ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 632|ئىنكاس: 5

ئۈندىدار قىزىل بولاقلىرى ۋە قىزىل بولاق ياردەمچىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hawaskar27 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-16 11:02  

ئۈندىدار توغرىسىدا كۆپ توختۇلۇپ ئولتۇرمىساممۇ ھەممىمىزگە مەلۇم.
ئۈندىدار قىزىل بولاقلىرىغا كەلسەك يېقىندىن بېرى ئۈندىدار توپلىرىدا ، دوس يارەنلەر ئارىسىدا ناھايىتى قىزىپ كەتكەن بىرخىل شەيئى دۇر. ماڭا قىزىل بولاق ئېتىپ بېرىڭ، مەن قىزىل بولاق ئاتاي دىگەندەك پاراڭلار بىزنىڭ كۈندىلىك ئۈندىدار تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ قىززىق نوقتا پاراڭلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، بىررەر توپتا بىر قانچە كۈنگىچە ھىچكىم گەپ قىلمىغان بولسىمۇ، بىرەرسى قىزىل بولاق ئاتقان ھامان ھەممەيلەن خۇددىي ئادەمخور بېلىقتەك ئاچكۆزلەچە قىزىل بولاق تالىشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.
قىزىل بولاق ئويناشنى كىرىم-چىقىم نوقتىسىدىن ئىككى چوڭ تۈرگە بۈلۈشكە بولىدۇ:
قىزىل بولاق ئېتىش، بۇ دىگىنىمىز ئۈندىدارىڭىزدىكى ياكى ئۈندىدارغا باغلانغان بانكا كارتىڭىزدىكى پۇلنى تەڭ نىسپەتتە بۈلۈپ ياكى خالىغان نىسپەتتە بۈلۈنىدىغان قىلىپ بىر ئادەمگە ياكى توپتىكى كۆپ ئادەمگە يوللاپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز يوللىغىنى تەڭ نىسپەتلىك قىزىل بولاق بولسا تالىشىپ ئالالىغانلارنىڭ ھەر بىرىگە تەقسىم بولغان بولاق مۇقىم بولىدۇ، ئەگەر يوللىغىنىڭىز خالىغان نىسپەتتىكى قىزىل بولاق بولسا تالىشىپ ئالغانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ قانچىلىك ئالالىشى پۈتۈنلەي ئۈندىدار مۇلازىمىرى تەرىپىدىن خالىغانچە بېكىتىلىدۇ بۇنىڭغا ھىچكىم دەخلى قىلالمايدۇ.
قىزىل بولاق تالىشىش، ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرۇپتۇ كەلگەن قىزىل بولاقنى تالىشىشنى كۆرسىتىدۇ، ئەگەر قىزىل بولاق سانى ئاز ئادەم كۆپ بولسا كىم ئاۋال ئاچسا شۇ ئالىدۇ، كىچىكىپ قالغانلار ئالالمايدۇ.
ئۈندىدار قىزىل بولاقلىرىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر:
بىز ئۆيدىكىلەر بىلەن بىرگە بولغاندا ياكى دوستلىرىمىز بىلەن تاماق يەۋاتقاندا مەلۇم توپتىكى بىرەرىنىڭ قىزىل بولاق ئېتىشى بىلەن بىز پۈتۈنلەي ئۈندىدار تەرىپىدىن بەند قىلىنىپ رىئاللىقتىكى يېنىمىزدىكى كىشىلەرگە سوغوق مۇئامىلە قىلىدىغان ، ئۇلارغا پىسەنت قىلمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. ئەشۇ كەلگەن قىزىل بولاقلارنىڭ سوممىسى كۆپ بولمايدىغانلىقىنى كۆڭلىمىز تۇيۇپ تۇرسىمۇ، لىكىن قىزىل بولاقنى ئاشقان چاغدىكى ئاشۇ تۇيغۇ ھەمدە ئاسماندىن بېكارغا چۈشكەندەكلا ئېرىشىدىغان پۇلغا (گەرچە ناھايىتى ئاز بولسىمۇ) بولغان تەشنالىقىمىز بىزنى دوستلىرىمىزدىن ، ئائىلىدىكىلىمىزدىن يىراقلاشتۇرماقتا.
قىزىل بولاقنى ئاپتۇماتىك تالىشىش ؟
توغرا، نەيزە بولسا قالقان دىگەندەك، كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ھەمدە پروگراممىرلار ئۈزلىكسىز ئىزدىنىپ يۈرۈپ ئاخىرى كەچكىچە يانغۇنغا تىكىلىپ قاراپ قىزىل بولاقنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ ،كەلگەندە قىزىل بولاقنى ئېچىپ پۇلنى ئالىدىغان جەرياننى پروگرامما يىزىش ئارقىلىق ئاپتۇماتىك ئېلىپ بېرىلىدىغان قىلىۋەتتى! يەنى يانغۇننى قۇيۇپ قۇيۇپ سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى قىلىۋەرسىڭىز، قىزىل بولاق كەلگەندە پروگرامما ئاپتۇماتىك ئېچىپ پۇلنى ئېلىپ سىزنىڭ ئۈندىدارىڭىزغا ساقلاپ بېرىدۇ. قانداق قالتىسمىكەن؟ توغرا قالتىس، لىكىن پروگراممىرلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ياخشىسى ۋە يامىنى بولىدۇ، يېقىندىن بۇيانقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بەزى يامان نىيەتلىك پروگراممىرلارنىڭ ئەشۇ پروگراممىلىرى سىزگە قىزىل بولاقنى تالىشىپ بېرىش بىلەن بىرگە سىزنىڭ ئۈندىدارىڭىزدىكى شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئوغۇرلايدىغان ، ئۈندىدارىڭىزدىكى پۇلنى يۆتكەپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.
كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا ئوتتەك ئىشتىياقىم بولغانلىقى ھەمدە دوستلىرىمنىڭ دەۋىتى تۈرۈتكۈسىدە بىر ئايدىن كۆپتەك ئىزدىنىش ئارقىلىق تۇنجى ئۇيغۇرچە قىزىل بولاق ياردەمچىسىنى تۈزۈپ چىقتىم، بۇ پىروگرامما ئاندىرويىد مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ ، مەشخۇلاتى پۈتۈللەي ئۇيغۇرچە، سۈرئىتى تېز،ئۈزەمنىڭ ۋە دوستلىرىمنىڭ ئىشلىتىشىگە ئاساسلانغاندا قىزىل بولاق ئاپتۇماتىك تالىشىش ئۈنىمى ناھىيىتى يۇقىرى، بىز ئاخىرى كەچكىچە يانغۇنغا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرمايمۇ قىزىل بولاق تالىشالايدىغان بولدۇق، شۇڭا كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھىرلىنىشنى توغرا تاپتىم.
index.jpg karawul.jpg owqi.jpg newpayment.jpg
ئەسكەرتىش: پروگراممىنى تۈزۈشكە نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ ئاجراتتىم، شۇڭا ئۆزۈمگە ئازدۇر كۆپتۇر ئىلھام بولۇپ قالسۇن دەپ بۇ ئەپكە 3يۈئەن باھا قويدۇم، ئەگەر لايىق كۆرسىڭىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەپنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن دەلىللەش كودى كىرگۈزىدىغان بەتكە كېرىدۇ، AsQar27  ئۈندىدارنى قاچىلاپ 3 يۈئەن ئەۋەتسىڭىز سىزگە دەلىللەش كودىنى بېرىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://115.159.106.163/kizilbolak.apk
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
http://wmoneystatic.azurewebsites.net/howto.html
سۇئاللار:
ھەر قېتىم ماڭا قىزىل بولاقنىڭ ئەڭ كۆپىنى ئېلىپ بېرالامدۇ؟
ياق، قىزىل بولاقنىڭ سوممىسى پۈتۈلنەي ئۈندىدار باش مۇلازىمىرى تەرىپىدىن ئاپتۇماتىك بەلگىلىنىدۇ ، بۇنى ھىچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
قىزىل بولاق ياردەمچىسىنى 24 سائەت ئۇدا ئېچىپ قويغىلى بولامدۇ؟
ناتايىن ،چۈنكى ئادرويىد سېستىمىس ھەر 10 ياكى 20 مىنۇتلاردا بىر قېتىم سېستىما ئىچىكى قىسمىدىكى پروگراممىلارنى ئۈچۈرىۋېتىدۇ ( توك تېجەش ئۈچۈن)، شۇڭا ھەر قىتىم ياردەمچىنى قوزغاتقان ۋاقتىڭىزدا 10 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە ئۇچۇق تۇرىدۇ ، ئاندىن كىيىن يەنە ئېچىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
ۋاقتى: 2016-4-8 20:40:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەپ قىزىل بولاقنى ئاپتۇماتىك ھىساپقا كىرگۈزەمدۇ ياكى قىزىل بولاق بارلىقىنى ئەسكەرتىپ بىرەمدۇ؟ مۇشۇ توغرىسىدا بىر چۈشەنچە بىرىۋەتمەمسىز؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-9 02:01:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bostan305 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-8 20:40
بۇ ئەپ قىزىل بولاقنى ئاپتۇماتىك ھىساپقا كىرگۈزەمدۇ يا ...

قىزىل بولاقنى ئاپتۇماتىك يىغىپ بېرىدۇ
ۋاقتى: 2016-4-10 15:02:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشىلتىش ھەققى ئەرزان ئىكەن.
ۋاقتى: 2016-4-11 15:39:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاقە ئادىرسىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيىڭە، مەنبەدىن چۈشمىدى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-11 17:37:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://share.weiyun.com/1fa8254ea2d21d2b04d6e6af1dfdf9bd
ئەگەر بۇنىڭدىمۇ چۈشمىسە تۆۋەندىكى ئۈندىدار نۇمۇرىنى قۇشۇپ چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ:
AsQar27
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-9-5 18:22 , Processed in 0.134743 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat