ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 538|ئىنكاس: 0

ئېلىكتىرون كەسپىي تېخنىك خادىم سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىنجاڭ مۇراد ئېلېكترون پەن- تېخنىك چەكلىك شىركىتى جەمئىيتىمىزدىكى  ئېلېكترون تېخنىكا ساھەسىگە قىزىقىدىغان ،يۇقىرى پەن -تېخنىكا ئۆگىنىش ئارزۇسى بار شۇنداقلا بىر قىسىم ئىش كۇتۇپ تۇرغان ياشلارنى نەزەردە تۇتۇپ ئېلېكترون تېخنىكسى ۋە يۇمشاق دېتال بىلەن قاتتىق دېتالنى بىرلەشتۇرۈش،يەككە ئۆزەككە پروگرامما يېزىش ،ئەقلى ئقتىدارلىق توك يولى لايىھىلەش،ئاپتوماتلاشتۇرۇش تېخنىكىللرنى ئاساس قىلغان مۇنتىزىم تەربىيىلەش سىنىپى تەسىس قىلدى. بىزنىڭ تەربىيلەش نىشانىمىز ئېلېكترون ساھەسىدىكى يېڭى بىر تۇركۇم قابىلىيەتلىك خادىملار قىلىپ يىتشتۇرۇپ چىقىش.
ئوقۇش مۇددىتى4 ئاي، ئوقۇش ھەققى 6800 يۈەن،ياتاق ئورۇنلاشتۇرلدۇ، ئوقۇش نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلارغا دۆلەت تەرپىدىن ئېتىراپ قىلنىلدىغان كەسىپى سالاھىيەت كىنىشكىسى تارقىتىلدۇ،شۇنداقلا خىزمەتكە تونۇشتۇرلىدۇ.تارماق شىركەت قۇرۇش ئىجارەتنامىسى ئىلتىماس قىلش ھوقوقىغا ئىگە بولىدۇ. دەرس خەنزۇتىلى ۋە ئانا تىل بويۇنچە قوش تىللىق سۆزلىندۇ. دەرس  نۆل سەۋىيەدىن باشلىنپ تۆت باسقۇچ بويىچە ئەملىيەت ۋە نەزەرىيە زىچ بىرلەشتۈرلۇپ سېستىملىق ئۆتۈلىدۇ. دەرس مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى باسقۇچ : ئاساسي بىلىم
1-         توك يولى ئاساسىي نەزەرىيەسى:
توك يولدىكى پارامېترلار ئوتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتلەر،كىرىھوف قانۇنى،قاتلنىش قانۇنى،تەڭ قىممەتلىك ئالماشتۇرۇش قانۇنى،نودۇن قانۇنى قاتارلىق ھەرخىل قائىدە-قانۇنىيەتلەر، مۇھىم تىئورملار، مۇرەككەپ توك يوللىرنى ئانالىز قىلىش، ھېسابلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى سۆزلىندۇ.
2-         ئېلېكترون تېخنىكسى
ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا،ئۇچ قۇتۇپلۇق لامپا،كرىستال لامپا، توك يولدىكى كۆپ خىل دىتاللارنىڭ ئىچكى تۈزىلىشى، ئىشلەش پىرىنسىپى، كۈچەيتكۈچ توك يولى، ئاغما توك يولى، قۇۋۋەت كۈچەيتىش توك يولى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، توك بېسىمىنى سېلىشتۇرۇش ۋە تۇراقلاشتۇرۇش توك يولى، قوغدىغۇچى توك يولى، دولقۇن سۈزۈش توك يولى، رەقەملىك سىگنال ۋە رەقەملىك توك يولى،سان سىستېمىسى ئوتتۇرسىدىكى ئالماشتۇرۇش، لوگىكىلىق قاپقاق توك يولى، لوگىكىلىق بىرىكمە توك يولى، ۋاقىت تەرتىپى لوگىكىلىق توك يولى، قوزغاتقۇچ، سانىغۇچ ،555 ۋاقىت بەلگىلىگۈچ، رەقەملىك سىگنال ۋە تەقلىدى سىگنال ئوتتۇرسىدىكى ئالمىشىش قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىندۇ.
3-        كومپىيوتېر C تىلى
C تىلى ھەققىدە چۇشەنچە، ھېسابلاش ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى، تەرتىپلىك پروگرامما لايىھىلەش، تاللاش شەكلىدە پروگرامما لايىھىلەش،ئايلانما شەكلىدە پروگرامما لايىھىلەش، مودۇللاشتۇرۇش پروگراممىسى لايىھىلەش، ئىسترېلكىلىق ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى ئۈنۈملۈك ئشلىتىش، سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىندۇ.
4-         لايىھىلەش قورالى
keil uvision4, STC-ISP , Virtual Serial Port,Proteus,CAXA
Arduino IDE,Fritzing, VB(MSComm),VB.NET/C#
قاتارلىق ئېلېكترون تېخنىكسدا كۆپ ئىشلىتلدىغان دېتاللار بىلەن تونۇشۇش ۋە ئىشلىتىش.
ئىككىنچى باسقۇچ : كۈچەيتىش
5-        MCS-51 تىپلىق يەككە ئۆزەك تېخنىكسى
يەككە ئۆزەك ھەققىدە چۇشەنچە، قاتتىق دېتال تۈزۈلۈشى ۋە خىزمەت پرىنسىپى، بۇيرۇق سىستېمىسى، ئوتتۇرلۇقتا ئۈزۈلۈش سىستېمىسى، ۋاقىت بەلگىلىگۈچ ۋە سانىغۇچ سىستېمىسى، ئارقىمۇ ئارقا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تېخنىكسى ، ئەمەلىي قوللىنىشچان سىستېما لايىھىلەش سۆزلىندۇ.
6-        Arduino يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتال لايىھىلەش.
Arduino ھەققىدە چۇشەنچە، پروگرامما تىل گرامماتىكىسى، سانلىق مەلۇماتلار تىپى، ئاساسىي كونترول قۇرۇلمىسى، يۆتكەپ ئىشلىتىش فۇنكسىيىسى ، ئۆزلۈكىدىن ئېنىقلىما بېرىش فۇنكسىيىسى، رەقەملىك ۋە تەقلىدىي سىگنال  كىرگۈزۈش-چىقىرىش، قاتتىق دېتال تۈزۈلۈشى ۋە لايىھىلەش سۆزلىندۇ.
7-        كېڭەيمە توك يولى
LED ئېكرانى ،سۇيۇق كرىستال ئېكرانى ، كۇنۇپكا تاختىسى، مەنبە توك يولى، رېلې ۋىكليۇچاتېلى، رەقەم كۆرسىتىش لامپىسى، سانلىق مەلۇمات توپلىغۇچ،ئاگاھلاندۇرغۇچ، ئېلېكتر موتور تىزگىنلىگۈچ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى توك يولى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش توك يولى سۆزلىندۇ.
8-        PCB توك يولى تاختىسى ياساش
باسما توك يولىنىڭ تۈزۈلۈشى، پرىنسىپ سخېمىسىنى لايىھىلەش،زاپچاس ئامبىرى قۇرۇش، پاياتلاش دىسكىسى لايىھىلەش،تاق قەۋەتلىك ۋە قوش قەۋەتلىك باسما توك يولى لايىھىلەش، توك يولى تاختىسنى بېسىپ چىقىرىش ئۇسۇللىرى سۆزلىندۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچ :بۆسۇش
9-         سېنزور تېخنىكسى
ئەقلى ئقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەردە، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشتا كۆپ ئىشلىتلىدىغان تېمپېراتۇرا، كۈچ، يورۇقلۇق،رەڭ،ئاۋاز، ماگنىت،ھەركەت، سۇيۇقلۇق ،گاز،ئوت،مىتال قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ خىل سېنزورلارنىڭ خىزمەت پرىنسىپى، تۈزۈلۈشى ۋە ئەمەلىي ئىشلىتلىشى سۆزلىندۇ.      
10-        بارماق پەرىقلەندۈرش تېخنىكىسى
تېخنىكا خىزمەت پرىنسىپى، بارماق ئىزى تونۇتۇش ، تەسۋىر بىر تەرەپ قىلىش، مودۇللۇق پەرقلەندۈرۈش،ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش،يۇمشاق دېتال ۋە  قاتتىق دېتال لايىھەسىنى تۇزۈش، ئەمەلىي قوللىنىشچان ئۈسكۈنە ياساش سۆزلىندۇ.   
11-        GSM يەرشارى كۆچمە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تېخنىكسى
GSM   ھەققىدە چۇشەنچە، يانفون توك يولى ۋە سىستېما تۈزۈلۈشى، مۇھىم پارامېترلارنى تەڭشەش بۇيرۇقى، مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچقا باغلاش، ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش، چەكسىز يىراقتىن يانفۇن ئارقىلق ئېلېكتر ئۈسكۈنللىرنى ۋە توك يوللىرنى كونتۇروللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سۆزلىندۇ.
12-         كومپيۇتېر بىلەن سىرتقى توك يولنى كونترول قىلىش
USB ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش پرىنسىپى، بائۇد نىسبىتنى تەڭشەش، ئۇچۇر يوللاش ۋە قوبۇل قىلىش فۇنكسىيەسىنى بەلگىلەش، كومپيۇتېر كونترول كۆرۇنمە يۇز لايىھىلەش،سىرتقى توك يولى كونتۇروللاش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سۆزلىندۇ.
13-        سىمسىز ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تېخنىكسى
كۆك چىش (Bluetooth) تېخنىكسى، تەڭشەش بۇيرۇقى، ئۇچۇر ئالماشتۇر ئالاھىدىلىكى،تار دائىرلىك تور قۇرۇش، سىمسىز زەرەتلەش، سىمسىز تىزگىنەكنىڭ خىزمەت پرىنسىپى، سىمسىز ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە توك يولى، ئېلېكتر ئۈسكۈنللىرنى كونتۇروللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سۆزلىندۇ.
تۆتىنچى باسقۇچ : پراكتىكا
شىركىتمىزدە بىر ئايلىق پراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.  شەخس ۋە كوللېكتىپ تاپشۇرۇلغان ياكى ئۆزى كۆرسەتكەن ئىجاتچانلىققا ئىگە پراكتىكا تېمىسى بويىچە بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە يېڭى تۈر لايىھىلەش، ياساش،تەڭشەش ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈش خىزمىتنى تاماملايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش،ئۆز ئالدىغا ئەقلى ئقتىدارلىق ئۈسكۈنلەرنى لايىھىلەش ۋە قول سېلىپ ياساش ، ئېلېكتر ئۈسكۈنللىردىكى، توك يولدىكى كاشىللارنى تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يېتىشتۈرلىدۇ.ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئۇنۇمىگە كاپالتەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچى سانى 20 ئوقۇغۇچى بىلەن چەكلىندۇ. تىزىملاش ۋاقتى:3-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلىندۇ.
مەسلىھەت سوراش ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى(ئۈندىدار نومۇرى): 13109928164 نۇرئەلى مۇئەللىم.
ئادىرىسى: ئۈرۈمچى يەنئەن يولى جىلى سودا سارىيى قىيپاش ئۇدۇلى. شىنجاڭ مۇراد ئېلىكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتى.
无标题.png
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-9-5 23:36 , Processed in 0.137663 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat