ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 723|ئىنكاس: 0

شۈنلېي تور دىسكىسىدىن (迅雷快传) ماتېرىيال چۈشۈرۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-18 22:52:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئۇزۇن بولدى مۇشۇ ھەقتە تېما يوللايمەن دەپ يۈرگىلى، بۈگۈن نېسىپ بولغان چېغى. بىلگىنىمنى ئاز-تولا سۆزلەپ باقاي، خاتا جايلىرى بولسا بىلىدىغانلار تولۇقلاپ قويارسىلەر.
ئۆتكەندە تور دۇنياسىدا بولۇپ ئۆتكەن تور دىسكا جېڭىدىن خەۋىرىڭلار بار ھە قاچان. بەيدۇ، 360، تىڭشۈن دېگەنلەر بەسلىشىپ تور دىسكا بوشلۇقى دېگەننى بىكارنىڭ ئورنىدا بەرگەنتى. كېيىن بىر-بىرلەپ ۋاك دېگىلى تۇردى. «كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى» دېگەندەك بۇ جەڭگە ئانچە كۆپ ئارىلىشىپ كەتمىگەن چىيەنناۋ قاتارلىق بىر قىسىم تور دىسكىلىرىدا بولسا بەش-ئالتە يىل بۇرۇن ھەمبەھرىلىگەن ماتېرىياللار شۇ پېتى تۇراتتى. لېكىن شۇ بەزى ناچار ئېلانلار تۈپەيلى بۇنى تازا ئوبدان ئىشلەتكىلى بولمىدى. 115 مۇ كېيىن ھەقلىق بولۇۋالدى. ئىزدەپ يۈرۈپ ئىشەنچلىك، چوڭ سىغىمدىكى ماتېرىياللارنى ھەمبەھرىلەشكە قولايلىق شۈنلىي تور دىسكىسىنى (迅雷快传) تاپتۇق. بۇرۇن بىر ئوبدان ئىدى، ھازىر نەشر ھوقۇقى مەسىلىسى تۈپەيلى بىر قىسىم كىنو-فىلىملەر ۋە ئويۇن-دېتاللارنى ھەمبەھرىلىسەك ئادرېسنى توسۇپ ئۈنۈمسىز قىلىۋېتىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇنىڭغا شۇ ماتېرىيالنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھەل قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدۇق. ئەمدى بۇلار پۇل تېپىش مەقسىتىدە شۈنلېي تور دىسكىسىدىن ھەمبەھرىلىگەن ماتېرىياللارنىڭ چۈشۈرۈش سۈرئىتىگە چەكلىمە قويۇپ، شۈنلېي ئەزالىقىنى ئاچقۇزمىسا ئىنتايىن ئاستا سۈرئەتتە چۈشىدىغان ھەتتا بىر پىرسەنتمۇ مىدىرلاپ قويمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇردى.
مەسىلەن: بۇ قۇتياردىكىلەر قۇربان ھېيتلىق ھەقسىز تارتقان «باتۇر روھنىڭ كۆلەڭگىسى» ناملىق فىلىمنى شۈنلېيدە چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق بېرىپ قاراپ ئولتۇرغان ۋاقىت.

شۇڭا مەن شۈنلېي ئىشلەتمەي تۇرۇپ شۈنلېي تور دىسكىسىدىن ھەمبەھرىلىگەن ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ باقاي. شۈنلېي ئەزالىقنى ئاچقۇزغاندەك تېز چۈشمىسىمۇ بۇتتەك جىم تۇرمايدۇ ئىشقىلىپ.
كېرەكلىك دېتاللار بىر چۈشۈرۈش قورالى ۋە كومپيۇتېرىنىڭ ئۆزىدىكى تور كۆرگۈچ.
دېتال نامى: (Internet Download Manager(IDM
بۇ دېتال ھەقلىق، قۇربىتى يېتىدىغانلارنىڭ سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. لېكىن شۇ جۇڭگوچىلىقتا ھەقسىزلىرىنى تېپىشنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەر. شۇلارنىڭ ئىچىدىنمۇ ئىشەنچلىك بىرىنى تەۋسىيە قىلاي.
ئىقتىدارى: ھەر قايسى تور بەتلەردىن ھەر خىل فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى تېز سۈرئەتتە چۈشۈرۈش
تىلى: كۆپ تىللىق.
نەشرى: ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرى Build 2 Final 6.25
ئىجرا مۇھىتى: windows نىڭ ھەممە نەشرى. مەن winxp/7/8/10 لەردە سىناپ باققان.
ئىجرا ھالىتى: 32 ۋە 64 بىت. مەن ھەر ئىككىسىدە سىناپ باققان.
ئىگە تەرەپ بېتى: http://www.internetdownloadmanager.com/
شۈنلېي تور دىسكىسىدىن مەزكۇر دېتالدا فىلىم چۈشۈرۈش سۈرەتلىك دەرسى:
مەزكۇر دېتالنى تەمىنلىگەن ئادرېستىن چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز، ئاندىن دېتالنى ئاچماي تۇرۇپ ئىچىدىكى ئاكتىپلاش دېتالىدا ئاكتىپلايسىز. چۈشۈرگەن بولاق ئىچىدىكى internet.download.manager.6.x.x.update.8-patch.exe  دېگىنى ئاكتىپلاش دېتالى شۇ. دىققەت: ئاكتىپلاش دېتالىنى ۋىرۇسخورلار توسۇۋالىدۇ، شۇڭا ئاكتىپلىغاندا ۋىرۇسخورنى تاقىۋېتىڭ ياكى ئىشەنچلىك دېتاللار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈۋېتىڭ.(بولۇپمۇ win10نىڭ ھەقىقىي نەشرىنى ئىشلىتىۋاتقانلار تىزىملىككە كىرگۈزمىسەڭلا سىستېما ۋىرۇسخورى ئاكتىپلاش دېتالىنى ئىجرا بولۇشتىن توسۇپ قويىدىكەن.) ئاكتىپلاپ بولۇپ قوزغىتىسىز. (ئەسكەرتىش: يېڭىلامسىز دەپ چىقسا يېڭىلىماڭ، بولمىسا 30 كۈندىن كېيىن ئىشلىتەلمىسىڭىز مەن ئىگە ئەمەس)

كومپيۇتېرىڭىزدىكى IE تور كۆرگۈچ (ئېكراندىكى e دەپ سىنبەلگىسى بار شۇ) ياكى گۇگۇل تور كۆرگۈچتە شۈنلېي تور دىسكا ھەمبەھرە ئادرېسىنى ئاچىسىز. (باشقا تور كۆرگۈچلەردە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز دېتال تەڭشىكىدىن تاللايسىز، بۇ تېما ئاساسلىقى مۇشۇ ئىككى تور كۆرگۈچنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن باشقا تور كۆرگۈچ ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىدىم.)
گۇگۇل تور كۆرگۈچتە بۇ دېتالنى ئىشلىتىش ئۈچۈن دېتال قىستۇرمىسىنى ئېچىۋىتىشىڭىز كېرەك. ئۈستىدىكى تىزىملىكنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ قوراللار (更多工具) تاللاپ، يەنە كېڭەيتىلگەن پىروگرامما (扩展程序)نى تاللىسىڭىز بۇ چۈشۈرگۈچنىڭ قىستۇرمىسىنى كۆرىسىز.

شۇ يەردىن تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
IE ياكى edge تور كۆرگۈچتە ھېچقانداق تەڭشەش ئېلىپ بارمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئاندىن ھەمبەھرە ماتېرىيال ئۈستىگە مائۇس ئىسترېلكىسىنى ئاپىرىپ ئوڭ كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز 使用IDM下载 ياكى Download with IDM  دەپ چىقىدۇ.

شۇنى تاللاپ چەكسىڭىز بۇ چۈشۈرگۈچتە چۈشۈرمەكچى بولغان ماتېرىيالنىڭ ئادرېسى، سىغىمى قاتارلىق ئۇچۇرلار چىقىدۇ. ساقلايدىغان ئورۇننى بەلگىلەپ بولۇپ (开始下载) ياكى (start download) دېگەننى باسساق چۈشۈشكە باشلايدۇ.

ئەمدى مۇشۇ ئۇسۇلدا شۈنلېي تور دىسكىسىدىن ماتېرىيال چۈشۈرسەڭلا بولىدۇ.
دېتال سىغىمى: 6.84 مېگابايت
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
بەيدۇ تور دىسكىدىن
http://yun.baidu.com/wap/link?shareid=460398983&uk=157127447
باشقا تور دىسكا
http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZRjAR8
قايسىدىن نورمال چۈشسە شۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
قوشۇمچە: يۇقىرىدا دېيىلگەن چۈشۈرۈش دېتالىنىڭ يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى بار. قىزىقسىڭىز ئۆزىڭىز ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.
مەزكۇر تېمىنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 13:37 , Processed in 0.173321 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat