ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 373|ئىنكاس: 0

كومپيۇتېرنى ئاسراش ۋە ئەلالاشتۇرۇش دەرىسلىكى بىرىنجى بۈلۈم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كومپيۇتېر مەشخۇلات قىلىشتىن ئايرىلالمايمىز ، كومپيۇتېر بەزىدە ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلسا بەزىدە بىزنى ئوڭدا قۇيۇپ ئىشىمىزنى ئاقسىتىدۇ. ئەمىلىيەتتە كومپيۇتېرمۇ خۇددىي ماشىنا،موتو غا ئوخشاش ئاسراشقا، پات-پات تازىلاپ تۇرۇشقا موھتاج، چۈنكى ئەخلەت يۇمشاق دېتاللار چىۋىندىنمۇ كۆپ بۈگۈنكى كۈندە سۈيۈملۈك كومپيۇتېرىمىز ناھايىتى ئاسانلا ئەخلەتلەر بىلەن تۇشۇپ كېتىدۇ، كومپيۇتېرنى ئوڭشىتاي دىسەك رىمۇتخانىلار تۈگمىدەك ئىشنى تۆگىدەك قىلىپ بىرمۇنچە پۇلغا ئوڭدا قۇيىدۇ، ئىشقىلىپ كومپيۇتېر ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلىش ئۈچۈن ئىجاد بولغان تۇرۇقلۇق بەزىدە ئىشلىرىمىزنى ئاقسىتىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالماقتا.
كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇپ كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىۋاتقىلى شۇنچە كۆپ ۋاقىت بوپتۇ، دائىم تۇققانلىرىمنىڭ دوستلىرىمنىڭ كومپيۇتېرىنى ئوڭشاپ يۈرۈپ ئانچە مۇنچە تەجىربىلەرنىمۇ يەكۈللەپ قالدىم، تۆۋەندە مۇشۇ تەجىربىلىرىمدىن بىر بولغان كومپيۇتېرنى «كومپيۇتېر غوجىدارى» ئارقىلىق كۈندىلىك ئاسراش ۋە ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدا بىرقانچە قىسىملىق دەرىسلىك سۆزلەشنى لايىق كۆردۇم، ئوقۇغۇنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
بىرىنجى بۈلۈمدە يۇمشاق دېتالنى چۈشەندۈرۈپ چىقىمەن؛
ئىككىنجى بۈلۈمدىن باشلاپ يۇمشاق دېتالنىڭ ھەر بىر ئىقتىدارىنى تەپسىلى مىساللار بىلەن چۈشەندۈرىمەن؛
بىرىنجى بۈلۈم، تېڭشۈن كومپيۇتېر غوجىدارى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە
يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش ئادرىسى(توردىن ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئەڭ يېڭى يېشىل نۇسقىسىنى تەمىنلەپ قويدۇم) :
http://www.bodekjan.net/tech/qqpcmgr/
يۇمشاق دېتال ئىزاھاتى:
تېڭشۈن كومپىيوتېر غوجىدارى ( ئەسلى ئىسمى QQ كومپيۇتېر غوجىدارى) بولسا تېڭشۈن شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان ھەقسىز كومپيۇتېر ئەلالاشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك قوغداش يۇمشاق دىتالى . بۇلۇت تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ۋىروس ئۆلتۈرۈش ، سىستېما تېزلىتىش ، كومپيۇتېر سېستىما يوچۇقلىرىنى ئىتىش، كومپيۇتېر ئاسراش ، تور سۈرئىتىنى قوغداش ، كومپيۇتېر ئوڭشاش ، ساغلاملىق ياردەمچىسى قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە . تۇنجى بولۇپ « كومپيۇتېر خوجىدارلىقى ۋە ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش » تەك قوش يۆلىنىشلىك ئىقتىدار مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن مەھسۇلات.
ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:
«بۈركۈت كۈزى» ۋىروسقا قارشى ماتۇرى : ئىككىنجى ئەۋلات ۋىروسقا تاقابىل تۇرۇش ماتورى سەپلەنگەن ، سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ئۆگىنىش ئىقتىدارى بار، يۈرۈش تۇرىشى غەيرى بولغان پروگراممىلارنىڭ ئىزىغا ئاپتۇماتىك چۈشۈپ ۋىروسلۇق خۇسۇسىيىتى بايقالغان ھامان ئۈچۈرۈپ تاشلايدۇ.
QQقوغداش ئىقتىدارى: QQرىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئوغۇرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، QQ دا پاراڭلىشىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن ھۆججەت قاتارلىقلارنى ئاپتۇماتىك نازارەت قىلىپ سىزنىڭ ئۇقۇشماي قارشى تەرەپ ئەۋەتكەن ۋىروس ھۆججىتىنى ئېچىپ سېلىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
«كومپيۇتېر شىپاخانىسى» : بۇ ئىقتىدار كۈندىلىك كومپيۇتېر مەشخۇلاتىڭىزدىكى كاشىلىلارنى ئاپتۇماتىك ھەل قىلىپ بېرىدۇ، سىز «كومپيۇتېر ئۇستىلىرى» غا يالۋۇرۇپ رىمۇت قىلىپ بېرىشنى ئۆتۈنمىسىڭىزمۇ ، بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزىڭىز چىقالايدىغان كومپيۇتېر ئۇستىسىغا ئايلىنىسىز.
ئېلان سۈزۈش ئىقتىدارى: كۈندىلىك كومپيۇتېر مەشخۇلاتىمىزدا ھەرخىل ئېلانلار ئىچىمىزنى ناھايىتى پۇشۇرىۋېتىدۇ، ھەتتا بەزى بومۇغۇر ئېلانلار ئادەمنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئوسال قىلىدۇ، بۇ ئېلان سۈزۈش ئىقتىدارى ئارقىلىق كومپيۇتېرىڭىز ئېلاندىن خالىي سۈزۈك ئىشلەيدۇ.
كومپيۇتېرنىڭ ئېچىلىشىنى تېزلىتىش: بەزىلەرنىڭ كومپيۇتېرى 10 سېكونتتا ئېچىلىپ بولىدۇ، سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىز نىمىشقا ئىككى ئۈچ مىنۇتتا ئاران ئېچىلىدۇ؟ چۈنكى سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدا ئەخلەت پروگراممىلار بەك كۆپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى كومپيۇتېر قوزغىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئېچىلىۋالىدۇ شۇڭا سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سۈرئىتى بارغانسىرى ئاستىلاپ كېتىدۇ، بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
يۇمشاق دېتال باشقۇرۇش: سىز كومپيۇتېرغا يېڭى يۇمشاق دېتال قاچىلىماقچى بولسىڭىز ئۇ تور بېكەتتىن ،بۇ توربېكەتتى ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپ كېتەمسىز؟ ئاران چۈشۈرگىنىڭىز سىز چۈشۈرمەكچى بولغان ئەمەس بەلكى بىر ئەخلەت پروگرامما بولۇپ چىقامدۇ؟ ئۇنداقتا يۇمشاق دېتاللارنى غوجىدارغا چۈشۈرگۈزۈڭ ، باش ئاغرىقلىرىدىن خالىي بولىسىز.
ھەقسىز: مەزكۇر غوجىدار يۇمشاق دېتالى پۈتۈللەي ھەقسىز.
يۇمشاق دېتالدىن رەسىملەر:
捕获.PNG 捕获2.PNG 捕获3.PNG
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-9-6 05:42 , Processed in 0.100910 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat