ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 338 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 769|ئىنكاس: 2

ئىنتىلنى ھەقىقىي قوللىسىڭىز بۇنى تارقىتىپ قويۇڭ!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-30 12:16:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئىنتىلنى ھەقىقىي قوللىسىڭىز بۇنى تارقىتىپ قويۇڭ! شىنجاڭ ئىنتىل كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى خەلقىمىزگە يەنە يېڭىلىق ئېلىپ كەلدى… شىنجاڭ ئىنتىل كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى ۋە شىنجاڭ مۇجەسسەم ئېلېكترون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ئاجىز توك ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى تېخنىكىسى تەربىيەلەش سىنىپى تەسىس قىلدى. بۇ سىنىپنىڭ ئاساسلىق تەربىيەلەش نىشانى بولسا جەمئىيەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرغان، يېڭى تېخنىكىغا ئىنتىلىدىغان ياشلار بولۇپ، ھازىرقى زامان ئەڭ يېڭى پەن - تېخنىكىسىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان تور، نۇركابىل، ئىنتېرنېت، LED ئېلېكترونلۇق لامپا، كۈزىتىش ئۈسكۈنىلىرى، نۇر بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ئەڭ يېڭى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە (ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە - ئېنگلىزچە ئاتالغۇلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن باشلاپ تاكى شۇ ئۈسكۈنىلەرنى قوراشتۇرۇش، تەڭشەش، ئىشقا كىرىشتۈرۈش، رېمونت قىلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلاردىن مۇنتىزىم تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، بىر تۈركۈم يېڭى دەۋرنىڭ تېخنىكا ئىشلىرىنى بىمالال ئېلىپ بارالايدىغان تېخنىكا سەرخىللىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ سىنىپىمىزنىڭ ئاساسلىق دەرس مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: 1. ئاجىز توك ئىلمى ۋە بۇ سىنىپتا ئىشلىنىدىغان بارلىق سۆزلۈكلەرنىڭ خەنزۇچە - ئېنگىلىزچە دەرسلىكى. 2. خەلقئارالىق تور چۈشەنچىسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قاتتىق دېتاللار. 3. ئاجىز توك چۈشەنچىسى، ھەرخىل توك يوللىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلار، يۇقىرى تېخنىكا بىلەن بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تېخنىكىسى. 4. كۈزىتىش سىستېمىسى ۋە نۇر بىخەتەرلىك سىستېمىسى. 5. ئېلېكترونلۇق لامپا چۈشەنچىسى، ئېلىكترونلۇق LED ئېكران تېخنىكىلىرى. 6. نۇركابىل چۈشەنچىسى ۋە نۇركابىل ئۇلاش، تەڭشەش تېخنىكىسى. 7. مۇرەككەپ تېخنىكىلىق ئاجىز توك قۇرۇلۇشى لايىھەسى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيەتتە قوراشتۇرۇش. 8. يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (GPS)، چىراي پەرىقلەندۈرۈش سىستېمىسى تېخنىكىسى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش. 9. ئەمەلىي مەشغۇلاتلار ۋە تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش. يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنىڭ دەرس ۋاقتى ئالتە ئاي بولۇپ، دەرس نەزىرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈپ ئۆتۈلىدۇ، يەنى ھەر قايسى تۈرلەر بويىچە بىر سائەت نەزىرىيە، ئىككى سائەت ئەمەلىي مەشغۇلات بويىچە دەرس ئۆتۈلىدۇ. ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۆلچەملىك مەشغۇلات قوراللىرى (ئامبۇر، بولقا، ئەتۋېركە… قاتارلىق بىر يۈرۈش قوراللار) دەرسلىك ماتىريال (ھەر بىر كەسپنىڭ ئايرىم) پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى (مەكتىپىمىز رەتلىگەن) بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ھەر بىر دەرسكە مەخسۇس ئوقۇتقۇچى (ئىنتىل مەكتىپىنىڭ قابىل ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مۇجەسسەم ئېلېكترون چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىك ئۇستاملىرى) ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ دەرس ئەمەلىيەت ئاساس، نەزىرىيە قوشۇمچە قىلىپ ئۆتۈلىدۇ. ھەربىر تۈر تاماملانغاندىن كېيىن شۇ تۈر بويىچە ئەمەلىي ئىش ئورنىدا پىراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ سىنىپنى پۈتتۈرۈپ چىققانلار خالىسا شىنجاڭ مۇجەسسەم ئېلېكترون پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە يۇقۇرى مۇئاش بىلەن ئۈچ يىللىق توختاملىق خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئوقۇتۇش مېتودى ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئىنتىل مەكتىپىدە مەخسۇس مۇشۇ كەسپتە تەربىيەلەش كەسپىدە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئوقۇش مۇددىتى ئالتە ئاي بولۇپ ئومۇمى ئوقۇش ھەققى 30000 يۈەن. ئەگەر سىز تەربىيەلىنىپ چىققاندىن كېيىن شىنجاڭ مۇجەسسەم ئېلېكترون پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە توختاملىق خىزمەتكە چۈشسىڭىز توختام ۋاقتى تاماملانغاندىن كېيىن ئوقۇش پۇلىڭىز قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئوقۇشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجدىمائى كاپالەت نازارىتى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان كەسپىي لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ ھەمدە دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى مەشغۇلات ئىجازەتنامىسى ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇلۇپ كېنىشكە بېرىلىدۇ. تىزىملىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى چەكلىك بولۇپ پۈتۈن شىنجاڭغا 30 نەپەر يەنى ھەر بىر شەھەر ۋىلايەتكە 3 نەپەردىن چەكلىنىدۇ. تىزىملاش ۋاقتى بۈگۈندىن باشلاپ 11ـ ئاينىڭ 10ـ كۈنىگىچە بولۇپ 11ـ ئاينىڭ 15ـ كۈنىڭ رەسمىي دەرس باشلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا ياتاق، تاماق مۇۋاپىق باھادا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز شىنجاڭ ئىنتىل كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىززىق لىنىيەسى 0991-2888344 گە تېلېفون قىلىڭ. پۇرسەت غەنىمەت! پەن ـ تېخنىكا تەرەققىي قىلغان بۇ كۈندە يەنىلا يېڭى تېخنىكىلىق ھۈنەرلەرنى ئېگەنلىگىنىڭىز ئەۋزەل … سىز بۇ سىنىپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەرقانداق ئورۇنغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى، كامىرا، ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى بېكىتەلەيسىز. شەھەرلەردىكى ئېگىز بىنا ۋە يېڭى ئېقىمدىكى ئىمارەتلەرنىڭ رەڭدار LED چىراقلىرىنى لايىھەلەپ بېكىتەلەيسىز. ھەر خىل ئائىلىلىكلەر رايونى، داچا رايونى، ھەتتا ئۆيىڭىزگىمۇ يۇقۇرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر، كامىرا، چىراي پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى بېكىتەلەيسىز. ھەرخىل يۇقۇرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى بىمالال رېمونت قىلالايسىز ھەم قۇراشتۇرالايسىز. مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 0991-2888344
ۋاقتى: 2016-1-3 23:12:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dighar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-3 23:15  

بۇ ئېلان بەك كىچىكىپ بىرىلدىمۇ -، قانداق؟
2016-يىلى 11-ئاي مۇ،  يا؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 18:21:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  تېمىنى   شاھدىيار تورىدىن  كۈچۈرۈپ  ئالغان .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-3-17 19:51 , Processed in 0.131033 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat