ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 399|ئىنكاس: 1

JAVA ئۆگەنگۈچىلەرگە تەۋسىيە كىتاب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بۇ تېمىنى JAVA ئۆگەنمەكچى بولغان ۋە يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان تورداشلارغا پايدىسى بولار دېگەن مەقسەتتە يازدىم. ئانچە-مۇنچە تور دۇنياسىدىن خەۋىرى بار، پىروگرامما تىلىنى جىجىپ باققانلارغا ئايان بولغىنىدەك بۇ ھەقتە ئۇيغۇرچە كىتابلار يوقنىڭ ئورنىدا. ئۆزۈم بىلىدىغاندىن ئىلگىرى JAVA ئۆگەنگەن چاغدا پايدىلانغان، ھازىرمۇ تەكرار قىلغاندا پايدىلىنىدىغان، چۈشىنىشلىك، تەپسىلىي يېزىلغان ئىدرىس ئىسرائىل ئاپتورلۇقىدىكى " JAVA پىروگرامما تىلىدىن ئاساس" دېگەن كىتابنى تەۋسىيە قىلىپ كەلدىم.
بۇ كىتاب نەشردىن چىققىلى خېلى بولغان بولسىمۇ لېكىن بىلمەيدىغانلار خېلى بار ئىكەن، ئىزدەپ يۈرگەنلەرگە ئەس قېتىپ قالار. بۇ كىتابنى پىششىق ئۆگىنىۋالسىڭىز باشقا پىروگرامما تىللىرىنى ئۆگىنىشىڭىزگىمۇ ( C++/C#/VB.NETۋە باشقا تىللار) زور پايدىسى تېگىدۇ.
كىتاب ھەققىدە چۈشەنچە:
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدىكىJAVA  پىروگرامما تىلىغا ئائىت تۇنجى كىتاب. كىتابتىكى ئاتالغۇ ۋە پروگرامما قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش ئاپتورنىڭ تەجرىبىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تولۇق ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ياخشى تاللىشى ۋە ياردەمچىسى بولالايدۇ.
كىتاب ئۇچۇرلىرى:

(كىتاب ئۇچۇرلىرى كىتابخانا تورىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى)
كىتابتىن بىر قانچە پارچە رەسىم:






(كىتاب رەسىملىرى كىتابخانا تورىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى)
كىتابنىڭ ئەسلىي باھاسى 45 يۈەن (قىرىق بەش يۈەن)، كىتابخانىلاردا شۇ بويىچە ساتىدۇ، تۆۋەندىكى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئۇسۇللاردا بۇنىڭدىن ئەرزان باھادا سېتىۋالالايسىز.
كىتابنى ئۆزىڭىزگە ئەڭ قولايلىق ئۇسۇلدا سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. سېتىۋېلىش ئۇسۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى:
1. ھەر قايسى جايلاردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرى ۋە باشقا شەخسىيلەر ئاچقان كىتابخانىلار. ئارتۇقچىلىقى، ئۆزىڭىز بېرىپ ئاسانلا تاپىسىز، توردىن سېتىۋالغاندىكى يەتكۈزۈش ھەققى تېجىلىپ قالىدۇ.
2. كىتابخانا تورىدىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئادرېسى: http://www.kitabhana.com/goods.php?id=10359
ئارتۇقچىلىقى، ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز زاكاز قىلىپ بولۇپ، كىتابخانا تورىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزىڭىزگە قولاي ئۇسۇلدا تاپشۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ. باشقا جايدىكىلەر تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزغا ئاساسەن يەتكۈزۈش ھەققىنى تۆلەپ تاپشۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇ تور بەتتىكى سېتىلىش باھاسى كىتابخانىلاردىكىدىن ئەرزانراق بولۇپ 40.5 يۈەن. يەتكۈزۈش ھەققى سىز تۇرۇشلۇق ئورۇنغا ئاساسەن ئوخشىمايدۇ.
3. مەندىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەمىنلەپ (ئىسمىڭىز، تەپسىلىي ئادرېسىڭىز، ئالاقە ئۇسۇلىڭىز) بەرگەندىن كېيىن كىتابنى سېلىپ بېرىمەن. باھاسى 40 يۈەن، يەتكۈزۈش ھەققىنى ئۆزىڭىز تۆلەيسىز. ئالىپاي، ئۈندىدار، ئۈندىدار قىزىل بولىقى ۋە بانكا كارتىسى قاتارلىقلاردىن ئۆزىڭىزگە قولاي بولغىنىدا پۇل تۆلىسىڭىز بولىدۇ.
مەندىن سېتىۋالغانلارغا بېرىلىدىغان سوۋغات: بىلىگ تورىدا ھەقسىز تارقىتىلغان، ئۇيغۇرچە سۆزلەنگەن JAVA" ئاساسىي بىلىملىرى" سىن دەرسى ۋە ئەسلىي كودىنى يوللاپ بېرىمەن.
ناۋادا خالىسىڭىز ئاپتورنىڭ ئىمزاسىنى قويغۇزۇپ ئەۋەتىپ بېرىمەن.

ئالاقە: چ چ ۋە ئۈندىدار 1692242149 (كىتاب سېتىۋېلىشتىن باشقا ئىشقا ئاۋارە قىلىدىغانلار قوشماڭ)
چ چ ۋە ئۈندىدار ئىشلەتمەيدىغانلار ياكى رايون چەكلىمىسى تۈپەيلى ئىشلىتىشكە ئامالسىزلار مۇنبەر ئۇچۇرى ئارقىلىق سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ماتېرىيال ياخشى بولسىمۇ ئۆگىنىش ئۆزىمىزگە باغلىق، ئۆگىنىۋاتقان ۋە ئۆگەنمەكچى بولغانلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-3 23:19:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ بىر پارچە رەسىم چۈشۈپ قاپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-9-6 11:38 , Processed in 0.127014 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat