ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 338 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 739|ئىنكاس: 3

ئەسكەرتكۈچ wise reminder غا ئۇيغۇرچە قوشۇپتۇ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-25 00:50:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بۇ دېتالنىڭ تىل بولىقىنى تەرجىمە قىلىپ ئىگە تەرەپكە يوللىغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان. ئۇلار ئۇنتۇپ قالدىمۇ ھېچ قوشاي دېمەپتۇ. خەت يېزىپ سۈيلەپ قويۇۋېدىم خەت قايتۇرۇپ، بۇ قېتىم قوشۇپ قويۇپتۇ. لېكىن يەنە نەشر يېڭىلىغاچقا بەزى سۆزلەر قوشۇلۇپتۇ. ئۇنىمۇ تەرجىمە قىلىپ ئىگە تەرەپكە يوللاپ قويدۇم، ئۇ يېڭى تىل بولىقىنى ئەمدى كېلەركى نەشرىگە قوشۇدىغان چېغى.
دېتال ئىسمى: wise reminder، ئەسكەرتكۈچ
چۈشەندۈرۈش: ماڭا ئوخشاش كومپيۇتېر ئالدىغا كەلسە قۇچاقلاپ يېتىپ بەزى قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلار، قىلماقچى بولغان ئىشىنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دېتاللارغا باشتىلا كىرگۈزۈپ قويسا ۋاقتى كەلگەندە قىلماقچى بولغان ئىشنى ئەسكەرتىپ بېرىدۇ. بۇ ئىقتىدار ئەمەلىيەتتە سىستېمىنىڭ ئۆزىدىمۇ بار، شۇنداقتىمۇ ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا دەپ ئىشلىتىدىغانلار چىقىپ قالار.
تىلى: كۆپ تىللىق، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.
نەشرى: 1.21.58
ئىجرا مۇھىتى: winXP/Vista/win7/win8/win8.1/win10 ، مەن win8/win8.1/win10 دا سىنىدىم.
ئىجرا ھالىتى: 32 ۋە 64 بىت، مەن 32 بىتتا سىنىدىم.
ئىقتىدارى: سىز ئالدىن كىرگۈزۈپ قويغان مەزمۇنلارنى ۋاقتى كەلگەندە سىزگە ئەسكەرتىپ، ئىشلىرىڭىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.
ئىگە تەرەپ بېتى: http://www.wisecleaner.com/wise-reminder.html
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزى:
ئاۋۋال دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز، دەسلەپ قوزغالغاندا ئىنگلىزچە كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ئۈستىدىكى تىزىملىكتىن ئۇيغۇر تىلىنى تاللىساق دېتال كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە بولىدۇ.


ئۇيغۇرچە قىلىپ قارىساڭلار ۋەزىپە رايونىدا «تېخى ئەسكەرتمە بەلگىلىمىدىڭىز» دېگەننى كۆرىسىز. ئاۋۇ ئۈستىدىكى new (يېڭىدىن) دېگەننى باسىمىز. (بۇرۇن ۋەزىپىنى بۇ يەردىن قوشمايتى، بۇ كۆزنەك بۇ نەشرىگە يېڭىدىن قوشۇلغاچقا مەن يوللىغان تىل بولىقى بۇرۇنقى نەشرىنىڭ بولغاچقا بۇ جاي ئىنگلىزچە چىقىدىكەن. لېكىن مەن ئەڭ يېڭى نەشرىنىڭ تىل بولىقىنى دېتال بىلەن بىللە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيمەن. شۇنى چۈشۈرۈپ ئەسلىدىكىسى بىلەن ئالماشتۇرۇۋەتسىڭىز ھەممە يېرى ئۇيغۇرچە چىقىدۇ.)
بۇ يەردە ۋەزىپە بەلگىلەش كۆزنىكى چىقىدۇ. تەپسىلاتى دېگەنگە قىلماقچى بولغان ئىشنى كىرگۈزىمىز، ئاندىن ئەسكەرتىش قېتىم سانى، ۋاقىت، ئەسكەرتىش ئاۋازى دېگەنلەرنى بېكىتىپ(ئۆزىڭىز بېكىتىدىغان ئىش بولسا ماس كېلىدىغان ئاۋاز فورماتىنى تاللاڭ)، ئۈستىدىكى ساقلاش دېگەننى بېسىپ ساقلايمىز. ئەسكەرتىش ۋاقتىنى ھازىرقى ۋاقىتتىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرىلاڭ، بولمىسا ئەسكەرتىش چىقىۋالىدۇ. يەنە بىرى بۇ دېتالغا تەپسىلاتنى كىرگۈزۈپ بولۇپ ئەڭ كىچىك قىلىپ قويسىڭىز ۋەزىپە بالدىقىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ چاغلاردا يۇنىكودنى قوللىشى نورمال، يەنى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈلگەن ئەسكەرتىشلەر ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ. ناۋادا چېكىنىۋىتىپ قايتا ئاچسىڭىز كىرگۈزگەن ئۇيغۇرچە سۆزلەر سوراق بەلگىسىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن. سەۋەبىنى بىلمىدىم.



ساقلاپ بولۇپ بار بولغىنى دېگەن تىزىملىككە قارىسىڭىز كىرگۈزگەن ئەسكەرتىشنى كۆرىسىز، كىچىكلىتىش ياكى چېكىنىش كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭىز سىستېما بالدىقىغا كىچىكلەيدۇ. ئىشىڭىزنى قىلىۋەرسىڭىز ۋاقىت توشقاندا ئەسكەرتىدۇ.


