەپسىلى دەپ بەردى، دورا قىلىپ بىرەيمۇ دىگىندە: مەن ، ياق، ماڭا چاي سوقۇپ بەرسىلە، نەچچە كۈن ئىچسەملا ياخشى بوپ كىتىمەن دىدىم، ئۇئادەم ماڭا دوراچاي تەييارلاشقا كىرىشىپ كەتتى، ئاخىردا مەن ئۇ ئادەمگە: ‹چۈچۈكبۇيا قوشۇشنى ئۇنتۇپ قالدىلا.....› دەپ قويدۇم، ئۇئادەم تۇرۇپلا بىر قالدى دە ئۇنىڭدىنمۇ ئازراق قوشتى، ئاخىردا تەييار بوپ بولغاندا باھاسىنى سورىدۇم، 50 كوي باھا قويدى،،مەن ئۇنىڭغا ‹چايغا 50 كوي باھا قويغان يەردە دورا تەييارلىغان بولسلا نەچچە باھا قوياتتىلە؟ مەن 5كويدىن جىق پۇل بىرەلمەيمەن!› دىسەم چۆچۆپ كەتتى، ھەمدە نۇرغۇن چۈشەندۈرۈشلەرنى بىرىپ 40كوي،30كوي،20كوي، 15كوي،10كوي............. دەپ ئۆزى باھاتالىشىپ ئاخرى يەنە 5كويغا سىىتپ بەردى............... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ibrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-11-18 13:27  

ۋاقتى: 2010-11-18 15:05:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيىلىق بىر تېۋىپنى بىلىمەن. ئۆزى كاتتا ئۆلىما ئەبەيدۇللا داموللامدىن دىنى ھەم تىببى ئىلىمنى 5~6 يىل ئۆگەنگەن. ئەلۋەتتە ياش يىگىت. تومۇر تۇتۇپ دىئاگنوز قويۇشقا ئۇستا. بېرىپ ئەلنەزەر شاپاخانىسىغا كىرسە بولىدۇ. ئىسمى ئابدۇقەييۇم قارىم، شۇ يۇرتنىڭ خاتىبى. تېلېفون نومۇرىنى رەسمى بارىدىغان بولغاندا دەپ بېرەي (كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى بولغاچقا دەماللىققا ئاشكارىلىيالمايمەن، ئۆزىدىن بىر سورىۋىتەي)
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-18 21:01:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ibrat يوللانغان ۋاقتى  2010-11-18 13:13
سىزگە تېۋىپ لازىممۇ ياكى قېرى بوۋايمۇ؟ قېرى بوۋاي لاز ...


ماڭا ياشمۇ، قىرىمۇ لازىم ئەمەس، مەن بىلەن بىر يەردىكى بىرەيلەنگە تىۋىپ لازىم ئىكەن، خالىس نىيەت بىلەن ئۇ كىشىگە ياردەم قىلىپ قوياي دىگەن نىيەتتە بۇ ياردەم تىمىسىنى يوللىدىم ، ئۇ بىمار ھازىرلىققا ئۆزى بىرىپ كۆرۈنەلمەيدۇ،كىسەللىك ئەھۋالى سەل ئالاھىدرەك بولغاچقا بۇ يەردە ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ، ئۇ كىشى تىۋىپ بىلەن تېلفۇندا ياكى مۇڭداشقۇدا ئالاقىلىشىپ، كىسەللىك ئەھۋالىنى دەپ پۇلنى بۇ ياقتىن سىلىپ بىرىپ بىرەر باسقۇچلۇق دورا سىتىۋىلىپ ئىچىپ كۆرۈپ بىقىپ، سەل پەل پايدىسى بولسا ئاندىن پۇرسەت چىقىرىپ كۆرۈنمەكچى،قەشقەر بىلەن سانجىنىڭ ئارىلىقىنى دىمىسەممۇ بىلىسىلەر ھەقىچان،شۇڭا  ئالاقىلىشىشقا قولاي بولسۇن ئۇچۇن ئۇ كىشىنىڭ مۇڭداشقۇ(qq) نى قالدۇراي. 1456228442 پولات دەپ چىقىدۇ، ۋە ياكى مىنىڭ qq نومۇرۇم بىلەن ئالاقىلەشسەڭلارمۇ بولىدۇ.مىنىڭ 97578488 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   darwix تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-11-18 21:02  

ۋاقتى: 2010-11-19 19:24:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دورا دىگەننى توردىن ئەكەلدۈرۈپ يىمەي ئەڭ ياخشىسى تىۋىپقا تۇمۇر تۇتقۇزۇپ ئاندىن دورا يىيىش كېرەك. توردا ياكى تېلغۇندا كىسەللىك ئەھۋالىنى ئاڭلاش بىلەنلا دورا يېزىپ بېرىش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس. بۇمۇ تەجرىبىسى بار تىۋىپنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس.
ۋاقتى: 2010-11-20 00:10:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ شۇ .كېسەل كۆرسىتىش باشقا ئىشقا ئوخشىمايدۇ .كەينىگە سۆرەشكە بولمايدۇ .يەنىلا ئۆزى بېرىپ تومۇر تۇتقۇزۇپ كۆرۈنگىنى  ئەۋزەل . يەنە بىر چۇشەنمىگەن جايىم ( ئويغۇر تىبابىتىگە ئىشەنمىگىنىم ئەمەس ھە ) تۇرۇشلۇق جايى  سانجىدا بولسا ،ئۇرۇمچىدە دوختۇرخانا دىگەن كۆپقۇ ؟ نىمىشقا چوڭراق دوختۇرخانىغا بېرىپ دىئاگنوز قويدۇرۇپ باقمايدۇ ؟
ۋاقتى: 2010-11-21 16:06:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنى دىگەندە تېۋىپ دىگەن بىزنىڭ مۇشۇ خوتەندە كۆپ، كۆپلا ئەمەس ھەقىقى قۇرسىقىدا ئۇمىچى بار تېۋىپلارمۇ ئاز ئەمەس، ئەگەر ئۇ تۇنۇشىڭىز مۇشۇ خوتەندە بولغان بولسا ئىشلىرى ناھايىتى ئاسان بۇلاتتى. مەشھۇر ئۇيغۇر تىبابەت ئۇستازى رۇزىۋاقى ھاجىمنى تۇنۇيدىغانسىز؟ ئۇمۇ مۇشۇ بىزنىڭ يۇرتتىن خوتەن قاراقاشتىن، مەخسۇس كىسەل كۆرىدىغان جاي ئاچتى. ئۇنىڭدىن باشقا مىللى تىبابەت دوختۇرخانىلىرىمۇ ئاز ئەمەس.
ۋاقتى: 2010-11-21 17:39:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچىدە3-كۆۋرۈكتە ئەخمەتجان ئىسمايىل دەيدىغان بىر زات بار،ئۇ ئادەمگە بىر كۈرۈنۈپ بېقىڭ.
ۋاقتى: 2010-11-23 20:17:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتلەر بازىرىدىن ئۆتۈپ كۈۋرۈككە كەلگەندە يولنىڭ ئوڭ قانىتىدا ئەخمەتجان ئىسمايىل دەپ ۋىۋىسكىسى بار.20نەچچە كىتاب چىقارغان تىۋىپ ئىكەن كۈرۈپ بېقىڭ.ئەتىگەن بارمىسىڭىز نۇمۇر تۈگەيدىكەن.ئالدىنقى قېتم ئاكامنىڭ يۈرۈك كېسىلىنى كۆرسەتكىلى بارغاندا 3 كۈن ساقلاپ،ئاران كۈرۈنگەن.دوستىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2010-11-23 21:37:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ. ئۇرۈمچىدىكى تىۋىپنىڭ ئادرىسى بىلەن تېلفۇن نۇمۇرىنى دەپ بېرىمەن. 772581880 مۇشۇ چچ نى قۇشۇۋېلىڭ. ئۇ تېىۋىپمۇ خوتەنلىك تىۋىپ خلى نامى بار ئىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 08:39 , Processed in 0.204938 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat