ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنتىل سەيناسى مەن كەلدىم!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنتىل سەيناسىدىكى كونا يېڭى دوسلار!
سەيناغا تىما يوللىمىغىلى ئۇزۇن بولدى ، ئەمما سەيناغا دىقەت قىلىپ تۇردۇم.
ئويلاپ باقسام تور دۇنياسىدىكى تۇنجى قەدىمىمنى ئىنتىلدىن بىسىپتىمەن، ئىنتىل ئۇستازنىڭ كىچىك بالىغا ئۆگەتكەندەك ئىرىنمەي چۈشەندۈرۈشلىرى بىلەن خېلى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئىنتىل تورىدىن دۇككانمۇ ئايرىپ، قىياس ئەپەندىم تەمىنلىگەن بوشلۇقتا ئۆز ئالدىمغا كەسپىي تور بىكەتمۇ ئاچقان بولدۇم. كىيىن بوشلۇق يۆتكەپ ئېچىپمۇ باقتىم، ماڭدۇرۇپ بولالماي تاقاپ قويدۇم. مانا ھازىرغىچە خېلى يىللار بولۇپ قالدى. سەينادىن بىلىم ئېلىپ قانات-قۇيرۇقلىرىم يىتىلىپ سەينادىن ئايرىلىپ ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بىسىپ ئۇيغۇر تور دۇنياسىنى ئايلىنىپ چىقتىم. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما دىگەندەك كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى سەيناغا تارتىپ يەنە قايتىپ كىلىشنى قارار قىلدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىنتىل سەيناسى مەن قايتىپ كەلدىم! |