ئەسكەرتىش چىققاندا بىرەر ئىشنى قىلىپ بولۇشقا ئازلا قالغان بولسا «بىلدىم» دېگەننى باسماي يېنىدىكى كەينىگە سۈرۈشتىن مەلۇم ۋاقىتنى تاللاپ قويسىڭىز شۇ ۋاقىت توشقاندا يەنە ئەسكەرتىش كۆزنىكى چىقىدۇ. خۇددى ئۇخلاۋاتقاندا يانفون سايرىسا سەل تۇرۇپ قوپاي دەپ بېسىۋىتىپ ئۇخلىغانغا ئوخشاش. «بىلدىم» دېگەننى بېسىپ ئەسكەرتىشنى توختاتقاندىن كېيىن تاماملانغىنى دېگەننى بېسىپ تاماملانغان ۋەزىپىنى كۆرۈپ، ئۆچۈرۈش ۋە قايتا تەھرىرلەش دېگەندەك مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز.

دېتالدىن تولۇق چېكىنىش ئۈچۈن سىستېما بالدىقىدىكى سىستېما سىنبەلگىسىنىڭ ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، «چېكىنىش» دېگەننى تاللىسىڭىز بىر ئەسكەرتىش چىقىدۇ، ئۇنى ئوقۇپ بولۇپ چېكىنىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

يەنە ئۈستىدىكى «زاپاسلاش» ۋە «ئەسلىگە كەلتۈرۈش»تىن كىرگۈزۈلگەن ئەسكەرتىشلەرنى زاپاسلىغىلى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

باشقا قوشۇمچە ئىقتىدار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى دېتال ئۈستىدىكى تىزىملىكتىن كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.


سىغىمى: 1.33 mb
قوشۇمچە: كومپيۇتېرىڭىزغا يۇنىكود خەت نۇسخىلىرى قاچىلانغان بولسۇن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
ئىگە تەرەپتىن چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
http://www.wisecleaner.com/wise-reminder.html

مۇشۇ بەتكە كىرىپ Free Download (ھەقسىز چۈشۈرۈش) دېگەننى باسسىڭىز چۈشۈشكە باشلايدۇ.
زاپاس ئادرېس سومكامدىن: http://www.somkam.com/3s2
باشقا تور دىسكا: http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZRcwba
ئەسكەرتىش: تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ مەشغۇلات قىلىڭ. چالا ئوقۇپلا ياكى ئوقۇمايلا مەشغۇلات قىلىپ يولۇققان مەسىلىگە مەزكۇر تور بەت ۋە مەن ئىگە ئەمەس.
قوشۇمچە: ئىگە تەرەپ ئۇيغۇر تىلىنى قوشۇپتۇ ۋە نەشر يېڭىلاپتۇ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ خەت نۇسخىسى مىكرو سوفت ئۇيغۇر خەت نۇسخىسىغا توغرىلانغان. win7 ۋە يۇقىرى نەشرىدىكى سىستېمىلاردا دېتال كۆرۈنمە يۈزىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر چىرايلىق چىقىدۇ. تىل بولىقىغا يەنە بىر قانچە جۈملە قوشۇلۇپتۇ. ئۇنىمۇ تەرجىمە قىلىپ ئىگە تەرەپكە يوللاپ قويدۇم ۋە تېمىدىكى زاپاس چۈشۈرۈش ئادرېسىدىكى پىرېسلانغان ھۆججەتكە قوشۇپ قويدۇم. بۇ تىل بولىقى تولۇق تەرجىمە قىلىنغان. دېتال قاچىلانغان مۇندەرىجىنى ئېچىپ، language (تىل) دېگەن قىسقۇچنى ئېچىپ، ئەسلىدىكى تىل بولىقى بىلەن مەن قوشۇپ يوللىغان تىل بولىقىنى ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر دېتال پەقەت شەخسنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى ۋە ھەقسىز تارقىتىلدى، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2015-10-28 21:29:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ !
مەنمۇ بىر دېتالنىڭ ئورگان بېتى بىلەن ئالاقىلاشقان ئىدىم !
ئۇلار ئۇيغۇر تىلىنى قوشۇشنى ئويلايدىكەن ، ئەپسۇس ئۇلارنىڭ دېتالى ئۇيغۇر يېزىقىنى كۆرسىتەلمىدى !
شۇڭا ئۇلار دېتالنى يېڭىلىغاندىن كېيىن مەن بىلەن يەنە قايتا ئالاقىلىشىدىغان بولدى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-28 23:29:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alm+soft يوللىغان ۋاقتى  2015-10-28 21:29
ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ !
مەنمۇ بىر دېتالنىڭ ئورگان بېتى ب ...

سىلە سىناق قىلىپ باقمايلا ئۇيغۇرچىلاشتۇرغانما ئۇنى
ۋاقتى: 2015-10-31 16:20:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MSM يوللىغان ۋاقتى  2015-10-28 23:29
سىلە سىناق قىلىپ باقمايلا ئۇيغۇرچىلاشتۇرغانما ئۇنى{:q ...

ياق .
تەرجىمە قىلىماي تۇرۇپ ئىشلەتكەن ئىدىم ، دېتالنىڭ ئىقتىدارى بولىدىكەن .
ئەمما يۇنىكودېئىنى قوللىمىدى .
شۇڭا ئورگان تەرەپ باشقا دېتالنى تەۋسىيە قىلماقچى شۇنى ساقلاپ تۇرۇشۇم ھازىر .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-3-17 17:26 , Processed in 0.132957 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat