ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 810|ئىنكاس: 3

[باشقا] سىستېما يېڭىلىغاندا كونا سىستېمىنى يۇيۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، كومپيۇتېرىمىزنىڭ سىستېمىسىنى يېڭىلاپ بولۇپ بۇرۇنقى سىستېمىنى يۇيۇۋېتىشكە توغرا كەلگەندە بىلمەيدىغان تورداشلارغا پايدىسى تېگىپ قالار دەپ بۇ تېمىنى يوللاپ قويدۇم. بىلگەننى يوللاڭ، بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسۇن (ئىنتىل سەيناسىنىڭ شوئارى) دەپتىكەن، بىلىدىغانلار كەم قالغان جايلىرى ياكى باشقا ئۇسۇللار بولسا تولۇقلاپ قويارسىلەر.
ئادەتتە كومپيۇتېرىمىزنىڭ سىستېمىسىنى (بۇ تېمىدا windows سىستېمىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) يۇقىرىلاتقاندا (windows xp, windows 7, windows8, windows10 قاتارلىقلارنى تۆۋەن نەشرىدىن يۇقىرى نەشرىگە يېڭىلىغاندا) بەزىلىرىمىز سىستېما قاچىلانغان دىسكىنى تولۇق فورماتلاپ قاچىلايمىز، يەنە بەزىلىرىمىز تورغا ئۇلانغان ھالەتتە بىۋاسىتە يېڭىلايمىز ياكى قاچىلىغاندا باشقىچە ئۆزگەرتمەي قاچىلاۋېرىمىز. مۇشۇنداق ۋاقىتتا سىستېما قاچىلىنىشتىن ئىلگىرى سىز بۇرۇن ئىشلەتكەن سىستېمىنى قاچىلانغان دىسكىغا بىر قىسقۇچقا ئاپتوماتىك زاپاسلاپ قويىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. يېڭى سىستېمىنى قاچىلاپ بولۇپ قارىسىڭىز سىز بۇرۇنقى سىستېمىڭىز قاچىلانغان دىسكىدا windows. old دەپ بىر قىسقۇچنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇ دەل سىز سىستېمىڭىزنى يېڭىلاشتىن ئىلگىرى ئىشلەتكەن سىستېمىڭىزنىڭ زاپاس نۇسخىسى شۇ. (ئىشلەتكىنىڭىز ghost سىستېما، يېڭىلىغىنىڭىزمۇ ghost سىستېما بولسا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ).

سىزنىڭ بۇرۇنقى سىستېمىڭىزغا ھاجىتىڭىز چۈشمىسە يۇيۇۋەتسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا قۇرۇق سىغىم ئىگىلەپ تۇرىدۇ شۇ. windows.old دېگەن بۇ قىسقۇچنى تېپىپ بەزىدە ئادەتتە بىز ھۆججەت يۇيۇۋەتكەندەك Shift + delete كۇنۇپكىسى بىلەنلا يۇيۇۋەتكىلى بولىدۇ. تۆۋەن نەشرىدىن يۇقىرى نەشرىگە يېڭىلىغاندا windows.old دېگەن قىسقۇچنى كۆپىنچە ئەھۋالدا مۇشۇنداق يۇيۇۋەتكىلى بولىدىكەن، لېكىن windows10 بۇرۇنقى نەشرىدىن يېڭى نەشرىگە يېڭىلىغاندا بۇنداق يۇيالمايدىكەنسىز. مەن مۇشۇنداق ئادەتتىكى ئىككى كۇنۇپكىدا يۇيۇۋەتكىلى بولمايدىغان windows.old دېگەن قىسقۇچنى يۇيۇۋېتىشنى سۆزلىمەكچى.
ئاۋۋال سىستېما قاچىلانغان دىسكىنىڭ ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز (كۆپىنچىڭلار c دىسكىغا قاچىلايسىلەرغۇ)، چىققان تىزىملىكتىن ئەڭ ئاستىدىكى خاسلىقلار(属性) نى چېكىمىز.

ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن دىسكا تازىلاش (磁盘清理) نى باسىمىز.

بىردەم تەكشۈرگەندىن كېيىن بىر كۆزنەك چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن سىستېما ھۆججەتلىرىنى تازىلاش (清理系统文件) نى باسىمىز.

بۇنىڭغا ئالدىنقى تەكشۈرۈشتىن سەل ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

ئاندىن يەنە بىر كۆزنەك چىقىدۇ. بۇ يەردە كۆرۈنگىنى ئادەتتە سىستېمىنىڭ قالدۇق ھۆججەتلىرى ۋە ساقلانمىلىرى قاتارلىقلار. بۇ يەردىن بۇرۇنقى windows قاچىلانمىسى (以前的Windows安装) نى تاللاپ، جەزملەشتۈرسەك بولىدۇ.

بىزدىن راستلا مەڭگۈلۈك ئۆچۈرەمسىز دەپ سورايدۇ، ھۆججەتنى ئۆچۈرۈش (删除文件) نى باسساق بولىدۇ.

ئاندىن يەنە بىر بۇ ھۆججەتنى يۇيۇۋەتسىڭىز بۇرۇنقى سىستېمىغا قايتالمايسىز، جەزملەشتۈرەمسىز دەپ ئەسكەرتىش كۆزنىكى چىقىدۇ. بۇ يەردىن جەزملەشتۈرۈۋەتسەك بۇرۇنقى سىستېما ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن مەشغۇلات تامام.
ئەسكەرتىش: تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ مەشغۇلات قىلىڭ. چالا ئوقۇپلا ياكى ئوقۇمايلا مەشغۇلات قىلىپ يولۇققان مەسىلىگە مەزكۇر تور بەت ۋە مەن ئىگە ئەمەس.
مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.

باھالاش

2

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2016-3-3 15:33:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىمىكەن، مەنمۇ تازلىۋالسام بولغۇدەك
ۋاقتى: 2016-3-5 00:14:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر ،ئالدىراشچىلىقتا ئىنتىل سەيناسىغا كىرمىگىلى بەك ئۇزۇن بوپتۇ بۈگۈن بىر دەم تور ئارلاپ يۈرۈپ ئىنتىلغا كىرىپ قالدىم ،مۇنبەردە ئادەم ئازمۇ نىمە يېڭى تېمىلارمۇ ئاز تۇرىدۇ ،ئەسلى ئۇنداق تاشلاپ قويمىساق بولاتتى مەنمۇ ئالدىراشچىلىقتا كىرىپ بولالمىدىم .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-7 23:39:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
chaqmaq137 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-5 00:14
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر ،ئالدىراشچىلىقتا ئىنتى ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، شۇنداق بولغان چېغى. كونا ئەزالار كۆرۈنمەس  بولۇپ كەتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-9-5 11:28 , Processed in 0.123985 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat