ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1087|ئىنكاس: 8

Excel دا تەتۈر تەرتىپ بويىچە رەتكە تىزىش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-15 10:44:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش دوستلار. مەن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بىر قىسىم ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى Excel دا تەتۈر تەرتىپ بويىچە تىزىشقا ئىھتىياجلىق بولۇپ قالغانىدىم. لېكىن شۇنچە ھەپىلىشىپمۇ تەتۈر تەرتىپ بويىچە تىزالمىدىم. بىر كۈن ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە تور بەتلەردىن بۇنىڭغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى كۆرگەن بولساممۇ كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىگەچكە، تورداش ئۇستازلاردىن ياردەم سوراپ بۇ تېمىنى يازدىم. مەن تۆۋەندىكى رەسىمنىڭ سول تەرىپىدە كۆرسىتىلگەندەك تەتۈر تەرتىپ بويىچە تىزىش ئۈنۈمىگە ئېرىشمەكچى ئىدىم.

Excel 倒序.png

ئادەتتە Excel نىڭ «رەتكە تىزىش» 【排序】  ـــــ  «يۇقىرى تەرتىپ» 【升序】ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، سۆزلەرنى رەتكە تىزغاندا، يۇقارقى رەسىمنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى قاتاردا تىزىلغاندەك، سۆزلەرنىڭ باش ھەرىپىنى ئاساس قىلىپ رەتكە تىزىدۇ. مەسىلەن، ئوڭ تەرەپتىكى قاتاردا تەرتىپ بويىچە؛ ئا ، ت ، ج ، د ،  ك ، م ، ھ ، ئۇ ، ي ....  بويىچە رەتكە تىزىلغان.
ئەمدى مېنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىم - دەل بۇنىڭ ئەكىسچە بولۇپ، سۆزلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەرىپىنى ئاساس قىلىپ رەتكە تىزىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش.  يەنى يۇقارقى رەسىمنىڭ سول تەرىپىدىكى قاتاردا سۆزلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەرىپىنى ئاساس قىلىپ، ئا ، ئە ، ب ، پ ، ت ، ج ، چ ، د ، ر ، ز ، ژ ، س .... تەرتىپى بويىچە تىزىلغاندەك تەتۈر تەرتىپ بويىچە رەتكە تىزىش 倒序 ئۇسۇلىنى ئۆگەنمەكچى ئىدىم.
بۇ ئۇسۇل سەل مۇرەككەپ بولسىمۇ، تورداش ئۇستازلارنىڭ ئېغىر كۆرمەي ئۆگىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەقلىق بولسىمۇ مەيلى
ۋاقتى: 2015-10-17 10:38:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
597040403  بۇ  QQ نۇمۇرنى قىتىۋىلىڭ مەن  ياردەم قىلاي
ۋاقتى: 2015-10-17 14:47:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alfaboy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-18 14:55  

مەسىلىڭىز ھەل بولدى دوستۇم ،، باشقا دوسىتلارنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلسە بۇ ھۆججەتتىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن
alfa.jpg
1-سىز رەتكە تىزماقچى بولغان ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى  تىزىملىك ئىستونىنىڭ 3-قۇردىن باشلاپ كىرگۈزسىز.
2-قايسى ھەرپ بويچە تىزماقچى بولسىڭىز ، رەت تىزش ھەرپى ئىستونىنىڭ 3-قۇردىن باشلاپ كىرگۈزسىز .
3-ئاندىن باشلاش دىگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا  -- رەت تەرتىپ ھاسىل قىلىپ بىرىدۇ ھەمدە  ماس كەلمىگەن ئۇچۇرنى ئايرىپ چىقىرىپ بىرىدۇ ..ئاستى قۇردىكى سان بولسا ئۇچۇر سانىنى بەلگىلەيدۇ،،،،    3 سائەتتەك ھەپىلىشپ ئولتۇرۇپ لاھىلەپ باقتىم..
ئىشلىرىڭىزغا ياردىمى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس..



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-18 16:42:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alfaboy يوللىغان ۋاقتى  2015-10-17 14:47
مەسىلىڭىز ھەل بولدى دوستۇم ،، باشقا دوسىتلارنىڭ مۇشۇن ...

مەن ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتىپسىز دوستۇم. سىزگە كۆپ رەھمەت. چ چ رىڭىزنى قوشۇۋالاي دېسەم، ھەقىقىي ئىسىمنى كىرگۈزۈڭ دەپ بىر رامكا چىقىۋېلىپ قوشالمىدىم.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك؛ مەن ئېكسىلغا ئانچە پىششىق بولمىغاچقا سىزدېگەن باسقۇچلار بويىچە مەشغۇلات قىلالمىدىم. مۇمكىن بولسا يەنە ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، سىنلىق ۋىدىيۇ قىلىپ ئىشلەپ ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز مەن ۋە باشقا تورداشلار تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشنىۋالغان بولار ئىدۇق.
ھە راست، ئاڭلىشىمچە ئېكسىلدا reverse دەيدىغان بىر ئىقتىدار بار ئىكەن. شۇ ئىقتىدار ئارقىلىق سۆزلەرنى تەتۈرىسىگە ئۆرۈۋالغاندىن كېيىن، فورمۇلا تۈزۈش ئارقىلىق مەن تېمىدا دېگەندەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولار ئىكەنتۇق. لېكىن مەن بەيدۇ تورىغا excel reverse دەپ يېزىپ ئىزدىسەم 如何在Excel中逆序生成字符串? ۋە excel如何颠倒单元格内字符的排列顺序 دېگەندەك ماۋزۇلاردىكى بىر قانچە تور بەت چىقتى. لېكىن يەنىلا قاملاشتۇرالمىدىم. شۇڭا ئەگەر سىز شۇنداق فورمۇلا تۈزۈشنى بىلسىڭىز ئۇسۇلىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز تولىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم.
ۋاقتى: 2015-10-18 21:30:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز چ چ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ مەن قېتىۋالاي
ۋاقتى: 2015-10-22 11:40:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurdun يوللىغان ۋاقتى  2015-10-18 16:42
مەن ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتىپسىز دوستۇم. سىزگە كۆپ رەھمەت. ...

ياخشىمۇ سىز!
سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىگە دوستلىرىمىز ياخشى جاۋاپ بىرىپتۇ، مىنىڭچىمۇ بۇ بىر يېڭى مەسىلىكەن، تەتۈر تىزىش... ئەمىلىيەتتە سىز ئىنكاسىڭىزدا ئۇنىڭغا جاۋاپ بىرىپ بوپسىز.
مەن بىرنەچچە قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قوياي:
ئەمىلىيەتتە ئەگەر مەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسام، ئەڭ ئاۋال ئەڭ ئاددى ئۇسۇلدا بىرىلگەن كاتەكچىدىكى سۆزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەرىپىنىڭ قىممىتىنى ئېلىۋېلىپ، شۇ ئاساستا رەتلەش بۇيرۇقىنى بىرىش، ئاندىن شۇ رەتلەش قىممىتىگە ئاساسەن ئەسلىدىكى قىممەتنى رەتلەتكۈزۈپ، ئاندىن كېيىنكى قۇشۇمچە قىسىمىنى ئۈچۈرۋەتكۈزۈش.(سىزمۇ بۇنى ھىس قىلىپ يەتتىڭىز ھەقاچان)
يەنە بىر خىل ئۇسۇلى دەل alfaboy دوستىمىزنىڭ ئۇسۇلىدىن پايدىلانساقمۇ بولىدۇ، لېكىن يول سەل ئۇزىرايدۇ. ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى، ئېكىسئېلدىكى رەتلەش ئەمىلىيەتتە ھەقىقى ئۇيغۇرچە ھالەتتىكى تىزىش ئەمەس، ئۇ ئىنگىلىزچە ھەرىپلەرنىڭ تەرتىپى بويىچە تىزىدۇ.ئەگەر ئۇنى ئۇيغۇر ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىز دىسە، ئۇنىڭغا ئايرىم ئۆزىمىزنىڭ ئېلىپبە تەرتىپىنى بىرىپ ئاندىن تىز دىسەك بولىدۇ ئەلۋەتتە.
يەنە بىرخىل ئۇسۇلنى دەل ئۆزىڭىز دەپ بىرىپسىز. StrReverse دىن پايدىلىنىپ تەتۈر تىزىش. ئىلگىرى فوتۇشۇپقا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشمىغان چاغدا، ئۇيغۇر ئىدىتنىڭ تەتۈر چاپلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ فوتوشۇپقا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولاتتى. سىزنىڭ تەتۈرتىزىش دىگەن گىپىڭىز ماڭا شۇنى ئەسلەتتى. مەنمۇ دەرھال توردىن ئىزدەپ باقسام، خەنزۇلار بۇ ھەقتىكى بايانى كۆرۈپ ئىشنىڭ تىگىگە يەتتىم.

بىرنىشانغا بېرىش ئۈچۈن بىرلا يول بولۇشى ناتايىن، بىرخىل ئۇسۇل بولمىسا، يەنە بىرخىل ئۇسۇل بىلەن، دۆڭدىن ئۆتكىلى بولمىسا ئەگىپ، تونىل قىزىپ، ئۇچۇپ... ئۆتۈپ نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. پەقەت سۈرئەت ئوخشىمايدۇ شۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەمىلىيەتتە تەپەككۇر مەسىلىسى، ھەرگىزمۇ ئېكىسئىلنى پىششىق بىلىش بىلمەسلىك بىلەن ئانچە زىچ مۇناسىۋىتى يوق. بۇ خۇددى مەسىلىنى ئۆزىڭىز ئوتتۇرىغا قويۇپ ئاندىن ئۆزىڭىز يىشىپ بەرگەندەك ئاددى.
مىسال:
  1. Private Sub CommandButton1_Click()
  2. 'StrReverse ("a1")
  3. [B1] = StrReverse([a1])
  4. [C1] = StrReverse([B1])
  5. End Sub
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


سىناپ بېقىڭ. ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام خاپا بولمىغايسىز.A1 دىكىسى ئەسلى قىممەت، B1 دىكى سىز دىگەن ئۇسۇلدا تەتۈر تىزىشقا ئۆزگەرتىدۇ، C1 دىكى B1 دىكى تەتۈر قىممەتنى يەنە تەتۈرگە ئايلاندۇرىدۇ، قارىماققا ئەسلى قىممەتكە ئۆزگىرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا مەسىلە بىراقلا ھەل بولىدۇ. ھازىرچە بۇ پەقەت ئىككى كاتاكچىدىكى قىممەتكە ئىشلەيدۇ، ئەگەر بىراقلا نەچچە يۈز قىممەتنى قىلماقچى بولسىڭىز for جۈملىسىنى ئىشلىتىڭ، بۇنىڭ مىساللىرى توردا كۆپ. ئىزدەنسىڭىزلا تاپالايسىز، ھەل قىلالايسىز. سىزگە ئامەت تىلەيمەن ۋە ماڭا يېڭى بىر بىلىم  ۋە ئەقىل ئاتا قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.
ۋاقتى: 2015-10-24 22:20:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muhammad يوللىغان ۋاقتى  2015-10-22 11:40
ياخشىمۇ سىز!
سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىگە دوستلىرىم ...

سىز  نۇردۇن دوستىمىز قويغان تەلىپىنى چۈشىنەلمەي قالدىڭىزمىكىن دەپ ئويلىدىم..
ۋاقتى: 2015-12-28 17:43:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alfaboy يوللىغان ۋاقتى  2015-10-24 22:20
سىز  نۇردۇن دوستىمىز قويغان تەلىپىنى چۈشىنەلمەي قالد ...

كەچۈرۈڭلار، ئۇزۇن بولدى، ئۆيۈمنىڭ تورى توختىغىلى، مەكتەپتە تېخى ئالدىراش، بۇ تېمىدىكى ئىنكاسنى كۆرمەي قاپتىمەن. قارىغاندا مەن ئۆزقارىشىمنى چۈشىنىشلىك ئوتتۇرىغا قويمىغان ئوخشايمەن. گەرچە بەلكىم تېما ئېگىسىنىڭ ئىھتىياج ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قاراپ تۇرغۇم كەلمىدى، ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟
ئەمىليەتتە خەتنى تەتۈر تىزىش فونكىتسىيىسىنى سىناپ كۆرۈپ بەك خۇشال بولغانىدىم، بۇنى مەن ئالدىدىكى ئىنكاستا ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. بۇ توغرىلىق كۆپ توختىلىپ ئۆتمەي، ئەمىلى مىسالنىلا يوللاي، شۇنى كۆرۈپ بىرنىمە دەڭلار، مەقسىتىم ھەممىمىز بىلىمدىن ئورتاقلاشساق دىگەن ئۈمىتتە.
tatur tartip.xls (28 KB, چۈشۈرۈش سانى: 143)
ۋاقتى: 2015-12-28 17:53:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1) سىناق دىگەن خەتنى باسقاندا، ئا سىتۇندىكى قىممەتنى ب ۋە س سىتۇنغا  تەتۈر تىزىش ھالىتىدە كۆچۈرۈپ ئەكىلىدۇ، ئاندىن يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تىزىش ھالىتىدە تىزىپ بىرىدۇ، (ئەگەر ئۇيغۇر ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىپ بەرسە بولاتتى دىسەك، ئۇ ھالدا زىدىڭيى  ھالىتىدە 32 ھەرىپنى كىرگۈزۈپ قويساق بولىدۇ)
2) ئەسلىگە قايت دىگەن خەتنى باسقاندا س سىتۇندىكى تەتۈر تىزىلىش ھالىتىدىكى خەتلەرنى يەنە بىرقېتىم تەتۈر تىزىپ ئوڭ قىممەتكە ئايلاندۇرىدۇ. بۇ مەن دىگەن تەپەككۈر مەسىلىسى دىگىنىم شۇ. ئەگەر بۇ ئىككى كودنى بىرلەشتۈرۋەتسەك، بىراقلا مەقسەتكە يەتتۇق دىگەن گەپ. ئۇچاغدا سىناق ئۈچۈن ئىشلەتكەن ب ۋە س سىتۇننى ئىشلىتىپ يۈرمىسەكمۇ بولىدۇ.
دوستلار ئىنىق بولمىغان بولسا، يەنە ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 14:44 , Processed in 0.225505 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat