ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 370|ئىنكاس: 0

[مۇسبەت خەۋىرى]يازغۇچى مويدىن سايىت ۋاپات بولدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
     يازغۇچى مويدىن سايىت ۋاپات بولدى

    پىشقەدەم يازغۇچى، ژۇرنالىست، فولكلورشۇناس مويدىن سايىت ئەپەندىنىڭ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كېچە سائەت 12 لەر ئەتىراپىدا كورلا شەھىرىدە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 81 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز. مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن، ئۇرۇق -تۇققانلىرىدىن سەمىمى ھال سورايمىز. مەرھۇم مويدىن سايىت ئەپەندىنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى، بايىنغولىن شۇنداقلا ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مەرھۇم بىزگە تەقدىم قىلغان قىممەتلىك مەنىۋىي ئەمگەكلىرى بىلەن قەلبىمىزدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ.
    مويدىن سايىت 1935-يىلى 5-ئايدا كورلا شەھىرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1952-يىلى قاراشەھەر پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ كورلىدا ئوقۇتقۇچىلىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستلىق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا ئىشلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «بوستان» (ھازىرقى «كروران») ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەپ، 1995-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان.
مەرھۇم مويدىن سايىت، 1959-يىلى «شىنجاڭ ياشلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «سەيلە قىلىلى ئايغا» ناملىق شىئېرى بىلەن ئۆز ئىجادىيىتىنى باشلىغان. ئۇنىڭ قىرىق نەچچە يىللىق ئەدەبىي پائالىيىتىنى ئىجادىيەت، ژۇرنالچىلىق، فولكلورشۇناسلىق، لوپنۇرشۇناسلىق قاتارلىق جەھەتلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
مەرھۇم مويدىن سايىت ئىجادىيەت ھاياتىدا شىئېرىيەت، پروزا، دىرامما قاتارلىق ژانىرلاردا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان ئىدى. ئۇ ژۇرنالچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئون بەش يىل جەريانىدا، بايىنغولىندىن ئىبارەت بۇ نەشپۈتزارلىقتا، ياپ-يېشىل بىر ئەدەبىيات بوستانلىقىنى بەرپا قىلىش، ياش ۋە ئۈمىدلىك يازغۇچىلار قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز ھالدا كۆپلىگەن ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، زور نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، «بوستان» (ھازىرقى «كروران») ژۇرنىلىنىڭ روياپقا چىقىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا ئاساس سالغان ئىدى.
    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئەدەبىي پائالىيىتى، ئۇنىڭ لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش، رەتلەش، نەشرگە تەييارلاش، تەتقىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىدە كۆرىلىدۇ.1984-يىلى ئۇ توپلاپ نەشرگە تەييارلىغان «لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى» («ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى»نىڭ 5-كىتابى)، 1991-يىلى «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»نىڭ 15-كىتابى (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن) نەشر قىلىنغان ئىدى. مەرھۇم 1990-يىلى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئۈچ توپلام ئىشلەش تەھرىر ھەيئەتلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئۈچ توپلام ئىشلەشكە رەھبەرلىك قىلىش ھەيئىتىدە مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ، 1993-يىلى مۇشۇ ساھەدە «مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى» بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان ئىدى.
    مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا بىزگە «ھايات باھارى» (باشقىلار بىلەن بىرگە)، «باشئەگىم نەزمىلىرى» (باشقىلار بىلەن بىرگە)،«لوپنۇر ئەسلىمىلىرى»، «مىنكۇن باتۇر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى»،«كروراندىكى ئىزچىلار» قاتارلىق كىتاپلارنى تەقدىم قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ «بۇلبۇل» ناملىق باللادىسى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن، ئۆزىمۇ 5-قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى باھالاش پائالىيىتىدە «مۇنەۋۋەر مۇھەررىر»لىك شرىپىگە نائىل بولغان ئىدى.
    مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا يەنە جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت – تارىخ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ھاياتى،بايىنغولىن ئوبلاستى ۋە ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىغا بېغىشلانغان ھايات بولۇپ، مەرھۇم ۋاقىتسىز بىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇ قالدۇرغان ئەسەرلىرى، چىن ئادىمىيلىك خىسلەتلىرى بىلەن قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياشايدۇ.



                                            ئېھتىرام بىلەن!




شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
مەنبە : شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-9-6 05:42 , Processed in 0.097514 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat