ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 573|ئىنكاس: 0

ئۈندىداردا ھۆججەت چۈشۈرۈش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MSM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-30 00:01  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئەسلى بۇنچىلىك ئاسان ئىشلارنى تېما قىلىپ يوللاپ يۈرمىسەممۇ بولاتتى. لېكىن بىلمەيدىغانلار يەنىلا بار ئىكەن. شۇ بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسۇن دەپ يوللىدىم، بىلىدىغانلار ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسەڭلار بولىدۇ.
ئادەتتە بەزىدە ئۈندىداردا تور بەت ئاچقاندا چۈشۈرىدىغان ھۆججەت ئۇچراپ قالىدۇ، ياكى سالونلارغا يوللىغان ھۆججەتلەرنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئەۋەتكەندە ئۈندىداردا چەكسەك چۈشۈرگىلى بولمايدۇ. ئۈندىدارنىڭ ئۆزىدىكى تور كۆرگۈچتە زىيارەت قىلىشقا بولغان بىلەن ھۆججەت چۈشۈرۈشكە چەكلىمە قويغاچقا، ئۈندىداردىن ھۆججەت چۈشۈرىدىغان ئىشتا يانفونىمىزدىكى تور كۆرگۈچتىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
مەن مىسال ئۈچۈن android سىستېمىلىق يانفوندا ئۈندىدارنىڭ ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرى (6.3.15) نى، ۋە uc تور كۆرگۈچ android نەشرىنى سىنىدىم.
ئاۋۋال ئۇلانمىنى ئاچىمىز (تور بەت ياكى سالوندىن ئەۋەتكەن ئۇلانما ئادرېس).


ئاندىن ئۈندىدار ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۈرجەكتىكى تىزىملىكنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن ئۇلانما كۆچۈرۈش (复制链接) بېسىپ بەت ئۇلانمىسىنى كۆچۈرۈپ تور كۆرگۈچكە چاپلايمىز ياكى تور كۆرگۈچتە ئېچىش (使用浏览器打开) دېگەننى تاللاپ، بىۋاسىتە تور كۆرگۈچتە ئاچىمىز. (رەسىمدىكى رامكىغا ئېلىنغان ئىككى شۇ)

مەن تور كۆرگۈچتە ئېچىشنى (使用浏览器打开) مىسال قىلدىم.
تور كۆرگۈچتە ئېچىشنى تاللاپ، ئۆزىمىزدە بار بولغان، دائىم ئىشلىتىدىغان تور كۆرگۈچتىن بىرەرنى تاللاپ ئادرېسنى ئاچىمىز.

ئاندىن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چەكسەك ياكى كۆچۈرگەن ئۇلانما ئادرېس بولسا ئادرس رامكىسىغا كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرسەك تامام.

چۈشۈرىدىغان ئورۇننى تاللاش ۋە جەزملەشتۈرۈپ چۈشۈرۈشنى دېمىسەممۇ بولار.
ئەسكەرتىش: تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ مەشغۇلات قىلىڭ. چالا ئوقۇپلا ياكى ئوقۇمايلا مەشغۇلات قىلىپ يولۇققان مەسىلىگە مەزكۇر تور بەت ۋە مەن ئىگە ئەمەس.
مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-9-5 23:35 , Processed in 0.115649 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat