ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 338 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 650|ئىنكاس: 0

ئېكران سىنغا ئېلىش دېتالى ئۇيغۇرچىلاشتى (2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-31 23:52:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MSM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-1 00:20  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بۇ دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويغىلى يېرىم يىلدىن ئېشىپتۇ. ئەسلىدە ئىگە تەرەپ ئۇيغۇرچە قوشۇپ قالسا ئاندىن تېما قىلىپ يوللارمەن دېگەن. بىراق ئىگە تەرەپ جاۋاب قايتۇرمىغاچقا بىكار تۇرسا توپا بېسىپ قالمىسۇن دەپ تارقىتىۋېتەي دېدىم.
ئالدىنقى قېتىم يوللىغاننى بەزى تورداشلار ئاۋازنى نورمال ئالمىدى دېگەن، بۇنى نەچچە رەت سىنىدىم، ئاۋاز ئېلىشىمۇ نورمال.
دېتال ئىسمى: ئېكران سىن ئالغۇچ.
Gilisoft Screen Recorder
چۈشەندۈرۈش: بەزىدە سۈرەتلىك بەزىدە سىنلىق دەرسلىك ئىشلەشكە موھتاج بولىمىز. بۇ دېتال سىن دەرس ئىشلەش، يەنى كومپيۇتېر ئېكرانىنى سىنغا ئېلىشتا ھاجىتىڭىزدىن چىقالايدۇ. سىز كەسپىي دەرس سۆزلەيدىغان ئادەم بولسىڭىز ئېكران سىنغا ئېلىشتا قايسى دېتالنىڭ ياخشىلىقىنى دېمىسەممۇ بىلىسىز. بۇ دېتال يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ۋە سىن دەرسكە ئانچە يۇقىرى تەلەپ قويمايدىغانلارغا ماس كېلىدۇ. يەنە ھەرخىل باشقا ئۈنۈملىرىمۇ بار.
تىلى: كۆپ تىللىق، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.
نەشرى: 6.1.0
ئىجرا مۇھىتى: Windows 2000/2003/XP/Vista/7/8/10، مەن win8/10 دا سىناپ باقتىم.
ئىجرا ھالىتى: 32 ۋە 64 بىت، مەن 32 بىتتا سىنىدىم.
ئىقتىدارى: كومپيۇتېر ئېكرانىدا قىلىۋاتقان مەشغۇلاتنى ھەر خىل فورماتتا سىنغا ئېلىش، ئاۋاز ئېلىش، ئېلىۋاتقان سىنغا ھەرخىل ئۈنۈم قوشۇش ۋە باشقىلار.
ئىگە تەرەپ بېتى: http://www.gilisoft.com/product-video-recorder.htm

ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزى:
ئاۋۋال دېتالنى تەمىنلىگەن ئادرېستىن چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز. بولاق ئىچىدە دېتال، ئاكتىپلاش نومۇرى، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بار، چۈشۈرۈپ بولۇپ تەكشۈرۈپ بېقىڭ. قاچىلىغان چاغدا ئەڭ ئاخىرقى ئىجرا قىلىش دېگەننىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋىتىڭ، ئاۋۋال ئىجرا قىلماي تۇرىمىز. مەن تەمىنلىگەن ئادرېستىن چۈشۈرگەن بولاق ئىچىدىكى تىل دېگەن قىسقۇچتا ئۈچ دانە تىل ھۆججىتى بار، شۇلارنى كۆچۈرۈۋالىمىز. ئاندىن دېتال قاچىلانغان ئورۇنغا كىرىپ، Language (تىل) دېگەن قىسقۇچقا كىرىمىز ۋە بايا كۆچۈرۈۋالغان تىل ھۆججىتىنى مۇشۇ يەرگە چاپلايمىز. ئىككى ھۆججەت كۆچۈرۈلىدۇ، بىر ھۆججەت ئالمىشىدۇ.

تۇنجى قېتىم ئاچقاندا تىزىملىتىش كۆزنىكى چىقىدۇ. تىزىملاتماي سىناق ئىشلىتىمەن دېسەڭلار بەزى ئىقتىدارلىرى ئىشلىمەيدۇ ۋە ئېلىنغان سىننىڭ ئوتتۇرىغا سىناق نەشرى، سېتىۋېلىپ ئىشلىتىڭ دەيدىغان ئەسكەرتمە چىقىۋالىدۇ. مەن توردىن تاپقان تىزىملاش نومۇرىنى بىللە يوللاپ قويدۇم.
سىناق ئىشلىتىمەن دەپ تۇرۇپ دېتالغا كىرىۋالىمىز ۋە تىلىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىۋالىمىز.


دېتال ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزگە ئالمىشىدۇ. ئاندىن «تىزىملىتىش» دېگەننى بېسىپ تىزىملىتىش كۆزنىكىگە كىرىمىز. ئاۋۋال ئېلخەتكە خالىغان بىر ئېلخەت ئادرېسىنى تولدۇرىمىز، چوقۇم ئۆلچەملىك ئېلخەت بولسۇن، بولمىسا ئەسكەرتىش چىقىدۇ. تىزىملاش كودىغا مەن تەمىنلىگەن نومۇردىن خالىغان بىرسىنى ئىشلىتىمىز. (key دېگەن تېكىست ھۆججىتى ئىچىدىكى 序列号 رەت نومۇرى دېگەن نومۇرلار شۇ). كىرگۈزۈپ بولۇپ «تىزىملىتىش» دېگەننى باسساقلا بولىدۇ.
ئاندىن تىزىملىتىش غەلبىلىك بولغانلىق ئەسكەرتىشى چىقىدۇ.

قوشۇمچە: توردا ئېقىپ يۈرگەن تىزىملىتىش نومۇرلىرى بولغاچ بەزىدە تىزىملىتىش نومۇرىنى ئىشلىتىپ بولغانلىق ئۇچۇرى چىقىۋېلىپ، سېتىۋېلىشنى ئەسكەرتىدىكەن. بۇنداق چاغدا يەنە شۇ ئېلخەتنى ئالماشتۇرۇپ، ئاۋۇ تىزىملىتىش نومۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسەك يەنىلا تىزىملاتقىلى بولىدىكەن. لېكىن دېتال يارىغان بولسا سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
دېتالمۇ تەييار بولدى. ئالدىرايدىغانلار «نېشان» دېگەندىن سىنغا ئالىدىغان دائىرىنى تاللاپ، «ئاۋاز» دىن بىللە ئېلىنىدىغان ئاۋازنى تاللاپ، «چىقىرىشى» دىن ساقلايدىغان ئورۇننى تاللاپ «سىنغا ئېلىش» نى بېسىپ باشلاپ كەتسەڭلار بولىدۇ.

باشقا تەڭشەكلەرنى تەڭشىۋېلىپ ئاندىن ئىشلىتىدىغانلار تەڭشەك كۆزنىكىگە كىرسەڭلار بولىدۇ.
تەڭشەك كۆزنىكى مۇشۇنداق چىقىدۇ.

رايوندىن سىنغا ئالىدىغان رايوننى بەلگىلەيسىز. ئاۋۇ «ئېكران ۋە كامېرانى بىللە تۇتۇش» دېگەننى تاللاپ قويسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزدا كامېرا بار بولسا كومپيۇتېر ئېكرانىنى سىنغا ئالغاچ ئالدىدا قاراپ تۇرغان سىزنىمۇ سىنغا ئەپ قويىدۇ. «فوكۇس ئىشلىتىش» دېگىنى ياخشى ئۈنۈم، يەنى مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا بىرەر جاينى چوڭايتىپ كۆرسەتمەكچى بولساق ئالدىن بەلگىلىۋالغان تېز كۇنۇپكا ئارقىلىق بەلگىلەپ قويغان ھەسسىلىك بويىچە چوڭايتىپ كۆرسىتىپ بولۇپ يەنە تېز كۇنۇپكا ئارقىلىق ئەسلىدىكى ھالەتكە ياندۇرۇپ مەشغۇلات قىلالايمىز. بۇ جەرياندا سىنغا ئېلىۋېرىدۇ، توختىتىپ تۇرۇپ چوڭايتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئاستىدىكى سۈزۈك قەۋەتلىك كۆزنەكنى سىنغا ئېلىشقا ئانچە چېقىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئەمدى يېنىدىكى «سىن» دېگەننى چەكسىڭىز ئالماقچى بولغان سىنغا مۇناسىۋەتلىك تەڭشەك كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.

«فورماتى» سۈكۈتتىكى ھالەتتە FLV ھالەتتە تۇرىدۇ، سۈزۈكرەك ھالەتتە چىقسۇن دېسىڭىز ئۆزىڭىز باشقا فورماتنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. «سۈپىتى» دېگەنگە يۇقىرىراق ياكى ئوتتۇراھالنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەڭ يۇقىرى قىلىپ تەڭشەپ قويسىڭىز سۈزۈكلۈكى ياخشى چىققانغا چۇشلۇق سىغىمىمۇ بەك چوڭ چىقىپ كېتىدىكەن. «ئېنىقلىقى» دېگەننى ئۆزگەرتمىسىڭىز ياخشى. چاستوتىدىن ئانچە خەۋىرىڭىزگە بولمىسا بۇ يەرگىمۇ چېقىلماڭ. ئاستىدىكى «قىسقۇچ» ساقلاش ئورنىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەمدى «ئاۋاز» دېگەن كۆزنەكنى ئۇنچە كۆپ چۈشەندۈرۈش كەتمەيدۇ.

ئەمدى سۇ باسمىغا كەلسەك مۇشۇ دېتالنىڭ خەتلىك سۇ باسمىسى ياخشى، يۇنىكود قوللايدۇ، بىۋاستە ئۇيغۇرچە يېزىپ قويساق سىن ئېلىپ ساقلىغاندا نورمال چىقىدۇ. يەنە رەسىملىك سۇ باسمىمۇ قىستۇرغىلى بولىدۇ.

خەتلىك ۋە رەسىملىك سۇ باسمىلارنىڭ ئورنىنى خالىغانچە تەڭشىگىلى، سايە ۋە باشقا ئۈنۈملەرنى قوشقىلى، ئېكراندا ھەرىكەتلىنىدىغان قىلغىلى، رەڭگىنى تەڭشىگىلى، خەت نۇسخسىنى ۋە چوڭلۇقىنى ئۆزگەرتكىلى، خەتكە گىرۋەك ۋە باشقا ئۈنۈم قوشقىلى، ئىشقىلىپ بەك جىق ئۈنۈم قوشقىلى بولىدۇ.

رەسىملىك سۇ باسمىغا ئۆزىمىز تەييارلىۋالغان سۇ باسمىنى ئەكىرىپ ئىشلەتكىلى، دېتالنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ھەرخىل باسمىلارنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئورنىنى بەلگىلەش، سۈزۈكلۈكىنى تەڭشەش قاتارلىق باشقا ئۈنۈملەرمۇ بار.

قوشقان سۇ باسمىلىرىمىز ياندىكى كىچىك ئېكراندا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
ئەمدى «نۇر بەلگە» كۆزنىكىنىمۇ ئارتۇق چۈشەندۈرۈش بىھاجەت، ئوقۇپلا قانداق قىلىشنى بىلگىلى بولىدۇ.

ئەمدى «ئېكران كەسمىسى» گە كەلسەك بۇ ئىقتىدارى تازا نورمال ئەمەستەك.

رەسىمگە تارتقان ئاۋاز بار رەسىم يوق، يا مەن ئىشلىتەلمىدىممۇ بىلمىدىم.
«تېز كۇنۇپكا» مۇ ئوخشاش، ئارتۇق چۈشەندۈرۈش كەتمەيدۇ، قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ.

مۇشۇ تەڭشەكلەرنى بىر قۇر تەڭشەپ بولۇپ دېتالنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلىپمۇ بولغانسىز. بىلگەن بولسىڭىز بىلىدىغانلىرىڭىزنى مۇشۇ دېتالدا سىنغا ئېلىپ تورداشلارغا سۇنسىڭىز بولىدۇ.
سىغىمى: 11.3 مىگابايت (پىرىسلانغان).
قوشۇمچە: كومپيۇتېرىڭىزغا يۇنىكود خەت نۇسخىلىرى قاچىلانغان بولسۇن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
سومكامدىن: http://www.somkam.com/67e
زاپاس ئادرېس: http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZROP38
قەيەردىن نورمال چۈشسە شۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
ئەسكەرتىش: تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ مەشغۇلات قىلىڭ. چالا ئوقۇپلا ياكى ئوقۇمايلا مەشغۇلات قىلىپ يولۇققان مەسىلىگە مەزكۇر تور بەت ۋە مەن ئىگە ئەمەس.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر دېتال پەقەت شەخسنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى ۋە ھەقسىز تارقىتىلدى، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-3-16 13:57 , Processed in 0.155527 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat