- جۇغلانما
- 3562
تىزىملاتقان2010-8-13
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jahankizar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-27 13:52
كۈندىلىك خىزمەتلىرىمىزدە كۆپ شەرتكە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىدىغان ئىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك:
يۇقارقى رەسىمدىكىدەك، مەلۇم بىر تۇلۇقلىمىنى تارقىتىشتا ياشنى ئۆلچەم قىلىدىغان بولۇپ، ياش قاتلىمى بۇيىچە تارقىتىش تولۇقلىما سوممىسىنى بىكىتىش كېرەك. ئەگەر نەچچە ئون مىڭ ئادەمنىڭ تولۇقلىما سوممىسىنى بىكىتىشكە توغرا كەلگەندە، يەنىلا Excel دىن پايدىلىنىمىز. excel دىكى IF فونكىسىيسى دەل مۇشۇنداق لوگىكىلىق ھۆكۈم قىلىدىغان فونكىسىيە بۇلۇپ، تۆۋەندىكىدەك فورمۇلا كىرگۈزۈش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
يۇقارقى فورمۇلادا IF فونكىسىيسى 4قېتىم ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ مەشغۇلاتقا بىر قەدەر پىششىق كىشىلەر ئۈچۈن بۇ قىيىن ئەمەس، بىراق يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟
بۇنىڭدا ياش قاتلىمى بۇيىچە 5ئۆلچەم قويۇلغان بۇلۇپ،بەش شەرتنى بىراقلا ئويلاشساق چۇقۇم قىيىنغا توختايدۇ. ئۇنداقتا بىز تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئاددى ھالەتتە تەپەككۇر قىلىپ باقايلى. يەنى 5 شەرتنى ئويلاشماي، پەقەت بىرىنچى شەرتنىلا ئويلىشايلى. يەنى «ئەگەر 18ياشتىن كىچىك بولسا، تۇلۇقلىما 0يۈەن، بولمىسا 1يۈەن بولىدۇ» دەپ تۇرايلى (ۋاقتىنچە ئاستىدىكى 4شەرنى 1گە تەڭ قىلىۋېتەيلى). يەنى =IF(D4<18,0,1) نى يازىمىز
يۇقارقى رەسىمدىكىدەك، بىرىنچى شەرت ئاسانلا ھەل بولدى. رەسىمدىكى تۇلۇقلىما سوممىسى 1 بولغانلىرى قالغان 4شەرتكە ئۇيغۇنلىرى بولغاچقا، ئەمدى بىز پەقەت 2-شەرتنىلا ئويلىشايلى. يەنى «ئەگەر 29ياش ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولسا، تۇلۇقلىما 100يۈەن، بولمىسا 1يۈەن بولىدۇ» دەپ تۇرايلى. ئەسلىدىكى فورمۇلادىكى 1نىڭ ئورنىغا IF(D4<=29,100,1) نى يازىمىز. (بۇ يەردە 29ياشقا تەڭ ياكى كىچىك ھەمدە 18ياشقا تەڭ ياكى چوڭ دەپ ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئالدىدا 18ياشتىن كىچىك ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولدى، شۇڭلاشقا قايتا بۇ شەرتنى قوشمايمىز)
يۇقارقى رەسىمدىكىدەك، بىز ھازىر پەقەت ئالدىنقى فورمۇلادىكى 1 رەقىمىنى 2-شەرتكە ئالماشتۇرۋەتتۇق. ھازىر 1-2-شەرتكە ئۇيغۇن كاتەكچىلەردە تۇلۇقلىما سوممىسى تولدۇرۇلدى. ئوخشاش ئۇسۇل بۇيىچە پەقەت 3-شەرتنىلا ئويلىشايلى. يەنى «ئەگەر 39ياش ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولسا، تۇلۇقلىما 150يۈەن، بولمىسا 1يۈەن بولىدۇ» دەپ تۇرايلى. ئەسلىدىكى فورمۇلادىكى 1نىڭ ئورنىغا IF(D4<=39,150,1)نى يازىمىز.
ئوخشاش ئۇسۇل بۇيىچە 4-شەرتنى قۇشايلى. يەنى «ئەگەر 49ياش ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولسا، تۇلۇقلىما 200يۈەن، بولمىسا 1يۈەن بولىدۇ» دەپ تۇرايلى. ئەسلىدىكى فورمۇلادىكى 1نىڭ ئورنىغا IF(D4<=49,200,300)نى يازىمىز.بۇ يەرگە كەلگەندە 1نىڭ ئورنىغا IF(D4<=49,200,1)نى يېزىپ، ئاخىرىدا يەنە 1نىڭ ئورنىغا 5-شەرتنى قوشمايمىز. چۈنكى IF فونكىسىيسىنىڭ ئاخىرقى قىممىتى يۇقارقى شەرتلەردىن باشقا بارلىق ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، ئەڭ ئاخىرقى شەرتنى بىراقلا ئالدىنقى شەرتتىكى فورمۇلاغا يازىمىز.
ئەگەر مۇشۇ بۇيىچە يەنە بىر قانچە شەرت قۇشۇلغان تەقدىردىمۇ، مۇشۇ تەپەككۇر ئۇسۇلى بۇيىچە ماڭساق، ئانچە قىينالمايلا قارىماققا شۇنچە مۇرەككەپ فورمۇلانى يازالايمىز.
ئەسكەرتىش: IFفونكىسىيسىنى يۇقارقىدەك ئىشلەتكەندە، شەرتنى چۇقۇم تەرتىپلىك قۇيۇش كېرەك. يەنى 18 ياشتىن باشلاپ ياشنىڭ چوڭىيىش تەرتىپى بۇيىچە ۋە ياكى 50ياشتىن باشلاپ ياشنىڭ كىچىكلەش تەرتىپى بۇيىچە بۇلىشى كېرەك. قالايمىقان ھالدا بىرىنچى قېتىم 18 ياشنى، ئىككىنچى قېتىم 29 ياشتىن ئاتلاپ 39ياشنى، ئاخىرىدا 29 ياشنى شەرت قىلىشقا بولمايدۇ.
ئەگەر مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى داۋاملىق كۆرمەكچى بولسىڭىز. ئۈندىداردا ئۇيغۇر Excel سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ. ئىزدەش نۇمۇرى: uyghurexcel |
باھالاش
-
1
باھا خاتىرىسى
-
|